aziz101 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

سۇننىي قۇلاققا جىددىي ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قالدىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلارياخشىمۇسىلەر مەخسەتكەكەلسەك سىڭلىم تۇغۇلۇشىدىن قۇلاق سۇپۇرسى يىتىلەلمەي تۇغۇلغان كىچىك چاغلىرىدا ئويلاشماپتىمىز،ھازىر10ياشقاكىرىپ قالدى يېشىنىڭ چوڭىيشىغائەگىشىپ ئەتىراپىدىكى كىشىلەردىن،ساۋاقداشلىردىن خىجىل بۇلۇپ مەكتەپكىمۇبارغىلى ئۇنۇمايۋاتىدۇ شۇڭا راس قۇلاق سۇپۇرسىغا  ئوخشايدىغان سۇنني قۇلاق سۇپۇرسىغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالدىم مۇشۇنداق سۇننىي قۇلاق سۇپۇرسىنى تاپقىلى بۇلارمۇ دەپ بۇتىمىنى يېزىۋاتىمەن بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلا.  

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

سىڭلىڭىز ھازىرقى شارائىتتا سۈنئىي قۇلاققا ئەمەس،پىسخولوگىيەلىك مەسلەھەتكە بەكرەك ئېھتىياجلىقكەن...

سىڭلىڭىزنىڭ قۇلاق سۇپۇرىسى يوقلىقىنى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرى،بىر مەھەللىلىك باللار ،سىڭلىڭىز يالغان قۇلاق سالغان تەقدىردىمۇ يەنىلا مەسخىرە قىلىۋىرىدۇ،،،ئەمدى يالغان قۇلاق سۇپۇرىسى سېلىپتۇ دەپ...

سىڭلىڭىز باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە پەرۋا قىلماسلىقى،پەقەت ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولىشى كېرەك..ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ قۇلىقىنى ھەرقايسى جەھەتتىن مۇكەممەل دەپ ئويلىشى كېرەك.،ئۇ ئىشنى ئىسىگە ئېلىۋالماسلىقى كېرەك.

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بىرسى ساق يەنە بىرنى يالغان بولسىمۇ سېلىپ قويساق ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بۇلامىكىن دايمەن ئىشقىلىپ مۇشۇنداق سۇننىي قۇلاق سۇپۇرسى بولسا قىممەت بولسىمۇ ئېلىپ سىناپ باقسام دەيمەن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

aziz101 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 13:48 static/image/common/back.gif
بىرسى ساق يەنە بىرنى يالغان بولسىمۇ سېلىپ قويساق ئازرا ...

بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى بىرسىنىڭ قۇلىقى كەمتۈكتى، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ قۇلىقىنى يېپىپ يۈرەتتى. 5 يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوڭشىتىپ كەلدى. ھازىر چېچىنى قىسقا ياسىتىپ يۈرىدۇ. سىڭلىڭىزنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ قۇلىقىنى ئوڭشىتىپ كېلىڭ، ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە.
پىسخىك مەسلىھەتنى سىڭلىڭىزغا قىلغان بىلەن ئەتراپتىكى ئادەملەر زاڭلىق قىلسا بەرىبىر ئۈنۈمى بولمايدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

مەن توردىن ساتىدىغان يېرىنى تېپىپ بېرەي، دەپ ئىزدىسەم مۇشۇنداق قۇلاق سۇپۇرىسى تولۇق يېتىلەلمەي قالغانلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالايدىغان ئىش باركەن دەپ كۆردۈمغۇ؟ سىلەرگە دوختۇرلار ئۇنداق ئوپېراتسىيەنى تەۋسىيە قىلمىدىمۇ؟ مەن ئىزدىنىۋاتىمەن، تاپالىسام سىزگە ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا شەكىل تۈزەش بۈلۈمى دەپ بىر بۆلۈملېرى بولىدىغان . شۇ يەرلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز قانداق بولاركىن…

otanqi يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

پۇت قولى چورتلا يوقلارمۇ شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتىدىغۇ؟ ھازىر يالغىنىنى سالغۇچە، ياغلىق ئاتىشقا خوشى بولمىسا،قۇلاقنى ياپقۇدەك چاچ قويىۋالسىمۇ بولىدىغۇ. ھازىر يالغىنىنى سالغان بىلەن، تولۇققا چىققۇچە بىر قۇلقى يوغان، ھېلىقى يالغان قۇلىقى كىچىك بوپ قالسا يەنە ئوخشاشلا مازاق قىلىنىدۇ . پەقەت بولمىغىنىدا تولۇققا چىققاندا ساق قۇلىقىغا ماس قۇلاق سېلىپ قويدىغانلىقىنى ئىيتىپ ، ياخشى ئوقۇشنى شەرت قىلساڭلار بولىدۇ . ھازىر سىڭلىڭلىغا لازىم بولغىنى يالغان قۇلاق ئەمەس ، پىسخىكىلىق ياردەم .
بولسا كۆزى يوق ، پۇت قولى، گاس گاچا كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، شۈكۈرى قىلىشنى، قۇلىقىنىڭ ئاڭلىيالىغىنىغا مىننەتدار بولىشىنى ، ئاشۇ مىڭىشى قۇلايسىز كىلىشلەرنىڭمۇ قەيسەر ياشايدىغانلىقىنى ،ساق ئادەملەردىن نەتتچە ھەسسە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ . شۇنداق قىلغاندا ياخشى ئوقۇشقا تېخىمۇ تېرىشىشقا، غەيرەتلىك ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىغا پايدىسى بار.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ھەممە ئادەم ليۇ خۇلەندەك ياشىغىنى بولمايدۇ-دە بىراق.

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

كوپچىلىككە كوپ رەھمەت ئەسلىدە تۇلۇق يىتىلمىگەن تەرەپتىكىسى ئاڭلىمايتى دۇختۇر ئوپىراسسىيە قىلىپ ئاڭلايدىغان قىلغان رەسىمگە تارتىپ يوللاي دىگە بىراق قاملاشمىغۇدەك بىر قۇلۇقىنىڭ تىرناقچىلىكلا ئىشقىلىپ قولاقنىڭ ئورنىنى مۇقۇملاشتۇرغىلى بۇلۇدۇ مەن ئۇچۇن ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلارغا كوپ تەشەككۇر تېپىلسا بۇلاتتى ئۇزىگىمۇ دەپتىكەممە بەك قىزىقىپ خۇشال بۇلۇپ كەتتى

otanqi يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

شۇ كىچىك بالىلار مازاق قىلىدىغىنى راست .
ھازىر كاۋچۇكتىن ئاشۇنداق ئەزالارنى ياسايدىغانلىقىنى
ئېنىق . بەك بولمىسا ھازىر شۇنداق قۇلاق سالساڭلار
شۇ تولۇق ئوتتىرا مەكتەپلەرگە چىققاندا ماس چوڭراقىغا ئالماشتۇرسىلەر ئۇ چاغدا قۇلىقى تولۇق يوغىناپ بولىدۇ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

كاۋچۇكتىن ياسىمايدۇ، سۈنئىي يېتىشتۈرىدۇ.

Anar يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

قۇياش ئوغلى بىلەن نىياز دىخاننىڭ پىكرىنى ئوبدانراق ئويلىشىپ بېقىڭ،شەڭىل تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلىپ ئوڭشىغىلى بولىدىغۇ دەيمەن،توشقان كالپۇك بالىلارنىمۇ ئوپىراتسىيە قىلىپ تۈزىيەلەيدىغۇ
مىنىڭچە ئازراق پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىڭلار،بۇنداق ئوپراتسىيەلەردە يېشى چوڭىيىپ كەتمىسە ياخشى، تىرىشىپ بېقىڭلار، كىچىك تۇرۇپ خېلى ئازاب تارتىپتۇ،سىڭلىڭىزنىڭ ساغلام،خۇشال چوڭ بولىشىنى تىلەيمەن

Anar يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئىنكاس يازسام چىقمىدا

Anar يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇڭلار،كىيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ھازىرچە ئىختىزاد ياربەرمەيدۇ ئانامنى ئۇرۇمچىدىن ئەكەلگىلى نەچچە ئايلا بولدى ھازىرمۇ داۋالىتىپ تۇرۋاتىمىز ھازىرچە ئاددىيراق بولسىمۇ شۇنداق سۇننىي قۇلاق تاپاي دىگەن  نەدىن تېپىشنى بىلەممەيلا قالدىم

APSUN يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

aziz101 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 16:04 static/image/common/back.gif
كوپچىلىككە كوپ رەھمەت ئەسلىدە تۇلۇق يىتىلمىگەن تەرەپت ...

بۇ مۇنبەردە سوراپ يۈرمەي دوختۇرخانغا بىرىڭ .بۇيەدە خالىس ياردەم قىلدىغان دوستلارمۇ با ، ئالامچە گەپ قىلقىپ   ئولتۇردىغان يارماسلارمۇ بار ، سىزگە ئۇلۇغ گەپ  قىلىپ ئولتۇرغان بىلەن ھەممە بىشىغا كەلگەندە بۈلىدۇ. مىنىڭ دوستۇم مۇ قۇلاق سالدۇرغان  لىكىن  ئاۋال بەدەننىڭ باشقا يىردە ئۆستۈردىكەن قۇلاقنى ئاندان ئوپۇراتسىيە قىلىپ ئىلىپ قۇلاق ئورنىغا كۆچۈردىكەن . بۈلشۈمچە بۇندا داۋالاشقا ئۈرۈمچى ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانسى يامان.....قالغىننى سزگە ھەم سىڭلڭىزگە ھىسداشلىق قىلمەن ، ئامەت ياربولسۇن {:86:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئىزدىنىشتا خېلى بىر تۈزۈك دوختۇر ،سېستىرالارمۇ بولىدىغان،ئۇلار كىرگەن بولسا ياخشىراق مەسلەھەت بىرەلەر ئىدى.قارىغاندا  بۇ تىمىڭىزدىن ئۇلار خەۋەرسىز قېلىپتۇ..سىزگە ياخشىراق مەسلەھەت-ياردەم بىرەلمىگەنلىكىمىزدىن تۇلۇمۇ خىجىلمىز،سىڭلىڭىزغا خۇشاللىق تىلەيمەن.

قېرىندىشىمىزكەن دەپ بىلىشىمىزچە تەكلىپ-پىكىر بىرىۋاتساق ئا ئۈستىدە apsun ئىسىملىك بىرسى چوڭ گەپ قىلىدىغان يارىماسلارمۇ بار دەپ بىلجىرلاپ يۈرۈپتا،ئەجەپ چىشىمغا تەگدىيا ما بىرمە

APSUN يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 14:13 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتا خېلى بىر تۈزۈك دوختۇر ،سېستىرالارمۇ بولىدى ...

ھا ھا ھا سۈپەتسىز مالدىن يەنە بىرسى باركەن مەن سىنى كۆرسىتىپ بىرنىمە دىمىگەندىن كىيىن ئۆزەڭگە ئالما قانداق ؟ باشقا پىكىر يوقتۇ؟ سەن بىلەن ئۇبۇ دىيشىپ ئولتۇرشقا رايىم يوق كىشىگە ئازار بەرسە قانداق بولدىغىننى سەن مۇ چۈشۈنسەن ،سىنى قىرىندىشىم كۆرۈپ سەنلىدىم ،خاتا چۈشۈنۈپ  چىچىلساڭ بەدىنىڭگە زىيان ، بەلكىم . سەندە .ئۇندق ئويلايدىغان كاللىمۇ يوقتۇ! بىرنىمە ؟ قانداق بىرنىمە كەنمەن ؟  ساڭغا چىچىلىشنى ئارتوق كۆردۈم ، بىز دەپ خەلىق پەرۋەر بولۋالما ئسمىنى ئوبدان تۇتۇپسەن  مەن دەل شۇ ئەپسۇن

APSUN يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 14:13 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتا خېلى بىر تۈزۈك دوختۇر ،سېستىرالارمۇ بولىدى ...

ئنكاسىمنى .ئوبدان .ئوقۇ خالىس ياردەمدە بولدىغان دوستلارمۇ بار دەپ يازدىم ، ئەگەر سەن مەن كۆرسەتكەن يارماسلار قاتارىغا كىرمىسەڭ ئا ماڭغا قىلغان سۆزلىرىڭ ئارتۇق كىتىپتۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

APSUN يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 15:45 static/image/common/back.gif
ھا ھا ھا سۈپەتسىز مالدىن يەنە بىرسى باركەن مەن سىنى كۆ ...

بىزلەردە ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا دەيدىغان ئىدىيوم سۆزى بار.شۇڭلاشقا ئۆزۈڭنى ئەقىللىق كۆرسىتىپ باشقىلارنى يارىماس قاتارىغا چىقىرۋەتمە بۇرادەر،،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بىر سۆزى بار،نادانلىق ئۇ ھەممىنى بىلدىم دىگەن،،،،شۇڭلاشقا ھەرقانچە بىلىپ كەتسەڭمۇ ئۇنداق ھاكاۋۇرلۇق قىلما قېرىندىشىم..

ئادەم قانچە ئەقىللىق بولغانسىرى شۇنچە كەمتەر بولىدۇ،چۈنكى بوغدايمۇ پىشقانسىرى باشىقى پەسكە ساڭگىلايدۇ ئەمەسمۇ؟


ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەرگىسى بار،لىكىن شۇ قۇرساقتىكى ئۇماقچقا بېقىپ سۆزلەيدىغان گەپ شۇ...بىلگىنىمىزنى دىدۇق خالاس..ئەمدى،ئىنكاسىمغا نەقىل ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ بىر توقاي چۈشەندۈرۈشلىرىڭنى ماڭا سۆزلەپ بەرمە.پىكىرلەشكۈم يوق..
بەت: [1] 2
: سۇننىي قۇلاققا جىددىي ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قالدىم