waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 21:25:56

شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ماھىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 5-مارت خەۋىرى: 26-فېۋرال، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى2015-يىللىق بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.
 بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقىدۇر. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى سۈي ۋەنجۈنمۇ ترېنېر گۇرۇپىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ قۇشۇمچە دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان ئىككى قېتىملىق 19 كىشىلىك تىزىملىكتە شىنجاڭ كوماندىسى تۆت ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار شىرئەلىجان، قىرانبېك ماقان،  جۇ چى بىلەن ليو ۋېيدىن ئىبارەت. ليو ۋېي يارلانغان سەۋەبىدە تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارالمىدى . قالغان ئۈچ تەنھەركەتچىمىز بېيجىڭغا مەشىق قىلغىلى يۈرۈپ كەتتى. بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشى ئاساسلىقى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدىغان ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن. بۇ قارادىكى ماھىرلار 2016-يىلى رىئودا ئۆتكۈزۈلدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغىمۇ تەييارلىق قىلىدۇ.
   
1. شىرئەلىجان مۇختەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1991-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.92مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 20-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، يىراقتىن توپ ئېتىش تەنھەركەتچىسى، 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يىۇقۇرى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى نەتىجە ياراتقان. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلگەن. CBA چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋە ئادىلجان سۇلايمان، دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ۋاسكىتبول چولپىنىغا ئايلانغان.
   
   2. قىرانبېك ماقان،  قىرغىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ئاتۇش شەھرىدىن، 1992-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.96مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى88 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 13-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  قىرانبېك ماقان 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ CBA بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىدا ئۈچ پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كىيىن، 2011-2012 پەسىللىك مۇسابىقىدە شەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقان. 2012-2013 پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.  2013-يىلى 4-ئايدا دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرگەن.  2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ دۆلەت كوماندىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بىرگە يىغىلىپ مەشىققە قاتنىشىپ خەلىقئارالىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
     
  3. ليۇۋېي  1980-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھرىدىن، بوي ئىگىزلىگى 1.89 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى82 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 8-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ليۇۋېي داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ چىكىنگەن ئەزاسى، ئىلگىرى شاڭخەي كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2001-2002 پەسىللىك مۇسابىقىدە ياۋمېڭ بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي كوماندىسىنى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتۈرگەن. CBA تارىخىدا بۇسۇپ كىرىپ نۇمۇر ئىلىشتا ئۇمۇمى نۇمۇرنى 7000 نۇمۇرغا يەتكۇزگەن تۇنجى بېك ھىساپلىنىدۇ.
  ليۇۋېي 1996-يىلى شاڭخەي ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ 1996-يىلى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى توپ ماھارىتى، نومۇر ئېلىش ۋە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىپ كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
     
  4. جۇ چى، 1996-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىدىن، بوي ئىگىزلىگى 2.17 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 95 كىلوگىرام، غۇلاچ ئۇزۇنلۇقى 2.37 مىتىر، مەيداندىكى ئورنى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 9-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ئۇ 2011-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، خەلىقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.
بۇ يىل يازدا  جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ  كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  2014-يىلى 1-ئايدا  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.
   
  5. سۈي ۋەن جۈن، ھازىر شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى، 2012-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا باش تېرېنىر بولغان، 2012-2013 پەسىللىك مۇسابىقىدە كوماندىنى يىتەكلەپ بىرلەشمىدە تۆتىنجى بولغان.
  2014يىلى،  2013-2014 پەسىللىك مۇسابىقىدە  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئىككىنچىلىككە ئىرىشتۇرگەن.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، گاۋشۇمىڭنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى بولغان.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:04:59

قىرانبەكنىڭ خوتەندە ئوينىغان مۇسابىقە سېن فېلىمى

http://player.youku.com/player.php/sid/XOTA0ODAwNjE2/v.swf


OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:49:00

قىرانبىك راستىنلا پەزىلەتلىك ياراملىق توپچىكەن مەن ئۇنىڭ خوتەندىكى  ،مۇسەبىقە جەرياندىكى ئىپادىسىدىن شۇنى ھىس قىلدىم . . .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:06:02

ئاۋۇ جۇچى دېگەن بالا 96 نىڭمىكەن.  راستلا ئۈمىد بار ئۇنىڭدا   :)

ئا قېرىنى نېمە قىلىدىغاندۇ ؟ 80- يىلنىڭ

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:15:41

جۇچىنى ئاز سانلىق مىللەتمىكى دەيتىم، ئۆز كۆڭلۈمدە.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:34:08

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 09:06 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ جۇچى دېگەن بالا 96 نىڭمىكەن.  راستلا ئۈمىد بار ئۇنى ...

ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىكى ئېچىنىشلىق زەربە لىيۇ ۋېينى دۆلەت كوماندىسىغا قايتا چاقىرتىشقا سەۋەپ بولدى، لىيۇۋىي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق مەيدان تەشكىللىگۈچىسى ۋە كاپىتانى بولۇپ ئوينىغان، كېسىپ ئېيتقاندا خېلى يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدەك توپ كونتىرول قىلىدىغان، مەيدان تەشكىللەيدىغان بىك چوڭ قۇرۇقلۇقتىن چىقىپ باقمىدى، ئالدىنقى قېتىملىقتا ياشلاشتۇرىمىز دەپ گوئەيلەن قاتارلىقلارنى مەيدان تەشكىللەشكە سېلىپ، بېشى يوق چىۋىندەك قالايمىقان ئويناپ يۈرۈپ، ئۆزى ئاجىز ھېسابلايدىغان بىر قانچە كوماندىلارغا ئۇتتۇرۇۋەتتى، بولۇپمۇ لىن جىجىي باشچىلىقىدىكى تەيۋەن كوماندىسىغا سەت ئۇتتۇرۇۋەتىكىنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەرنى ئاجايىپ بىئارام قىلىۋەتتى. بۇنىڭ ئازابى دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسى تايلاند كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋەتكەندىنمۇ ئېشىپ چۈشتى.
ئۇيغۇرلاردىن بۇ ئورۇندا ئوينايدىغانلاردىن ئادىلجان تېرىنىرنىڭ بالىسى ئارسلان ئۈزۈپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆتكەندىكى يېڭى يۇلتۇز مۇسابىقىسىدە كۆرگىنىمدە توپ ئېلىپ مېڭىش سۈرئىتى، توپنى كونتىرول قىلىشى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 13:36:17

ياخشى خەۋەركەن...
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ماھىر دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى