ئۇيغۇرۋاسكېتبول چولپانلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 6-مارت چىمبۇلاق تورىدىن ئىگەللىگەن خەۋىرى: يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى نورۇز بايرىمى ۋە خانىم - قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى قانىلى (5-قانال) خىزمەتچلىرى ۋە CBA جۇڭگو ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى نەقمەيداندىن تارقىتىش گۇرۇپپىسى، CBA ۋاسكىتبول چولپانلىرى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئېزىز مەمتىمىننىڭ ھەر قايسى كارخانىچىلارنى تەشكىللىشى بىلەن تېلېۋىزىيە خادىملىرى، ۋاسكېتبول چولپانلىرى ۋە ساخاۋەتچى كارخانىچىلار شۇنداقلا ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار بىرلىشىپ ئۈرۈمچى «گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسى» گە بېرىپ بايراملىق ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ باردى .
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرى قانىلى (5-قانال) شىنجاڭ تەنتەربىيىسى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىن مۇزەپپەر مۆلۈكھاجى، مەمتىمىن ئىبراھىم، ئادىلجان ئابدۇقىيۇم، ئابدۇسالام ئۆمەر قاتارلىق خىزمەتچى خادىملار، ئېزىز مەمتىمىن مۇئەللىم ساخاۋەتچى كارخانىچىلار قاتناشقاندىن باشقا يەنە، ۋاسكىتبول چولپانلىرىدىن شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىدىن شىرئەلىجان مۇختەر، گۇاڭشى تۇڭشى كوماندىسىدىن مەردان تۇرسۇن، مەۋلان تۇرسۇن، نىيە ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى قەدىردىن ئەپەندى، ئەل سۆيگەن ئارتىس، مۇقام ۋارىسى شىرئەلى ئەلتېكىنلەر قاتناشتى.
كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن شىرئەلى ئەلتېكىن دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان خەلق كۈيلىرى ئارقىلىق ياشانغانلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلدى.شىنجاڭ تەنتەربىيىسى پروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئادىلجان ئابدۇقىيۇم پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇتار شوخ خەلق كۈيلىرىگە چېلىنغاندا، ياشانغانلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشتى. بىر قىسىم ياشانغانلار يەنە كۆپچىلىككە ئايرىم نومۇرلارنىمۇ ئورۇنداپ بەردى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى خىزمەتچى خادىملىرى، شىنجاڭ چېمپىيون مەدەنىيەت - تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى، شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مۇھەممەد جېلىل ئەپەندى، ئوسمانىيە ساغلاملىق چاي تائاملىرى سارىيىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇنجان ئەپەندى، خوتەن دىلپاك شىركىتى، ئەلتەبىر بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، نىيە ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى قەدىردىن ئەپەندى قاتارلىقلار، كوللاگىنلىق پىپتېد، تەنتەربىيە كىيىملىرى، تۇرمۇش كىيىملىرى، ئۇن - ماي گۈرۈچ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە نەق پۇل بىلەن ساناتورىيىدىكىلەرگە ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈردى .
ئۈرۈمچى «گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسى» مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى مەريەم ھاجىم كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ساناتورىيىگە كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ياشانغانلارغا ۋە ساناتورىيەدىكى خىزمەتچى - خادىملارغا خۇشھاللىق ئاتا قىلغانلىقىغا چەكسىز رەھمەتلەرنى ئىيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . كارخانىچى ۋە نامسىز ساخاۋەتچىلەرنىڭ ماددى بۇيۇم ۋە نەق پۇل ئېلىپ كېلىپ يوقلىغانلىقىغا ساناتورىيە نامىدىن تەشەككۈرلەرنى ئېيتتى.
پائالىيەت تەشكۈللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، CBA جۇڭگو ۋاسكىتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش گۇرۇپپىسى چۈشەندۈرگۈچىسى ئېزىز مەمتىمىن ئەپەندى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، مېھرى - مۇھەببەت ۋە قىينچىلىققا مۇھتاج كىشىلەر ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئاخىرىدا بىز مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئېزىز مەمتىمىن ئەپەندى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى خادىملىرى ھەمدە ھەرقايسى قاتناشقۇچى كارخانىچى ۋە سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى دوستلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز ! قەدەملىرىڭلاردىن ھەر ۋاقىت گۈللەر ئۈنسۇن !
بۇ قىتىقى پائالىيەتكە ئالاقىدار سۈرەتلەر
ۋاسكىتبولچىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشسە ئادەمنىڭ پاكارلىقى چېنىپلا قالغۇدەك. نۇرمۇھەممەت بەك چىنىپ قاپتىغۇ ئاۋۇ ئىككى دارازىنىڭ ئوتتۇرىسىدا :lol ۋاسكىتبولچىلار بىلەن سۇ ئۈزۈش كۆلىدىن باشقا يەردە سۇغا چۈشمىسە بولامدۇ نىمە؟ شىرمۇ خېلى ئىگىزكەن ھە ! مۇسابىقىدە پاكار كۆرىنەتتى ئۇ يىتىم:lol ئۇيغۇر ۋاسكىتىبولچىلىقىنىڭ تىخىمۇ بەك راۋاج تىپىشىغا تىلەكداشمەن . . . ئوييو،،،ما شىرلىجان سەت ئىگىزكەن جۇما.ئۆزەمنى مۆرىسىگىمۇ كەلمەيدىغاندەكلا ھىس قىلدىم ..:lol
بەت:
[1]