dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:15:30

دوللار يەنە ئۆستى

پەيشەنبە كۈنى ( 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارالىق نەخ ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى 1200 ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەندى،تۈنۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە،ئامرىكىنىڭ غەيرى يىزا ـ ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 200 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ،بۇ ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈندىن- كۈنگە كۈچلىنىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ،بۇنىڭ تەسىرىدە ئامرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە بىراقلا ئۆرلەپ ئىككىنجى قېتىم 11 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى ئورنى 96 لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى.
ADP نىڭ ئىجرا قىلغۇچى رەئىسى Rodriguez Carlos مۇنداق دىدى : گەرچە 2 ـ ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانىنىڭ ئېشىش ئامپڭتلۇدىسى يېقىنقى بىر نەچچە ئاينىڭكىگە يەتمىسىمۇ،بىراق ھەر ئايدا 200 مىڭ ئادەم سانىدىن ئارتۇق بولۇشتەك ھالىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،ADP  تەكشۈرۈش دوكىلاتى پەقەت خۇسۇسىي تىجارەت ساھەلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىراق ئامرىكىنىڭ ئەمگەكچىلەر سىتاتسىتكا ئىدارىسىنىڭ جۈمە كۈنى ( 3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى ) ئىلان قىلغان غەيرى يىزا ـ ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   گەرچە ADP سانلىق مەلۇماتى تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭغان بولسىمۇ،بىراق بۇ ئامرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئامرىكا زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى Evans مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:‹‹2016 ـ يىلىدىن بۇرۇن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس،چۈنكى ئۆسۈم قوشۇشنى كىچىكتۈرۈش پۇل پاخاللىق نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.››
3- ئاينىڭ 5- كۈنى قىممەتلىك مېتاللارنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى

بىر گرام ئالتۇن        242.05   يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر  گرام كۈمۈش      3.272 يۈەن (خەلق پۇلى).  

بىر  گرام ئاق ئالتۇن     238.63 يۈەن (خەلق پۇلى).

بىر ئۇنسىيە  ئالتۇن   1201.4500  ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  كۈمۈش  16.2425    ئامېرىكا دوللىرى.

بىر ئۇنسىيە  ئاق ئالتۇن    1184.5000 ئامېرىكا دوللىرى.

1 ئامېرىكا دوللىرى  =  6.1528 يۈەن خەلق پۇلى

مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2633
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ .   ( تەرجىمىدە دىلنۇر )
ئۈندىدار سالونىمىز: ajdadsoda

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 15:34:29

ھەر گىرام ئالتۇننىڭ باھاسى 200 يۇەنگە چۈشەرمۇ؟

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:13:02

ئەگەر 220 يۈەنگە چۈشۈپ قالسا، 200 بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: دوللار يەنە ئۆستى