izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:42:44

دۈبەي ۋىزىسىدىن ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار،
ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى. ئىزدىنىش ئەزالىرى ئىچىدە جاھاندا  پۇتى تايغان، بىشى قايغان يەرلەردىن تارتىپ ھەر ساھەگىچە كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. {:92:}
مەقسەدكە كەلسەم، دۈبەيگە ۋىزا بىجىرىشتىن مەسلىھەت سوراي دىگەن،بىلىدىغانلار ئايىمىغايسىلەر:
دۈبەيگە خىزمەت ئىزدەپ بارماقچى بولغانلار 30 كۈنلۈك ساياسەت ۋىزىسى بىجىرىپ تۇرۇپ ئوتتۇز كۈنگىچە ئىش تىپىپ خىزمەت ۋىزىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، دۈبەيدە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كەلگەنلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگىلى بولمايدىكەن، بۇ گەپ راسمۇ؟
ساياھەت ۋىزىسىنى بىجىرىشمۇ بىر ئاۋارچىلىقتەك ھىس قىلدىم، پاسپورتىغا يا بىرەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ ۋىزىسى چاپلانغان بولىشى ياكى دۆلەت ئىچىدىكى بىرەر شىركەت ياكى ئورۇن كاپالەت بىرىشى كىرەك ئىكەن.
دۈبەيدە ئىشلەش توغرىسدا تەجىربىسى بارلار بولسا بەھرىلەنسەڭلا، ۋە ۋىزا بىجىرىش توغرىسىدا يول كۆرسەتسەڭلا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 12:13:26

پۇللا كىتىدۇ. پەقەت ئۈرۈمچى نوپوسىغا ئىگە بولسىڭىز.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 13:14:35

پاسپورتنى قانداقمۇ بىجەرگەنسىز ،مەن بىجىرەلمەي يۈرىمەن .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 13:43:38

مەنمۇ پاسپورت بىجىرسەم بوتتى.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 15:09:24

دۇبەينىڭ ساياھەت ۋىزىسىنى ئالماق ئاسانتىغۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:13:44

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 15:09 static/image/common/back.gif
دۇبەينىڭ ساياھەت ۋىزىسىنى ئالماق ئاسانتىغۇ ؟

ۋىزىسىنى بىجىرمەك ئاسانكەن. ئەمما ئۇقالماي قىلىۋاتقىنىم ساياھەت ۋىزىسىنى خىزمەت ۋىزىسىغا ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:14:36

پاسپورت بىجىرىشنى سورىغان دوسىتلار سىلەرگە بىرلا ئىغىز گەپ، سەۋىرچان بولۇڭلا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:33:20

پاسپورتنى كىشىنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ بىجىرەمۇ؟

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 16:42:00

«بىرقانچە دۆلەتنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى» دەۋاتاتتى ئۈندىداردىكى دوستلار ھەلقىسىدە ... ئىچىدە دۇبەيمۇ باردەك قىلاتتى . بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بىرنىمە دەپ باقمامسىلە ؟

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:45:30

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 16:14 static/image/common/back.gif
پاسپورت بىجىرىشنى سورىغان دوسىتلار سىلەرگە بىرلا ئىغى ...

ما گەپنى ھىچ بىر چۈشەنگەندەك قىلمىدىمغۇ ؟
چۈشنىشكە بۇلارمۇ ؟

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:03:03

مانىڭدىن پايدىلىنىپ باقامسىزيا  .
http://trip.elong.com/dubai/qianzheng/

ablet2011 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:20:48

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 12:13 static/image/common/back.gif
پۇللا كىتىدۇ. پەقەت ئۈرۈمچى نوپوسىغا ئىگە بولسىڭىز.

شۇ بىر مەسلىھەت بەرمەمسىز، قانچە پۇل، قانداق يول دىگەندەك، مەن ئۈرۈمچى نوپۇسى، مەنمۇ ئىھتىياجلىق بۇ جاۋابقا، رەھمەت

sodigar10 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 23:16:26

ablet2011 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 22:20 static/image/common/back.gif
شۇ بىر مەسلىھەت بەرمەمسىز، قانچە پۇل، قانداق يول دىگە ...

مەن بىر تىجارەتچى تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە شىركەتتىن مالنى كۆپ سېتىپ چىقارغان ئ‍ون ئ‍ادەمنى دۇبەيگە ساياھەتكە ئ‍اچىىقماقچى بۇلىۋاتىدۇ دۇبەيگە بېرىپ باققانلار جۇغراپىيەلىك ئ‍ەھۋالى ۋە باشقا ئ‍ەھۋالى توغرىسىدا ئ‍ۇچۇر قالدۇرساڭلار

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 00:10:15

بېرىپ خىزمەت تېپىپ، ئاندىن قايتىپ كېتىپ خىزمەت تەكلىپنامىسى بىلەن قايتىدىن خىزمەت ۋىزىسى ئېلىپ چىقسىڭىز بولىدۇ. ساياھەت ۋىزىسىنى خىزمەت ۋىزىسىغا ئالماشتۇرۇش يولى بار ئادەمگە ئاسان، لېكىن بىزلەرگە تەس كېلەمدىكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 06:16:49

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 00:10 static/image/common/back.gif
بېرىپ خىزمەت تېپىپ، ئاندىن قايتىپ كېتىپ خىزمەت تەكلىپ ...

دىمەك چوقۇم بىر قېتىم قايتىپ كىلىش كىرەك ئىكەندە. رەھمەت.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 06:18:02

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 22:03 static/image/common/back.gif
مانىڭدىن پايدىلىنىپ باقامسىزيا  .
http://trip.elong.com/dubai/qianzheng/ ...

ۋىزا قويدۇرغىلى بولىدىكەن، مەسىلە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن بارغاندا ئۇنى خىزمەت ۋىزىسىغا ئالماشتۇرۇش. بۇ توغرىسىدا ھەرخىل گەپلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 06:18:23

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 20:45 static/image/common/back.gif
ما گەپنى ھىچ بىر چۈشەنگەندەك قىلمىدىمغۇ ؟
چۈشنىشكە بۇ ...

قايسىسىنى چۈشەنمىدىڭلا‹؟

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:17:57

بىرلا ئىغىز گەپ، سەۋىرچان بولۇڭلا.
ماۋۇ گەپنىچۇ ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:27:27

پاسپورت بىجىرىش ناھايىتى سەۋىرنى سىنايدىغان جەريان، بوشاشماي، سەۋىر قىلىپ تۇرۇپ بىجىرىڭلا دىگەن گەپ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:24:46

تولا تاغدىن باغدىن پاراڭ قىلىپ ۋاراق توشقۇزماي نەق گەپنى قىلىڭلارچۇ باللا،بىلمەيدىغانلار گەپكە قۇشۇق سالماي تەڭگىدەك يىرىڭلارنى قىسىپ ئولتۇرۇڭلار.

بەت: [1] 2
: دۈبەي ۋىزىسىدىن ياردەم