Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 12:16:53

مېنىڭ ئورنۇمدا بولساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Destur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 12:21  

                  
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،ئىزدىنىش ئەھلى !
          يېقىندا ئاپام ئەر-ئايال ئىككىمىزنى خەۋەرلەندۈرمەي،رابىيە قادىر سودا سارىينىڭ كەينىدىكى  بىر ئۈن-سىن بۇيۇملىرى سېتىش مەركىزىدىن نىپىز ئىكرانلىق تىلۋۇزۇر سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئەكەپتۇ.ئاپام سىلەرگە ماۋۇ تىلىۋىزۇرنى ئەكەلدىم،ساتقۇچى بەك ياخشى داڭلىق ماركا ياخشى چىقىدۇ دەپ شۇنداق ماختاپ كەتتى .SUMSUNG ماركىلىق ئىكەن، قارىسامغۇ يامان ئەمەستەك قىلىدۇ دېدى.ئەر-ئايال ئىككىمىز قارىساقSUNSUMG ماركىسىدا ئىكەن. ئاپامغا بۇنى باشقىچە ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن  دەپ ئاۋايلاپ  دىمىدۇق.ئىككى يېرىم ئايدىن كىيىنلا تېلىۋۇزۇرنى كۆرۈۋاتساق تۇساتتىنلا كۆك سىزىق ئىكران بولۇۋالدى.
         ئىسىم كارتىسىدا دىيىلىشىچە،ئۈچ ئاي ئىچىدە زەخمىسىز ئۆزلىكىدىن بۇزۇلسا،ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن.سېتىۋالغان دۇكانغا كىرىپ،ئەھۋالنى كۆرۈپ،توكقا چېتىۋىدى،ئوخشاشلا سىزىق چىقتى.ئەتە ئەتە ياكى ئۆگۈن كېلىڭ ئاكام بىر نىمە دېسۇن دېدى.بەكرەك قاراپ بېقىڭ  ياكى مەن رەسىمگە تارتىۋالاي كىيىن پۇكۇنى يېرى بۇزۇقكەن دىمەڭ دېسەم،ۋاي ئۇكام خاتىرجەم ئەر كىشى بىز دەپ مېنى بىر نىمىلەرنى دەپ يولغا سالدى.
       ئەتىسى ئاكىسىغا تېلىفۇن قىلسام،ئالماشتۇرىدىغان يېڭى مال ئون كۈنلەردە كېلىدۇ،شۇ چاغدا كېلىڭ دېدى.شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ،ئالماشتۇرىمىز دېگەن گەپ ئاغزىدىن چىقتى دەپ سەل خاتىرجەم بولدۇم.ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ ھىچبولمىسا باشقا بىرسىگە ئالماشتۇرۇپ بىرە دىگەن نىيەتتە بارسام ئۇ دوكاندا كۆپىنچە SUNSUNG,SHARQ، ۋە يەنە ئاللىقانداق ماركىدىكى ئالا-چەكمەن ئىكرانلار بار ئىكەن.كىرىشىمگىلا ئەسلىدە تىلىۋۇزۇرىڭىزنىڭ ئىكرانىنى چېقىۋېتىپسىز،رىمۇنتچى شۇنداق دېدى دەپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرىدۇ.ئىكراننى سىز چېقىپسىز دەپ دەسپلەپتە كىرگەندە تېلىۋۇزۇرنىڭ ئەھۋالنى دېسەم،بىز چاقمىدۇق،چېقىق ئىكراننى ئەكىرىپسەن دەپ سەن-سىزلاپ سۆزلەپ كەتتى.سەن چاقتىڭ دەيدىغانغا ھىچقانداق ئىسپاتىڭ يوق،مەن چېقىلمىغان ھالەتتە ئەكىرگەنلىكىمگە ئۇكاڭ گوۋاھ،راسمتمۇ دەپ ئىنىسىغا دېسەم،ئۇمۇ دەسلەپتە ئىقرار بولدى.ئاكىسى تېلىۋۇزۇرنى سېرتقا قويۇپ قوي دەپ،مېنى سىرتقا ھەيدىدى.ئاچچىقىم كىلىپ توۋلىشىم قالدۇق.ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئالدىمغا كىلىپ ياقامغا ئېسىلغىلى تۇردى.ئارىدىن بىر ئادەم ئوتتۇرىغا چۈشۈپ رىمۇنت قىلدۇرۇپ ئەكەلگەندە بىر گەپ بولسۇن ئۇكام ھازىر قايتىپ كېتىڭ ،ئۇرۇشماڭلار دەپ ھاي بەردى.چىقىپ كىتىۋاتسام 50 ياشلاردىكى ئانا سۈپەت ئايال ئۇلارنى يالغانچى،ساختىپەز دەپ ئەيىبلىگىلى تۇرىۋىدى،مەنمۇ قوشۇلاي دەپ ئاچچىقىمغا ھاي بەردىم.شۇڭا:
        
     ئۇنى ئەرز قىلسام  1.مەزكۇر تىجارەتچى يەۋاتقان نېنىدىن قورۇق قېلىشى مۇمكىن،
                              2.ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەرمۇ تۆمۈر مۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ.
                              3.مەنمۇ ئۆزۈمگە دۆڭكۆۋرۈڭ س س م ب ياكى تەڭرىتاغ رايونلۇق س س م ب  ۋە ياكى ماركا ئىشلىرى      
                              ئورۇنلىرىغا تېلىفۇن ياكى قاترىشىمغا توغرا كېلىدۇ.(قىلغان قىلىقى ۋە گەپتە ئۇشۇقلۇق قىلغانلىقتىن،ئەرزنىڭ
                               جاپاسىغا رازى)
بىلىدىغىنىڭلار بولسا،قىزىق نوقتا پىراگىراممىسى ۋە شەھەر ئاۋازى(ئاممىۋى ئاپتوبۇشتىكى خەمت رىياستچىلىك قىلغا پىراگىرامما)
راىئو،ياكى گىزىتنىڭ نومۇرىنى دەپ بەرسەڭلار.ياكى قەيەرگەئەرز قىلسام ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ؟

ئەرز قىلمىسام:1.مەندەك ئادەمدىن يەنە موماي-بۇۋاي دىمەي ساختىلىق قىلىشى قورۇق يالغان ۋەدە بىلەن ساختا ماركىنى  
                     سېتىشى مۇمكىن.
                    2.مېنىمۇ زىيانغا سېلىپ يەنە كولدۇرلىتىشى مۇمكىن.

مۇشۇنىڭغا ياخشىراق مەسىھەت بەرسەڭلار!

      

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:29:28

12315، يامانلىققا يول قويغانلىق يامانلىقنى قوللىغانىق.
ناۋادا ئەرىز قىلمىسىڭىز ئىنىقكى سىزمۇ بىر كاززاپ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:07:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 12:21  

نىپىز  ئىكرانلىق تىلىۋىزۇرنى يىراقتىكىلەر ئامال بار تىيەنماۋدىن، شەھەر ئىچىدىكىلەر مەخسۇس سىتىش دۇكانلىرىدىن قىممەت بولسىمۇ ھەقىقى ماركىلىقلىرىنى سىتىۋىلىش كىرەك.


ئانىڭىز تىلىۋىزۇرنى نەچچە پۇلغا ئاپتىكەن؟ قانچە سۇڭلۇق ئىكرانلىق تىلىۋىزۇر ئىدى.

تىمىدىكى سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بىرىشكە توغرا كىلىدۇ؟
جاۋابى: ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىز ئىچىدە ئەمەل - مەنسەپتىكى تۇققانلىرىمىز بولسا، ئۇنداق ساختا تىلىۋىزۇر ساتىدىغان تىجارەتچىلەر گەپ قىلماي ئالماشتۇرۇپ بىرىشى ياكى پۇلنى قايتۇرىشى مۇمكىن.
لىكىن ئادەتتىكى پۇقرا بولسىڭىز، قارىشى تەرەپمۇ گۆرۆھلىشىپ، سىزگە ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەرنى قەستەن ئارتىشتىن يانمايدۇ.
سىز قانۇنغا تايىنىمەن دىسىڭىز توسمايمىز، لىكىن قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىنى ياخشى تاللىشىڭىز كىرەك. بۇمۇ ئەڭ مۇھىم ھالقا.

سىزنىڭ يىقىن ئاغىنىلىرىڭىز ئەسقاتسىلا، قانۇنغا تايانمىساقمۇ ھەل بوپ  كىتەتتى.
يىقىن ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن بىرگە بىرىپ، دۇكاندىكى تىلىۋىزۇرنىڭ ھەقىقىي ماركىلىق ئەمەسلىكىنى ياكى تىلىۋىزۇرنىڭ بەزى كىنو ھۆججەتلىرىنى ئوقويالمايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ،  بىرەر سائەت مۇھاكىمە قىلساق، دۇكان ئىگىسى ياۋىشىپ قالىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:10:55

تىما ئىگىسى:
سىز ئۈرۈمچىدىن ئىكەنسىز.
سىز تۇرىۋاتقان شەھەردە مەخسۇس sharp ماركىلىق ياپۇننىڭ نىپىز ئىكرانلىق تىلىۋىزۇرىنى ساتىدۇ.
مەنمۇ بىرنى سىتىۋالاي دىگەن ئىدىم. مەندە يىتەرلىك پۇل بار تۇرۇپ، تۇرۇشلۇق يۇرتۇم خوتەن تەرەپتە بولغاچقا، ھازىرچە كۆرۆپ سىتىۋىلىشقا بولمىدى.

سىز تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچىدە ياپۇننىڭ sharp ماركىلىق 50 سۇڭلۇق 安卓系统 سىستىمىلىق تىلىۋىزۇرنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھادىكى سىتىش باھاسىنى بىر ئۇقۇپ باقامسىز؟
ماڭا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:34:03

قورقماي 12315كە تېلىفون قىلىڭ
سىزگە ساختا قوراشتۇرما تېلېۋىزور سېتىپتۇ

مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، كىچىك دۇكانلاردا تېلېۋىزور سېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، %95 ساختا تېلىۋىزور ساتىدۇ

بۇ خىلى ئىچكىرىدىكى قاراڭغۇ زاۋۇتلاردا ياسىلىدۇ، ساتقۇچى زاۋۇت خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسان چاپلايدىغان ماركا بېرىدۇ، بارماقدېسكىغا تېلىۋىزورنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاپ بېرىدۇ ،تېلېۋىزورنى قوراشتۇرۇپ  بارماقدېسكىنى سالغان ھامان  شۇ ماركىدىكى سېستىما يېزىلىپ چىقىدۇ كىرىستال ئېكرانى بەك سۈپەتسىز، مەلۇم ۋاقىت كۆرگەندىن كېيىن، كىرىستال ئېكران قەۋىتىنىڭ مەلۇم تېگىشىش نۇقتىسى ئىسسىقلىق ياكى نەملىك تەسىرىدە ئاجراپ قالايمىقان شەكىلدىكى سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ

بۇ  تېلىۋىزور ئېكرانى زەربىگە ئۇچرىسىمۇ پەيدا بولىدىغان بۇزۇلۇشقا ئوخشاپ كەتكەچكە  كۆپىنچە ساتقۇچىلار تېلېۋىزورنى چېقىۋېتىپتۇ دەپ مۇتتەھەملىك قىلىدۇ
مۇشۇنداق ماجرالار بەك كۆپ

بۇ خىلدىكى تېلىۋىزورلارنى  قەتئى ئالماسلىق كېرەك
تېلىۋىزورنى چوڭراق كۆلەملەشكەن دۇكاندىن،داڭلىق ماركىلىق،زاۋۇت ئادېرىسى ئېنىق، چۈشەندۈرۈشلىرى تولۇق بارلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:43:32

ئەرىز قىلىۋېىرىڭ ،مەيلى يەۋاتقان نېنىدىن قۇرۇق قالسا، كىم ئۇلارنى سۈپەتسىز تېلېۋىزور ساتسۇن دەپتۇ،
ئۇلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەرزاننى قوغلىشىش، تونۇشىنىڭ كەمچىللىكىدىن پايدىلىنىپ ،ناچار تېلىۋىزورلارنى ساتماقتا

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 10:53:11

مۇشۇ بىر ئۈسكىنى رىمۇتقا بىرىش ئىشىدا ،قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى مۇنداق يېرى بۇزۇق ،مۇنداق يېرى ساقكەن دەپ خەت قىلدۇۋالغان ياخشىكەن.
2009-يىلى مەن ئىشلەيدىغان شىركەتتىكى فىلىمغا ئېلىش  ئاپىرات لىنزىسىنىڭ ،فوكۇس تۇغۇرلاش  ئايلاندۇرغىچىسى ئازراق ،سىرىلدىغان بۇلۇپ قالغان ،لىكىن ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزمەتتى ،بۇ چاتاقنىڭ چۇڭلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ۋاقىتىدا رىموتخانىغا ئېلىپ بىرىپ ياساتماقچى بولدۇق،شۇنىڭ بىلەن بۇنى مەللۇم بىر رىمۇتخانىغا باردىم ،ئىشتتىن بۇرۇن ھىچقانداق رىمۇت قىلىش ،قىلدۇرۇش كىلىشىمى تۈزۈمەيلا بىرىپتىمەن.يېرىم كۈن ساقلاپ تۇردۇم،ئىچىدىكى بىر ئىشخانىدا ئۇنى رىمۇت قىلدى، يېرىم كۈن ئۈتۈپ بىر چاغدا چىقىپتۇ،بىز بۇ يەردە  لىنزىنى ئاچالمىغۇدەكمىز دەپ.بولدى ئەمىسەدەپ ،ئاپراتنى ئېلىپ شىركەتكە قايتتىم ،شىركەتكە قايتىپ ئاندىن تەكشۇرۇپ بىقىشنى ئەسكە ئالدىم ،ئاپراتنى قۇزغۇتۇپ ،تىلۋىزۇرغا چېتىپ ،قارىسام  ئىكراندا بىر سىزىق پەيدا بولدى،دەرھال لىنزىغا قارىسام سۈرۈپ كەتكەن سېزىق تۇرىدۇ،رىمۇتچى لىنزىنى چىقىرىمەن دەپ ،ئەتتىركە بىلەن ئەڭ ئۈستىدىكى لىنزىنىڭ ئۈستىنى تەخمىنەن ئۈچ سانتىمىتىر كەلگۈدەك جىجاپ ساپتۇ. دەرھال تۇنۇش بىلىشلەرگە تېلفۇن قىلسان بۇنىڭ كىچىك چاتاق ئەمەسلىكىنى دىدى.دەرھال كۈتۈرۈپ رىمۇتچىنىڭ يېنىغا بارسام ،مەن كۆرمىدىم ،تۇتمىدىم دەپلا تۇرۋالدى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،.
قايتىپ توردىن سۈرۈشتۈرسەم بۇ لىنزىنىڭ يېڭىسى 80مىڭ  ئەتراپىدىكەن،پىشانەمدىم تەر چىققىپ كەتتى.
ھەم دەرھال ئادۋۇكات ئىزلىدىم،ئادۇكاتمۇ ،رىمۇت قىلدۇرۇش،قىلىپ بىرىش كىلىشىمى يوق بولسا ،ئاساسەن ئۈمۈت يوقلىقىنى دىدى.
رىمۇت قىلدۇرغىلى تىلۋىزىيە ئىستانسىدىن كەسپىرەك بىر ئادەمگە كۈرسەتسەك ،بۇنى لىنزىنى ئىچكىرىدە رىمۇت قىللايدىغانلىقىنى ،رىمۇت قىلسىمۇ تۇلۇق ئەسلىگە كەلمەيدىغىنى دىدى.بۇ چاغ بولغاندا خۇجايىنىممۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى،سۈرۈشتۈرۈپ بۇ لىنزىنىڭ نىمكىشىنى 15مىڭدىن 20مىڭغىچە ئالغىلى بولدىغىنى بىلدۇق (ئەلۋەتتە ئىچىنى ئېچىپ باقمىغان).نىمكىشىدىن يېرمىدىن كۆپ پۇلىنى مەن تۆلىگەن بولدىم.

شۇڭا سەل قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى رىمۇتقا بەرگەندە ئەڭ ياخشى ،ئۈسكۈنىنىڭ مۇنداق يېرى ساق،مۇنداق يېرى بۇزۇق دەپ ،ماركىسى تىپىنى تۇلۇق يېزىپ ،رىمۇت قىلىش ۋە قىلدۇرش كىلىشىمى تۈزۈۋالمىسا بولمايدىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 11:01:17

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 12:34 static/image/common/back.gif
قورقماي 12315كە تېلىفون قىلىڭ
سىزگە ساختا قوراشتۇرما تېل ...

ھارۇنجان:

سىلە قايسى شەھەردىن بولىلا؟

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 11:53:24

تىلىۋۇزۇردىگەننىڭ يىڭىسىنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن ئالساق بۇنداق پىشكەللىكلەردىن ساقلىنالايمىز.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:00:50

بۇ سېتىۋالغىنىمۇ يېپ-يېڭى ئىدى.ئەمما ئاپام خەنزۇچە بىلمىگەچكە،ھودۇقۇپ تەمتىرەپ قالماي دەپ مەخسۇس سېتىش دوكىنىدىن ئالماپتۇ.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:03:45

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 10:07 static/image/common/back.gif
نىپىز  ئىكرانلىق تىلىۋىزۇرنى يىراقتىكىلەر ئامال بار ت ...

سىزنىڭچە مەن قايسى خىل تىپتىكى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىنى تاللىسام مۇۋاپىق بولار ؟ئىستىمالچىلار ئەرز تېلىفۇنى ياكى سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش پونكىتى(س س م ب)؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:08:57

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 10:10 static/image/common/back.gif
تىما ئىگىسى:
سىز ئۈرۈمچىدىن ئىكەنسىز.
سىز تۇرىۋاتقان  ...

بۇ ئادەمدىن كۆپ قېتىم مال سېتىۋالغان ئىدىم.ئىشەنچىلىك دىيەلەيمەن.ئەمما مۇۋاپىقلا پايدا بەرسىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالايدىكەنسىز. ئىسمى ئابدۇلئەزىز،قىزىل بايراقىنىڭ 4-قەۋىتىدە .ئۈندىدارى :Bilimyar
تېلىفۇنى:18999995857 ئىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:08:57

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 14:00 static/image/common/back.gif
بۇ سېتىۋالغىنىمۇ يېپ-يېڭى ئىدى.ئەمما ئاپام خەنزۇچە بىل ...

يىڭى دىگەن باشقا گەپ.

sharp, lg  ، samsung   ،   letv    قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق تىلىۋىزۇرلارنىڭ يىڭىسى باشقا گەپ.     پۇلى يوقلار ماركىنى پۇلغا ساتىدۇ دەپ، سىزنىڭ ئالىي تىلىۋىزۇرلارنى سىتىۋىلىشىىڭىزغا پۇتلى-كاشاڭ بولىدۇ. يەنى سىزنى قەستەن قايمۇقتۇرىدۇ.


ئالما بىلەن خۇاۋىينىڭ پەرقى بولغانغا ئوخشاش ئىش. تىلىۋىزۇرمۇ پەرىق قىلىدۇ. ھەتتاكى يۇمشاق دىتاللىرىغىچە.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:09:48

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 14:08 static/image/common/back.gif
بۇ ئادەمدىن كۆپ قېتىم مال سېتىۋالغان ئىدىم.ئىشەنچىلى ...

مەخسۇس ساتامدۇ ياكى ئۇيەر-بۇ يەردىن تىرىپ كەلگەننى ساتامدۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:10:21

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 14:03 static/image/common/back.gif
سىزنىڭچە مەن قايسى خىل تىپتىكى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ...

ئەرزىيەت ئىدارىسى ھازىرچە سىزگە مۇئاپىق قانۇن ئورگىنى.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:13:28

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 10:34 static/image/common/back.gif
قورقماي 12315كە تېلىفون قىلىڭ
سىزگە ساختا قوراشتۇرما تېل ...

مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، كىچىك دۇكانلاردا تېلېۋىزور سېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، %95 ساختا تېلىۋىزور ساتىدۇ

بۇ خىلى ئىچكىرىدىكى قاراڭغۇ زاۋۇتلاردا ياسىلىدۇ، ساتقۇچى زاۋۇت خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسان چاپلايدىغان ماركا بېرىدۇ، بارماقدېسكىغا تېلىۋىزورنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاپ بېرىدۇ ،تېلېۋىزورنى قوراشتۇرۇپ  بارماقدېسكىنى سالغان ھامان  شۇ ماركىدىكى سېستىما يېزىلىپ چىقىدۇ كىرىستال ئېكرانى بەك سۈپەتسىز، مەلۇم ۋاقىت كۆرگەندىن كېيىن، كىرىستال ئېكران قەۋىتىنىڭ مەلۇم تېگىشىش نۇقتىسى ئىسسىقلىق ياكى نەملىك تەسىرىدە ئاجراپ قالايمىقان شەكىلدىكى سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ

مانا مانا سىزىقنىڭ جاۋابى.دەل چاغانلىق بايرام كۈنلىرى بولغاچقا ،تىلۋۇزۇر سىزىقچە بولۇپ كۆك ئىكران بولۇۋېلىشنىڭ ئالدىدا ،پارنى ھەدەپ ئىسسىقتىن زىكتۇرۋەتكۇدەك بەرگەن ئىدى.كەچتە سوغۇق ئىدى. بالاممۇ  زۇكام بولغان شۇ كۈنى.
رەھمەت سىزگە بىلىۋالدىم.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:15:03

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 12:09 static/image/common/back.gif
مەخسۇس ساتامدۇ ياكى ئۇيەر-بۇ يەردىن تىرىپ كەلگەننى سا ...

مەخسۇس خاتىجەم بولۇڭ.شىياۋمى ماركىلىقنى ئانجو سىستىمىلىقنى 3999 ياكى 2999 سوم دەۋاتامتى قايسى كۈنى ئىسىمدە ئېنىق قالماپتۇ.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:17:55

bilimyar。taobao。com تور بېتى بار ئىكەن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:56:56

ئىستىمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىشخانىسىغا كىرىڭ

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:42:00

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 12:56 static/image/common/back.gif
ئىستىمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئىشخانىسىغا ك ...

دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك ئىشخانىسى ياكى تەڭرىتاغ رايونى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئورنىنى ياكى ئالاقە نومۇرىنى بىلەمدىغانسىز؟
بەت: [1] 2
: مېنىڭ ئورنۇمدا بولساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار؟