bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 12:31:37

بىلىمخۇمار: بىز ئىشلىگەن تاشقىي-پلانېتا ۋىدېئوسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 13:48  

بىزنىڭ گۇرۇپپىمىز ئىشلىگەن، تاشقىي-پلانېتىنى تاپىدىغان ئالەم تېلېسكوپى ھەققىدىكى ۋىدېئو

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى

ناسادىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە تاپالايدىغان ئالەم تېلېسكوپى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى.  مەنمۇ 2005-يىلىدىن باشلاپ ئاشۇ گۇرۇپپىغا بىر ئەزا بولۇپ كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئاشۇ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن.  مەن يېقىندا «تاشقىي پلانېتىدا جانلىقلار بارمۇ؟» ۋە «مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى» دېگەن ئىككى پارچە تېمىنى تورلارغا يوللاپ، مەزكۇر پروجېكت ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتۈم.  مەن ئۇ ماقالىلەرنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ماقالىلەرنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بىز ياساۋاتقان تېلېسكوپ يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى بىر ماسكا بىلەن توسۇپ قويۇپ، پلانېتىنىڭ نۇرىنى بىر كامېرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان پرىنسىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پرىنسىپ «كوروناگراف پرىنسىپى» (coronagraphic principle) دەپ ئاتىلىدۇ.   ئاشۇنداق پرىنسىپ ئاساسىدا ياسالغان تېلېسكوپ بولسا «كوروناگرافلىق تېلېسكوپ» دەپ ئاتىلىدۇ.

تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرىدىغان تېلېسكوپنىڭ لاھىيىسىدىن بىر قانچىسى بار بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئاكتىپ ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان لاھىيىلەردىن مېنىڭ بىلىشىمچە 4 دانىسى بار.  كوروناگرافلىق تېلېسكوپ ئاشۇ لاھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇھىملىق دەرىجىسى جەھەتتە ھازىر ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  ناسانىڭ ھازىرقى پىلانى بۇ تېلېسكوپنى 2024-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش.

كوروناگرافلىق تېلېسكوپنىڭ ئىشلەش پرىنسىپى خېلىلا مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ھازىرغىچە يازغان ماقالىلەردە ئۇ ھەقتە ئانچە تەپسىلى توختالمىدىم.  يېقىندا بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى بىر توپ ئىنژېنېرلار كوروناگرافلىق تېلېسكوپنىڭ ئىشلەش پرىنسىپى ھەققىدە بىر ۋىدېئو فىلىمى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇنى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىگە قويۇپ قويدى.  ئۇنىڭ تور ئادرېسى :
http://exep.jpl.nasa.gov/coronagraphvideo/.

مەزكۇر تور بېتىگە قويۇلغان سىن ھۆججىتىنىڭ ئۆزى يۇتيۇب (YouTube) دا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھۆججەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن.  شۇنداق بولسا سىز يۇقىرىدىكى تور بېتىدىن ئەسلىدىكى سىن ھۆججىتىنى ئۆز كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈۋېلىپ، ئاندىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. مۇمكىن بولسا تور باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار مەزكۇر فىلىمنى ئۆزۈڭلار چۈشۈرۈۋېلىپ، ئۇنى مەزكۇر سەھىپىگە قويۇپ قويساڭلار.  رەھمەت!

مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنگلىزچىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن يۇقىرىدىكى فىلىمنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، مۇشۇ فىلىمنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كائىناتتىكى ئىشلارغا ئائىت باشقا فىلىملارنى قېرىنداشلارغا ئۆزۈم بىۋاستە چۈشەندۈرۈپ قويۇش مېنىڭ يۈرەك ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى.  مەن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىمنىڭ تىلىنى تۆۋەندىكى تېكىست بويىچە ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇپ، تورلارغا قويۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ھېچ بولمىغاندا ئەسلىدىكى ھۆججەتكە ئۇيغۇرچە تېكىستنى كىرگۈزۈپ قويۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى يۇقىرىدىكى ۋىدېئونىڭ سۆز تېكىستىنىڭ تولۇق مەزمۇنى. بۇ فىلىمنىڭ 4 مىنۇتلۇق، 2 مىنۇتلۇق ۋە بىر مىنۇتلۇق نۇسخىلىرى بار بولۇپ، مەن 4 مىنۇتلۇقنى تاللىدىم.  سىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  مەن 4 مىنۇتلۇقنى سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلمىدىم، ئەمما مەزمۇنىنى تولۇق ئالدىم.

بۇ فىلىمدىكى مەزمۇنلارنى تولۇق چۈشىنىش ئوقۇرمەنلەردىن بەلگىلىك ئوپتىكا ئىلمى ئاساسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ فىزىكا دەرسلىرىدە ئوپتىكا ئىلمىنى سۆزلەمدۇ-يوق، ئەگەر سۆزلىسە قانچىلىك سۆزلەيدۇ، بۇلار ماڭا ئايدىڭ ئەمەس.  ئەگەر سىزنىڭ ئوپتىكا ئىلمىدىن ھېچ قانداق خەۋىرىڭىز بولمىسا، سىز بۇ فىلىمنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سىز ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنمەڭ.


1-رەسىم: مەزكۇر فىلىمنىڭ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىدىكى بىر كۆرۈنىشى

ئەمدى مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى باشلايمەن.


1.        مەزكۇر فىلىمدە چىقىدىغان ئەڭ دەسلەپكى تېكىست:

ھازىر يۇلتۇزلارنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلىرىنى ماسكىلاپ، ناھايىتى تۇتۇق تاشقىي پلانېتىلارنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىدىغان يېڭى تېخنولوگىيىلەر تەرەققىي قىلدۇرىلىۋاتىدۇ.

مەزكۇر فىلىم شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «كوروناگراف» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېخنولوگىيىنى چۈشەندۈرىدۇ.


2.        مەزكۇر فىلىمنىڭ سۆز تېكىستى:

مەزكۇر پلانېتا ناھايىتى يىراقتىكى بىر يۇلتۇز سىستېمىسىغا تەۋە بولغان بىر تاشقىي پلانېتا بولۇپ، ئۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ.  يەنى ئۇنىڭ قىتئەلىرى، دېڭىزلىرى ۋە بۇلۇتلىرى بار.  ئۇ يۇلتۇزنىڭ يەنە بىر پلانېتىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزدىكى يۇپىتېرغا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ گاز پلانېتا.  بىز ئۇ يۇلتۇزدىن يىراقلاشقانسېرى بۇ ئىككى پلانېتا ئۆزىنىڭ ئانا يۇلتىزىنىڭ نۇرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، غايىپ بولىدۇ.  بۇ يۇلتۇز ئەمدى ئاسماندىكى بىز كېچىسى كۆرىدىغان باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

بىز ئۇ پلانېتىلارنى قانداق قىلساق كۆرەلەيمىز؟  بىز ھازىرچە ئۇ يەرگە سەپەر قىلىپ بارالمايمىز.  چۈنكى، بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ ئىنتايىن يىراق بولۇپ، بىز ھازىر ئۆزىمىزدە بار بولغان تېخنىكىمىز بىلەن بىر ئۆمۈر سەپەر قىلساقمۇ، ئۇ يۇلتۇزغا يېتىپ بارالمايمىز.  شۇڭلاشقا ئۇ تاشقىي پلانېتىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن بىز ئالەم تېلېسكوپلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.  

مەزكۇر تېلېسكوپنىڭ ئىچىدە «كوروناگراف» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىلمىي ئەسۋاب بار بولۇپ، ئۇ تاشقىي پلانېتىلار قايتۇرغان نۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئانا يۇلتۇزىنىڭ نۇرىدىن ئايرىپ چىقىدىغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن.   

يۇلتۇزنىڭ نۇرى كوروناگرافنىڭ ئىچىدە ماڭغاندا، تېلېسكوپنىڭ يوغان ئەينەكلىرىدىكى ئىنتايىن كىچىك خاتالىقلار تۈپەيلىدىن، يۇلتۇزنىڭ نۇرىمۇ بىر ئاز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.  كوروناگرافنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تولۇق ئىشقا سالمىغاندا، تاشقىي يۇلتۇز تېلېسكوپنىڭ كامېراسىدا مۇشۇ ئېكراندىكىگە ئوخشاش بىر ناھايىتى يورۇق چەمبىرەكسىمان نۇرلار بولۇپ كۆرۈنىدۇ.  بۇ تېلېسكوپ قانچىلىك مۇكەممەل ياسالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تاشقىي يۇلتۇز تېلېسكوپنىڭ كامېراسىدا ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ھالقىسىمان نۇر بولۇپ كۆرۈنىدۇ.  بۇ ھادىسە «ئوپتىكىلىق دىفراكسىيە» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھېلىقى ئىككى دانە تاشقىي پلانېتا ئەنە شۇنداق دىفراكسىيە ھالقىلىرىنىڭ ئىچىگە مۆكۈنۈۋالغان بولىدۇ.  

كوروگرافلىق تېلېسكوپ تۆۋەندىكى 3 ئىشنى قىلىش ئارقىلىق، بىزنى ھېلىقىدەك تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ:

بىرىنچىدىن، كوروناگرافتىكى بىر ئوتتۇرىسى نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان ماسكا تاشقىي يۇلتۇز نۇرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى توسۇۋالىدۇ.  ئۇ ماسكا ناھايىتى پۇختا لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى توسۇپ قالالمىغان نۇرنى ئەسلىدىكى نۇر يولىنىڭ قىرغىقىغا يىغىپ قويىدۇ.  بىز ھازىر ئېكراندا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ماسكا كامېراغا كىرىۋاتقان يۇلتۇز نۇرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى توسۇۋالىدۇ.

ئىككىنچىدىن، كوروناگراف دىفراكسىيەنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىدۇ.  ئوتتۇرىسى تۆشۈك تەڭگىگە ئوخشاش «ليوت ستوپ» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ماسكا نۇر يولىنىڭ قىرغىقىغا يىغىلغان نۇرلارنى توسۇۋالىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن قىرغاقتىكى ھالقىسىمان نۇرلار غايىپ بولىدۇ.  

شۇنداق قىلىپ بىز ھازىر يۇلتۇز نۇرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوق قىلدۇق.  بىز ئەمدى نۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى يۇلتۇزنىڭكىدىن بىر مىليون ھەسسە ئاجىز بولغان جىسىمنىمۇ كۆرەلەيمىز.

ئۇنداقتا تاشقىي پلانېتىدىن كەلگەن نۇرغا نېمە بولىدۇ؟  نېمە ئۈچۈن ماسكىلار ئۇلارنىمۇ توسۇۋالمايدۇ؟  بۇنىڭ سەۋەبى، تېلېسكوپ بىۋاستە يۇلتۇزغا توغرىلانغان بولۇپ، پلانېتىلارنىڭ نۇرى يۇلتۇز نۇرى بىلەن بىر بۇلۇڭ ياسىغان ھالدا تېلېسكوپقا كىرىدۇ.  شۇڭلاشقا پلانېتىنىڭ نۇرى بىرنچى ماسكىنىڭ مەركىزىدىن ئۆتمەي، ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم ئارىلىق ياساپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.  شۇنداقلا ئىككىنچى ئوتتۇرىسى تۆشۈك تەڭگىگە ئوخشاش ماسكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدۇ.  

ئەمما بىز ئۇ تاشقىي پلانېتىنى يەنىلا كۆرەلمەيمىز.  ئەگەر بىز ئېكراننى يورۇقراق قىلىپ قاراپ باقىدىغان بولساق، كامېراغا كىرگىنى يۇلتۇزدىن چىققان نۇرغۇن چېچىلما نۇرلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.  بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب تېلېسكوپتىكى ناھايىتى كىچىك خاتالىقتىن كېلىپ چىققان چاچما نۇر ناھايىتى تۇتۇق تاشقىي پلانېتىنىڭ نۇرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىندۇر.   

ئەمدى بىز تېلېسكوپنىڭ 3-فۇنكىسىيىسىنى ئىشقا سېلىپ، يۇلتۇزنىڭ چېچىلما نۇرلىرىنى يوق قىلىمىز.  

كوروناگرافتا بىر ئېلېكتىر سىگنالى بىلەن يۇقىرىغا ياكى تۆۋەنگە ھەرىكەت قىلىدىغان نەچچە يۈزلىگەن ھەرىكەتچان قۇرۇلمىسى بار بولغان بىر شەكلى ئۆزگىرىدىغان ئەينەك بار بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇر يولىدىكى خاتالىقنى كونترول قىلىمىز.  شۇنىڭ بىلەن ئېكراندىكى چېچىلما نۇرلار ئاجىزلاپ، بىز ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى ئىككى تاشقىي پلانېتىلارنى كۆرەلەيمىز.  

شۇنىڭ بىلەن بىز ئەمدى يۇلتۇزدىن بىر مىليارد ھەسسە تۇتۇق بولغان جىسىملارنىمۇ كۆرەلەيمىز.  شۇنداق قىلىپ بىز ھازىر ھېلىقى ئىككى تاشقىي پلانېتىنى تاپتۇق.

ئەگەر بىز ئاشۇ ئىككى پلانېتىنىڭ نۇرىنى بىر پرىزمىدىن ئۆتكۈزسەك، ئۇلارنىڭ نۇرىنىڭ رەڭگى خۇددى بىر ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشاش ئايرىلىپ چىقىدۇ.  ئەگەر بىز بۇ رەڭلەرنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك، ئۇلاردىكى بەزى رەڭلەر مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.  ئەمەلىيەتتە بۇ رەڭلەرنى ئاشۇ ئىككى پلانېتىنىڭ ئاتموسفېراسى يۇتىۋالغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.  بىز شۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇ ئىككى پلانېتىنىڭ ئاتموسفېراسى قانداق گازلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.  

بىز مۇشۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، كائىناتتىكى يېڭى ھاياتلىقلارنى تېپىش خىزمىتىنى بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلىتىمىز.  

مەزكۇر 4 مىنۇتلۇق فىلىمنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


3. كوروناگرافلىق تېلېسكوپنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەنە بىر قىسىم بىلىملەر

بىز بىر قاپ-قاراڭغۇ كېچىسى ئاسمانغا قاراپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ چىقساق، بىز تەخمىنەن 3000 دانە يۇلتۇزنى سانىيالايمىز.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى كېلىدۇ.  قالغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇپ، بىز ئاخشىمى كۆرىدىغان بەزى يۇلتۇزلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 نۇر يىلى كېلىدۇ.

«نۇر يىلى» دېگىنىمىز كىشىلەر ئاسترونومىيىدە ئىشلىتىدىغان ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىلدا باسالايدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.  نۇر بىر سېكۇنتىغا 300000 (ئۈچ يۈز مىڭ) كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.  شۇڭلاشقا:


2-رەسىم: بىر نۇر يىلى

بىز يەر شارىدا تۇرۇپ ئاسمانغا قارىغاندا، بىر تاشقىي يۇلتۇز بىلەن بىزنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر سىزىق بىلەن، ئۇ يۇلتۇزنىڭ بىر پلانېتىسى بىلەن بىزنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر سىزىق ھاسىل قىلىدىغان بۇلۇڭ ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.  بۇ خىل ئەھۋال تۆۋەندىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن.


3-رەسىم:  بىز يىراقتىكى ئىككى جىسىمغا قارىغاندا، ئاشۇ ئىككى جىسىم بىلەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى سىزىق C1 بىلەن C2 ياسىغان بولۇڭنى چۈشەندۈرۈش رەسىمى.

بىز بىرنچى مىسال ئۈچۈن مۇنداق بىر ئەھۋالغا قاراپ باقايلى:  بىز ئۆزىمىزدىن 100 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر ماشىنىنىڭ ئىككى چىرىغىغا قارىدۇق.  ئۇ ئىككى چىراقنىڭ ئارىلىقى 1.5 مېتىر.  يەنى، A = 1.5 مېتىر بولۇپ، B = 100 مېتىر.  شۇنداقتا 3-رەسىمدىكى C1 بىلەن C2 نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇلۇڭ 0.86 گرادۇسقا تەڭ بولىدۇ.

سائەت ئىسترېلكىسى بىر قېتىم تولۇق ئايلانغاندا بېسىپ ئۆتىدىغان بۇلۇڭ 360 گرادۇسقا تەڭ بولىدۇ.

ئەمدى ئىككىنچى مىسال سۈپىتىدە بىز مۇنداق بىر ئەھۋالغا قاراپ باقايلى:  بىز يەر يۈزىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىن 10 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر تاشقىي يۇلتۇزغا قارىدۇق.  ئۇنىڭ بىر پلانېتىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا تەڭ.  يەنى، 3-رەسىمدىكى بىر شار تاشقىي يۇلتۇز بولۇپ، يەنە بىر شار بولسا ئۇنى ئايلىنىۋاتقان تاشقىي پلانېتا بولسۇن.  بىز يەر يۈزىدە ياكى يەر شارى ئوربىتىسىدا تۇرۇپ ئاشۇ تاشقىي يۇلتۇز بىلەن ئۇنىڭ پلانېتىسىغا قارىغان ۋاقىتتىكى C1 ۋە C2 سىزىقلار ھاسىل قىلىدىغان بۇلۇڭنىڭ چوڭلۇقى 0.00092 گرادۇس بولىدۇ.  ياكى ئۇ بىز بىر گرادۇسنى 1086 پارچىغا بۆلسەك، شۇنىڭ بىر پارچىسىغا تەڭ بولىدۇ.

شۇڭا بىز مۇنداق دەيمىز: بىز يەر شارىدا تۇرۇپ، بىر تاشقىي يۇلتۇز بىلەن ئۇنى ئايلىنىۋاتقان پلانېتىغا قارىساق، ئۇ ئىككىسى ئۆز-ئارا چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ.

بىز ئاشۇنداق كىچىك بۇلۇڭ ياسايدىغان ئىككى جىسىمنى بىر-بىرسىدىن ئايرىش ئۈچۈن، كوروناگرافلىق تېلېسكوپ ئىشلىتىمىز.

بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان خىزمەتدىشىمنىڭ ئىسمى نىك سىگلېر (Nick Siegler) بولۇپ، ئىنگلىزچە ئاۋازنىمۇ شۇ كىشى بەرگەن.  مەزكۇر فىلىمدە كۆرسىتىلگەن، يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىپ، پلانېتىنى تاپىدىغان رايون «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» (dark-hole) دەپ ئاتىلىدۇ.  ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۆڭكۈر «قارا-ئۆڭكۈر» (black-hole) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.  نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا نىك ناسانىڭ باش شتابىدىكى رەھبەرلەرگە بىر دوكلاد بېرىدىغاندا، مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ قاراڭغۇ-ئۆڭكۈرنى ھاسىل قىلىش جەريانىمىزنى كۆرسىتىدىغان بىر سىن ھۆججىتىنى ئىشلەپ بەرگەن ئىدىم.  مەزكۇر فىلىمدە كۆرسىتىلگەن قاراڭغۇ-ئۆڭكۈرنى مېنىڭ يەنە بىر جون كرىست (John Krist) ئىسىملىك خىزمەتدىشىم ئىشلەپ بېرىپتۇ.  جون بىلەن ئىككىمىز بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى كومپيۇتېردە شەكلى ئۆزگىرىدىغان ئەينەكنى كونترول قىلىپ، قاراڭغۇ-ئۆڭكۈر ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىمىز.  ئىككىمىز بىرلىكتە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمىزمۇ كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكىسى بىز 2013-يىلى «خەلقئارا ئوپتىكا ئىنجېنېرلرى جەمئىيىتى» نىڭ ژورنىلىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىنىڭ ئابستراكت قىسمى.  


4-رەسىم: مەن 1-ئاپتور بولۇپ 2013-يىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالە (Proc. SPIE, vol. 8864, pp. 88640Q, September 26, 2013).




5-رەسىم: ئۈستىدىكىسى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئۆلچەنگەن قاراڭغۇ-ئۆڭكۈر بولۇپ، ئاستىدىكىسى مەن كومپيۇتېردە ھېسابلاپ چىققان قاراڭغۇ-ئۆڭكۈر.  بىز تەجرىبىخانىدا ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ھېسابلاش ئېلىپ بارىمىز.  بۇ يەردىكى ئىككى خىل نەتىجە بىر-بىرىگە ناھايىتىمۇ ماس كېلىدۇ.  بۇ رەسىم يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىدە ئىشلىتىلگەن.  بۇ تەجرىبىدە ئىشلەتكەن ماسكىنىڭ يۈزىدە بىر داغ ياكى نۇقسان بار بولۇپ، ئۇ داغ يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى Log10(I/I0) نىڭ قىممىتى بولۇپ، بۇ يەردىكى I0 يۇلتۇز نۇرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نۇقتىسىنىڭ قىممىتى.  I بولسا تېلېسكوپنىڭ كامەراسىغا كىرگەن ھەممە كۆرۈنۈش.  ئەگەر   Log10(I/I0) = -9 بولسا، قاراڭغۇ-ئۆنكۈردە يۇلتۇزنىڭ نۇرى بىر مىليارد ھەسسە ئاجىزلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.  


مەن ھازىر ھەر يىلى بىر قانچە پارچە كوروناگرافلىق تېلېسكوپقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىمەن.  مەن 2007-يىلى يالغۇز ئاپتور بولۇپ ئېلان قىلغان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدىكى بىر قانچە پارچە قاراڭغۇ-ئۆڭكۈرنىڭ رەسىملىرى «ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى» نىڭ «قوللانما ئوپتىكا» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ژورنىلىنىڭ تېشىغا بېسىلدى (Applied Optics, wol. 26, pp. 7485-7493, Oct. 20, 2007).  تۆۋەندىكىسى ئاشۇ ژورنالنىڭ تېشىنىڭ رەسىمى.


6-رەسىم: مەن تەييارلىغان رەسىم بېسىلغان بىر پارچە ژورنالنىڭ تېشى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

بىلىمخۇمار: تاشقىي پلانېتىدا جانلىقلار بارمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html

بىلىمخۇمار: مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
http://bbs.izdinix.com/thread-62590-1-1.html

The Search for Alien Earths - How Coronagraphs Find Hidden Planets

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:02:40

ئەسسالامۇلەيكۇم بىلىم خۇمار ئاكا؟گالاكسىنىڭ مەركىزىدىكى( قارا ئۆڭكۈر) بىلەن (قاراڭغۇ ئۆڭكۈر)نىڭ قانداق پەرققى بار؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:41:10

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-06 18:02:40 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇلەيكۇم بىلىم خۇمار ئاكا؟گالاكسىنىڭ مەركىزىد
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر تېلىسكوپنىڭ ئىچىدىكەن
قارا ئۆڭكۈر كائىناتتىكەن
ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇماپسىزدە

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:10:00

ئىنكاسنى يېزىشتىن بۇرۇن ،ماقالىنى ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىققان، سىلىنىڭ ئىنكاستىن كىيىن ،يەنە بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم،ئىشلارنى ياخشىراق ئۇيلاشقا تېرىشساق بۇلىدۇ،مەسلەن ماقالىنى تۇلۇق ئۇقۇماپسىز دىمەي،تۇلۇق ئوتتۇردىكى فىزىكا بىلىمىڭىز چۈشىنىشكە ئاجىز كىلىپ قاپتۇ ،ياكى سىننى كۈرمەپسىز دىگەندەك!!!:lol:lol:lol:lol

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:58:23

بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن،  كوروناگراف دىگەن ئۇقۇمنى ، بىز قۇياشقا بىۋاستە قارىساق ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيمىز، ۋاستىلىك مەسىلەن بىرخىل ئەينەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان توسۇق نەرسىلەر بىلەن كۆرسەك قۇياشنىڭ يۈزىنى كۆرگىلى بولىدۇ دەپ چۈشەندىم،   كوروناگراف يىراقتىكى پىلانىتىلارنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىدىغان تېخنىكا ئىكەندە.

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 13:18:20

بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ! ! !
بەت: [1]
: بىلىمخۇمار: بىز ئىشلىگەن تاشقىي-پلانېتا ۋىدېئوسى