ozturk001 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:13:53

نېمە ئۈچۈن خىزمەتچىلەردە ئاكتىپچانلىق يوق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozturk001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 16:15  

           بەزى ئىشلار  بىزنى خۇشال قىلىدۇ ۋە تەسىرلەندۈرىدۇ، يەنە بەزى ئىشلار بىزنىڭ ئاكتىپچانلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز خىزمەتچىلىرىڭىزگە ساغلام تەرەققى قىلىدىغان مۇھىت ھازىرلاشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم خىزمەت  مۇھىتىڭىزدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان  ئامىللار بار-يوقلىقىنى تەكشۈرىشىڭىز كېرەك.
           1.        ھىيلە-مىكىرسى بار كىشىلەر؛
            ئەگەر سىز بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئىشلەپ باققان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇقلىقىنى، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىسىز. بۇنداق كىشىلەر يوقلاڭ تەشۋىقاتلارنى قىلىپ باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى كۆزدىن يوقىتىڭ.
            2.        كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالماسلىق؛
ھەر بىر خىزمەتچىگە  ئۇلار كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالىغۇدەك مۇھىت يارىتىلىپ بېرىلىشى كېرەك، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرگە ئۇلارنىڭ كەسپى تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.
           3.        ئەركىن پىكىر قىلالماسلىق؛
ئەركىن پىكىر قىلىش كىشىلەرگە بىر يۆلىنىش كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەمدە زېھنىنى قىلىۋاتقان ئىشىغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەر ئەركىن پىكىر قىلالمىسا، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش كەمچىل بۇلۇپ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بۇلىدۇ.
         4.        ۋاقىت ئىسراپچىلىقى؛
          ئەگەر سىز ئەھمىيەتسىز يىغىنلارنى تولا ئېچىپ، مۇھىم ئەمەس ئۇچۇرلارنى ھەربىر ئادەمگە يوللىسىڭىىز، خىزمەتچىلىرىڭىز چوقۇم بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.
          5.        ئالاقە بولماسلىق؛
           ئەگەر خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئالاقە يىتەرلىك بولمىسا، چۈشۈنىش بولماي كۆپىنچە ۋاقىت باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلىش بىلەن ئۈتۈپ، مۇھىم ئىشلار قالىدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئورتاقلىقنى، چۈشۈنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك.
          6.        قارىغۇلارچە باشقۇرۇش؛
          ئەگەر سىز قارىغۇلارچە ئۆز كۆز-قارشىڭىز بويىچە ئۇلارنى باشقۇرسىڭىز، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىسىز. ھەمكارلىق ۋە توغرا مەبلەغ سېلىش قانچە كۆپ بولغانسىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
          7.        بىلىمدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەسلىك
          باشقىلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئېتىراپ قىلىنىپ رىغبەتلەندۈرۈلمىسە، رەھمەت ئېيتىلمىسا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا دائىم «رەھمەت» سۆزى بىلەن خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاپ تۇرۇڭ.
          8.        ناچار باشلىق؛
          ناچار باشلىق ھەربىر خىزمەتچىگە، ھەتتا ئومۇمى كوللىكتىپقا زىيان سالىدۇ، ھەرقانداق بىر خىزمەتچى ياخشى بىر باشقۇرغۇچىغا مۇھتاج، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تۈزۈتىڭ.
          ئەگەر سىز يۇقارقى مەسىلىلەرنى تۈزۈتىپ، خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەرسىڭىز، خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپچانلىقى داۋاملىق ئاشىقۇسى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:10:48

90%كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن رازى ئەمەس ،ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇيىدىكى خىزمەت بولسا باشقا ،
پەقەت تۇرمۇش ئۇچۇنلا دەپ قويىدۇ ،لىكىن خىزمىتىنى ياخشى كۆرمىسە قانداق ئۆمۇرنى خۇشال خۇرام ئۆتكەزسۇن ،
يەنە كىلىپ خىزمەت بىردىغانلارمۇ باشقا بىلەن كارى يوق ئوقۇش تارىخى توشسىلا بولدى،ياكى ئىمتاھامدىن ئۆتسىلا ئىشلەۋىرىدۇ.

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:32:46

خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ مائاشى تۆۋەن،شۇڭا قىزغىنلىق تۆۋەن .مەمۇرلار تۈزۇم تۈپەيلىدىن ئىش قىلاي دىسىمۇ قىلالمايدۇ ،شۇڭا قىزغىنلىق تۆۋەن .

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:53:43

ئۆزى قىلىۋاتقان كەسپىنى سۆيسە مائاش تۈۋەن بولسۇن-بولمىسۇن  قىزغىنلىق يۇقىرى بولىدۇ

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:07:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 13:15  

خىزمەتتە ئاكتىپچانلىق يوق بولسا،بۇ تۈپتىن نىشانسىزلىقنىڭ،غايىسىزلىقنىڭ ئىپادىسى.مەلۇم نىشانى يوق كىشىلەر ھازىرقى خىزمىتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ پۈتتۈرىدۇ،پەقەت بىر ئاي توشسا مائاشىمنى ئالساملا دەيدۇ،،،بىر مەزگىل خىزمەت قىلىپ تاۋلانسام،مۇشۇ كەسىپتە مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا قىلسام دىمەيدۇ،دەيدىغانلارمۇ بار لىكىن ناھايتى ئاز...بۇلتۇر ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلاردا ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلەش دولقۇنى خېلى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنىدى،بۇ يىل يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى...ئىگلىك تىكلەش بۇ پەقەت بىر نەچچە يىلدىلا قىپ كەتكىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس،5يىل ھەتتا 10يىل تەييارلىق كۆرۈپ مۇھىم بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىكلەيدىغان نەرسە.....بىلى بوشلارغا ھەرقانداق ئىش تەس بىلىنىدۇ... بىز قىلۋاتقان خىزمەت مەيلى 8سائەت مەيلى 10سائەت بولسۇن بىز خىزمەتكە بىرىلىپ پۈتۈن زىھنىمىزنى خىزمەتكە قاراتساق خىزمەتمۇ بىزگە خۇشاللىق،مەنىۋى زوق ئاتا-قىلالايدۇ.،مەيلى يىنىك مەيلى ئېغىر،مەيلى ئەقلىي ئەمگەك مەيلى جىسمانىي ئەمگەك بولسۇن بىز ئۇنى قەدىرلىشىمىز،ئاسىرشىمىز كېرەك.خىزمەت بىر خىل مەجبۇريەتلا ئەمەس بەلكى ئۇ بىر خىل ھوقۇق ،ئىمتىياز...خىزمەت ئارقىلىق بىز تۇرمۇشتىكى مەنىسىزلىكنى،زىرىكىشلىكنى تۈگىتەلەيمىز،ئىشلىسەك بەدىنىمىز ساغلام بولىدۇ،خىزمەتكە بىرىلىپ كاللا قاتتۇرسا زىھنىمىز ئۆتكۈرلىشىدۇ...


ھازىر خىزمىتىنى مەنىسى ھىس قىلىپ پاسسىپ خىزمەت قىلغانلار ئۆمۈر بۇيى ھازىرقى خىزمىتىنمۇ ياخشىراق خىزمەت قىلالمايدۇ،ياكى شۇ خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ....دۇنيادىكى زور كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى خىزمىتىگە زور ئىشتىياق باغلىغانلاردۇر..



يۇقۇردا  بىر ئىككى تورداش،تۈزۈلمە ياخشى ئەمەس،مائاش تۈۋەن دەپ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمەسلىككە بىر توقاي باھانىلارنى كۆرسىتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ مىنىڭچە ئۇ ئىككىسىنىڭ دىگىنى ھەممىسى قۇرۇق گەپ.ئادەم ھەرقانچە شارائىتى ناچار،مۈشكۈل جاپالىق خىزمەتتىنمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ.ئىش قىلالماسلىققا باھانە ئىزدىگەنلەر كەلگۈسىدىكى مەغلۇبىيەتچىلەردۇر.

21132113 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

نىمىشقا دىسىڭىز ھازىر ئاساسىي  قاتلاملاردىكى بىر قىسىم چىرىكلەشكەن، يۇندە ئىچكەن  رەھبەرلەر ھىچ ئىش قىلماي بىكار يۇرۇيدىغان لىڭشىقلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ ئۈن- تۈنسىز ئىشلەۋاتقانلار بىلەن كارى  يوق شۇڭا كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئاكتىپلىق يوق

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ  مەكتەپلەردە ئاكتىپسىزلىق شەرەپسىزلىك ئېغىر

419 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

tirak يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ بىزنىڭ مەكتەپنى دىمەيلا قوياي  ،مەكتەپ دىگەندە  بىر ئشنى قېلالايمەن دئېدىڭز مۇ بولدى  بالاغا قالدىغان گەپكەن ،قالغان قارا كۆزلەر يەنلا ئشنڭ يەڭگلنى قىلپ مائاش ئىلىۋىرىدىغان گەپكەن
بەت: [1]
: نېمە ئۈچۈن خىزمەتچىلەردە ئاكتىپچانلىق يوق