بەزى بايقۇشلار نىڭ قارىشىچە
مۇسۇلمانلار پەن تېخنىكىدىن يىراق تۇرۇشى، ئىزدەنمەسلىكى كېرەك، پەن تېخنىكا بىلەن دىن قارشى ،تەبىئەتتىكى سىرلار غەيىبكە تەۋە ئۇنى تەتقىق قىلىمەن دېسە ئىمانغا نۇقسان يېتىدۇ
شۇڭا ئمانغا نۇقسان يەتمەسلىكى ئۈچۈن پەن تېخنىكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك، ھەتتا پەن تېخنىكا تەرەققى قىلمىغان يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىش كېرەك
ئىكەن
ھەي بۇلارنىڭ كۈزى ساق ئەمەسمۇ قانداق ............ ؟
مەن كۈن تۇتۇلغاننى ھەركۈنى كەچتە كۈن پاتقاندا كۈرۈپ كىلىۋاتىمەن ...
muhajir يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 09:37 static/image/common/back.gif
مەنما
ماڭا قاراڭ، بۇ دېگەن نۆلنىڭ ئالدىدىكى چېكىتنىڭ مانچىنچى خانىسىغىچە ئىنچىكە ھېسابلاشلار ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم.
ئاشۇ پىلانىتلار ئاللاھ بەلگىلىگەن نىسبەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقكەن بۇ ئاشۇ قانۇنىيەت بويىچە ماڭىدۇ.
سىزنىڭچە بولغاندا، مەن ئەگەر قىيامەت قايىم بوپ كەتمىسە 2016-يىلدا 365 كۈن بولىدۇ دېسەم، غايىپتىن سۆز ئاچقان بولامدىمەن؟
ماڭا ئۇدۇل ئۇچۇپ كەلگەن تاشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىۋالسام، تاشنىڭ تېگىدىغان تەگمەيدىغىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئارتۇق ئىش قىلغان بولامدىمەن؟
بۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلساق گەپ شاخلىنىپ كېتىدۇ، ئىلمى پىكىرلەرگە ئىلمى قاراش زۆرۆر.
roh يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:38 static/image/common/back.gif
ھەي بۇلارنىڭ كۈزى ساق ئەمەسمۇ قانداق ............ ؟
مەن كۈن ...
بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم.
GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:54 static/image/common/back.gif
ماڭا قاراڭ، بۇ دېگەن نۆلنىڭ ئالدىدىكى چېكىتنىڭ مانچى ...
ئەلى قۇرباننىڭ مەن سىلەرنىڭ 300يىل ئالدىڭلاردا دىگەن گېپىنىڭ قانداق باللارغا كىملەردەك باللارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدىم.
بەزىلەرنىڭ تەبىئەت ھادىسلىېرىنى بىلىش چۈشۈنىشى ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى ئىلىم-پەندىن 300يىل كەينىدە ئىكەن.
ئۇنداقتا دەل مۇشۇ ھېسابلاپ چىقىلغان ۋاقىتلاردا، ئاشۇ رايونلاردا كۈننىڭ تۇتۇلغىنى ئىسپاتلانسا بۇ ئىنسانلارنىڭ غەيىبنى بىلگىنى بولۇپ قالامدۇ؟ غەيب دېگەن نېمە؟
پەن-تېخنىكا ۋە ياكى باشقا نەرسىلەر نۇقسان يەتكۈزگەن ئىمان ھەقىقىي ئىمان ئەمەس دەپ قارايمەن.
مۇشۇ ئۆزىنى ئىسلامغا ۋەكىل قىلىپ سۆزلەۋاتقان قېرىنداشلار ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىمىسە ياخشى ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ ئىسلامنى باشقىلار مەسخىرە قىلىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 12:58
قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى، يەرشارى بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقىنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياشنىڭ دېئامىتردى ئاينىڭ دىئامىترىنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئاددىي كۆز بىلەن قارىغاندا قۇياش بىلەن ئاينىڭ چوڭلىقى ئوخشاشلا كۆرۈنىدۇ. ئاي ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ دەل قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالغاندا كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. (بۇلارغۇ ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلار، شۇنداقتىمۇ تەكرارلاپ قويدۇم)
(تەھرىرلەندى)
GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:54 static/image/common/back.gif
ماڭا قاراڭ، بۇ دېگەن نۆلنىڭ ئالدىدىكى چېكىتنىڭ مانچى ...
ھە كەچۈرۈڭ . بەلكىم مىنىڭ ئىلمى چۈشەنچەم تېخى بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنگىدەك دەرىجىگىمۇ يەتمەئىگەن چېغى كەچۈرۈڭ ھە
harunjan يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:23 static/image/common/back.gif
بەزى بايقۇشلار نىڭ قارىشىچە
مۇسۇلمانلار پەن تېخنىكىد ...
بۇ بىر قۇرۇق گەپ
mjz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:03 static/image/common/back.gif
ھاي تەلپەك،
ئاستىرنۇملار قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئايلىنى ...
كەچۈرۈڭ سۆزدە سەل ئىلمىرەك بولسىڭىز قانداق . بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، بىلمىگەننى بىلىشكە تىرىشماسلىق ئەيىپ . مانا مەن كۆڭلەمدە ئويلىغانلىرىمنى دىدىم ، بىلىدىغانلا چۈشەنچە بىرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ ئايدىڭ بولدى .
mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 12:21 static/image/common/back.gif
قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى، يەرشارى بىلەن ئاينى ...
رەھمەت:)
mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 11:54 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا دەل مۇشۇ ھېسابلاپ چىقىلغان ۋاقىتلاردا، ئاشۇ ...
قارىغاندا مەن خاتالىشىپتىمە ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن . بولسا مەن يازغان ئاشۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرگىلى بولسا ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز.
mjz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:17 static/image/common/back.gif
ئىلىمنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە ئىلمى بولغان نەدە بار؟ ...
رەھمەت
muhajir يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:20 static/image/common/back.gif
قارىغاندا مەن خاتالىشىپتىمە ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراي ...
تەلىپىڭىزگە بىنائەن ئۆچۈرۈۋەتتىم.
mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:38 static/image/common/back.gif
تەلىپىڭىزگە بىنائەن ئۆچۈرۈۋەتتىم.
ئاللاھ كۆپلەپ ئاجىر ئاتا قىلسۇن .
muhajir يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 13:08 static/image/common/back.gif
بۇ بىر قۇرۇق گەپ
قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزلا بولدى
ئەمما ئاۋۇ ئىنكاسىڭىز خۇددى ئاشۇ قۇرۇق گەپكە ئوخشاپ قالغان، ئۆزىڭىز بىلمىگەن ساھەدە دىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دىننى كەمسىتىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقىنىمدا غۇلجىدا قۇياش تۇتۇلغىنىنى كۆرگەن ئېدىم. خۇددى گۇگۇم چۈشكەندەك تەسىراتتا بولغىنىم ھازىرمۇ يادىمدا.
تولا ھاللاردا مۇنازىرە قىلغۇچى قارشى تەرەپنى ئۆزى بىلەن يېشى تەپمۇ تەڭ ، ئىلمى ۋە بىلىشى ئوخشاش دېگەن ھېستىلا مۇنازىرە قىلىۋىرىدىكەن. قارشى تەرەپ مەۋھۇم ھالەتتە ئالدىدا نامايان بولغاچ ، قارشى تەرەپنىڭ چىرايى ،ياش ھەققىدىكى ئېھتىماللىقى ، ئىلمى ھەققىدىكى پەرەزلەرگە ئىلاجى بولمايدىكەن .ۋە كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ تور ئىسمى ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن تۇيغۇسىلا مەۋجۇت بولغاچ ،قارشى تەرەپنى ئۆزى دەپلا ئويلايدىكەن.
ئەگەردە توردىكى نۇرغۇن مۇنازىرە يۈزتۇرانە مۇنازىرىگە قويۇلغاندا، ئانچە كۆپ ئىختىلاپ ،كۆڭۈل ئاغرىقى بولماسلىقى مۈمكىن.
ھەرھالدا بىراۋلارنىڭ بەزى گەپلىرىدىن ئۇنى ۋە بىراۋلارنى مەسخىرە قىلىشلا كويىدا بولماي ، ئۇنىڭ ئېھتىمال يېشى كىچىك بالا بولۇش مۈمكىنچىلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويمىساق دەيمەن.