kiqikoghul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 00:06:46

ئېلخەت يوللاش ۋە قوبۇللاشقا دائىر ئەمەلىي مىساللار(رەسىملىك)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiqikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 00:40  

                                          ئېلخەت يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشقا دائىرئەمەلىي مىساللار

خۇشپۇراقلىق ئىش قەغىزىگە يېزىپ كونۋېرتقا سېلىپ پوچتىخانىلار ئارقىلىق ئوتلۇق سالام خەت يېزىش دەۋىرىمىزغۇ  ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. بىراق يەنىلا يىراقتىكى ساۋاقداش،ئۇرۇق—تۇغقان،ئەل—ئاغىينە،نەشىريات ئورۇنلىرى،شىركەتلەر…بىلەن خەت— ئالاقە قىلىشىمىزغا توغىرا كېلىدۇ. مانا بۇ ئېھتىياجىمىزدىن ئېلخەت ساندۇقى ناھايىتى ياخشى چىقىدۇ. نۇرغۇن تورداشلار ئوبدان خەۋەردار بولغان ئېلخەت ساندۇقى ئېلىش،ئېلخەت يوللاش ۋە ئېلخەت قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئەمەللىي مىسساللار ئارقىلىق ساۋات سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
ئېلخەتكە دائىر ساۋاتلاردىن بۈگۈنكىدەك تېلېفۇن ئومۇملاشقان ھەم كومپىيوتېرمۇ نەچچە يىلغا قالماي ئۇمۇملىشىدىغان دەۋىردە پۈتكۈل خەلقمىز،ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىمىزغا قەدەر خەۋەردار بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.
بىرىنچى،ئېلخەت ساندۇقى ئېلىش
بىرەر ئېلخەت ساندۇقى بولمىسا تور دىسكا ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ھېچقانداق بىر تور بىكەتكە ئەزا بولغىلى—تىزىملاتقىلى بولمايدۇ. بۇرۇن بىر يېزىدا بىرلا پوچتىخانا بولاتتى. بىراق ھازىر توردا ئېلخەت يەتكۇزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەر خېلىلا كۆپ. بىز قايسىلا تور بېكەتكە ئىلتىماس قىلساق،كومپىيوتېر ئارقىلىق ئىلتىماس قىلساقمۇ،تېلېفون ئارقىلىق ئىلتىماس قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ ( QQ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئېلخەت ساندۇقى بار). مەن تېلېفۇنىمنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئىسراپ قىلماي،كومپىيوتېردا ئېلخەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلاي. ئاۋۋال ماۋۇ تور بەتنى ئاچتىم:
/     http://www.ulinix.cn   
  
ئاندىن ئاستى سىزىلغان قۇردىكى خالىغان تور بىكەتنى ئېچىپ注册… دېگەن خەت بار يەرنى چېكەي. مەن شىنلاڭنى ئاچتىم،ئاندىن注册نى چەكتىم.ئاندىن  ئېلخەت ساندۇق نامى ،پارۇل(پارۇلنى بىرنېمىگە يېزىۋېلىپ ساقلاڭ)ۋە دەلىللەش نومۇرى(ئۈچ دانە خەنزۇچە خەت) قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ立即注册نى چېكىۋەتتىم.


ئېلخەت ساندۇقى ئېلىپ بولدۇم.  tantak12@sina.com  مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇمنىڭ نامى .بىراق پارۇلىنى سىلەرگە دەپ بەرمەيمەن. مائوس چاقىنى چۆرۈپ بۇ بەتنى سەل يوقۇرى كۆتۈرۈپ مائوس ئىستىرىلكىسىنى قارا  تۈگمىگە ئەكەلسەم،شىنلاڭنىڭ تېلېفون تېرمىنالى بېتى ئېچىلدى.

ئاۋۇ تۆت چاسا قارا تامىغىغا ئوخشايدىغان بەلگىنى بىر چەكسەم، تېلېفون تېرمىنالىنى چۈشۈرۈش ئادېرسىنى كۆرسىتىپ بەردى. 立即下载  چېكىپ mb2.78 لىق mail 1.4.apk   نى  ئۈستەل  يۈزىگە چۈشۈرۈپ تېلېفۇنىمغا قاچىلىۋالاي.

ئەمدى بۇ ئېلخەت ساندۇقىنى تېلېفۇنىمدا ئېچىش ئۈچۈن كومپىيوتېردىكى ئېلخەت ساندۇقۇمنى ئېتىۋېتەي. يەنى ئوڭ تەرەپ يوقۇرى بۇرجەكتىكى 退出(ئاستىغا سىزىپ قويدۇم.)نى چېكىۋىتەي.
تېلېفۇنىمغا قاچىلىغان 新浪邮箱نى قوزغاتسام،تىزىملىتامسىز(注册).كىرەمسىز(登录) دەپ سوراۋاتىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمدا تىزىملىتىپ بولغان شۇڭا تىزىملاتمايمەن،كىرىمەن. سىز شىنلاڭنىڭ تېلېفون تېرمىنالىنى چۈشۈرسىڭىز،تېلېفۇندا تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.(تېرمىنالنى چۈشۈرمەيمۇ   ماۋۇ http://www.ulinix.cn/بەت  ئارقىلىق كومپىيوتېردا تىزىملاتقاندەكمۇ تىزىملاتقىلى بولىدۇ.) 登录نى چەكتىم . ئېلخەت ساندۇق نامى بىلەن پارۇلۇمنى يېزىپ يەنە 登录 نى چەكتىم،

ئېلخەت ساندۇقۇم ئېچىلدى.بىر پارچىمۇ ئۇچۇر يوقكەن.

ئۈستىدكى چىشلىق چاقنى چېكىپ 设置غا كىرەي. ئاستىدىكى 退出当前账号 چېكىپ چېكىنۋىتەي. باشقىلار ماڭا كەلگەن خەتلەرنى كۆرۈپ قالمىسۇن.

ئىككىنچى،ئېلخەت يوللاش
تېلېفۇندا نەچچە بەتلىك ئېلخەت يېزىپ يولاش تەسرەك. شۇڭا مەن كومپىيوتېردا ئېلخەت يوللاشنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمەن. ئالدى بىلەن http://www.ulinix.cn/تور بەتتىكى شىنلاڭنى ئېچىپ登录نى چېكىپ،ئېلخەت ساندۇقىمنىڭ نامىنى،پارۇلىنى ۋە دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ يەنە登录نى چېكىپ ئېلخەت ساندۇقۇمنى ئاچتىم. سول تەرەپتىكى 写信نى چەكتىم .发件人 (ئېلخەت يوللىغۇچى)غا مېنىڭ خەت ساندۇق نومۇرۇم ئۆزى ئاپتۇماتىك يېزىلىپتۇ. 收件人(ئېلخەت قوبۇل قىلغۇچى) ماقالە ئەۋەتمەكچى بولغان ئورۇننىڭ ئېلخەت ساندۇقىنىڭ نامىنى يازاي. 主题(تېما)غا ئېلخەتنىڭ ماۋزوسىنى يازاي. خېتىم ئازراق بولسا ئاستىدىكى دىئالوگ رامكىسىغا ئەكىلىپ (粘贴) چاپلاي. يەنە باشقا قوشۇمچە ھۆججەتلىرىم مەسىلەن:   ppt,xls,jpg,doc, apkياكى rarلەر بولسا 添加附件چېكىپ كومپىيوتېرىمدىن  ئېلىپ ئېلخەت ساندۇقۇمغا سالاي. ئەگەر قوشۇمچە ھۆججەتلىرىم   mb50دىن جىق بولۇپ توردېسكىدىن چۈشۈرۈپ ئېلخەت ساندۇقۇمغا سالماقچى بولسام 网盘附件نى چېكىپ تور دېسكىدىكى چۈشۈرۈش ئادېرسىنى چاپلاپ确定چېكەي. خېتىمنى چاپلاپ ۋەياكى قوشۇمچە ھۆججەتلىرىمى ئېلخەت ساندۇققا سېلىپ بولغان بولسام،ئۈستىدىكى 发送نى چېكەي،قارشى تەرەپنىڭ خەت ساندۇقىغا كەتسۇن.
  
ئۈچىنچى،ئېلخەت قوبۇل قىلىش
يەنە /     http://www.ulinix.cnدىن ياكى تېلېفۇندىن باشقىلارغا تەمىنلىگەن ياكى ئاشكارلىغان ئېلخەت ساندۇقىمىزنى登录 نى چېكىپ  ئاچىمىز. مەسىلەن: مەن سوخۇ ئېلخەت ساندۇقىمنى ئاچتىم. 未读邮件(ئېلخەت ساندۇقتىكى ئوقۇلمىغان خەت)نى چەكسەم،ئېلخەت ساندۇقۇمغا tantak12@sina.comدىن elhat yollax دەپ بىر يېڭى ھۆججەت كېلىپتۇ.

ھۆججەت نامىنى چەكتىم،ئېچىلدى.

  elhat yollax.rarچەكتىم،پىرىسلاپ يوللانغان قوشۇمچە ھۆججەتلەر مېنى نەگە چۈشۈسىز،دەپ سوراۋاتىدۇ.

قوشۇمچە سۆز: ئېلخەت ساندۇقى ئارقىلىق يوللىغان سىغىمى سەل ئازراق خەت ياكى قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى QQدىمۇ يوللىغىلى بولىدۇ. ئېلخەت ساندۇقىنىڭ ئارتۇقچىقى ئۇنىڭدا QQ غا ئوخشاش ئادەم قوشىۋېلىش ياكى توپ قۇرۇش كەتمەيدۇ. ئېلخەت ساندۇقى ئارقىلىق يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەر بىز مەجبۇرىي ئۆچۈرۋەتمىسەكلا ئۇزاق يىللارغىچە ساقلىندۇ. چەتئەللەردىكى شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغاندىمۇ QQ ئەمەس،ئېلخەت ساندۇقى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
قىسقىسى،بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېلخەت يوللايدىغان ۋە ئېلخەت قوبۇل قىلىدىغان  بىر مۇقىم ئېلخەت ساندۇقى بولۇشى كېرەك.

President يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 04:30:16

ئاددىي ۋە چۈشۈنۈشلۈك دەرسلىك بوپتۇ، بېشىدا تېخى ئۇلىنىش تورىنىڭ ئېلانىمىكىن دەپتىمەن .{:92:}

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 08:17:47

مىنىڭ ئىنكاسىم تەستەقلىنىۋاتىدۇ دەيدا

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 11:46:41

网易邮箱     كومپىيوتېردا ئچىلمايدىغان بولۇپ قاپتۇ تېلېفۇندا ئاچمىسا ئچىلمايدىكەن، ئېلخەت ئادرىستىن 2-3 نى ئالسىمۇ بولامدىغاندۇ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:52:36

مەن سىنادىن ئۇيغۇرچە ئىلخەت يوللىسام ، ئۇچۇر ماڭماي قايتىپ كەپتۇ ، سەۋەبى 邮件含有附件,包含有违法文字。

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:53:24

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-08 14:52:36 static/image/common/back.gif
مەن سىنادىن ئۇيغۇرچە ئىلخەت يوللىسام ، ئۇچۇر ماڭماي قا
تىلفۇندا يوللىغان.

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 15:36:24

مەن ئېلخەت يوللاش - قوبۇل قىلىشنى بىلەلمەي يۈرەتتىم . بۇ ياخشى تېما بوپتۇ ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 15:48:56

Outlook.com نوچىسى ، ھەممە يىرى ئۇيغۇرچىسى

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:19:39

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 10:18:08

دىيارىمىزدا گوگىلنىڭ خەت ساندۇقىدا گىمايىل (gmail.com) نورمال خەت ئالاقە قىلىۋاتقانلار بولسا بىر ھۈنەرلېرىڭلارنىڭ ئۈگەتسەڭلار . مېنىڭكى پەقەتلا ئېچىلمايۋاتىدۇ

esir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 16:26:51

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 10:18 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا گوگىلنىڭ خەت ساندۇقىدا گىمايىل (gmail.com) نور ...

مەن سامسۇڭ يانفونىدىكى ئۆزى تەمىنلىگەن ئېلخەت ئەپى ئارقىلىق گىمەيىلدا خەت يوللاپ- قوبۇل قىلىپ باققان، ئون كۈننىڭ ئالدىدا.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:13:45

hotmail ئېچىلمىغىلىمۇ خېلى بولدى، نىمىش بوپ كەتتىكىن تڭ
بەت: [1]
: ئېلخەت يوللاش ۋە قوبۇللاشقا دائىر ئەمەلىي مىساللار(رەسىملىك)