intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:21:48

ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(5): 'دىدار' سەپىرى

پىلانىتلار ئەركىسى
5-قىسىم 'دىدار' سەپىرى
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)

پەرىشتە گالاكسى سىستېمىسىدە يەنى يوپۇق پىلانىتىدىن يىراقراق بولغان ئەمما تازا ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بىر جايدا يېڭى يۇلتۇز پارتىلاش ھادىسىسى يۈزبەردى. بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يۇرۇق يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئاستورونۇم  ھادىسىسى پۈتۈن پىلانىت خەلىقىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. بۇ ھادىسىدىن چىققان نۇر ئوغۇزنىڭ ھەسرەتلىك كۆزلىرىدىن سىغىنىشلىق قەلبىگە ئۆزگىچە ھارارەت ئاتا قىلغان ئىدى. بۇ سىغىنىش ۋە ھەسرەتنىڭ پەقەت بىردىنبىر يولى بولسا ئاشۇ ئەزىز ئانىجانىسى بىلەن دىدارلىشىش ئىدى.
ياخشى نىيەت، غەيرەت ۋە توغرا ئەمەل بولغان ئوغۇز ئۇ كۈننىڭ پات يىقىندا كىلدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى. ئالدىنقى جەڭدە قولغا چۈشكەن بىر ئالىي قومانداننى بىر مەزگىللىك سوراق قىلىش ئارقىلىق ئوغۇزنىڭ ئانىسى ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىنغان ئىدى.  ئوغۇز سەپەرگە ئالدىرايتتى، چۈنكى ئوغۇز ئانىسىنى مۇشۇك كۆز گالاكسىسىدىكى قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك، بەت-بەشىرلىك خۇددى ياۋا چوشقىنىڭ ئۇۋىسىدەك بولغان  تۈرمىسىدە چىدىغۇسىز ئازابلار ئىچىدە دەپ ئاھۇ-پەرياد چىكەتتى. ئانىسىنىڭ مۇشۇك كۆز گالاكسىسى قاپاق پىلانىتىدا ئىكەنلىك ئۇچۇرىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن ئانىسىنى كۆرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى-دە ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىپ مەيلى نېمە بولسۇن 'پەرىشتە دىدارى' سەپىرىگە ئاتلاندى.
قاپاق پىلانىتى بىلەن يوپۇق پىلانىتى ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە سودا ۋە باشقا ئالاقىلار بۇلۇپ تۇراتتى. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆكۈز پىلانىتىدىكى جاسۇسلار خۇپىيانە ھالدا پىلانىتىغا كىرەلەيتى. ئەقىلىق ئوغۇز ھىلىقى ئۇرۇشتىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئالاقىدىن پايدىلىنىپ قاپاق ئالەم كارۋانلىرى بىلەن قاپاق پىلانىتىغا ئامان-ئېسەن كېلىۋالدى.

ئوغۇز سەپەردە تونۇشقان بىرنەچچە يىگىت ئارقىلىق ئانىسىنى كۆرۇشنىڭ ئامالىنى قىلدى. زۆھرە قاپاق پىلانىتىنىڭ مۇھىم بىر كىڭەش ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئاساسلىقى بۇ پىلانىتتىكى ھەرخىل پىدائىيلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بۇ يەردىكى كىشىلەر زۆھرەنى ياقتۇراتتى، ھۆرمەتلەيتتى. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇز ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى ۋە ئۇنى تېپىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى بىلدى. ئوغۇز تىرىشىپ-تىرمىشىپ بىر ئاماللار ئارقىلىق زۆھرە قۇبۇل قىلىش ئالدىدىكى پىدائىيلار ئەترىتىگە كىرىۋالدى. تەقەززالىق بىلەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.
زۆھرە يېڭى پىدائىيلارنى قۇبۇل قىلىپ بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ ماڭدى، نەزىرى ئوغۇزغا تاشلانغاندا ئىختىيارسىز ھالدا يۈرىكى سىلىپ قېتىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئوغۇز بولسا ياشقا تولغان ئوتلۇق كۆزلىرى، پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغان ھاياجانلىق ھىسياتلىرىنى بېسىپ زۆھرەگە تىكىلىپ سەپ سىلىۋاتاتتى. ياندىكى بىرەيلەن 'خانىم' دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن زۆھرە ئوغۇزدىن ئۆتۈپ كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ يەردە تۇنۇشلۇق بىرىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئوغۇز قۇبۇل تاماملانغاندىن كېيىن زۆھرە بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. زۆھرەمۇ بىرنەرسىنى سەزگەندەك ئىدى شۇڭا دەرھاللا ماقۇل بولدى.

بالىلىق دەۋرىدىكى جودالىقتىن كېيىن 10 نەچچە يىللىق سىغىنىش ئوتىدا پۇشلانغان ئوغۇز دۇنيادىكى بارلىق ئىسل تەرىپلەرگە مۇناسىپ بولغان پەرىشتە ئانىسىنى قەلبىدىكى ئەڭ ئاتەش ھىسيات بىلەن 'ئانا' دەپ چاقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن بۇلغان ھالدا زۆھرە ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى.

بىردىنبىر پاسىبانى ۋە مىھرىبانى بولغان ئانىسى بىلەن يالغۇز ئىشخانىدا تۇرغان ئوغۇز ئۆزىنى قاتتىق بېسىۋېلىپ مۇنۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى:
'ئوغۇز كەلدى غەمگۈزار مېھرىبانمنى كۆرەي دەپ،
دەردى-ھەسىرەت، قايغۇ-ئەلەمنى تۈگىتەي دەپ.'
زۆھرە:'ئوغلۇم، ئوغۇز...'دېگىنىچە ئالدىغا يۈگۈردى. ئوغۇزمۇ 'ئانا...'دەپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئاتتى. ئېزىلگەن داغ دەردلىك يۈرەكلەر يېرىلىپ-يېرىلىپ يىغلايتتى. بىرھازادىن كىېيىن پەسلەپ مۇڭداشتى. لىكىن تۇيۇقسىز ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىلىندى. زۆھرە ئىشخانىدىكى بىرلەشمە ئىكراندىن ئۆكۈز پىلانىتى قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ زۆھرە ئىشخانىسىغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەم ئوغۇزنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆردى. دەرھاللا مەخپىي يول بىلەن ئوغۇزنى ئۇزىتىپ ماڭدى. ئوغۇز سودا ئالەم كېمىسىگە چىقتى. ئانا-بالا يەنە خوشلىشىشقا مەجبۇر ئىدى. ئەمما بۇ قىتىم نۇرغۇن چۈشۈنۈش ۋە مەمنۇنلۇق ھىسياتلىرى بىلەن ئايرىلىش ئىدى. ئوغۇز ئانىسىنىڭ بۇيەردە مۇھىم ياخشى ئىشلارنى قىلۋاتقانلىقىنى، بۇ پىلانىتىكى كىشلەرنىڭ ئۆكۈز پىلانىتى قۇشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن زۆھرە بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ ھازىرقى ئىشلارغا سېلىنغان. بارا-بارا بۇيەردىكى كىشلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. شۇڭا زۆھرە بۇ يەردە قىلىشنى تالىغان ئىدى. ئالەم كېمىسى كۆككە پەرۋاز قىلدى. ئوغۇز كۆڭلىگە چۇقۇم بىر كۈنلىرى قايتىپ بۇيەرنى ئازاد قىلىشنى ۋە ئانىسىنى ئانا ماكانى يەرشارىغا ئاپىرىشقا ۋەدە قىلدى.

5-قىسىم تۈگىدى.
6-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ يەرشارىدىكى ئىشلىرى ۋە زور قۇشۇنغا باش بۇلىشى جەريانىنى ئاڭلايسىز.

2015-3-6

نەنجىڭ

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:56:22

سىز ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان شۇمۇ  ! ياخشى يېزىلىپتۇ. :):P
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(5): 'دىدار' سەپىرى