ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:44:18

(فىلىم ) 6-قىسىم: 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 16:46  

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 6-قىسىم
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!

http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0305/4282-68.html

6-قىسىمنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:12:44

ئەرقالنىڭ ئەپنى چۈشۈرۈپ باقساممۇ كۆرەلمىدىم. كومپىيۇتېردىمۇ شۇ. بەك كۆرگۈم باتتى.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 19:02:55

rose16 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 22:12 static/image/common/back.gif
ئەرقالنىڭ ئەپنى چۈشۈرۈپ باقساممۇ كۆرەلمىدىم. كومپىيۇت ...

IE ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدىكەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 19:20:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 22:44  

ئەرقال ئەپنى تىلفۇنغا قاچىلاپ ىگۋگر كۆرسەك نىمىشقا خەتلەر قالايمىقان كود شەكىلدە چىقىۋالىدۇ ؟ تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 19:34:03

مەن ئەرقالنىڭ ئەپىنى قاچىلىسام ئىنتايىن نورمال،سىز پەپنى قاچىلىغاچقا شۇنداق چىقىۋالغان چېغىۋا
يا بولمىسا قاچىلىغان فونتتا مەسىلە باردەك

bigim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:32:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bigim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 22:35  

rose16 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 22:12 static/image/common/back.gif
ئەرقالنىڭ ئەپنى چۈشۈرۈپ باقساممۇ كۆرەلمىدىم. كومپىيۇت ...

بۇنى خوتەن تەرەپلەردە IEدە كۆرەلمەيسىز .
تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ :
1. ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىڭىزغا UC كۆرگۈچنى قاچىلاڭ.
2.ئاندىن « ئەرقال تاراقۇسى»نى ئېچىپ  TV دىگەن تۈرنى باسسىڭىز كۆرمەكچى بولغان فىلىملەر شۇيەردە . كۆرمەكچى بولغان فىلىمنى تاللىسىڭىز يىڭى بەت ئېچىلىپ سىن قۇيىلىدىغان ئۇرۇن ئاپئاق ھالەتتە تورىدۇ .
3.بۇ ۋاقىتتا سىز UC كۆرگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپ  تۈۋەن بۇجىكىگە قارىسىڭىز بىر گۈلنى كۆرىسىز شۇ گۈلنى بىرنى چىكىڭ ، چىققان دىئالوگدىن « سناپ بېقىش » دىگەن خەتنى بىرنى چىكپ قويۇڭ .
4. تەخمىنەن ئون سىكونىت ئەتراپىدا  ساقلىسىڭىز بۇ گۈل رەڭلىل ھالەتكە كىرىدۇ . بۇۋاقىتا سىز F5بېسىپ بەتنى يىڭىلىسىڭىز  فىلىم قويغۇچ پەيدا بولىدۇ،  قويۇش كونوپكىسىنى باسسىڭىزلا قويۇلۇشقا باشلايدۇ.
تامام .
ئەگەر يەنىلا كۆرەلمىسڭىز  ئىلخەت ئادرىسڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ  مەندە ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان 6 قىسمنىڭ سۈزۈك نوسقسى بار ئېۋەرتىپ بىرەي.
bigim@outlook.com
قوشۇمچە:
UCكۆرگۈچنى  بۇيەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ  :  http://www.uc.cn

bigim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:45:49

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 19:20 static/image/common/back.gif
ئەرقالنىڭ پەپنى تىلفۇنغا قاچىلاپ ىگۋگر كۆرسەك نىمىشقا ...

بۇ سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزغا قاچىلانغان ئۇيغۇرچە خەت نوسخسنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ . ئالدى بىلەن ئالىپ تورىدىن ئۆلچەملىك ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفنىڭىزغا ماس كېلىدىغان خەت نوسقىسنى تېپىپ ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ .
ئەسكەرتىش : خەت نوسخسىنى ئالماشتۇرۇش خەتىرى بار ئىش ، ياخشى قىلالمىسىڭىز تېلىفۇنىڭىزنىڭ سېستىمىسدىن چاتاق چىقىشى مومكىن . شوڭا  بۇجەھەتتە تەجىربىڭىز بولمىسا ئامال بار  تەجىربىسى بارلارنى ئىزدەپ بېقىڭ .  ئەگەر بەك ئامال بولمىسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ بەلكىم سىزگە ياردەم قىلاشىم مومكىن . (ئادەتتە  كەچ سائەت 6 دىن 9 غىچە ۋاقتم بار)
ئۈندىدار : (ئۇچۇر يوللىغاندا  ئىزدىنىش دەپ ئەسكەرتىڭ)
       443695067

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 22:53:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-8 00:23  

bigim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 22:45 static/image/common/back.gif
بۇ سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزغا قاچىلانغان ئۇيغۇرچە خەت نوسخ ...

ئەھۋال يۇقىردا يوللىغان رەسىمدىكدەك ، فونىتتا مەسلە بولسا بارلىق خەت نۇرمال چىقماستى دەيمە  . بىرىنچى قۇر نۇرمال چىقمايدۇ ، بۇ ئەپنى ئەلالاشتۇرۇپمۇ باقتىم . تىلفۇنۇم خوڭمى ئەڭ يېڭى سېستىمىدا ،روتلىمىغان .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 12:58:09

ئانچە يۇقۇرۇ سەۋىيەلىكمۇ ئەمەسكەن بولمىسا،مەن تېخى كىرىش بىلىتىنى 200كويدىن ساتقاندىكىن خېلى تايىنى بارمىدۇر يا دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن..
بەت: [1]
: (فىلىم ) 6-قىسىم: 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى