aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:39:54

ئورخان پامۇك: ھاياتتىن ئېلىنغان ئىنتىقام؟



ھاياتتىن ئېلىنغان ئىنتىقام؟

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى


     كىچىك چېغىمدا مەن بىلەن تەڭتۇش، ھەسەن ئىسىملىك بىر بالا رەگەتكىسى بىلەن تاش ئېتىپ ئاستى قاپىقىمنى يارىلاندۇرغانىدى. خېلى يىللاردىن كېيىن باشقا بىر ھەسەن مېنىڭدىن نېمىشقا ئەسەرلىرىمدىكى بارلىق ھەسەن ئىسىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكى ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، بۇ ئىش ئىسىمگە كېلىپ قالدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە تەنەپپۇس ۋاقتىدا بىر باھانە تېپىپ مېنى بوزەك قىلىدىغان، تەتۈر ئۇستىخان، ھەددىدىن زىيادە سېمىز بىر بالا بار ئىدى. كېيىن بىر چاغلاردا بىر سەلبى پىرسۇناژنى يازغان چېغىمدا مۇشۇ پور قورساققا ئوخشىتىپ يازغان ئىدىم: شۇنچىلىك سېمىز ئىدىكى جىم تۇرسىمۇ تەرلەيتتى، پىشانىسىدا، لەۋلىرىنىڭ ئۈستىدە، توڭلاتقۇدىن چىققان يوغان چۆمۈچتەك نەم تەپچىپ تۇراتتى. كىچىك چېغىمدا ئانام مېنى نەرسە- كېرەك سېتىۋالغىلى بىللە ئاپارغان چاغلاردا، پۇراپ كەتكەن دۇكانلاردا، قان يۇقى خالاتلار ئىچىدە يوغان، ئۇزۇن پىچاقلار بىلەن سائەتلەپ ئىشلەيدىغان، بەرگەن گۆشىنىڭ يېغى بەك جىق بولغاچقا يېگۈم كەلمەيدىغان ئاشۇ قاسساپلار بىلەنمۇ قەتئىي خوشۇم يوق ئىدى. كىتابلىرىمدا قاسساپلار ئوغۇرلۇقچە مال بوغۇزلايدىغان، قانلىق ۋە مۇدھىش ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ. پۈتۈن ھاياتىمدا ماڭا ئەگىشىۋالغان ئىتلارنىمۇ  ماڭا يېقىن پىرسۇناژلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىۋالىدىغان، ئادەمنى تەمتىرىتىدىغان گۇمانلىق مەخلۇقلار سۈپىتىدە تەسۋىرلىدىم. ئوخشاش بىر ئادالەت مەنتىقىسى ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بانكېرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئەسكەرلەر ۋە ئاكىلارمۇ كىتابلىرىمدا ياخشى كىشىلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەيدۇ. ساتىراشلارمۇ شۇنداق. چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا ساتىراشخانىلارغا يىغلاپ باراتتىم. كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئۇلار بىلەن  ئارىمىز زادىلا ياخشى بولمىدى. ھەيبەلى ئارىلىدا ئۆتكەن بالىلىق يىللىرىمدا ئاتلارنى قەۋەتلا ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن، رومانلىرىمدا ئاتلارغا ۋە ئات ھارۋىلىرىغا بەك ياخشى روللارنى بەردىم. مېنىڭ ئات پىرسۇناژلىرىم سەزگۈر، ئورۇق، غەمكىن ۋە گۇناھسىز بولۇپ، ئەسكىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ. بالىلىقىم دائىم ماڭا كۈلۈمسېرەپ قارايدىغان، ياخشى نىيەتلىك، ياخشى ئادەملەر بىلەن تولغان بىر مۇھىتتا ئۆتكەچكە، كىتابلىرىمدا بەك جىق ياخشى ئادەملەر بار، لېكىن ئادالەت دېگەن چېغىمىزدا كۆپىنچە ھاللاردا ئەقلىمىزگە ئەسكىلىكلەر كېلىدۇ، بۇنداق يازمىلارنى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا بىلىنەر-بىلىنمەس بىر خىل ئادالەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شائىرلارنىڭ، ئۇنداق ياكى بۇنداق بىر شەكىلدە ئەسكىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. دېمەكچىمەنكى، مەن ئۆز ئىنتىقاملىرىمنى ئېلىشقا تېرىشىۋاتىمەن، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا بۇنى شۇنچىلىك خۇپىيانە بىر يول بىلەن قىلىۋاتىمەنكى، ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلالمايلا قالماستىن بەلكى تېخى بۇ ئىنتىقامنى گۈزەللىك دەپ قېلىشاتتى.  بۇ خىل شېئىرىي ئادالەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسى بالىلار كىتابلىرىنىڭ، رەسىملىك تەۋەككۈلچىلىك رومانلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاش بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئەسكىلەرنى جازالىشى، ھەم ئەدىپىنى بېرىۋاتقان چاغدا « بۇ تەستەك بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مۇش بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن» دېيىشلىرى بولسا كېرەك. يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى مەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشىم مۈمكىن، مەسىلەن، بىر قاسساپقا كىتابىمدا ئۇنى قانچىلىك ئەسكى قىلىپ يازغىنىمنى قۇرمۇ-قۇر ئوقۇپ بەرمەكتىمەن، ئۇمۇ مەسىلەن جىددىيلىشىپ، دەھشەتكە چۈشۈپ قولىدىكى پىچاقنى تاشلاپ دۇكانلىرىنى تازىلاشقا كېرىشىپ كەتمەكتە ۋە « جېنىم ئاكا، مېنى ئۇنچىۋېلا ئەسكى قىلىپ كۆرسەتمە، ئۆتۈنۈپ قالاي، خوتۇن-باللىرىمغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن!» دەپ يىغلاپ كەتمەكتە.
     ئىنتىقام تۇيغۇسى يېڭى ئىنتىقاملارغا كۈشكۈرتىدۇ. ئىككى يىل بۇرۇن، سەككىز-توققۇز ئىت مېنى ماچكا باغچىسىدا ئارىغا ئېلىۋېلىپ چىشلىمەكچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ رومانلىرىمنى ئوقۇغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىستانبۇلغا خاس شايكا بولۇشۇۋېلىپ ئايلىنىدىغان ئادىتى تۈپەيلىدىن «شېئىرى ئادالەت» ىم بىلەن جازالىغانلىقىمنى بىلىپ قېلىشقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم. شېئىرى ئادالەتنىڭ خەتەرلىك يېرى، ئادالەت ياقىلايمەن دەپ ھەم كىتابىڭىزنى، ئەسىرىڭىزنى، ھەم بارلىقىڭىزنى بۇزۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئىنتىقامنى ھۈنەر ئىشلىتىپ مەخپىي قىلسىڭىز، ھەتتا مۇشۇ باھانىدە ئەسىرىڭىزنى گۈزەللەشتۈرىۋېتىشىڭىزمۇ مۈمكىن. لېكىن ئادالەت پېشىدا يۈرگەن خىيالىي شائىرنى يالغۇز يۈرگەن بىر كۈنى بىر بۇلۇڭغا  قىستاپ گۆشىگە چىشىنى پاتۇرىۋالىدىغان ئىتلار ھەر زامان  ئۇچراپ تۇرىدۇ.

تۈركچە «مەنزىرىدىن پارچىلار» ناملىق توپلامدىن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:08:03

سىزنىڭ تەرجىمە تىلىڭىزنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا مەن ئورخان بىلەن ئارامدا سىز بارلىقىڭىزنى دائىم ئۇنتۇپ قالىمەن. رەھمەت!

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:25:28

مەنىسى چوڭقۇر ئەسەركەن،تەرجىمە سەۋىيەرىڭىز بوپ قۇيىدىكەن،ھوزۇرلاندىم.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:22:05

مىنى نىمىشقا ئۆچ كۆرىدىغاندۇ بۇ ئورخىناخۇن :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 18:22:22

مەن ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن بولمىسا :lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:17:23

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 18:22 static/image/common/back.gif
مەن ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن بولمىسا

;P  شۇنداقمۇ قاسساپ ؟:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:42:08

بىر ھېكايىدە پاينەكباش، پىتكۆز بىرسىنىڭ تازا تاياق يېگەن كۆرۈنۈشى بارتى، تازا كۈلۈپتىكەنمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:42:41

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 15:08 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ تەرجىمە تىلىڭىزنىڭ گۈزەللىكىگە گەپ توغرا كەلمە ...

رەھمەت. لېكىن گەپ توغرا كەلمەيدۇ، دەپ كەتكىلىمۇ بولماس. مىلان كۇندېرانىڭ رومانىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان تەرجىماننىڭ بېشىغا ئىستاكاننى ئېتىپ سوتقا چۈشۈپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم. تەرجىمە قىلدىم، دېگەن بىلەن بولمايدىكەن. بىر كۈنلىرى ئەسلى ئەسەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلار چىقىپ لەنەت ئوقۇپ كەتمىسۇن، دەپ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەككەن...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 23:55:33

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 18:22 static/image/common/back.gif
مىنى نىمىشقا ئۆچ كۆرىدىغاندۇ بۇ ئورخىناخۇن

گۆشنىڭ قارا يېرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ياغنى جىقراق كېسىپ سالغانمۇ-يا؟

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 15:04:47

مىلان كۇندرانىڭ ئەسەرلىرى ئۆلگەندەك تۇيغۇ ....
ئورخانكامنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قېلىشمايدۇ.
بەت: [1]
: ئورخان پامۇك: ھاياتتىن ئېلىنغان ئىنتىقام؟