amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:31:21

يۈرۈشلۈك چىنىقىش ئۈسكىنىسى

كەسىپ ئەھلىلىرى بولساڭلار،ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان 5000.00يۇئەندىن تۆۋەن باھادىكى ئونۋېرسال چېنىقىش ئۈسكىنىسى بولسا مۇشۇ تېمىغا تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار.رەھمەت.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:50:12

综合力量训练器
ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ تاللاڭ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:59:42

چىنىقىش تەجرىبىسى بارلار ئىلمى كۆرسەتمە بەرسە دىمەكچى،تاۋباۋلىسام بەك كۆپكەن،تاللىيالمىدىم.مەخسەت مۇسكۇل تەڭشەش،ئورۇقلاش ۋە ئېغىرلىقنى ساقلاش،مەن ئادەتتە نىيەت قىلغان نەرسىنى سىجىل قىلالايمەن.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:44:55

ئۆيىڭىز شەھەردە بولسا مەخسۇس چېنىقىش زالىغا بېرىپ چېنىقىپ بىرىڭ .
چېنىقىشنىڭمۇ تۈرى ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە چۈشلۈق قانۇنىيتى بۇلىدۇ .
ھەركەتنى خاتا ئىشلەپ قالسىڭىز ئۇرۇقلاش بۇياقتا قېلىپ ئەكسىچە سېمىرىپ كىتىسىز .
مىنىڭ تەۋىسسىيەم تېرىنىرنىڭ ياردىمىدە بىر مەزگىل چېنىقىپ بەدىنىڭىزنى شەكىلگە ئەكىۋېلىپ ئاندىن ئۈزىڭىز ئىھتىياجلىق ئۈسكىنىلەر بىلەن ئائىلىدە چېنىقىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:49:49

يۈگۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن(跑步机)ئائىلىدە ئىشلىتىشكە قانداقراقلىرى ماس كىلە؟ قايسى كۈننى ئايلىنىپ باقسام ،تۈۋىنى 2000-3000مىڭدىن باشلاپ ،يۇقىرى 20000-30000 مىڭغىچە باركەن .بىر تۇنىشىم ،2000-3000مىڭلىقلىرىنى كۆپ بولسا 2-3يىل ئىشلىتەلەيسەن،بەلكىم ئۇنىڭدىمۇ تىز بوزىلىشى مۇمكىن دەيدۇ،2000-3000 مىڭغا ئېلىپ 3يىل ئىشلىتەلمىسە بۇ پۇلغا راستا ئازراق ئىچى ئاچچىق بۇلىدىكەن. ئالمىسام بولمايدىغانلا يەرگە يەتتى!  شۇڭا مۇشۇنداق چىنىقىش ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتە تەجىربىلىرى بارلار ،ئائىلىدە ئىشلىتىشكە ماس كىلدىغان ،چىداملىقراق قايسى ماركىدىكىلەر بار ،چۈشەندۈرۈش بەرسەڭلار بوپتىكەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:14:13

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-06 22:49:49 static/image/common/back.gif
يۈگۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن(跑步机)ئائىلىدە ئىشلىتىشكە قانداق
ئەتىگەنلىرى پەسكە چۈشۈپ ھاۋا يېگەچ بىكالىق يولدا يۈگۈرەپ ئوينىساڭلا بولمامدۇ دەيمەندە…

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:22:59

توغرا يۇگۇرۇش بولسا ئەتىگەندە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ ئالدىغا ئارقىغا يۇگۇرۇپ بىرىڭ،
قالغان چىنىقىش ئۇسكۇنلىرىنى تاۋباۋلىسىڭىز ھەممە يۇرۇشلۇك تولۇقلىرى بار ئىكەن.ئۇنىڭدا ھەم موسكۇل چىقىدۇ ھەم ئۇرۇقلىيالايسىز،مۇبارەك قورساقمۇ كىرىپ كىتىدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 07:49:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 07:52  

گەپتىغۇ شۇنداق بۇلدىكەن،بىر مەزگىل شۇنداق قىلىپ باققان يەنە سەھەردە تۇرۇپ چېنىقىدىغان ،ئىشلار ئالدىراش بۇلۇپ قالغان بەزى كىچىلىرى 2-3 كىچە ئۇخلىماي،ئەتىسى سەھەر تۇرالماي، يەنە پەسكە چۈشۈپ -چىقىپ بولغىچە بىرەر سائەت ۋاقىت كىتىدۇ،بوش -بىكا ۋاقىتلاردا پەسكە چۈشسەممۇ ،ئەمما ئالدىراش بۇلۇپ قالغان ۋاقىتلاردا ،مۇشۇنىڭدىن بىرى لازىم بۇلۇپ قالدىكەن.مەيلى قانداق قىلسا چېنىقىشنى سىجىل داۋاملاشتۇرمىسا ،قايتا باشلاش سەل ئېغىر كىلىپ قالدىكەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 08:19:28

  مۇسكۇل چىقىرمەن دېسىڭىز囚徒健身   تاۋباۋدىن ماۋۇ كىتاپنى سېتىۋىلىپ شۇ بويۇنچە مەشىق قىلىڭ.   ھېچقانداق ئۈسكىنە كەتمەيدۇ. :)    http://detail.tmall.com/item.htm?id=42473279471&spm=a1z09.2.9.86.Lk1pDr&_u=7bb26a318cb&mt=

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 09:27:52

نىيەت قىلغىنىڭىزنى سىجىل قىلالىسىڭىز ئارتۇقچە پۇل خەجلەش بىھاجەتكەن، ، يۈگۈرۈپ ساغلام بولۇپ ، قورساق قاتلاپ ئورۇقلاڭ ، يەر بېغىرلاپ ،تورنىڭ تارتىپ مۇسكۇل چىقىرىڭ ، ئاۋۇ بەش مىڭ يۈەنگە كاۋاپ يەڭ ، ئالتە زىخ يىسىڭىز  يېرىم يىل يىتىدىكەن :lol

saray يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 09:37:35

شىتانكا،گانتېل،چېنىقىش ئورۇندۇقى،چېنىقىش پەلىيى،چېنىقىش ۋېلىسپىتى بولسىلا يېتىدىكەن.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:09:48

تەيكوڭ مەنبۇجىنى ئالسىڭىز بولىدۇ ، شاۋقۇن يوق ، توك كەتمەيدۇ ، بۇزۇلىدىغان ماتۇرىمۇ يوق ، ھەم ئەرزان ،2مىڭ ئەتراپىدا ياخشىلىرىنى ئالالايسىز .

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 11:46:18

تىلىفۇنلاردىمۇ  ئەنە شۇنداق چېنىقىشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئەپلەر بارغۇ؟ ئەسۋاپلىق، ئەسۋاپسىز چېنىقىشقا ماس كېلىدىغانلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. بەك قۇلايلىق.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 13:12:05

http://bbs.shunderen.com/thread-3861163-1-1.html
ماۋۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭە. مەن بۇرۇن مۇشۇ بويىچە مەشق قىلىپ باققان.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 13:14:11

تېما ئىگىسى چېنىقىش ئۈسكۈنىسى تەۋسىيە قىلىڭلار دېگەندىكىن شۇنى تەۋسىيە قىلساڭلار بولمامدۇ؟؟  سىلەر دېگەننى بەلكىم  تېما ئىگىسىمۇ ئوبدان بىلىشى مۇمكىن ... يۈگۈرۈپ ، تاقلاپ ، قاتلاپ چېنىقىش بىلەن ئۈسكىنىلىك چېنىقىشنىڭ خېلى پەرقى بار...ھازىر ئىشخانىدا بولۇپ قالدىم تاۋباۋغا چىققىلى بولمايدۇ..كەچرەك ۋاقتىم چىقىسا ئۆزىمنىڭ بىلىش دائىرىسى ئىچىدە يوللاپ قوياي..

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 23:04:41

قەشقەر شەھەر ئىچىدە چىنىقىش ئورۇنلىرى بارمۇ؟ ھەققى قانداقراق ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ياغاچ ئاياققا ئوخشاش سەكرىتىدىغان بىر ئۈسكىنە باتتى خەنچە ئىسمىنى نىمە دەيدىغاندۇ ؟ ئابىدەنىڭ ئىلانىدىمۇ چىقىدۇ . ئوبدان مەشىق قىلسا ئىككى مىتىرلىق تامدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ دەيدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 10:50 static/image/common/back.gif
ياغاچ ئاياققا ئوخشاش سەكرىتىدىغان بىر ئۈسكىنە باتتى خ ...

http://detail.tmall.com/item.htm?id=27524044861&ali_refid=a3_420434_1006:1104939953:N:%B5%AF%BB%C9%D0%AC:f8eede075272f757e4ec295788651f57&ali_trackid=1_f8eede075272f757e4ec295788651f57&spm=a230r.1.0.0.t7GcOw     مانا
بەت: [1]
: يۈرۈشلۈك چىنىقىش ئۈسكىنىسى