kvqlvk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:21:37

ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاناڭ ئەجرىنى شېئىر ئەخمەت كىبىر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvqlvk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 10:22  

ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاناڭ ئەجرىنى
ئاپتۇرى: ئەخمەت كىبىر

(ساخاۋەت ئىگىلىرى ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن)

تۇيدۇرماستىنلا ئاپاڭ كەتكەندە،
جۇدالىق مۇڭى بېشىڭ ئەگكەندە.
داغۇ-ھەسرەتتىن ئەلەم چەككەندە،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

چۆلدەرىگەندە نى ساراي-ئايۋان،
مازغاپ بولغاندا نى گۈزەل ئارمان.
مەنزىلىڭ غۇۋا، ئىقبالىڭ تۇمان،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

بىر قاپاق سۇ بۇپ ئۆتكەن شۇ كۈنلەر،
بۆشۈك تۈۋىدە يۈتكەن تاڭ-تۈنلەر.
ئوچاق بېشىدا دۈت، ئىس-تۈتۈنلەر،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

جىلتەڭنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭساڭ،
يىغلاپ تاشلىغان يۈز نۇمۇر ئالساڭ.
كۈنلۈك قۇلىدا يامغۇردا قالساڭ،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

ھەپتە، ئاي-ئايلاپ تۇخۇم ساقلىغان،
ئوقۇشتىن كەلسەڭ، خوشاللىقىدا جانغا پاتمىغان.
يىگىت تۇيۇڭدا داستىخان راسلىغان،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

ئۆزۈڭ ئاز كىلىپ بالاڭنى باققان،
تۇنۇر بېشىدا نان-توقاچ ياققان.
«باغرىم بالام!» دەپ سۇ بۇلۇپ ئاققان،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

ئاغرىپ قالغاننى ئەسلا چاندۇرماي،
«ئوبدان تۇردۇم» دەپ سىنى ماڭدۇرماي.
دىلى يۇمشاقلىغىدىن، ھەي.....
ئەزرائىلنىمۇ قۇرۇق ياندۇرماي،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

ياكى شاھ بولغىن ياكى بىر گادا،
ياكى بوز يىگىت، ياكى بىر دادا.
ئەرلىك بۇرچۇڭنى قىلمىساڭ ئادا،
سىنى كۈتكىنى ئۆكسىنىش-ئىزا.
ئاپاڭ نارازى، نارازى خۇدا،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

مەشرەپ-ئۇيۇننىڭ كىچىپ مىھرىدىن،
لاپ-لۇپ چىراقنىڭ تەنناز-سېھرىدىن.
ۋاقىت چىقىرىپ، ۋاقىت قېتىدىن،
شۆھرەتلىرىڭنىڭ چۈشۈپ پېتىدىن،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

مۇڭدىشىپ تۇرغىن ئەتە-ئاخشىمى،
بولسا بىللە قىل، سەھەر ناشتىنى.
كىيىن بىلىسەن ئېيتسام راستىنى،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

تاماق سۇنۇپ تۇر، قىسىنالىساڭ،
ھېيتلىق ئېلىپ بەر، «پېتىنالىساڭ».
پاقلان سۇيۇپ بەر، ئېشىنالىساڭ،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

«ئىسىت، ئاپام!» دەپ يىغلاشتىن بۇرۇن،
ئاپاڭ ئەجرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇن.
جاھاندا ھىچ يوق تۈگىمەس سۇرۇن،
ئاپاڭدا بولسۇن، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن.
دېرىكىنى قىل، سۈبھى-كەچقۇرۇن،
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

«مۈڭگۈز سۈيى»نى ئىچمىگەن ئۇلار،
ئۆڭەر ئالتۇندىن ھەل بەرگەن قۇرلار.
ئەستىن چىقمىغاي، بۇزرۇكۋار-دۇرلار،
تاپماي ھە دىسە، باھانە-قۇسۇرلار.
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

كەتسە «ئاپام!» دەپ يىغلىغان بىكار،
مىڭنى كاچاتلاپ تىللىغان بىكار.
«ھەسەلدىن قىلنى ئىلغىغان»بىكار،
يۈرەك-باغرىڭنى تىلغىغان بىكار.
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى؟

«ئانا بايرىمى» ئىسىڭدە بولسۇن،
كۆڭلى شاتلىققا، مېھىرگە تولسۇن.
ئۆتكەن ھەر كۈنى باھار تۇيۇلسۇن،
دەرت-ھەسرەتلىرى پاكىز يۇيۇلسۇن.
ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاپاڭ ئەجرىنى

2014-يىل 10-ئاي  ئاقسۇ شەھىرىدە يىزىلغان.

Pasan0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:21:48

ناخشىغا قېتىپ ئېيتىدىغان شېئىركەن.
‹ئانىلار بايرىمى›غا مۇبارەك بولسۇن.بارلىق ئانىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ،قوللىرىغا دەرد بەرمىسۇن ،چېھرىدىن مەڭگۈ كۈلكە كەتمىسۇن .

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:42:57

ئوبدان يېزىلغان شېئىر ئىكەن ئانىلىرىمىزنى قانچىلىك كۆيلەپ مەدھىيەلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ تېنى سالامەت ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.
(ئانىلار بايرىمى)غا مۇبارەك بولسۇن.

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:12:24

ياخشى يېزىپسىز...
ئېسىل ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇڭ...
بەت: [1]
: ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاناڭ ئەجرىنى شېئىر ئەخمەت كىبىر