(فىلىم)6-قىسىم : 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى
(فىلىم)6-قىسىم : 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمىتۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0305/4282-68.html
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
سەھنىدە نەچچە تەرلەپ نەچچە ئاچچىق يۇتۇپ .......ھەقىقەتەن تەس گەرچە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يېڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش مەخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ مۇكاپات سوممىسىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە قىممەت، نەچچە ھەسسە بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىددىيە، تەجىرىبە-ساۋاق، يېڭى تەسەۋۋۇرلىرى ئاشكارلىنىپ كېتىپ، باشقىلارنىڭ ھەقسىز پايدىنلىش ماتىرىيالى بولۇپ قالامدۇ- قانداق ؟
بەت:
[1]