[خەتلىك فىلىم] ئاپېلسىنلار
فىلىم نامى: ئاپېلسىنلار
ئەسلى نامى: Mandariinid
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2013-يىلى
دۆلىتى: ئېستونىيە / گرۇزىيە
تۈرى: ۋەقەلىك / جەڭ
تىلى: رۇسچە / ئېستونچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە / رۇسچە
IMDB نومۇر: 8.7
رازمىرى: 480*854 / 1280*720
چوڭلىقى: 1.5G / 822MB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:26:21
رېژىسسور: Zaza Urushadze
باش روللاردا: Lembit Ulfsak, Elmo Nüganen, Giorgi Nakashidze
فىلىم ھەققىدە:
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئېستونىيەلىكلەر ئولتۇراق نۇقتىسى(ئېستونىيەلىكلەر كەنتى) ئابخازىيەدە بەرپا بولغان ئىدى.
1992-يىلى گىرۇزىيە-ئابخازىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ئېستونىيەلىك ئاھالىلەرنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆي-ماكانىنى تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخى يۇرتى ئېستونىيەگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بۇيەردە قېلىپ قالغان ئىدى.
فىلىمدىكى باش پېرسوناژ بوۋاي ئىۋو بىلەن قوشنىسى مارگۇس ئاشۇ قېلىپ قالغان ئاز بىرقىسىم كىشىلەر ئىچىدىكى ئىككى كىشى بولۇپ، بوۋاي ئىۋو قوشنىسى مارگۇسقا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ئاپېلسىنلىرىنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىۋاتقان ئىدى.
بوۋاي ئىۋو بىر كۈنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا، ئېغىر يارىلىنىپ ھايات قالغان چېچېنىيەلىك ئەھمەد بىلەن گرۇزىيەلىك نىكانى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇ ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئېلىپ قالىدۇ، ئۇ ئىككىيلەن جەڭ مەيدانىدىكى بىر-بىرىگە قارشى بولغان ئىككى تەرەپ بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش خەۋپى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ شەپقەتچىسى بولغان بوۋاي ئىۋو ئىككىيلەندىن ئۆز ئۆيىدە ئادەم ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە ئالىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى "دۈشمەن" ئارىسىدا بىر مەھەل تەھدىت سېلىش ۋە قارشى تەرەپنى مازاق قىلىش باشلىنىدۇ...
بۇ فىلىم 87-نۆۋەتلىك ئوسكاردا "چەتئەل تىلىدىكى ئەڭ نادىر فىلىم" نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن ياكى Letv بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. چۈشۈرۈپ بىر كۆرۈۋېتەي ماۋۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ . رەھمەت سىلەرگە جۇمۇ :lol ئاپلىسىنلار ...:funk: كۆپ رەھمەت قۇش ئەدەم يوقمۇ؟ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 15:35 static/image/common/back.gif
قۇش ئەدەم يوقمۇ؟
ئۇ يوق. asalam يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:55 static/image/common/back.gif
ماۋۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ . رەھمەت سىلەرگە جۇمۇ
بۇ مەن بۇ يىل كۆرگەن كىنولار ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس بىرسى. تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت قاچان پۈتىدۇ؟ رەھمەت ، دەم ئېلىشتا زىرىكمەيدىغان بولدۇم {:101:} afiyfiy يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 17:33 static/image/common/back.gif
تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت قاچان پۈتىدۇ؟
ئۈچ قىسىم پۈتتى. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 18:47 static/image/common/back.gif
ئۈچ قىسىم پۈتتى.
چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە بولامدۇ ؟:handshake Jengchi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 18:54 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە بولامدۇ ؟
ياق تېخى، قالغان ئۈچ قىسىم پۈتكەندىن كېيىن بىراقلا يوللايمىز. Predestination بىلەن Interstellar نى تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى. alip يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 20:49 static/image/common/back.gif
Predestination بىلەن Interstellar نى تەرجىمە قىلساڭلار بولاتتى.
Interstellar نىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ قالغان، Blueray نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئېلان قىلىنغاندا مۇشۇ نۇسخىسىغا توغرىلاپ ئېلان قىلساق بولىدۇ. چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىممۇ؟ چۈشۈرەي دىسەم لېشى تورىغا ئەزا بولۇڭ دەپ چىقىۋالدى. ئالامەت ئىشلەپتۇ. كوۋرۈك ئەپەندىگە رەھمەت. يەنە بىر پىچەت كىنو!!!{:112:}{:112:}{:112:} قولاڭلىغا دەت كەلمىسۇن
بەت:
[1]
2