armorking يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 17:24:37

راك كېسىلى توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن

نەچچە يىل بۇرۇن( شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى) دا  خوتەنلىك ئاباكرى راخمان ئىسىمىلىك تېۋىپنىڭ راك كېسىلىنى داۋالىغانلىقىنى ئوقۇغانتىم. داۋايى تىبابەت دوختۇرخانىسى دەپ دوختۇرخانىسىمۇ بار. قەشقەر ۋىلايەتلىك كېرەمباغ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسەك ھاممام بالياتقۇ راكى بولۇپ ئوپراتسىيە باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. دوختۇرلار ئالدى بىلەن نۇردا كىيىن خېمىيلىك داۋالاش ئىلىپ بارىمىز ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ، ئاساسەن ساقايمايدۇ دەيدۇ. شۇڭا بىرەر داۋا تاپقىلى بولارمۇ دەپ بۇ تېمىنى يازدىم ،قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن..خوتەنىلىك ئابابەكرى راخمان دىگەن تېۋىپنى تاپقىلى بولارمۇ ؟

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 21:53:32

. بۇلتۇر مەن شۇ داۋايى شىپاخانىسىنى ئىزلەپ خۇتەنگە بارغاندىم . ئابابەكرى راھمان ئەپەندىم بەندىچىلىك قىلىپتۇ. ھازىر ئوغلى كىسەل كۆرىۋېتىپتىمىش ، دادىسىدەكمۇ بىلمىدىم. مۇشۇ نۇمۇر نەخ شۇ ئابابەكرى راھمان دىگەن  تىۋىپنىڭ تىلفۇن نۇمىرى ئىكەن  13899453298« ھازىر كىم ئىشلىتىۋاتىدۇ ياكى ئىشلەتمەيۋاتامدۇ بۇنىسىنى بىلمەيمەن » يەنە بىر مەسلىھەت سىزنىڭ ھازىرقى ئۇرنىڭىز قايسى شەھەردىن شۇنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قۇيغان بولسىڭىز بەلكىم ياردەم قىلىدىغانلار چىقىپ قالار .

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:39:45

يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلرغا بېرىڭ !

armorking يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 23:42:27

ئورنۇم قەشقەر يېڭساردا...ئۈرۈمچىدىكى قايسى دوختۇرخانا ياخشى›››

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ. ئۇ مەخسۇس مۇشۇنداق كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئورۇن. ئۇششاق چۈششەك دوختۇرخانىلاردا پۇل بۇزۇپ يۈرمەي ئۇدۇل شۇ يەرگە بېرىڭ. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بولسۇن بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىساد كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىم يەنە بىر ئىش مېڭىشتىن بۇرۇن چوقۇم خەلىققە قولايلىق يارىتىش ئالاقىلىشىش كارتىسى دىگەن نىمىنى بىجىرىپ مېڭىڭ بولمىسا ئۈرۈمچىگە كىرگۈزمەيدۇ. كىرگۈزۈپ قالسىمۇ ياتاق ئالاماي ئاۋارىچىلىق بولىدۇ.

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

رەھمەتلىك ئايالىم2011-يىلى شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستىتى بىرىنجى دوختۇرخانىسىداسۈت بېزى راكى دەپ دىئاگنۇز قۇيۇلۇپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ 16قىتىم خېمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىپ 80نەچچە قىتىم نۇرقۇيۇپ قۇلاق ئاڭلىغان دوراۋەداۋالاشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ ئاخىرىدا 2014-يىلنىڭ ئاخىرى ئالتە ياشلىق ئوغلۇم تۆت ياشلىق قىزىمنى تاشلاپ بىزبىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.شۇڭا مەندىن تەۋسىيە: خېمىيەلىك داۋالاش ياكى نۇردىگەنلەرگەبەك ئىشىنىپ كەتمەڭ .ئىقتىسادى زىياننى ھىسابلىمىغاندىمۇ كىسەللىك بەك قىينىلىپ كىتىدىكەن.ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالىنىش بىلەن بىرگەكۈتىنىشكە دىققەت قىلىپ دوختۇرخانىغا خەجلىگەن بىھۇدە چىقىمنى ساياھەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ بىرنەچچە ۋاقىت بولسىمۇ دۇنيانىڭ خۇشاللىقدىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشىڭ!!ئاللاھ شىپالىق ۋەئا سانلىق بەرسۇن!!

harunjan يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

تېما ئىگىسىگە مەسلىھەتىم
ناۋادا ئوپېراتسىيە ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا،دوختۇرخانىلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ،ئاپارسىڭىز نۇر ئۆتكۈزدۇق،خىمىيلىك داۋالىدۇق دەپ ئالداپ پۇلنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ،ھەم بىمار بەك قىينىلىپ كېتىدۇ
ئەڭ ياخشىسى پۇلنى تېجەپ بىمارنى يىگۈسى بارنى  يېگۈزۈپ، ياخشى بېقىپ  ناركوز ئوكۇلى(ئىجازەتلىك دورا) ئېلىپ بېرىپ بىمارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويغان تۈزۈك

armorking يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

تورداشلارغا رەھمەت، ياشتا چوڭ بولۇپ قالغان كىشنى خېمىيلىك داۋالىسا كۆپىنچىسى ئوپراتسىيەدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كېتىپ قالدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە كۆردۈم. ئۇيغۇرتىبابەت ئۇسۇلىدا داۋالىتىشقا بولسا شۇ بويىچە ئىش كۆرەيلى ئەمسە،.

419 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

419 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

419 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:06 static/image/common/back.gif
ئاللاھتىن سەۋىر تىلەيمەن.

رەھمەت قېرىندىشىم

armorking يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

سىز دىگەن بۇ دورىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ ?؟ سېتىش ئورنىنى دەپ بەرسىڭىز بولاتتى

armorking يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مۇرەككەپ مەجۇنى سەرتاننى ۋە توخۇنى قانداق دورىلايمىز ؟ ئېيتىپ بەرسىڭىز بولاتتى ،
بەت: [1]
: راك كېسىلى توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن