Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 21:11:18

جۇڭگولۇقلار 50 يىلدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولالمايدۇ

جۇڭ نەنشەن: جۇڭگولۇقلار 50 يىلدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولالمايدۇ .

قىرىنداشلاغا يەنە ئادەمنى ۋەھىمە باستۇردىغان ساغلاملىقىمىزغا تەھدىد ئىلىپ كىلىۋاتقان بىر خەۋەرنى ئىلىپ كەلدىم .

ئېلىمىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. جۇڭگودىكى سەي-كۆكتاتلار تەركىبىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى دۆلەتنىڭ بەلگىلىگەن ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %22.15، بەزى رايونلاردا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %80 گە يېتىدۇ. ئامېرىكا مۇھىت ئاسىراش ئىدارىسىنىڭ دەلىلىشىچە، 92 خىلدىن ئارتۇق دېھقانچىلىق دورىسى راكنى پەيدا قىلىدىكەن، %90 ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى راكنى پەيدا قىلالايدىكەن.
سارس مەزگىلىدە ھەممەيلەنگە تونۇش بولۇپ كەتكەن جۇڭگولۇق ئالىم، جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جوڭ نەنشەن ئەپەندى بۇ ھەقتە: ئەگەر دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقى تېزگىنلەنمەي مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، 50 يىلدىن كېيىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى تۇغماس بولۇپ كېتىدۇ، دەپ چوقان سالىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زىيانسىز كۆكتات، يېشىل كۆكتات، ئورگانىك كۆكتات قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەدرىجىي سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ھازىر بازاردىكى نۇرغۇن كۆكتاتلارغا تېرىش جەريانىدا يەنىلا دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆكتاتلاردا قالدۇقى قالامدۇ؟ دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانچىلىك زىيىنى بار؟ قانداق قىلساق كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەردىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى توغرىسىدا چۈشەنچە
دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇق زەھىرى دېگەنلىك ئەمەس. دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، تۇپراق ۋە سۇدا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ساقلىنىپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.
دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى بىرىنچىدىن، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئۆلچەمسىز ئىشلىتىلگەنلىكىدىن، ئىككىنچىدىن، يېڭىلا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلگەن كۆكتات ياكى مېۋىلەرنى يېتەرلىك پارچىلاش ۋاقتى بەرمەيلا دەرھال بازارغا ئېلىپ چىقىشتىن بولىدىكەن.
دىققەت: ئادەتتە، كىچىك كۆك يېسسىۋېلەك، كەرەپشە، شوخلا، مۇچ، پىدىگەن قاتارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزاق كۆكتاتلار، پەسىلگە قارشى كۆكتاتلار دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ بۇلغىشىغا ئاسان ئۇچرايدىكەن. ئاشكۆكى، سېرىق سەبدە قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ خۇش پۇرىقى بولغاچقا، ئۇلارغا ئاسان قۇرت چۈشمەيدىكەن، شۇڭا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ بۇلغىشىغىمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن. ئۈزۈم، سىتروس ئۆسۈملۈكلىرى(ماندارىن، لىمون، ئاپېلسىن)، لىجى، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مېۋىلەر دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ بۇلغىشىغا ئاسان ئۇچرايدىكەن.

دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش، دەپ ئىككى خىل بولىدىكەن. جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىلىنىدىغان باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھوشىدىن كېتىش ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق جىددىي كېسەللىك ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى بار يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشقان ياكى شۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىلىرى بەدەندە ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ مېتابولىزم بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. پەرزەنت كۆرەلمەسلىك يەنى تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ
سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ھازىر جۇڭگودىكى ھەر 8 جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ 1 جۈپىنى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ئازابلاۋاتقان بولۇپ، بۇ نىسبەت 20 يىل ئاۋالقىدىن %3 ئاشقان. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر جۇڭگو ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىسپېرىما سانى 20 مىليۇن دانە بولۇپ، 40 يىل ئاۋۋال بۇ سان 60 مىليۇن ئىكەن. ھازىرقى %10 دىن ئارتۇق كىشىلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى ئىكەن. دېھقانچىلىق دورىسى پەيدا قىلغان بۇلغىنىش ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن باشقا راك كېسەللىكلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن.
2. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۆپ مىقداردىكى ستاتىسىتكا ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللار دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن ئۇچراشسا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلىسى ئۆلۈپ كېتىش، بالا غەيرىي تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى غەيرىي تۇغۇلىدىغان بالىنىڭ نىسبىتى %5 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر يىلى تۇغۇلىدىغان بۇنداق بالىلار 200 مىڭغا يېتىدىكەن. يېزا-سەھرالاردىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ %50-%40 ىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى دەل دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە خىمىيەلىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش ئىكەن.
3. بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە دۆلەپ ئىچىدە ئىشلەنگەن كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بەدىنىگە كىرگەن دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ppm3 گە يەتكەندە، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئىشتىن توختاپ، مېڭە داۋاملىق يېتىلەلمەيدىكەن. بۇلغىنىش تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى باشقا نورمال بالىلاردىن 6 نومۇر تۆۋەن بولىدىكەن.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۈگاڭنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى دېھقانچىلىق دورىسىدىن بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ تەن ئېغىرلىقى يېنىك، بېشى كىچىك، ئەقلى قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇشتەك 3 خىل ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.
4. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇھىت ھورمونى پۈتكۈل دۇنيا ئېتراپ قىلىدىغان ئادەم ۋەباشقا جانلىقلارنىڭ غەيرىي ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەب. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بېكىتكەن 70 خىل مۇھىت ھورمونىنىڭ ئىچىدە 40 خىلى دېھقانچلىق دورىسىدۇر.
جۇڭگودىكى قىزلارنىڭ تۇنجى ھەيز كۆرۈش يېشى 20 يىل ئاۋۋالقى 14 ياشتىن ھازىرقى 10 ياش ئەتراپىغا ئىلگىرى سۈرۈلگەن، قىز-ئوغۇللاردىكى بالدۇر يېتىلىش ئەھۋاللىرى ئەتراپىمىزدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.
5. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى بار سەي- كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى قانغا سۈمۈرلۈپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئوڭاي زۇكامدايدىغان، باش قايىدىغان، يۈرەك سالىدىغان، سوغۇق تەرلەيدىغان، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
6. راكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ۋاقىت دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار ھەرقايسى توقۇلمىلار ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ راك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
7. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى ئاشقازان- ئۈچەيدە يىغىلىپ، قورساق ئاغرىش، سوزۇلما ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.


دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ بۇلغىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
بىرىنچىدىن، سېتىۋالغان كۆكتات، مېۋىلەرنى يالتىراقنىڭ ئىچىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى يالتىراق ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ۋاقتىمۇ شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ. يالتىراقنى ئېچىپ، يېمەكلىكنى ھاۋا بىلەن تولۇق ئۇچراشتۇرغاندىلا، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئاسان پارغا ئايلىنالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، يېمەكلىكنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئۈستىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، چىلاشقۇدەك سۇغا بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە چىلاپ قويۇش كېرەك، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ يۇقىرى بېسىملىق سۇدا يەنە بىر قېتىم چايقىۋېتىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ شۆپۈكىنى سويۇۋېتىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شۆپۈكىنى سويۇۋېتىش كېرەك، چۈنكى، كۆكتات، مېۋىلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا يېڭى ساقلاش دورىسى ئىشلىتىلىدۇ. كۆكتاتلارنى قورۇش، دۈملەش قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پىشۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۇلاردىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنى پارچىلاشقا بولىدۇ.

ئالتۇندىن بىباھا ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن، ھەممىدىن مۇھىمى ئۈمىدىمىز ۋە كېلەچىكىمىز ھېسابلانغان كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى بار سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىن يىراق بولايلى.

مەنبە: نۇر تورى ئەلداۋا تىمىسى  http://www.nur.cn/news/2015/03/211689.shtml



dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 06:55:29

بۇرۇنلاردا  بىرمەھەللىدە بىرەتېرىم چىقىپ قالاتتى  پۇستانچى تۇغماس دەپ ، ھازىر ھەقىقەتەن كۆپ .....بۇ بۇلغانغان مۇھىتتا كېيىنچە  40ـ50ياشقا ئۇلىشالىغانلار ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ قالامدۇ نېمە ؟!

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:15:49

ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك مەسىلە بۇ،

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:35:14

مىنىڭ يېقىن بىر تۇنۇشۇم ھەر يىلى كۆپ مىقداردا نەشپۈت سېتىۋېىپ ، سوغاق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاپ مۇشۇ كۈنلەردە بازارغا سالىدۇ .
ئۇنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە نەشپۈتلەرگە چېچەكلەپ تاكى پىشقىچە بولغان ئارلىقتا 8  قېتىمدىن 12 قېتىمغىچە زەھىرى ئۆتكۈر بولغان خېمىيەلىك دورا چاچىدىكەن ،
شۇنداق كۆپلەپ دورا چاچقاندا نەشپۈتلەرگە قۇرۇت چۈشمەيدىكەن ، ھەم شۇنداقلا قىزىل ھەم چىڭ پىشىدىكەن .
مەن چاقچاق قىلىپ مۇنداق دىدىم ؛
- سىلەرنىڭ نەشپۈتنى بىرەر يىل يىگەن ئادەمنىڭ ئۆمرى 10 يىل قىسقىراپ كەتكۈدەك ، دىسەم .
- بىزگىمۇ ئامال يوق ، ئاشۇنداق كۆپلەپ دورا چاچمىساق ئۇزاق ساقلاپ جايى - جۇيىدا بازارغا چىقارغىلى بولمايدۇ ، دەيدۇ .
ئەييۇھەنناس ، نىمە ئىش بۇلۇپ كەتتى خالايىق ھەي بۇ .
بىزلەرغۇ ئەمدى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا  سەھرادا ئۆزىمىز تېرىغاننى يەيمىز ،
لىكىن شۇ شەھەرلىكلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى  - دە .

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:01:47

ھەممسى قۇرۇق گەپ يقنىدا ئۆتكۇزۇلگەن خەلقئارالىق 4 مايدان بوكىس مۇسابقىسنىڭ ھەممىسدە يەڭدى::'(
1.مەيداندا  شاڭگڭ ماھىرى ئامرىكا ماھىرنى 12 كونتۇردا ئۇتۇپ دۇنيا ئالتۇن كەمىرنى تاقىدا
2 مەيداندا جوڭگۇ ماھىرى مكسىكا ماھىرى 5 كونتۇردا ك ئو قىلدى يەنى ئويۇنچۇقتەك ئۇرۇپ يقتىۋەتتى ، يقلغىنى بىر دۇناي چىمپىۇتنى ئىدى.
3.تايلان ماھىرنىمۇ 12 كونتۇردا يەڭدى جوڭگۇ ماھىرى

دىمەك جوڭگۇ ئاللى قاچان بوكسنىمۇ مونۇپۇل قىلاي دەپ قالدى ،
سەندادا ئاساسەن مۇنۇپل قىلىپ بولدى.......
مۇشۇنداق دىسەم كولمەڭ ئەڭ ياخشىسى كۆرۇپ بقىڭ ؟

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:03:05

شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ جوڭگۇدىن چقىشى ھىساپتا خەلقئاراغا چىقشىدۇر

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:29:57

281151976ar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 10:01 static/image/common/back.gif
ھەممسى قۇرۇق گەپ يقنىدا ئۆتكۇزۇلگەن خەلقئارالىق 4 مايد ...

مەنغۇ كۈلۈپ كەتتىم .;P :lol
قېنى شۇ كۆرۈش ئادرىسى ، ئەمەلى ئەھۋالىنى بىر كۈرۈپ باقمايلىمۇ ؟

misal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:34:52

بولۇپمۇ ئاۋۇ مۇھىت ھورمونى دېگەن بەك يامان تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، قىزلاردا بالدۇر يېتىلىپ قېلىش، ئوغۇللاردا نازۇكلىشىپ ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىش، ھەمدە ھەمجىنىسلارنىڭ ئەتراپىمىزدا كۆپىيىپ كېتىشىدىكى بىرىنجى قاتىل ئاشۇ مۇھىت ھورمونى. دېھقانچىلىق دورىسىلا  ئەمەس، تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرخىل بۇلغانمىلار، يۇيۇش بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ...دېگەندەك ئۇمۇمەن ھەممە دائىرىدە بار بۇ مۇھىت ھورمونى. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئوزۇنغا قالماي دۆلەت ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان يەرگە بارىدۇ.  بۇنىڭ زىيىنىنى كىشىلىرىمىز تېخىچە تۇنىغىنى يوق.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:18:37

دىققەت قىلدىڭلارمىكىن باللا،،،ھازىر مۇشۇ ھەمجىنىسلەر سەتراق قىلىپ ئېيتقاندا كۆت گۇيلار ئەتراپىمىزدا كۆپىيىپ قاپتۇ...

ھەر ۋاقىت ھۇشىيار سەگەك بولايلى قېرىنداشلار.ئاللاھ بىزلەرنى شۇ نىجىس ئىشتىن يىراق قىلغاي.

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:24:30

قارىغۇلارچە ئېقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ قوغلاشقاننىڭ پايدىسى بۇ .

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:32:58

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2015-03-08 09:35:14 static/image/common/back.gif
مىنىڭ يېقىن بىر تۇنۇشۇم ھەر يىلى كۆپ مىقداردا نەشپۈت س
بىزنىڭمۇ نەشپۈتلۈك باغ بار ، كىچىكىمدە ئېزىپ تېزىپ بىرەر ئىككى قېتىم دۈمبىگە ئارتىدىغان ماشىندا دۇرا چاچقىنىنى كۆرەتتىم.  ھازىر ئۈچىنجى ئايدا چىچەكلەشتىن بۇرۇن دورا چاچقىلى تۇرساق ئۈزۈشكە ئاز قالغۇچە ھارماي چاچىدىغان گەپ.  بىزنىڭمۇ چاچقۇمىز يوق،  ئەمما قۇرۇتلار بەك يامان،  قاچان مۇشۇ يېنىمىزدىكى يەرنى ئىچكىردىن چىققان يولداش كۆتۈرە ئېلىپ دورا چېچىشقا باشلىدى قۇرۇت بىزنىڭكىگە ئۆتۋالغان چېغى. شۇڭىمۇ بىز تەييار تۇرىمىز قوشنا دورا چاچقاندا بىزمۇ چاچمىساق قۇرۇتلار چوڭ كۆچ كۆچ قىلىپ كەتمىسۇن دەپ.

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 14:17:03

ئامال يوق ھازىر ھەممە زىرائەتلەرگە دورىنى بولۇشىغا چېچىۋاتىدۇ ، ھاشاراتنى يوقىتىمىز دەپ ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز زەھەرلەۋاتىمىز.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 15:56:42

ھاشارەتلەر بىر تەرىپىنى يىسە بىزمۇ قالغان يىرىنى تەڭ يىسەك بولىۋىرەتتى پىچاق بىلەن قۇرۇت يىگەن يەرنى ئويۇپ ئىلىۋتىپ.لىكىن خەلىقئارا سودا دەۋىپ نەشپۈت چىقمايدىغان يەرگە تۇشۇپ خەقنى نەشپۈت يىگۈزۈش ئۆرۈك يىگۈزۈش ئۈچۈن دىھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ھاشارەت يۇقىتىمىز دەپ يىلدا مانچە قىتىم ھاۋا بوشلۇقىدا دورا چىچىش،ئىتىزلارغا دورا چىچىشلارنى قىلىدۇ.لىكىن يوقىمايدۇ بۇ ھاشارەت دىگەن....مەنچە ھاشارەتلەرنى خۇدا بىر يەردىن پەيددا قىلىدىكەن.مەسلەن:سىز شەھەردىن يىراق بىر جاڭگالغا چىقتىڭىز.ئەتىراپىڭىزدا ئەللىك كىلومىتىرغىچە بىرەر توپا ئۆيمۇ يوق،.دىمەك بىر جانلىق يەنى ئىنسان ياشاش بولمىغان جايدا تۇردىڭىز.سىز ئىلىۋالغا يىمەكلىكنى يەپ بەش مىنۇت تۇرغىچە نەدىندۇر بىر قانچە چېۋىن كىلىپ بولىدۇ.ئۆلتۈرۋەتسىڭىز يەنە كىلىدۇ.دىمەك چېۋىننىڭ پەيدا بولىشى بىر سىر.مەن چوڭلاردىن چىۋىن قاندىن پەيدا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان.مەن بۇ گەپنى ئەتىراپتا بىرەر شېھىدلىك بولسا بەلكىم شۇ شېھىدلىك يەردىن پەيدا بولغان تىرىكلەرنىڭ روھىمىكىن دەپمۇ قالىمەن....توۋا دەي.تېلىم مايماق كەتمىسۇن.دېھقانچىلىق دورىسىنى ئاشۇرۇپ چىچىشتىن مەقسەت مەھسۇلاتنىڭ ساقلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.مەھسۇلاتنى ئۇزاق ساقلاشتىن مەقسەت چەتئەللەرگە ئىكىسپورت قىلىش.ئىكىسپورت قىلسا تاشقى پىرۋۇت يارتىلدۇ.شىنجاڭدا نەشپۈتنىڭ سىتىلىشى ھەر كىلوسى 3 يىرىم كويلارغىچە.لىكىن ئاڭلىسام كورىيە تەرەپلەردە بىر دانە نەشپۈت بىر دوللار دەمدۇ بىر نىمە دەيدۇ.دېھقانلىرىمىز ۋاستىچى گۇيلارغا ئالدانماي بىۋاستە ئىكىسپورت بىلەن شۇغۇللىنالمامدىكىن تاڭ.شۇ زىيانلىق دېھقانچىلىق دورىسىنى راسا چىچىپ بۇنى چەتئەلگە ئىكىسپورت قىلغانلىق ئۇ يەردىكى خەقنى زەھەرنى پۇلغا ساتقانلىق بولماي نىمە.ياكى ئىكىسپورت بۇيۇملىرى ئايرىم جايدا زىيانسىز مۇھىتتا ئۆستۈرلەمدۇ.

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:04:04

ئەلنۇرى ماركىدىكى  بۇغداي ئۇنى 5 تىن خالى ،خېمىيەلىك ئۇغۇت ئىشلىتىلمىگەن يېشىل مەھسۇلەت دەۋاتاتتى ،باھاسى قىممەت بولمىسا شۇنى ئىستىمال قىلىدىغان ئىشمىكى ........

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 17:47:55

بىر خەنزۇچە يازمىدىن كۆرگەنىدەك ئېسىمدە، بىر پروفېسسور بۇۋاي بار، ئوتياش، مىۋە-چىۋە ئالسا شۇنچە قاراپ مەخسۇس  قۇرت چۈشكەنلىرىنى ئالدىكەن :lol  «قۇرت چۈشكەنلىرى تەبىئىي. قۇرت چۈشكەن بولسا يۇيۇپ، ئادالاپ تازىلىغىلى بولىدۇ، دېھقانچىلىق دۇرىلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلىغىلى بولمايدۇ» دەيدىكەن سورىغانلىرىغا .
شۇنداقراققۇ دەيمەن، تولۇق ئېسىمدە قالماپتۇ. بۇندىن كېيىن ئۈيىمىزدە تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرگىچە ئوتياش تېرىپ يىسەك بۇلامدۇ نېمە :lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 18:43:13

مىنىڭچە 50 يىل كەتمەس

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 19:27:03

ھويلامغا قوغۇن، تاۋۇز، شوخلا، كۆكمۇچ، يۇمغاقسۈت، ئوسما، كىچىك يېسىۋېلەك...دېگەندەك نەرسىلەرنى تېرىغانتىم. قوغۇن تاۋۇزلار شۇنداق چىرايلىق چېچەكلەپ، كىچىك سويمىلار چۈشۈپ ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگۈدەك بولۇپ قالغان. ئېتىزلىقىمىز كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا بىر تۇتاش سۇ پۈركۈپ سۇغۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بولغاچ ئاندا-ساندا چىقىپ ياۋا ئوتلارنى تازىلاپ، ئانچە-مۇنچە ئوغۇت سېلىپ قويغاندىن باشقا بەك قاراپمۇ كەتمەپتىكەنمەن. بىر كۈنى چىقىپ قارىسام قوغۇنغا قۇرۇت چۈشۈپ بەكلا سەت قىلىۋېتىپتۇ. ھاشارەت كونتروللاش مەركىزىگە تېلىفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسەم بېرىپ خېمىيىلىپ دورا چېچىپ بېرەيلى، دەيدۇ. مەن خېمىيىلىك دورا چاچقان كۆكتاتنى يېمەي دەپ ئۆزەم ئۆيدە تېرىغان، دەپ دورا چاچقىلى قويمىدىم. توردىن ئاختۇرۇپ دورا چاچماي قۇرت ئۆلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى ئىزدىدىم. نەتىجىدە يەنىلا نۇرغۇن كۆكتاتلىرىم قۇرتقا يەم بولۇپ ئاخىرى يۇلۇپ تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. :'( ھازىر يۇمغاقسۈت، ئوسما ۋە شوخلىلارلا قالدى.

dana2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:33:29

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 19:27 static/image/common/back.gif
ھويلامغا قوغۇن، تاۋۇز، شوخلا، كۆكمۇچ، يۇمغاقسۈت، ئوسم ...

دىگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق ،ئىلگىرى شۇنداق زىيانداش ھاشارەت ،قۇرۇت-قوڭغۇزلارنى يەيدىغان توپ-توپ ئۇچار قۇشلارنى كۆرگىلى بولاتتى،ھازىر قارايدىغان بولساق توپ-توپقا تۈگۈل ئاندا-ساندىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.پۈتۈن ئاتمۇسفۇرا بۇلغىنىشقا ئۇچىرىغانكىن ھەممە نەرسىگە ھەقىقەتەن زىيىنى ئېغىر بولدىكەن.ئىلگىرى يەرلىرىمىزنى تەبئى ئوغۇت(قىغ)تا ئىشلەيتۇق،ھازىر ئوغۇت ئىشلەتمىسەك مەھسۇلات چىقماس بوپ كەتتى،يەرلەرنىمۇ خاشۇلاشتۇرۇپ بولدۇق............ئەمدى خاشۇلىشىش بىزگە كەلدى،تاللاپراق ئىستىمال قىلمىسا بەلكىم 50يىلغىمۇ بارماي ...........بوپ كىتىمىز دىگەن گەپ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 20:41:38

ھەي مەستۇرە . ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولمامتى؟ ھىچ بولمىسا تەلتۈكۈس يوقىتالمىسىڭىزمۇ
يوقىمايدىغۇ،كىپىنەكلەر ئۇچۇپ كىلىپ تۇخۇملاپ قويىدۇ. ئۇ بۇ بەزەن ھاشارەتلەر باشقا يەرلەردىن ئۇچۇپ كىلىپ دىگەندەك . ئامما ئۆزىڭىزمۇ يىيەلمىگەندىن كىيىن توخۇدىن بىر قانچىنى بىقىپ قۇرۇت يوقاتسىڭىز بولاتتى .ئەلۋەتتە توخۇ زىرائەتنىمۇ قوشۇپ يەيدۇ ، لىكىن زىرائەتنى ھاشارەتكە بەرگىچە زىرائەتنى ھاشارەت يىسە ئۇنى توخۇ يىسە زىرائەتنى يەلمىسىڭىزمۇ، قۇرۇتنىغۇ يىيەلمەيسىز ،لىكىن يىشىل توخۇ يىيەلەيتىڭىز ئەمەسمۇ ؟ ئاندىن كۈزدە زىرائەت تېرىغان يەرنى قۇرۇق غازاڭلارنى كۆيدۈرۈپ ،ئىسلاپ ھاشارەتنى ياكى تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولاتتىمىكى
ئاندىن ئەتىيازدا يانا بىر ئىسلاپ ھاشارەتنى يوقۇتۇپ ئاندىن تىرىسىڭىز زىيانداش ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازلايتى .

419 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بەت: [1] 2
: جۇڭگولۇقلار 50 يىلدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولالمايدۇ