Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 10:41:16

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 12:21 static/image/common/back.gif
قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى، يەرشارى بىلەن ئاينى ...

يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى مۇقىم سۈرئەت بىلەن بولىدۇ. ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىشى ھەم مۇقىم سۈرئەت بىلەن بولىدۇ. بىردەم ئىتتىكلىشىپ، بىردەم ئاستىلاپ قالمايدۇ. شۇڭا ئاي شارىنىڭ ئايلىنىپ نەگە كەلگىنىنى، يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىپ نەگە كەلگىنى، قانچىلىك ۋاقىتتا نەگە بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسى بىلەنمۇ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا مىنۇت-سېكونتلارغىچە ھېسابلاپ چىقسا ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، بەك ئالىي تېخنىكىمۇ ئەمەس.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بەك ئاددىلاشتۇرىۋېتىپسىز. نەزىرىيە جەھەتتىن ھىساپلىغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭكىدىن كۆپ بىلىم سەۋىيەسى كېتىدۇ. ھېلىغۇ باكلاۋۇرلار ئىكەن، ھەتتا غەرپ دۆلەتلىرىدە تەبىئى پەن ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرى ئالغان زىيالىلارمۇ بۇ ھىساپلاش ئالدىدا تەمتىرەپ قالىدۇ. (بۇ گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز سىزنىڭ ئائىلىڭىز ۋە تۇققانلىرىڭىز ئارىسىدا بۇنچىلىك ئوقۇغانلار بار، شۇلاردىن سوراپ بېقىڭ. ياكى مۇنبەردىكى بىلىمخۇمار، تاشپولات ئاكىلىرىمىزدىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گەپنى دەپ بۇلارنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن ماۋۇ مەسىلە راۋۇرۇس مۇرەككەپ، يۇقۇرى سەۋىيەدىكى مەسىلە.)

پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلاردىن تەبىئى پەن ساھەسىدە دوكتۇر بولغانلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن ھازىرغىچە يەر شارىنىڭ مەلۇم ئورنىدا، قايسى ۋاقىتتا يېڭى ئاينىڭ چىقىدىغانلىقى، كۈزەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ھىساپلاپ چىقالىغانلار بارمۇ بۇ تېخى نامەلۇم. ناۋادا بۇ مەسىلە ئۈزۈل-كېسىل، ئېنىق ھەل بولغان بولسا، دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلار رامىزان ۋە روزىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ھىساپلاپ ۋە كېيىن شۇ دەقىقىدە كۈزىتىپ دەلىللەپ، بۇ ئىشتا ئىختىلاپلاشماي، بىرلىككە كېلىپ بولاتتى.

يەنە مەسىلەن، بۇ تەڭلىمە
tan x = x
قارىماققا بەك ئاددى، تولۇقسىز ماتېماتىكىسىدىكى ئۇقۇملاردۇر. لېكىن بۇ تەڭلىمىنى چەتئەللەردە ماتېماتىكا كەسپىدە دوكتۇر بولغانلارمۇ ئانالىتىك ئۇسۇلدا يېشەلمەيدۇ. (ئانالىتىك يېشىمى يوق.) (بۇ تەڭلىمىنى مېنى ئويدۇرۇپ چىقاردىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، لېكىن بۇ ئەمىلى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان تەڭلىمە. بۇ تەڭلىمىنىڭ يېشىمى ئاددىسى يانفون، تېلېۋىزوردىن تارتىپ، يۇقۇرىسى ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغىچە ئىشلىتىلىدۇ. بىز بۇنى ئانالىتىك ئۇسۇلدا يېشەلمەي، گىرافىك سىزىپ ياكى كومپيۇتېر پىروگراممىسى بىلەن تەخمىنەن، تەقرىبى يېشىپ ئىشلىتىمىز.)

ئىلىم-پەن توغرىسىدا پاراڭلار بولىۋېتىپتىكەن، شۇڭا 2 ئېغىز پەننى پاراڭ قىلىپ قويدۇم. قىسقىسى اللا نىڭ ھىكمىتى، ئىلمى رەڭگارەڭ، چەكسىزدۇر. (ئى اللە، ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن. - قۇرئان كەرىم؛ پايدىسىز ئىلىمدىن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلىگەندەك پاناھ تىلەڭلار. - پەيغەمبىرىمىز س.ئە.ۋ دىن قالغان ھەدىس.)

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:44:31

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 10:41 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بەك ئاددىلاشتۇرىۋېتىپسىز. نەزى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مېنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىلىمىممۇ پەقەتلا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىدىن ئۆگىنىۋالغان دەرىجىدە ئىدى. ياخشى ئېنىقلىما بېرىپسىز.
لېكىن مەن يەنىلا بىر مەسىلىدە ئۆز چۈشەنچەمدە قالىمەن، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى دەپ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ياكى ئۆزى بىلمىگەن ھەممىلا ئىشقا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى شىپى كەلتۈرۈش مەن قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. مۇشۇنچە چوڭ كائىناتنىڭ ئەڭ چوڭ پېلانېتتىن ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىگىچە قانۇنىيەتلىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بولۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. دىنسىزلارمۇ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا «ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش كېرەك» دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. ئەجىبا ئاتالمىش «تەبىئەتنىڭ كۈچى» نىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدىكەن. ھەم يۇقاردىكى مەسىلىدىمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن چۈشىنىشىمچە توغرا ھېسابلاپ چىقىش قىيىنكەن، لېكىن بۇ بىر قانۇنىيەتسىز، «ئالاھىدە كۈچ» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ھەرىكەت بولغاچ ھېسابلاپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، دەيدىغان ئىش ئەمەسكەن. شۇڭا يەنىلا «ئىنسانلار بۇنداق ئىشلارنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟» دېگەن ئىنكاسقا قارىتا قارىشىمنى ساقلاپ قالىمەن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:51:21

بىرسى ئالدىن ھىساپلاپ بىلگىلى بولمايدۇ دېيىلسە، يەنە بىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىمۇ ھىساپلاپ بىلگىلى بولىدۇ دىگەن، بىرسى «ئوڭچىل»، يەنە بىرسى «سولچىل» جاۋاپلار ئىكەن. شۇڭا مەن بىلىدىغان توغرىسىنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويغان. يەر شارىنىڭ ئوربىتاسى، چەمبەر ئەمەس، ئېلىپىس. سۈرئىتى ھەم مۇقىم ئەمەس، قۇياشقا يېقىن كەلگەندە تېزلىشىدۇ، قۇياشتىن يىراقلىغاندا ئاستىلايدۇ، شۇڭا ئەھۋال خېلە مۇرەككەپ. كۆپىنچىمىز ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ بىلىم دائىرسىدە توغرىسىنى يەتكۈزسەك دەپ ئويلايمىز، سىزمۇ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. قاراشلىرىڭىزنىڭ ھىساپلاپ بىلگىلى بولىدۇ دىگەن قىسمىنى ساقلاپ قېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىمۇ  ھىساپلىغىلى بولىدۇ، يەر شارىنىڭ سۈرئىتى بىر خىل مۇقىم تۇرىدۇ دىگەن قاراشلىرىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز بولارمىكىن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:58:08

Aziz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 12:51 static/image/common/back.gif
بىرسى ئالدىن ھىساپلاپ بىلگىلى بولمايدۇ دېيىلسە، يەنە  ...

{:181:}  رەھمەت. مەن ئىنكاسىمنى تەھرىرلىۋېتەي.

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 16:20:29

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 17:02 static/image/common/back.gif
قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزلا بولدى
ئەمما ئاۋۇ ئى ...

ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 12:14:30

تۇتۇلدىمۇ يا مەن كۆرەلمىدىممۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 14:20:40

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 12:14 static/image/common/back.gif
تۇتۇلدىمۇ يا مەن كۆرەلمىدىممۇ

چۈشتىن كىيىن سائەت 4يېرىمدا

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 14:22:31

izdan0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 12:14 static/image/common/back.gif
تۇتۇلدىمۇ يا مەن كۆرەلمىدىممۇ

今日18时50分乌市观日偏食 全国只有新疆可见
بۈگۈن 4تىن 50مىنۇتتا قوياش يېرىم تۇتۇلىدۇ،پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭدىلا كۆرگىلى بولىدۇ

6680 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 14:29:47

مەن تېخى قۇياش تۇتۇلغاننى كۈرىمەن دەپ ئىش قىلماي ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپتىمەن ،ئەسلى تۆت يېرىملاردا تۇتۇلدىكەندە.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 17:49:18

ھازىر سائەت 5.49 بولدى بىراق خۇتەندە كۈن تۇتۇلمىدى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 18:14:25

ۋاپادارىم918@ تورداشنىڭ مەھەللىسى كۇن تۇتۇلۇشنى كۆرىدىغان جايغا تەۋەكەن ، كۆرگەن بولسا بىر دوكىلات قىلىۋەتسە بولاتتى، بىر سوم پىلانىنىلا دوكىلات قىلىۋەرمەي .:lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 18:16:08

ئاسمان بۇلۇتلۇق تۇرىدۇ. خوتەندە كۈن تۇتۇلغاننى كۆرگىلى بولمىدى.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 18:25:06

مۇھاجىر قېرىندىشىمىزنىڭ پوزىتسىيىسى مىنى سۈيۈندۈردى.
ئەزىزكام، مەستۇرەلەر بىر ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇغۇ ئەنە، ھەممىمىز شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىشساق بولىدۇ، دۈشمەن بولمىغاندىكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 19:07:51

كىنو كۆرەۋاتقان، چىقىپ كۆرۈشكە خوش ياقماي قالدى دە:lol

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 19:14:05

قەشقەردە تۇتۇلمى

6680 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 20:04:06

مەن باي ناھيىسىدە،مەنمۇ كۈرەلمىدىم . تۆت يېرىمدىن باشلاپ بەشكىچە قارا كۆزەينەك تاقاپ كۈنگە قاراپ تۇردۇم بولمىسا ،كۆرگەنلەر بامۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-20 21:51:05

ھە قايسىڭىزلەر كۆردىڭىزلەر كۈن تۇتۇلغاننى !!!

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 08:24:33

خوتەندە كۆرمىدۇققۇ كۈن تۇتۇلغىنىنى  ،  كۆرگەنلە بولسا ، تەسىراتىنى سۆزلەپ بەرسە قانداق  ، بەكلە كۆرگۈم باتتى  ئەپسۇس

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 09:31:27

بۇ قىتىملىق كۈن تۇتۇلغاننى خوتەن قەشقەرلەردە كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەسلى تېمىغا ئوبدان قاراڭ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-23 09:32:56

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 17:49 static/image/common/back.gif
ھازىر سائەت 5.49 بولدى بىراق خۇتەندە كۈن تۇتۇلمىدى.

خوتەن قەشقەر تەرەپلەردە كۆرگىلى بولمايدۇ،ئەسلى تېمىغا ئوبدان قاراڭ
دىيارىمىزدا شىمالىي شىنجاڭ رايونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قوياشنىڭ يېرىم تۇتۇلۇش ھادىسسىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭداخوششوت، خېجىڭ، باي ناھىيەلېردە كۈزەتكىلى بولىدۇ.
بەت: 1 2 [3] 4
: قوياش تۇتۇلىدۇ....