history يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:21:47

يالتا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى جياڭ جيېشى قانداق بىلىۋالغان ؟



          1945 - يىلى 2 - ئايدا تۈزۈلگەن يالتا كېلىشىمى جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقىغا ۋە مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ، بۇ چاغدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت جۇڭگوغا قارىتا خەۋەرنى قاتتىق قامال قىلغانىدى .
        ئەمەلىيەتتە ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يەڭ سودىسى بۇرۇنلا باشلانغانىدى . 1944 - يىلى 10 - ۋە 11 - ئايلاردا ، جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گو ۋېيجۈن جياڭ جيېشىغا : ئامېرىكا ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپۇنىيىگە قارشى ئۇرۇشقا بالدۇرراق قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ ، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا لۇيشۈن پورتىغا ئېرىشىشنى شەرت قىلدى ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە بۇنىڭغا قارشى تۇرمىدى ، دەپ ئارقا - ئارقىدىن مەخپىي تېلېگرام بەرگەن . 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 -كۈنى ، جياڭ جيېشى گوۋېيجۈنگە يىغىننىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ چىق دەپ تېلېگرام بەرگەن .
        بىراق ، يىغىننىڭ ئاخباراتى ۋە خىتابنامىسىدا ، يىراق شەرق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىمۇ ، ياۋروپا مەسىلىسىلا مۇزاكىرە قىلىندى ، دېيىشكەن . مۇنداق نۇرمالسىزلىقتىن ، جياڭ جيېشى تېخىمۇ گۇمانلانغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن دۆلىتىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھورلى ئارقىلىق روزۋېلىتقا خەت ئەۋەتىپ ، يىغىننىڭ يىراق شەرق توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى ئۇقماقچى بولغان . جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇبىڭچاڭمۇ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھالمان ئۆزىگە ئاشكارالاپ قويغان ئازراق ئاخباراتنى جياڭ جيېشىگە دوكلات قىلىدۇ . جياڭ جيېشى بۇ دوكلاتنى ئاڭلاپ ، ئەھۋال باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ . بۇ چاغدا گوۋېيجۈن يىغىننىڭ قايسى تەرەپلەردە جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېدېننى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىدۇ ، لېكىن ئېدېن ئىككى قېتىمدىلا دۇدۇقلاپ بىر نېمە دېمەيدۇ .
        بۇ چاغدا سۇڭ زىۋېن بۇ ۋەزىپە بىلەن ئامېرىكىغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇ ۋاشىنگتونغا تېلېگرام بەرگەندە ، روزۋېلىد ھورلى ئارقىلىق جاۋاب تېلېگرام ئەۋەتىپ . سۇڭ زىۋېننىڭ ئامېرىكىغا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ . سۇڭ زىۋېن يەنە زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى ھوپكىنىسكە جىددى تېلېگرام ئەۋەتىپ ئامېرىكىغا بېرىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ . جۇڭگو مۇشۇنداق قىستاۋەرگەنلىكتىن ، زۇڭتۇڭ روزۋېلىد جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋېي داۋمىڭنى قوبۇل قىلىپ ، ستالىننىڭ يىغىندا تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاشنى ، لۇيشۈن پورتىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ . لېكىن كېلىشىم ئىمزالاندى دېگەن گەپنى تىلغا ئالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشكارىلانغان ئەھۋال بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭ ئىدى .
         3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، جياڭ جيېشى ۋېي داۋمىڭنىڭ دوكلادىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىنىڭ سېتىلىۋىتىلگەنلىكىنى ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غايىسىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ - دە ، ئامېرىكىغا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان سۇڭ زىۋېنگە  روزۋېلىدگە ئېيتىپ قويۇڭ ، لۈيشۈننى ياكى داليەننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئارىيەتكە بېرىش يولىدىكى ھەر قانداق ئىش ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرايدۇ  دەپ يوليۇرۇق بېرىدۇ .
         ھورلى ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ، بىر ئامال قىلىپ ، يالتا يىغىنىنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىدۇ . ترومىن ھورلىغا  ھازىرچە جۇڭگوغا ھەر قانداق خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ  دەپ تېلېگرام ئارقىلىق بۇيرۇق بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن جىدەلدىن قورقمايدىغان جاھىل ھورلى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى جياڭ جيېشىگە ئۆز نامىدا تۇلۇق ئېيتىپ بېرىدۇ . جياڭ جيېشى شۇ زامات سۇڭ زىۋېنغا ، ئامېرىكىنى پۇتۇن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا يوليۇرۇق بىرىدۇ . ئۇ شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى كېلىشىمدىن ۋاز كەچتۈرۈش ياكى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۇشكە ئۇنىتىش خام خىيالىدا بولىدۇ .
بىراق ،ترومېن يالتا كېلىشىمىنى ئەينەن ئىجرا قىلىشنى قارار قىلىدۇ . ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە ، سۇڭ زېۋىننى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىلگىرى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىش ، يالتا كېلىشىمىنى سۇڭ زېۋىنغا سوۋېت ئىتتىپاقى بىۋاستە ئۇقتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىدۇ . 6 - ئاينىڭ بېشىدا ، ئامېرىكىنىڭ باش كاتىبى ترومېنغا ، سۇڭ زېۋىن ئامېرىكىدىن كېتىدىغان چاغدا ، ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ قويساق ، دېگەندە ، ترومېن قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، ترومېن  سۇڭ زېۋىنغا كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ . سۇڭ زېۋىن شۇ جايدىلا ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بىراق ،ترومېن روزۋېلىد ئىمزالىغان كېلىشىمنى قەتئىي قوللايمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ .
         سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو - سوۋېت ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،  6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى « جۇڭگو - سوۋېت  دوستلۇق ئۆز ئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسىنى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى » دېگەن ئەسلەتمىنى جياڭ جيېشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . بۇ ئەسلەتمىدە تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش دېگەن سۆزلەر « مۇڭغۇلىيە خەلق رېسپوبلىكىسى بىر مۇستەقىل دۆلەت » سۈپىتىدە ساقلاش دېگەن سۆزلەرگە ئۆزگەرتىلىدۇ . ئۇ چاغدا ، جياڭ جيېشى بىلەن پىتىروپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تالاش - تارتىش بولىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇ لۇيشۈن پورتى مەسىلىسىدە ، جياڭ جيېشىنى « كونېسسىيە » دېگەن ئىسىمنى قوللۇنۇشقا قارشى تۇرىدۇ .
         6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ھورلىمۇ « جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۆمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىم گاڭياۋسى توغرىسىدا ئىزاھات » دېگەن ئەسلەتمىنى جياڭ جيېشىغا تاپشۇرىدۇ ، جياڭ جيېشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ قارشى تۇرىۋاتقانلىقىغا قارىماي ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە يالتا كېلىشىمىنى جۇڭگوغا تېڭىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق مەيۈسلىنىدۇ  ۋە ئېچىنىدۇ . شۇ چاغدا نەق مەيداندا بىللە بولغان جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قۇماندانى ۋېي دېمەينىڭ خاتىرسىگە قارىغاندا ، جياڭ جيېشى « ھېچقانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان . ئۇ بىر مىنۇتتەك گەپ قىلماي تۇرغان . . . دىن كېيىن ، بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىۋاتىمەن دېگەن » .
      
      ( «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»دىن ئېلىندى )

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:04:23

يەنىلا تۇزى كەمكەن . رەھمەت.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 21:59:43

كونا خامان
بەت: [1]
: يالتا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى جياڭ جيېشى قانداق بىلىۋالغان ؟