ئابدۇللا-ئابدۇراخمان ئاجرىتىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 10:51سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا،ئابدۇللا ۋە ئابدۇراخمان ئىسىملىك يەمەنلىك تۇتاش تەنلىك قوش كېزەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاجرىتىلدى، بۇ ئوپېراتسىيىگە جەمئىي 9 سائەت كەتكەن بولۇپ، كۆپ تەرەپتىن پىشقان بۇ ئوپېراتسىيە گۇرۇپپىسىغا سابىق سەھىيە مىنىستىر دوكتور ئابدۇللا ئەل رابىئەھ باشچىلىق قىلغان، ئەل مەدىنە كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەزالار ناركوز قىلىدىغانلار، بالىلار دوختۇرى،بەدەن تۈزەش ئوپېراتسىيە دوختۇرى، تاشقى بەدەن ئوپىراتسىيە دوختىرى سۈيدۈك يولى ئوپېراتسىيە دوختۇرى ۋە سېسترالاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.
مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بۇ ئوپېراتسىيە «پادىشاھ ئابدۇل ئەزىزى مېدىتسىنا مەركىزى»دە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئوپېراتسىيە جەمئىي 9 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئاجرىتىلغان بوۋاقلار بالىلار بۆلۈمىدە ئالاھىدە كۈتۈنىلىۋاتقان بولۇپ، ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تۇتاش كېزەكلەرنىڭ 60-70% ئورگانلىرى مەسىلەن ئۈچەيلىرى ئورتاق بولۇپ، ئاجرىتىش ئوپېراتسىيىسى 9 باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان .دوختۇرخانا باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوش كېزەكلەرنىڭ ئۈچىيى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە داس سۆڭىكى ئاجرىتىلغان ئىكەن. خەۋەردە يەنە، بىر ئوپېراتسىيە باسقۇچى تۈگىگەن ھامان، دوختۇرلار دەرھال ئورگانلارنى ياماپ تۇرىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇنداق قوشماق تەنلىك ئوپېراتسىيە 1990- يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ 35- قوشماق ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى 18 مەملىكەتتىن كەلگەن قوشماق تەنلىك قوشكېزەكلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇنداق ئوپېراتسىيىسىدىن نەپ ئېلىپتۇ.
ئابدۇللا
ئابدۇراخمان
ئوپىراتسىيە گۇرۇپپىسى پىلاننىڭ سىرتىدار بولسىغۇ بولدى پۈتتى، پىلاننىڭ ئىچىدە بولۇپ قالسىمۇ دىيارىمىزدىكى كىشىلەر ئىچىدە بالا قوساقتا ياتقان ۋاقتىدىلا «پۇتى يىتىلمەپتۇ، قۇلىقىنىڭ يىتىلىشى ياخشى ئەمەسكەن...» دەپ قىژدۇرۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ... ما شا ئاللاھ ..................
نىمدىگەن ئۇماق باللار بۇ ، شۇنداق قىلىپ ئاۋۇ بۇۋاقلارنىڭ چىچىدىغان سىيىدىغان ھەممە يەرلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بوپتۇدە :) خۇداغا شۈكىرى،مۇۋاپىقىيەتلىك ئاجىرتىلغانلىقىدىن بىزلەرمۇ خوش بولدۇق،بۇ دۇنيادا بىر ئىنسان بولسىمۇ خۇشال-خۇرام،بەخىتلىك ياشىسىكەن دەيمەن..ئوپراتسىيەگە قاتناشقان بارلىق دوختۇرلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستىمىسى ، جىنسى ئەزانى قانداق بۆلگەندۇ ؟ زادى كەمتۈك بوپ قالماپتىمۇ ؟ سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مېدىتسىناسى يۇقرىكىن جۇمۇ، {:112:}{:112:}{:112:}{:112:} ئاللاھ ئاسانچىلىق بەرسۇن سۇبھانەللا پەرۋەردىگارىم پاكتۇر ، ئى ئاللا بىزگە سالىھ ، ساغلام ، بىجىرىم پەرزەنىت ئاتا قىلغىن ، گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن ، بىزگە رەھىمى قىلغىن ئامىن ! مۇشۇ خىلدىكى ئوپىراتسىيىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مەغلۇپ بولغىنىنى ئاڭلىغان، بىراق ماۋۇ ئوپىراتسىيە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك بوپتۇ. ilter يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 18:21 static/image/common/back.gif
سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستىمىسى ، جىنسى ئەزانى قانداق بۆلگە ...
بۇ توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوقكەن، مەنچىمۇ بۇ بالىلارنىڭ بىرسى ساق قالىدىغان ئىشمىكىن، چۈنكى 60-70% ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئورگانلارنى قانداق ئىككىگە بۆلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا بۇ خەۋەرگە ئەقلى يەتمەيدۇ .
ئەسلى ئادرېسى:
http://www.al-madina.com/node/592550/%D8%A7%D9%84%D8%B1%D8%A8%D9%8A%D8%B9%D8%A9-%D8%AA%D8%AC%D8%AF%D9%8A%D8%AF-%D8%AF%D9%85%D8%A7%D8%A1-%D9%81%D8%B1%D9%8A%D9%82-%C2%AB%D9%81%D8%B5%D9%84-%D8%A7%D9%84%D8%AA%D9%88%D8%A7%D8%A6%D9%85-%D8%A7%D9%84%D8%B3%D9%8A%D8%A7%D9%85%D9%8A%D8%A9%C2%BB-%D8%B3%D9%86%D9%88%D9%8A%D9%91%D9%8B%D8%A7.html ئۇلۇق ئاللاھ ھەربىر بەندىسىگە ئاسانچىلىق بەرسۇن
بەت:
[1]