8-مارت ئاياللار بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 15:173-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى.بۇ بايرام يەنە «8-مارت بايرىمى»،«ئاياللار بايرمى»،«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ بايرام دۇنيادىكى بارلىق ئەل ئاياللىرىنىڭ تىنىچلىق،باراۋەرلىك،تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلىدىغان بايرىمىدۇر.
1909-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى،ئامرىكا ئىللىيونۇس شىتاتى چىكاكۇ شەھرىدىكى ئايال ئىشچىلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توقۇمۇچىلىق،كىيىم-كىچەك ساھەسىدىكى ئىشچىلار بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ،مۇئاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش،8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش،سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى قۇلغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تارىختىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەشكىللىك ئاممىۋىي كۈرىشى بولۇپ،ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق نامايەن قىلدى.بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ھىسىداشلىقىغا ،قۇللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرىشىپ ،ئەڭ ئاخىردا غەلبىگە ئىرىشتى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ،دۇنيانى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلىغان بۇلۇپ ،جاھانگىرلار دۇنيانى مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇرىنىدۇ.1910-يىل 8-ئايدا دانىيەنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندا خەلقئارا ئىنتېرناتسىئۇنالنىڭ 2-قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ.قۇرۇلتايغا 17 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان بۇلۇپ،قۇرۇلتايدا ئاساسلىقى جاھانگىرلارنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كىڭەيتىشىگە قارشى تۇرۇش،دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش،ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش،8 سائەتلىك ئىش تۈزىمىنى يولغا قۇيۇش،ئاياللارنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق مەسلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا رەھبەرلىك قىلغان گىرمانىيەلىك مەشھۇر سوتسىيالىزىم ئىنقىلاپچىسى،كۆزگە كۈرۈنگەن كوممۇنىزىم جەڭچىسى كىلارا.زېتكىن ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ «كۆرەش كۈنى»قىلىپ بىكىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ھەمدە بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك ھىمايە قىلشىغا ئىرىشىدۇ.شۇنۇڭدىن ئىتىبارەن «8-مارت» ئاياللار بايرىمى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قۇلغا كەلتۈرۈش،ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرىمى بۇلۇپ قالىدۇ.
1911-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى.
دۆلىتىمىزدە 1922-يىلدىن باشلاپ 8-مارت بايرىمى تەبرىكلىنىشكە باشلىغان.جۇڭگۇ ئاياللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى خاراكتىرلىق 8-مارتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى 1924-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن.
1949-يىل 12-ئايدا،مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئاياللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1975-يىلىدىكى خەلقئارا ئاياللار يىلىدىن باشلاپ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى باشلىغان،ھەمدە ئاددى ئاياللارنىڭ جەمىيەتكە باراۋەر قاتنىشىش ئەنئەنىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان.1977-يىلى ب د ت بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ،ھەربىر دۆلەت ئۆزىنىڭ تارىخى ،مىللى ئەنئەنىسى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئاساسەن بىر يىل ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ ب د ت ئاياللار ھوقۇقى ۋە دۇنيا تىنىچلىق كۈنى قىلىپ بىكىتسە بولىغانلىقىنى بەلگۈلىگەن.ب د ت بولسا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.
تەرجىماندىن:بۇ تىمىنى يوللاشتىن مەقسەت:ھەر يىلى ئاياللار بايرىمىنى «خانىم-قىزلىرىمىز يېڭى سېتىۋالغان مودا كىيىملىرىنى كىيىشىپ،ئوماق بالىللىرىنى ئۆيلىرىگە سولاپ قۇيۇشۇپ ،رېستۇرانلاردا يەپ-ئىچىپ،كىيىم-كىچەكلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش بايرىمى»غا ئايلاندۇرۇۋالغان قىسمەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئازراق بولسىمۇ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
مەنبە:مەركىزىي ھۆكۈمەت تورى
ئامېرىكا، ياۋروپالاردىمۇ بۇ كۈننى دۆلىتىمىزدىكىدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزەمدىغاندۇ؟ بۈگۈن مەن بار يەردە باشقىچە ئۆزگىرىش كۆرمىدىم، ياتىقىمدىكى بىر قىزدىن :« بۈگۈن ئالاھىدە كۈنمۇ دېسەم» خوشاللىقتىن كۈلۈپ تۇرۇپ :« ھەئە مەن دەي دەپ تۇرغان ساڭا، بۈگۈن مەن ھامما بولدۇم» دەيدۇ...باشقا ئۆزگىرىش يوق:lol
ھەرقېتىم «بايرام» بولسا ئۈندىدار ۋە تورلاردا ئىككى قۇتۇپلۇق جەڭ باشلىنىدۇ، بىزنىڭ بايرىمىمىز، بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس، ئۆتكۈزگەنلەر دوستۇم ئەمەس، تەبرىكلىسەڭ يۇيىۋىتىمەن، ئۆتكۈزسەك نېمە بوپتۇ توغرا ئۇسۇلدا....
دېگەندەك ھەممە ئادەم ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدۇ ھېچ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ نەتىجە كۆڭۈلسىزلىك بىلەن تۈگەيدۇ...
شۇڭا نەچچە يىلدىن بۇيان مەن ھېچئىش بولمىغاندەكلا ئادەتتىكى كۈندەكلا پوزىتسىيىدە بولىدىغان بولدۇم. ھازىر نەسىھەت قۇلاققا مۇش ، تىللاپ ،تەھدىت سېلىپ ، شەرت قويۇپ ئادەم تۈزۈش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن . melek يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 18:05 static/image/common/back.gif
ھەرقېتىم «بايرام» بولسا ئۈندىدار ۋە تورلاردا ئىككى قۇ ...
سەن ھېلىقىدەك يازمىلىرىڭنى ئۈندەللالغا يوللىماي بۇ يەرگىمۇ يوللىساڭ بولمامتى ئۇكام؟ ئۈندىدار يۇق ۋاقىتلاردا ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەۋالغان كۈنى سەھەردىن باشلاپ چۇڭ كۇچىلاردا گۈل ساتىدىغانلار مىغىلداپ كىتەتتى قەشقەردە ،كىيىنكى كۈنلەردە ئاساسەن ئۇنداق ھالەت يۇق بۇلدى بۇنى ئۈندىدارنىڭ تۆھپىسىمىكى دەپ قالدىمغۇ .بۇيىل ئاياللار بايرىمى كۈنى گۇناھسىز ئۈتكەن ھەربىر كۈن بايرام دىگەن گەپ مۇدا بۇلغان چىراي تۇرىدىغۇ . ئاۋىستىرالىيەدە تۇرىۋاتقان ئايال تۇردىشىمدىن شۇ كۈنكى كەيپىياتنى سۇرىسام ئۇيغۇرلار تۇپلاشقانلىكى يەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەيپىيات ۋەتەندىكىدەەكلا قىزغىن دەپتى ئىنگىلىزلارچۇ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەمدىكەن دەپ سۇرىسام بۇ يەردە بۈگۈنى كەيگىنىنى ئەتىسى كەيمەيدىغان تۇرسا دەپتى مەن كۇنسىرىۋاتىپراق بۇلغاندىكىن ئۇ ئايالنىڭ بايراملىق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەي دپ گىپىمنى توختىتىپلاۋالدىم:) ئاۋىستىرالىيەدە تۇرىۋاتقان
جۇڭگۇدىكى بايراملارنىڭ داغا-دۇغا قۆزغىشىدا تەشۋىقاتنىڭ كۇچى زۆز . ھۆكۇمەت بىلەن كارخانىلار زۆركۇچ سەرىپ قىلىپ تەشۋىقات ئۆرۇنلاشتۇرۇپ خەلىق ئاممىسى ئارىسىدا تەشۋىقات ۋاستىسى ئارقىلىق كۇچەپ ھەر تۇرلۇك بايراملىق كەيپىيات يارىتىپ خەلىقنى يىتەكلەپ خەلىق ئاممىسىنىڭ يانچۇقىدا يىغىلىپ قالغان پۇللارنى ھەر تۇرلۇك بايراملار مۇناسىۋىتى بىلەن خەجلەتكۇزۇپ يىغىۋالىدۇ . جۇڭگۇدا بايرام پۇل تېپىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى . hakaniye يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 02:42 static/image/common/back.gif
ئاۋىستىرالىيەدە تۇرىۋاتقان ئايال تۇردىشىمدىن شۇ كۈنك ...
قارىغاندا چەتئەللىكلەرگە كۇندە بايرامكەندە :lol بۈگۈن كىيگىنىنى ئەتىسى كىيمەيدۇ ، دىگەن راست گەپما ، ئۇنداقتا قانداق كىيىم توشۇيدۇ hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 21:14 static/image/common/back.gif
بۈگۈن كىيگىنىنى ئەتىسى كىيمەيدۇ ، دىگەن راست گەپما ، ئ ...
مىنىڭ چۈشۈنىشىمچە بىر نەچچە قۇر كىيىمنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەن دەك قىلىپ ئالماشتۇرۇپ كەيسە كىرەك. تاغ ئاتلاپ باققانلار چۈشەندۈرۈپ قۇيسا بۇلىتى. niyazdixan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 17:29 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا، ياۋروپالاردىمۇ بۇ كۈننى دۆلىتىمىزدىكىدەك د ...
8 . مارت، 1- ماي.1. ئىيۇن- دېگەندەك كۈنلەرنىڭ كوممۇنىستىك دۆلەتلەردىلا بايرام بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. باشقا يەرلەردە خەقلەر ئۇنداق بىر گەپنى ئاڭللاپمۇ باقمايدىكەن. بىر يىلى چەتئەللىك بىر تونۇشۇمغا 1. ماي كۈنى ئېلخەت ئارقىلىق گۈل دەستە يوللىسام: مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم يىلدا بىر قېتىم بولىدۇ. بۇ گۈلنى 4 ئاي بۇرۇن ئېۋېتىپ قويۇپسەن-دەپ، جاۋاپ قالدۇرۇپتىكەن. بولمىسا ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك گەپنىمۇ يازغان. ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى يوق خىەقكەن ئۇ.
بەت:
[1]