history يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:14:06

دولان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر



غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

1.        دولان ئۇيغۇرلىرى

    دولانلار _ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى،   ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدا، يەنى تارىم دەرياسى ۋادىلىرى، يەركەن دەرياسى ئېقىمىنى بويلاپ تاكى تەكلىماكان چۆلىنىڭشىمالىي قىرغىقىدىكى مەكىت، پوسكام، قاغىلىق، يوپۇرغا، پەيزىۋات، مارالبېشى،ئاۋات، شايار، ئاقسۇ، كۇچا، ئونسۇ، باي، توقسۇ، بۈگۈر، كورلا، لوپنۇر، چەرچەر،چاقلىق قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، «دولانلىق»، «دولان يېزىسى»، «دولان مەھەللىسى»دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان يۇرتلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەنىدى.   دولانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات ھالىتى توغرىسىدا بىر مۇنچە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، دولانلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى «كونا تاڭنامە» «(旧唐书)» دە تىلغا ئېلىنغان تېلى قەبىلىلەرنىنىڭ ئىچىدىكى «دولانگې» (多览葛)دېگەن قەبىلىگە تۇتىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. جۇقڭگونىڭ خەنزۇ ئالىمى سېن جۇڭميەن «تۈركلەر تارىخى» (突厥集史)دېگەن ئەسىرىدە تېلى قەبىلىلىرى ئىچىدە«دولانگى» قەبىلىسىنى سانايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئايرىم بىر خەلق ئىكەنلىكى، tolanget دېيىلىدىغانلىقى، دوساننىڭ «موڭغۇل تارىخى» دا tulangkite دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پروفسسور سىن جوڭميەن شۇنىڭ بىلەن بىللە موڭغۇل تارىخىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «تېلاڭگۇتى»(铁良古特)  تيەنلىگو(田列古)، «تېلاڭۋۇ» (贴良无)، «تېلىيەنگۇتى» (贴连鼓特)دېيىلىدىغان قەبىلىنىڭمۇ بولغانلىقى، بۇلارنىڭ خەنسۇلالىسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 – يىلىدىن مىلادىيە 220 – يىلغىچە) بىلەندىڭلىڭلارنىڭ، تاڭ سۇلالىسى (618 – 907  يىللار) بىلەن تېلىلارنىڭئوتتۇرىسىدا، بايقالنىڭ غەربىدە ياشىغانلىقى، دوساننىڭ «موڭغۇل تارىخى» دا teleng kou tes دەپ يېزىلغانلىقى،بۇلارنىڭ قىرغىزلار بىلەن كەمكەمچوت (侃侃帮特)  لار ئارىسىدىكى ئورمانلىقتا ياشايدىغان ئايرىم بىرخەلق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.  


    تىلشۇناس مىر سۇلتان ئوسمانوۋ تارىخىي پاكىتلار ۋە تىل پاكىتلىرى ئاساسىدا ھازىرقى دولان ئۇيغۇرلىرىنى تاڭ سۇلالىسى تارىخىدا تىلغا ئېلىنغان (多览葛)ياكى (多有葛)قەبىلىسىنىڭ ئۆزى... سىر تاردۇشلارنىڭ ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، دولانلار (دولانغىت) نىڭ ئاساسى قىسمى ئاۋۋال تىيانشان، ئاندىن ئاستا – ئاستا ھازىرقى مۇنبەت زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، خالاس.   دەپ كۆرسىتىدۇ.

    دولانلار، ئەسىرلەردىن بېرى تارىم ۋادىسىدا ياشاش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاھالەسانىنى ئۆزۈكسىز كۆپەيتىپ، مۇكەممەل ئىنسانىي خاراكتېرلىرىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈپ،كىشىلىك ئالاقە زىچلىقىنى چىڭىتىپ، ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇلغايتىپ، ئەمگەك – مېھنەت مەشغۇلاتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىتنىك ھالىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە سالماق ھەسسىنى قوشتى.


2.        دولانلارنىڭ مەدەنىيىتى

     دولانلار ھايات سمفونىيەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي جاراڭلىتىپ، تەبىئەتنىڭ مەئىشەتلىرىدىن لەززەتلىنىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىجتىمائىي بىرلىك ھالىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن، تالاي – تالاي يىللارنى تەبىئەت بىلەن كۈرىشىدىغان ئەمگەك، مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزدى. ناتورال ئىگىلىكتىن ئىلمىي مەشغۇلاتقا ئۆتۈش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەقىل –پاراسىتىنى سەرپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قالدۇرغان ئىزلىرى روشەن ۋەئەھمىيەتلىكتۇر. دولانلار سانسىزلىغان مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى ياراتتى. بۇخىل مەدەنىيەتنىڭ كۆپلىرى تاپان بېسىپ كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئۆزتەسىرىنى مەلۇم ساندا ئۆتكۈزگەن ياكى ئورۇن باشاتقان ھالدا، سۈلكەتلىك ئورنىنى يوقاتقان؛ ئايرىملىرى بولسا، بۈگۈنكى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھالەت سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ مۆتىبەر نوپۇزىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

     دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى مول ۋە كۆپ خىل. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىغا ياتىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت خەزىنىسى جەمبىرىكىدە نېگىزلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىرقەدەر روشەن ساقلاپ كەلگەنلەردولانلار، دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

    مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ،جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مېھنەتسەمەرلىرى، بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا دولانلارنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى قانداق مەزمۇن ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.


1.        ماددىي مەدەنىيەت

1)        ئوۋچىلىق – چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوۋچىلىق ئەمگىكىگە ۋارىسلىققىلىشى بىرقەدەر كۈچلۈك. ئۇلار ھازىرمۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

    چارۋىچىلىق – بۇ ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىقتىن كېيىن شۇغۇللانغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگەبولۇش بىلەن بىرگە، مۇنتىزىملاشقان ۋە كۆلەم جەھەتتە چوڭلۇققا ئىگە. ئۇلار تارىم ۋادىلىرىدىكى بىپايان ئوتلاقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. دولانلار باققان چارۋىچىلار تۆگە، ئات، كالا، ئىشەك،خېچىر، قوي، ئۆچكە، ئىت، توخۇ، كەپتەر، ئۆردەك، غاز، بۈركۈت، قارچىغاقاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ گۆش، سۈت، تۇخۇملىرىنى ئىستېمال قىلىپ، يۇڭ – تېرىلىرىنى تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن، تۆگە، ئات، كالا، ئىشەك،خېچىرلارنى تىرىكلىكىدە قاتناش قورالى قىلىپ پايدىلانغان. ئۆز ئىستېمالىدىن ئاشقانلىرىنى قوشنا يېزا – كەنت، رايون ك كىشىلىرىگە سېتىپ بەرگەن ياكى مالغائالماشتۇرغان. دېمەك، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى شىنجاڭنىڭئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەسسىمۇ كۆپ.


2)دېھقانچىلىق – ئېكىنچىلىك مەدەنىيىتى

    دېھقانچىلىق ۋە ئېكىنچىلىك – چارۋىچى خەلقلەر كەشىپ قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى.

   دولان ئۇيغۇرلىرى ئېكىنزارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى ۋە پەسىل، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا ئاساسەن، تۈجۈپىلىك ئىنچىكە تېرىقچىلىق پائالىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇلار ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي (كۈزلۈك بۇغداي، يازغىبۇغداي)، ئارپا، قوناق (ئاق قوناق، كۆممىقۇناق)، تېرىق، شال؛ ياغلىق دانزىرائەتلىرىدىن زىغىر، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، تالالىق زىرائەتلەردىن كېۋەز،كەندىر، يەنە ماش، پۇرچاق، نۇقۇت؛ يەل _ تېمىشلىك ئۆسۈملۈكلەردىن جىگدە، ئۆرۈك،شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، ياڭاق، بادام، گىلاس، ئالما، نەشپۈت،ئەينولا، قوغۇن، تاۋۇز، يەنە كاۋا، قاپاق قاتارلىقلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان.

    دولانلار باغۋەنچىلىكتىن سىرت، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيىسىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قاراپ كەلگەن. دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان يەرلەر تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئىي توغرارقىلىق رايونىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆزيېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا تولىمۇ ماسلاشقان ۋە ئۇ يەرنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى قوغداشنى ئەنئەنىۋى ئىستخىيىلىك قاراش ئاساسىغا قويغان. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ گۈزەللىكىنى، ياپيېشىل ئورمان، چەكسىز كەتكەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراشتەك ئىنسانىي خىسلەتلىرى زامان – زامانلاردىن بېرى جارى بولۇپ تۇرغاچقا، تارىم ھاۋزىسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە توغراقلار زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماي، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ جەزبىدار قىياپىتىنى بىزنىڭ دەۋرىمىز كىشىلىرىگە كۆرسىتىشكە مۇۋاپىق بولالىغان. بۇ كارامەت مۆجىزە دولانلار ئارىسىدا ئەۋلادتىن – ئەۋلاد داۋاملىشىپ،ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش، ئۇلارغا چوقۇنۇش ئەقىدىسىنىڭ شاراپىدىن دەپ بىلىشكە يېتەرلىك ئاساسلار بار. چۈنكى، ئۇلار يۇمران كۆچەتلەرنى كەسسە، ئۇشتىسا، ئىگىپ تاشلىسا، دەسسەپ چەيلىسە يامان بولىدۇ، ياغاچ ئوۋاقلىرىغا سىيسە ياكى دەسسىسە يامان بولىدۇ، دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى بىھۇدە سۇيۇۋەتسە، تىغ بىلەن ئەن سېلىپ قويسا، يالغۇز، چوڭ دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە تەرەت قىلىپ قويسا ياكى ئۇنى تېپىپ، ئۇرسا يامان بولىدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىدا ئەۋەتلىرىنى سۈرتسە يامان بولىدۇ؛ توغراقزارلىق ئارىسىدىكى ياكى ئۇزۇن يىللىق ئانا توغراقنىڭ قارنىدىكى سۇنى ئىچسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئورمان قويسا ساۋاپ بولىدۇ، ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى يەل– يېمىشلەرنى كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە بەرسە ساۋاپ بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈشئېسىل ئەنئەنىۋى قاراشنى يېتىلدۈرگەن ھەم شۇنىڭغا ئاڭلىق يۇسۇندا رىئايە قىلىپكەلگەن. دولانلار دەل – دەرەخلەرگە ۋوڭقۇر ئىخلاس قويغاچقا، ئۇنىڭ چوڭ،يېتىلگەنلىرىنى، قۇرۇپ قېلىشقا يۈزلەنگەنلىرىنى كېسىپ، تۇرمۇشنىڭ كېرەكلىكجايلىرىغا ئىشلەتكەن. ئائىلىدە كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن سايمانلارنى ياغاچتىنياسىغان ۋە بۇنداق ياغاچ بۇيۇملارنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئۇلار تەڭنە، سوزما،ھېجىر، تاۋاق، پىلىچەك، دۆشە، قۇشۇق، چۆمۈچ، سوغا، ئۇن تارتقۇ، ساندۇق، لوك،كالتەك، توقماق، چوماق، تاياق، دەم، بازغان، قاڭ، يالغۇز ئوغۇل، كاجۋا، لىڭگوك،ھارۋا، ئورۇندۇق، سەندەل، ئاخشاختا – نۇغۇچ، بۆشۈك، ئىشىك، كۈنگۈرە، شوتا، كاتەك،سېۋەت، زەمبىل، تەۋەڭ، ئۈسكەن، تۈگمەن سايمانلىرىدىن قوپارغۇ، يىپ چاقى، چىغىرىق،تارغاق – سۈزگۈچ، يىك گۈگۈت، تارشا گۈگۈت، ئېلغا، قامچا، چىراق پىيسى، كەتمەن،كەكە، پالتا، ئورغاق، پىچاق، قىڭراق ساپلىرى، ئارا، گۈرجەك، جىنازا ۋە باشقىلارنىياغاچتىن ياساپ ئىشلەتكەن. يەنە ئۆي – جايلارنىڭ ئۈستىگە ياغاچ ئىشلەتكەن.تۈۋرۈكلەرنى ياغاچتىن قىلغان. بەزى يەرلەردە قەبرىستانلىقلارغىمۇ ياغاچ ئىشلەتكەن.ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن بايقالغان. يادىكارلىقلارغا قارىغاندا، تارىمۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھاللار جەسەتلەرنى ياغاچ ساندۇقلارغا ياكى تەڭنىلەرگە سېلىپدەپنە قىلغان. بۇلار، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئورمانچىلىق بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    دولان ئۇيغۇرلىرى ئورماننىڭ كىشىلىك دۇنياسى ئۈچۈن رولىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز درىجىدەچوڭ ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەچكە، تارىم ۋادىسىدىكى ئورمانلارنىتايانچ بازا قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلىشتەك تۇرمۇش لوگىكىسىنى مۇقىملاشتۇرغان.ئۇلارنىڭ بۇخىل ئادىتى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش يولىدىكى ئەمگەكلىرىئىچىدە توغرا تاللاش بولۇپ، تارىخقا يېزىلىدۇ.

    دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭمەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشىدىكى ماددى ئاساستىن ئىبارەت ماكس بىلەن ئېنگىلېس «نېمىسئىدېئولوگىيەسى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەنىدى: «ئالدى بىلەن بارلىقئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىرىنچى ئالدىنقى شەرتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇئالدىنقى شەرت، شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، كىشىلەر تارىخنى يارىتىش ئۈچۈن ھاياتكەچۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن بولسا ئالدى بىلەن كىيىم –كېچەك، ئۇزۇق – تۈلۈك، تۇرار جاي ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. شۇڭابىرىنچى تارىخىي پائالىيەت مۇشۇ ئىمتىيازلارنى قاندۇرىدىغان ماددىي ئەشيالارنىئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەينى زاماندا بۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈشئۈچۈنلا ھەر كۈنى ھەر سائەتتە ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغان (ھازىرمۇ بىر نەچچە مىڭيىلدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بىر خىل تارىخىي پائالىيىتى يەنى بارلىق تارىخنىڭئالدىنقى شەرتى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.» مانا مۇشۇ تارىخىي نۇقتىئىنەزەرگەقارىغاندا، دولان ئۇيغۇرلىرى شۇغۇللانغان ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىزۆرۈرىي مەشغۇلات، ئۇ بىر يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى.


2) دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى

     دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى مول ۋە رەڭگارەڭ، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمەبايان قىلىشقا بولىدۇ. ساقلاپ قېلىش، راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەۋلادلارنى سۆيۈندۈرىدۇ. دوستلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.


(1) خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

    دولان ئۇيغۇرلىرى  خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىگە ئىنتايىن باي. ئۇ مولمەدەنىيەت خەزىنىسىنى ھاسىل قىلغان. كەڭ دولان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچىلىرى ئارىسىداچوڭقۇر فانتازىيەگە باي ھېكايە، چۆچەكلەر، ھېكمەت ۋە ئىبرەتكە تولغان ماقالە –تەمسىللەر، ئاقىل ۋە دانىشمەنلىككە يېتەكلەيدىغان لەتىپىلەر، كىشىلەرنىڭ ئىشقى ھەۋىسىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ۋاپادارلىق، پاكلىق ئىدىيەسىنى چىڭىتىدىغان، ياردەمبېرىدىغان مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق ۋە جاسارەتكە ئىنتىلدۈرىدىغانقەھرىمانلىق داستانلىرى، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى بەدىئىي بوياق، يارقىنۋە كۆركەم قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ناخشا – قوشاقلىرى تارقالغان. بىز ئۇبىباھا خەزىنە ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، تەبىئەت قارشى، ئەخلاق – پەلسەپىسىنىئۆگىنىمىز ۋە تەتقىق قىلىمىز. ئۇلار ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىلمىيقىممەتكە ئىگە.


(2)تىل. تىل – ئىنسانلار ئالاقىلىسىدىكى زۆرۈرىي ۋاسىتە.
     دولانلارنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت.شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ.ئەمما، تىلشۇناسلار فونتېتىكا، گىرامماتىكا ۋە لېكسىكا تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ۋەئىنچىكە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دولانلارنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭئايرىم بىرشىۋىسى دەپ ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭدا قەدىمكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بىر مۇنچەئالاھىدىلىكىلەر ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن پەرقلىنىپتۇرىدىغان خېلى كۆپ لېكسىكا بايلىقلىرى، ئىتنوگىرافىيە ۋە مەدەنىيەتتەتقىقاتچىلىرىنىڭ تارىم ئاھالىسىنىڭ ئىتنىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىش،چۈشىنىشىدە تېپىلغۇسىز ماتېرىيال. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دائىرىسىدەئايرىم خاس بىر شۋىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى (ئايرىملىق) جەھەتتە، ئەنئەنىۋىمەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىر يولىلا چۆرۈپ تاشلىۋەتمەي، ئۇنىڭ نېگىزلىك قىسمىغاۋارىسلىق قىلىش، ساقلاپ قېلىش، تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشتەك يەرلىك، مەھەللىيخاراكتېرلىك مۇستەھكەملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارشىبويىچە ئېتىقاندا، قانچىكى ئىپتىدائىي، يەرلىك، مەھەللىي نەرسىلەر شۇنچىكىتەبىئىي، ساپ، خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدا مىللىيلىك روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تەتقىقاتقىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئومۇمەن، دولانلار ساقلاپ كېلىۋاتقان دولان ئۇيغۇر تىلىشىۋىسى بىر بايلىق.


(3)ناخشا، ئۇسسۇل، مەشرەپ.

    دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ناخشا، ئۇسسۇل، مەشرەپلەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇكۈچلۈك مەھەللىۋى ۋە يەرلىك خاراكتېرگە ئىگە.

   ① دولانلارنىڭ ناخشىلىرى شوخ، ياڭراق،سۇزۇلۇشچان، ناخشىچىلار جاراڭلىق، ھەيۋەتلىك ئېيتىدۇ. يالغۇز ئېيتىدىغان ياكى كوللېكتىپ ئېيتىدىغان شەكىللىرىمۇ بار. دولانلار ناخشىلارنى يول – كوچا، ئېتىز –ئېرىق بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردا ياكى مەشرەپ – سورۇنلاردا ئېيتىدۇ. دولانلارنىڭ ناخشىلىرى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ، روھىنى كۆتىرىدۇ، دولان ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى ئاساسەن خەلق قوشاقلىرىدىن ئىبارەت. ئۇ مەشرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغائاساسەن، ئەمگەكچى خەلق تەرىپىدىن ھەرقايسى تارىخىي شارائىتلاردا ئىجاد قىلىنغان ۋە مېھنەتكەشلەرنىڭ قەلب ساداسىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇھىم بىر قورالغا ئايلانغان.

    دولان خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئۇلاردا زۇلۇم، ئىزىلىش، قاباھەت ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىنغان.زالىملارغا زەغەپ – نەپرەت ياغدۇرۇلغان. مەسىلەن: پېشقەدەملەر بىر – بىرىگە مۇنداققوشاقلارنى ئېيتىپ چاي تۇتۇپ، يۈرەك دەردىنى ئىپادىلىگەن.




تۇغۇلدۇم ئاسارەتتە،


ئۆتتى ئۆمرۈم ھەسرەتتە.


زالىملاردىن قۇتۇلۇپ،


ئۆتەرمەنمۇ سائادەتتە.


بەگلىرىم بەگلىكتە قالدى،


پۇقرالىرى ئالۋاڭ بىلەن.


قازىلار پەتىۋا قىلادۇر،


دوغىسى يالغان بىلەن.


قاغىلار يۇ قاغىلار،


تام تۆپىسىدە يورغىلار،


ئاز قويدىغۇ بۇ جاننى،


باي خوجاملار، دوغىلار.




     بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇندا، مەسىلەن، ئاتا – ئانا مېھرى، غېرىپ –مۇساپىرلىق دەردى، جۇدالىق، سېغىنىش ھەققىدىكى قوشاقلارنى ئېيتىپ، كۆڭۈل ئارزۇلىرىنىئىپادىلەيدۇ. ① يەنە بەزىلىرىدە ۋاپادالىق، چىداملىق، مېھنەت، خەلقچىلىق، يۇرتسۆيەرلىك ئىدىيەسى ئىپادىلەنگەن. ئومۇمەن ئۇلاردا خەلقنىڭ ئىتنىك ئالاھىدىلىكلىرىھەر تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ.

    ② دولان ئۇسسۇلى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى. ئۇ ئاساسەن مەشرەپلەردەئورۇنلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇل بىلەن مەشرەپ ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە دەپ ئاتايمىز.

    دولان ئۇسسۇلى ئادەتتە توققۇز يۈرۈشلۈك دولان مۇقامىغا ئوينىلىدۇ، دولان ئۇسسۇلىجەڭگىۋار، كۆتۈرەڭگۈ ئوۋ ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بەش ئۆزگىرىشىلىك ئاھاڭغا تۆتمۇقىم ھەرىكەت بىلەن ئوينىلىدىغان ۋەقەلىك ئۇسسۇلىدۇر.  

    ③ مەشرەپ – ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋەھەرخىل خەلق ئويۇنلىرى بىلەن خەلق ئۆرپ – ئادىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل ئويۇنشەكلى. ئۇ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان، چوڭقۇريىلتىز تارتقان. ھەتتا بىر خىل ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان. مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىئارىسىدا بىر خىل «سەنئەت ۋە ئۆرپ – ئادەت مەكتىپى» رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.  

    دولان مەشرىپى دولان ئۇيغۇرلىرى مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئوينىلىدۇ.ئۇنىڭ ئوينىلىش ۋاقتى ئاساسەن، توي -  تۆكۈنلەرگە مەركەزلەشكەن. باشقاچاغلاردا كەچقۇرۇنلۇقى كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇپ، بىر يەرگە جەم بولۇشى بىلەنئوينىلىدۇ. بۇنداق يىغىلىش خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكىتەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش، خۇشال – خۇرام ھالدا ئۆزئارا سىردىشىش، بىر-بىرىگە بولغان چۈشىنىشىنى كۈچەيىتىش، ئىناق ئۆتۈش، قىز – يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىپ،مۇھەببەت باغلاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى ياخشى جامائەت سورۇنى.  

    دولان مەشرىپى دولان مۇقاملىرىنى ئاساس قىلىدۇ ياكى دولان مەشرىپى مۇقاملارنىشەكىللەندۈرگەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. دولان مۇقامىنىڭ ھەربىرى بىر دۆرە (بىر مەيدان،بىر قېتىملىق) مەشرەپ بولۇپ، 15 – 20 مىنۇت داۋام قىلىدۇ. ھەربىر دۆرە مەشرەپمۇقام (مۇقەددىمە)، چىكىتمە، سەنەم، سەنىقە (سەلىقە) ۋە سىرىلما دېگەن بەش قىسىمدىنتەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ بەش قىسىم قالۇن، دولان راۋابى، قىل غىجەك ۋە داپنىڭتەڭكەش قىلىنىشى ھەمدە نەغمىچىلەرنىڭ ناخشا بىلەن بىر – بىرىگە ئىنتايىن زىچماسلاشقان بەش خىل ئاھاڭ، شۇنداقلا تۆت ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇل بىلەن ئورۇنلىدۇ.

    دولان مەشرەپلىرى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىي تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپبېرىدۇ. دولان مەشرەپلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە مۇلاھىزە قىلغان بىر مۇنچەئىلمىي خادىملار بۇ نۇقتىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە. مەسىلەن: دولان يېزىلىدائورۇنلىدىغان بىر دۆرە مەشرەپنى مىسال قىلىپ، سۆزلىسەك ئۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:


    مەشرەپ باشلىنىدىغان چاغدا، ئاۋۋال نەغمىچىلەردىن بىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋازداجاراڭلىق مۇقام توۋلايدۇ. بۇ مۇقام مەشرەپنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈگىشىبىلەنلا نەغمىچىلەر تەڭلا داپ چېلىپ، مەشرەپنىڭ چىكىتمە قىسمىنى باشلايدۇ. چىكىتمەباشلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئەر – ئايال ياكى خالىغان كىشى بىلەن بىر جۈپتىنبولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. مەشرەپنىڭ بۇ قىسمى نىسبەتەن سالماق، ئاستا بولۇپ، قەدەمۋە ھەرىكەت يىنىك، رەتلىك، رېتىملىق بولىدۇ. ئەرلەر قولىنى مەردانە قىياپەتتەنۆۋەت بىلەن ئوڭ – سولغا رېتىملىق تاشلاپ، ئۆزى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغۇچى تەرەپكەقاراپ ھەر ئۈچ قەدەمدە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ ھەرىكىتىگەماسلاشقان ھالدا گاھى ئوڭ، گاھى سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گويا ئەرلەرگە مەشئەليورۇتۇپ بېرىۋاتقاندەك بىر قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ سانىمەيلى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، پۈتۈن مەيداندىكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقانكىشىلەرنىڭ پۇت ۋە قولى ھەرىكەتلىرى بىردەك بولۇپ، كىشىلەرگە خۇددى بىرلا كىشى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.


    نەغمە سەنەم باسقۇچىغا كۆچكەندە ھەرىكەت (ئۇسۇل) بىردىن جىددىيىلىشىپ ئەۋجىگەكۆتۈرۈلىدۇ. ئەر ۋە ئايال قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئوڭغايېرىم، سولغا يېرىم پىرقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتا بىر – بىرىگەتىگىپ كەتمەستىن، چاققانلىق بىلەن تۇللۇق بىر ئايلىنىپ، ئاندىن بىر – بىرىنىڭقارشى تەرىپىگە ئۆتىدۇ.


سەلىقە باسقۇچىدا نەغمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇسسۇلمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۇسسۇلچىلارئاستا – ئاستا بىرىنىڭ كەينىگە بىرى تىزىلىپ چوڭ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ، گاھىدائوڭ، گاھىدا سول يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. ئۇسسۇلچىلاردىن تەركىبتاپقان بۇ چەمبىرەك تاكى نەغمە سىرىلما باسقۇچىغا كۆچكەنگە قەدەر ئۆز توپىئەتراپىدا لەرزان ئايلىنىدۇ.


سىرىلما – مەشرەپنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا جىددىيىلىك ئورنىنىخوشاللىق كەيپىياتى ئىگىلەپ، غەلىبە تەنتەنىسى ئىپادە قىلىدۇ. نەغمىنىڭ ئۆزگىرىشىبىلەن ئۇسسۇلچىلاردىن ھاسىل بولغان چەمبەر پارچىلىنىپ، ھەممە كىشى يەككە ھالداپىرقىراشنى ئاساس قىلىپ ئوينايدۇ. پىراقىراشنىڭ بارغانچە تېزلىشىشى بىلەن چارچىغانياكى بېشى قايغانلار سەپتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاخىردا ئۇسسۇل ماھىرلىرىدىن بىر –ئىككى كىشى قالىدۇ. يۇقىرىقى تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇلدىن كېيىن بىر دۆرە مەشرەپئاخىرلاشقان بولىدۇ.


دېمەك، يۇقىرىقى ئۇسسۇل جەريانى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىقئەمگەكلىرىنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندا كىشىلەرنىڭ ئوۋغاياكى دۈشمەنگە قارشى جەڭگە چىقىپ، يىرتقۇچىلارنى كۆرگەندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋازداتوۋلىشىپ، بىر يەرگە يىغىلغانلىقى، ئاندىن سۈرەن – چوقانلار بىلەن ئوۋ ياكى جەڭگەئاتلىنىپ، رەقىبى بىلەن جان تىكىشىپ ئېلىشقانلىقى، ئاياللار مەشئەل كۆتۈرۈپ،ئەتراپنى يۇرۇتۇپ بەرسە، ئەرلەرنىڭ ئوڭ – سولغا بۇرۇلۇپ، گاھى ئىلگىرلەپ، گاھىچېكىنىپ ئوقيا ئاتقانلىقى، ئاخىردا، چوڭ بىر قورشاۋ ياساپ، رەقىبىنى ئۆلتۈرگەنلىكىۋە بۇ غەلىبىگە تەنتەنە قىلىپ، شادلىقتا ساما سالغانلىقتىن ئىبارەت بىر خانلىقمەنزىرە كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.  


دولان مەشرەپلىرى ئومۇمىيلىق جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن ئوخشاپكەتسىمۇ، لېكىن، قىسمەنلىك جەھەتتە بەزى پەرقلىنىدىغان تۈرلىرى بار. بۇلار ھېيت –ئايەم مەشرىپى، توي – تۆكۈن مەشرىپى، قاتار مەشرەپ، تەكلىپ مەشرەپ، ناماقۇللۇقمەشرىپى ۋە ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.


مەشرەپ ئىچىدىكى «دەررە ئوينى»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش»، «جۇۋازغا قېتىش»،«تىلسىز جانلىقلارنى دوراش»، «دېپى يوق سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناش»، «سامسا يېقىش»،«سۈرەتكە تارتىش»، «دەررىگە بېسىش» قاتارلىق قىزىق كومىدىيەلىك ھەم دىرامماتىك تۈسئالغان ئويۇنلار ئادەمنى ھەيراتتە قالدۇرىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، كۈلدۈرىدۇ، ئۇدولان ئۇيغۇرلىرى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر ۋە بېسىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي  جەمئىيەتنىڭبىر قاتار مەسىللىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك سۆرەتلەپ بېرىدۇ. بۇلارئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت تارىخى، جۈملىدىن دىراممىچىلىق تارىخىنى ئۆگىنىش، تەتقىققىلىشتا مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.


زامان – زامانلاردىن بېرى ئويلىنىپ كېلىنىۋاتقان بۇ ئويۇنلار ھازىرمۇ شۇنداقئوينىلىپ كەلمەكتە.


(4)        مۇزىكا – مۇقام

    دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكىسى دولان مۇقامىغا مۇجەسسەملەشكەن. بۇ مۇقاملار ئادەتتە«دولان توققۇز مۇقامى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

   دولان مۇقاملىرى قەشقەر مۇقامى يەنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ئوخشاش 12 يۈرۈشمۇقامدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ توققۇزى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.قالغان ئۈچ مۇقام بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن ياكى ئۇنىتولۇق بىلىدىغانلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىپ،ھەربىر مەيدان مەشرەپتە ئورۇنلىنىۋاتقان بۇ مۇقامنىڭ نامى «زىل باياۋان»، «ئەرزالباياۋان»، «دولان راك مۇقامى»، «دولان مۇشاۋىرەك مۇقامى»، «سىم باياۋان مۇقامى»،«بوم باياۋان مۇقامى»،«دولان جۇلا مۇقامى»، «خودەك باياۋان مۇقامى»،«دۈگامەتباياۋان مۇقامى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.  

   بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى گەرچە «ئون ئىككى مۇقام» ئىسىملىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ،ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئاھاڭ ۋە شەكىل جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ. دولان مۇقاملىرىغائەلنەغمىلەرگە خاس بولغان يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قالۇن، دولان راۋابى، قىلغەجەك، داپ قاتارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرى ياسالغان.

   «دولان توققۇز مۇقامى» نىڭ ھەر بىر مۇقامى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىنۇتتىنئورۇندىلىدۇ. توققۇز مۇقام بىر يولى ئورۇندالسا، جەمئىي بەش سائەتتە تۈگەيدۇ. بىرمۇقامنىڭ رېتىمى يەنە بىر مۇقامنىڭ رېتىمىغا ئوخشاش بولسىمۇ، ھەتتا مۇزىكاقۇرۇلمىسى جەھەتتە بىرى يەنە بىرىگە ئوخشىشىپ كەتكەندەك سىزىمنى بەرسىمۇ، لېكىن 45ئۆزگىرىش ئاھاڭنىڭ ھېچقايسىسى (جەمئىي توققۇز مۇقام 45 ئاھاڭ، 90 كۇبلىت تېكىست)بىر – بىرىگە يېيىشچانلىقى، رېتىمنىڭ جەلپ قىلارلىقى، مۇزىكىلىق جۈملىلەرنىڭباغلىنىپ كېلىشى، ئۇدار تىپلىرىنىڭ داپ تاكتلىقى ماسلىشىپ، كۈچلۈك تەسىرات ۋەمۇزىكىلىق ھېسسىيات ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى، ئاڭلىغۇچى كىشىلدە چوڭقۇر ھاياجانقوزغايدۇ. ئۇسسۇلچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دولان دىيارىدىلابولۇپ قالماستىن، بەلكى دولان ئۇيغۇرلىرى تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بارلىقرايونلاردىمۇ ئورتاق ئىش بولۇپ قالدى.

  
     (5) ئىپتىدائىي ئىشەنچ، دىنىي ئېتىقاد

   ھازىرقى زامان دولان ئۇيغۇرلىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئىسلامدىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدەشۇ دىننىڭ مەزمۇنى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.لېكىن، بىز دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ماھىيىتىنىئىنچىكلەپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلاردا دولانلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىشامان دىنىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

   دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئويۇن – مەشرەپلىرى ۋە ئادەتلىرىدە تۇتېمغا چوقۇنۇش ۋەتەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ تەسىرى ساقلانغان. مەسىلەن: مەشرەپلەردە ھەرخىل جانلىقلارنى (ھايۋانلارنى)دوراش، يولۋاس ئويۇنى، تۆگە ياساش ئويۇنى قاتارلىقلار تۇتېم ئېتىقادىنىڭتەسىرىدۇر. نۇرغۇن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان تۇتېم ئېتىقادىنىڭروشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى شۇكى، تۇتېم قىلىنغان ھايۋانلارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرۈشياكى خاس ئېتىقاد مۇراسىملىرىدا ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىنغان ھەرىكەتلەرنىئورۇنلاشتىن ئىبارەت.

   دولان مەشرەپلىرىدە ئورۇنلىنىدىغان ھايۋانلارنى دوراش ھەرىكىتى ئىچىدە ئىتنى دوراش ھەرىكىتى بار. ئارخېئولوگىيەلىك تېپىندىلار ۋە يازما ھۆججەتلەرگە قارىغاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىتنىمۇ تۇتېم قىلغان، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭئەجدادلىرى «دى»  (狄)لار دەپ پۈتۈلگەن.شەرقى خەن دەۋرىدە يېزىلغان «سۆزلەر» (说文) دېگەن كىتابتا«شىمالدىكى دىلار ئىتقا چوقۇنىدۇ» دەپ يېزىلغان. خوتەن، مورى، بارىكۆل قاتارلىقجايلاردىن ئىتنىڭ ھەيكەللىرى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتا تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭتۇتېم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تولىمۇ ئېنىق. ئۇلاردىن باشقا، خەلق ئارىسىدائىت تۇتىمىغا دائىر بەزى رىۋايەتلەر بار. دېمەك، دولان مەشرەپلىرىدە بولىدىغانئىتنى دوراش ھەرىكىتى ئىستخىيىلىك ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بەلگىلىكتارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار.

    «يولۋاس ئويۇنى» مۇ دولان مەشرەپلىرىدە ئوينىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇمۇيولۋاس تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەنزۇچە يېزىلغان «مۇتيەنزى تەزكىرىسى» ۋە «تاغ– دېڭىزلار قامۇسى» قاتارلىق كىتابلاردا قۇرۇم (كوئېنلۇن) تاغلىرىدا قورىغار شاھئانا  (西王母) بارلىقىسۆزلەنگەن. ئۇلاردا «قورىغار شاھ ئانىنىڭ يولۋاستەك چىشلىرى، يىلپىزدەك قويرۇقىبار...» دېيىلگەن. ئىلمىي خادىملار مۇشۇ خاتىرىنى تەھلىل قىلىپ، قورىغار ئاناجەمەتى يولۋاس بىلەن يىلپىزنى تۇتېم قىلغان بولۇپ، ئۇ تۇتېم قىلىنغان ھايۋاندەكياسىنىپ يۈرەر ئىكەن. دەپ قارايدۇ.   «تاغ – دەريالار قامۇسى» دا ئالتۇنتاغ رايونىدا «ئادەم قىياپەتلىك، يولۋاس تەنلىك ئىلاھلار» بار دېيىلگەن. بۇمۇيولۋاستەك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان، يولۋاسنى تۇتېم قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇلاردىن باشقا ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكىئالغۇي (ئاراغۇل) جىلغىسىنىڭ شەرقى ئېغىزىدىن 1976 -، 1978 – يىللىرى قېزىپ چىققانيەتتە قەبرىدىن باشقا ئاخىرەتلىكلەر بىلەن بىر قاتاردا يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنئالتۇن ياپراق ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇنىمۇ ئىلمىي خادىملارتۇتېم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندۈرۈشمەكتە.   دېمەك، «يولۋاسئويونى» شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى خەلقنىڭ يولۋاس ئېتىقادچىلىقى بىلەن تارىخىيباغلىنىشچانلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان.

     «تۆگە ياساش» دولان مەشرەپلىرىدە ئورۇنلىنىدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرىبولۇپ، بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆگە تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېيتىشقا ئاساسلاربار. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە خان جەمەتىدىكى ئەرباپلارنىڭ «بۇغراخان» نامىبىلەن ئاتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تارىخىي ئۇچۇرلار بار. ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىسى تۆگىنى تۇتېم قىلغان دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.   دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆگىگە ئوخشاش ياسىنىپ، ئالاھىدە «تۆگە ياساش» ئويۇنىنى ئوينىشى ھەرگىز مەقسەتسىز ئېلىپ بارغان ھەرىكەت پائالىيىتى ئەمەس.

    دولان ئۇيغۇرلىرىدا ئوت ئېتىقادچىلىقى، دولان ئۇيغۇرلىرىدا «چىراغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەھەللىۋى ئەنئەنىۋى ئادەت ساقلانغان. بۇنىڭدا بىرخىل قاراشبولۇپ، بىر خىل «چىراغ» تىكىلەر يەنە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز، قىز ۋە ئاق»بەرمەيتتى. ئۇلار بۇنى چىراغ ئارىلىشىپ كەتسە بالا – قازا كېلىدۇ، دەپچۈشەندۈرگەن. بۇنداق «چىراغ» تىن «قالپاق چىراغ»، «ئاقساق چىراغ»، «چولاق چىراق»ۋە ئىشتان سالدى چىراق» قاتارلىق بىر قانچە خىللىرى بار.   بۇ مەسىلىنىئوت ئېتىقادچىلىقىنىڭ تەسىرى دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى چىراغ ئوت چىقىرىدىغانسايمان، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەرتلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىئارىسىدىمۇ ئوت ئېتىقادچىلىقى بولغان. مەسىلەن: ئارخېئولوگىيە خادىملىرى 1985 –يىلى 9 – ئايدا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن يۇلغۇنچىۋىقلىرىغا قىزىل يۇڭ يىپ يۆگەپ، خۇددى يېنىپ تۇرغان مەشئەلگە ئوخشىتىپ ياسالغاننوكچىلارنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىل دەۋرى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇئوپئۇچۇق ئوت ئېتىقادچىلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. بىرخىل «چىراغ» تىكىلەرنىڭ يەنە بىر خىل«چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز، قىز ۋە ئاق» بەرمەسلىكى ئوتنى تۇتېم قىلغان ئۇرۇقلارئارىسىدا بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. «تۇز، قىز ۋە ئاق» نىڭمەركىزى نۇقتىسى «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. قىزىنى باشقىلارغا ياتلىق قىلىشئادەم بالىسىنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىسى، ئىنسانلارنىڭ پادىلىق دەۋرىدە ئۇرۇق – تۇغقانلارئارا نىكاھلىنىش بولىۋەرگەن. ئۇرۇقچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بىرئۇرۇقتىكىلەر ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكىئەجدادلىرى ئىچىدە «چىراغ» (ئوت) نى تۇتېم قىلغان مەلۇم بىر ئۇرۇق بولغانلىقىئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، شۇ ئۇرۇق ئىچىدە ئۆزئارا نىكاھلىنىشنىڭ مەنئىقىلىنغانلىقى تارىخىي مۇقەرەرلىك، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇرئۇرۇق ئەزالىرى كۆپىيىپ، ئۇرۇقنىڭ ئىچىكى ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش يۈزبېرىپ، ئوخشاشلا «چىراغ» (ئوت) نى تۇتېم قىلغان بىر قانچە قانداش ئۇرۇقشەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئارىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆزئارانىكاھلىنىش ئادىتى يوقىلىپ كەتمەي، ئاۋالقىدەكلا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن.بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرنىڭ يەنە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز،قىز ۋە ئاق» بەرمەسلىك ئەنئەنىسى شەكىللىنىپ، ئەۋلادىمۇ ئەۋلاد ساقلىنىپ كەلگەن.«تۇز» بەرمەسلىك بولسا، قىزغا قوشۇپ بېرىدىغان يېمەكلىك (نان، ئاش، تۇز) نىكۆرسەتسە كېرەك. يېڭى ئۆي كۆچكەندە ئالدى بىلەن «تۇزلۇق» نى كۆچۈرۈش شۇنىڭدىنقالغان. «ئاق» بۇ ئاق رەخت ۋە پاختىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار«ئاق» رەڭنى بىرخىل خاسىيەتلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان. ئاق رەخت پاختىدىنتەييارلانغان، تەبىئىي، پاكىزە رەخت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشىنورمال ئەھۋال. قىزلارغا بەخت يار بولسۇن مەنىسىدە «ئاق» (رەخت، يىپ، يۈرۈڭ) نىھەمراھ قىلىپ، يولغا سېلىش ئادىتى بولغان بولسا، «تۇز، قىز، ئاق» تەڭداش ئۇقۇمبولغانلىقىدا ئارتۇقچە شۈبھىلىنىش يوق.

     يۇقىرىقىلاردىن باشقا، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەزى ئۆرپ – ئادەتلىرىدە شامان دىنىنىڭ تەسىرى ساقلانغان. بۇ توغرىلىق ئەتراپلىق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.


    (6) ئاسترونومىيەلىك قاراشلار

    دولان ئۇيغۇرلىرى كۈندۈزلىرى كەڭ تەبىئەت قوينىدىكى ئېتىز – ئېرىق، قىر – دالىلار،يايلاق ۋە ئورمانلاردا، كىچىلەرنى بىپايان يۇلتۇزلۇق كۆك ئاسمان ئاستىدىكىپايانسىز ئېكىنزارلىقلاردا خامان تېپىش، دېھقانچىلىق قىلىش، چارۋا بېقىش بىلەنئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، ئاسمانجىسىملىرى توغرىسىدا بىر مۇنچە ئاستىرونومىيەلىك بىلىملەرنى ۋە چۈشەنچىلەرنىتوپلىغان. شۇنداقلا قىزىقارلىق قاراشلار ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    خەلق ئارىسىدىكى تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا،كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق ھالدا پەيدا بولغان ۋە تەبىئەتنىڭ سىرىنىبىلىش ئىستىتىكىلىرىدىن بارلىققا كەلگەن.   دولان ئۇيغۇرلىرى كۈن، ئاي،يۇلتۇز، بوران، يامغۇر، كەلكۈن قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار قاراشلارنىبارلىققا كەلتۈرگەن. دولانلار يۇلتۇزغا قاراپ كۈن ساناپ ھەرىكەت قىلىدىغانئەنئەنىنى ساقلىغان. ئۇلارنىڭ مۇنەججىملىرى «نەس يۇلتۇز» ھەپتىنىڭ بىر كۈنىمەشرىقتە، بىر كۈنى مەغرىپتە، بىر كۈنى «شىمال تام» تەرەپتە، بىر كۈنى «بىر يۈرۈش»تەرەپتە، بىر كۈنى «ئاسماندا»، يەنە بىر كۈنى يەردە بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا،سەپەرگە، ئوۋغا چىققۇچىلار ۋە توي قىلىپ قىز يۆتكىگۈچىلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەمەلقىلىپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، مۇنەججىم موللىلاردىن «نەس يۇلتۇز» نىڭ قايسىتەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىش قىلاتتى. ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ۋە چارۋا – ماللاربىر پىشكەللىككە ئۇچرىسا، ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا نوكچە قويۇپ، ئوت يېقىپ، نەزىر –چىراق ئۆتكۈزەتتى.

    بۇلاردىن باشقا دولانلار ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ئاستىرونومىيەلىكقاراشلارنى توپلاشقا، تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

   
(7) ئۆمۈرنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش

   دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆمۈرنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئۇزۇن يىل ساغلاملىقنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ئۆمۈر كۆرۈش ئادىتىنىمۇ بىر «مەدەنىيەت ھادىسىسى» دەپ بىلىشكەبولىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان تۆت رايوننىڭ بىرى تارىم ۋادىسىبولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈركۆرىدىغانلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان يەرلەرنىڭجۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ياخشى، ھاۋاسى ساپ، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان. كۈننىڭيۇرۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، سۈيى مول ۋە پاكىز. دولاندىكى ئۇزۇق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر سەھەرتۇرۇپ، ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلەنگەن. پاكىزلىققا، قەرەللىك غىزالىنىشقا، ئىسسىق –سوغۇق تاماقلارنى تەڭشەپ يېيىشكە، گۆش، سۈت، قايماق، يەل – يېمىش يېيىشكە ئىزچىلئەھمىيەت بەرگەن. تەبىئىي ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغان. كۆڭلى – قارنىنى كەڭتۇتقان، زىيادە چاچقۇنلۇق، قىزغانچۇقلۇقتىن ھەزەر ئەيلىگەن. ئىچىملىك، چىكىملىك،كەيىپ – ساپاغا بېرىلمىگەن. قىشتا ئىسسىق، يازدا يىلىڭ يۈرۈشكە، ھەتتا يالاڭئاياقيۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. (ھازىرقى تىببىي ئىلىمدە يالاڭئاياق يۈرۈشنىڭ سالامەتلىككەكۆپ پايدىسىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانماقتا) كىر – قات، يوتقان – كۆرپىلەرنى ئاپتائتاقۇرۇتۇپ ياكى قاقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغان. پاكىز، سۈزۈك بۇلاق ۋە ئېقىن سۇلارنىئىچىپ تۇرغان. نەچچە ئەۋلاد بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتكەن، چوڭلار ھۆرمەتلەنگەن،كىچىكلەر ئىززەتلەنگەن.

    ئومۇمەن، دولان ئۇيغۇرلىرى ياشلىقتىن سالامەتلىكنى ئاسراش، قېرىغانسېرى ئۈمۈدۋاربولۇش، ھاياتنىڭ لەززىتىنى قانغىدەك تېتىپ، كەچۈرمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلماسلىق،ئارتۇقچە مال – دۇنياغا بېرىلمەسلىك، ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق قاتارلىق ئەخلاق –پەزىلەتلىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىھاياتىنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ بۈگۈنكىدەك ئىلمىي نەزەرىيەلىرىنى ئىگەللىمىگەنبولسىمۇ، ئەمما، ئۇلاردا يەرلىك، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغائالاھىدە ئەمەل قىلىدۇ. پەقەت، بىزنىڭ بۇ خىل قاراشنى نەزەرىيە دەرىجىسىگەكۆتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، خالاس.


(8) بەزى ئۆرب – ئادەتلەر ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكتۇر

    دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بەزى ئۆرب – ئادەت، ئىنتىك ئالاھىدىلىكى بار.بۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر فولىكور مەدەنىيىتىنى بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئىگە.بۇلارنىڭ ئىچىگە توي – تۆكۈن، ئۆمۈر مۇراسىملىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىيئالاقە، تۇرالغۇ جاي، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، دەپنە قىلىش ئادەتلىرىقاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار كىرىدۇ. بۇ نۇقتىلارنى ئايرىم – ئايرىم تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيىتى چوڭ بولغان قىممەتلىكنەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

    دولان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە قەدىمكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى بىر قەدەرقويۇق ساقلاپ كەلگەن ئىجتىمائىي گورۇھ بولۇپمۇ مەشرەپلەردە ئەر – ئايالنىڭبىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىشى، ئويۇن ھەرىكىتىنى قىلىشى ۋە بېيىت ئېيتىشىشى بۇنىڭجانلىق بىر مىسالى. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق ئادەتبولغان. مەسىلەن: «ۋېي سۇلالىسى تارىخى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغانتېلىلار توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىكلەرنىڭھەممىسى يىغىلىدۇ، بەخت – تەلەيلىك ئادەملەر خۇشاللىقتىن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلئويناپ، چالغۇلارنى چېلىشىدۇ»، «ئادەتتىكى چاغلاردا چوڭ – كىچىك، ئەر – ئاياللاريىغىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ.»

   ۋەھالەنكى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ جامائەتسورۇنلىرىدا، بولۇپمۇ، ئويۇن – مەشرەپلەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلىمىگەئۇچرىغان. بۇ ئادەت شەھەر – بازار ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا روشەن ئىپادىلەنگەن.دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئاياللار بىرلىكتە مەشرەپئويناشتەك ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىشى ئۇلار ئارىسىدا يەنە باشقا مەدەنىيەتئەنئەنىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇلار، ئەلۋەتتە چوڭقۇرتەكشۈرۈشنى، تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئومۇمەن، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ھالىتى بىر قىممەتلىك مەدەنىيەت خەزىنىسى.ئۇنىڭدا ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئېسىل جاۋاھىراتلار كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. ئۇلارنىئايرىۋاشلاش، ئىلغاش، رەتلەش مۇشۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى.كونا بىلەن يېڭى، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق جىددىي ۋە تېز ئالمىشىۋاتقان، كونانەرسىلەر، ئەنئەنىلەر مەقسەتسىز يوقىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھالقىلىقكۈنلەردە، دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئاز ساندىكىيەرلىك، مەھەللىۋى گۆھەرلەرنى قۇتقۇزۇش، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۈملىدىن جۇڭگومىللەتلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان يۈكسەك مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

    مەنبە:«ئاۋات تارىخ ماتىرىياللىرى»،5-قىسىم. بۇ كىتاپ  سىياسىي كېڭەشئاۋات ناھىيىلىك   كومېتىتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ،2009-يىلى ئۇيغۇر،خەنزۇتىللىرىدا بېسىلغان. بۇ ماقالا ئۇيغۇرچە 46-66-بەتلەردە،خەنزۇچە 34-51-بەتلەردەئىلان قىلىنغان.
بەت: [1]
: دولان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر