ھەرگىز، مەڭگۈ بەل قويۋەتمەڭ-دىئانا نياد
ئون يىل،1969-1979،دىئانا نياد دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن مۇساپىگە سۇ ئۈزگۈچى دەپ تونۇلغان.1979-يىلى ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىنى سۇ ئۈزۈپ تاماملايدۇ. ئۇ باھامانىڭ بىمىنى ئارىلىدىن فلورىداغىچە بولغان 102.5دېڭىز مېلى مۇساپىلىك سۇ ئۈزۈش سەپىرىنى تاماملايدۇ. ئۇ يەنە نۇرغۇن دۇنيا رېكوردلىرىنى ياراتقان بولۇپ،بۇلاردىن مانخاتتوننى ئايلىنىپ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ئەللىك يىللىق بۇزۇلمىغان رېكورد بولۇپ قالغان رېكوردىمۇ بار،ۋاقتى7سائەت57مېنۇت. ئۇ شۇنداقلا دۆلەتلىك ئايال داڭلىق شەخىسلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ۋە دۆلەتلىك داڭلىق سۇ ئۈزگۈچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.ئاتمىش يېشىدا، ئارلىقتا ئون نەچچە يىل سۈ ئۈزۈپ باقماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى ئۇزۇن مۇساپىگە ئۈزۈش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلايدۇ: كۇبا ۋە فلورىدا ئارىسىنى قاپلاپ تۇرغان ئاشۇ 110 دېڭىز مېلى مۇساپىگە ئۈزۈش. ئۇ بۇنى 20نەچچە ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم سىناپ باققان،لېكىن بىر قىتىملىق مېدوزىنىڭ چېقىۋېلىشى تۈپەيلى مەغلۇب بولغان. لېكىن بۇ قېتىم، تېخىمۇ كۈچلۈك بىر گۇرۇپپا ۋە ئۆز ئارزۇسىغا بولغان يېڭىچە قاراش بىلەن، ئۇ قايتىدىن تۇزلۇق سۇغا كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ بۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرىنىشى توغرىسىدا 2011-يىلى تەد تورىدا بىر قېتىم سۆز قىلغان. 2013-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئاخىرى ئارزۇسىغا يەتكەندە، قانداق ھېس قىلغانلىقى توغرىسىدا قايتا بىر قېتىم سۆز قىلىدۇ.
http://www.tudou.com/v/nsZyBlSwo5w/&resourceId=itudou_04_02_99/v.swf بىر قېتىم ئىشىمنىلا قىلغاچ ئاڭلىۋېتىپ، ئاندىن قىزىقىپ ھەرىكەتلىرى بىلەن قايتا كۆرۈۋەتتىم. مۇشۇنداق ئېسىل نۇتۇقنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. ئۆتكەندە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر سۇغا ئەركىن شۇڭغۇغۇچى دەپ نام ئالغان Guillaume Néry دېگەن ئادەم مەكتىپىمىزدە لېكسىيە سۆزلىگەنتى، ئۇ ئادەم ھېچقانداق ئەسۋاب ئىشلەتمەي 125 مېتىر چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇپتىكەن. دوختۇرلار ئادەم بەدىنىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى 50 مېتىر چوڭقۇرلۇققىچە دەپ قارايدىكەنتۇق. شۇ ئادەممۇ ئۆزىنىڭ سۇغا شۇڭغۇش جەريانىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندە بەكلا تەسىر قىلغانتى.
بىزدە 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا قېرىپ كېتىش بەك ئومۇملاشقان ئىش بولۇپ قالدى. تاشپولاتكاممۇ مۇشۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغانغۇ دەيمەن؟ بىزنىڭ ئارىمىزدا نەۋرىلىك بولۇپمۇ بىر-بىرىنى «قىزلار» دەپ چاقىرىشىدىغان مومايلار جىق بولغان بىلەن ھەقىقىي «قىزلار» دەك ئارزۇ-ئارمان، غايە، ۋە شۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدىغان تىرىشچانلىق بىلەن ياشايدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا. مەن يۇتۇبتىن بۇ نۇتۇقنى كۆرۈۋېتىپ قارىسام يەنە بىر نۇتۇق باركەن، Why 30 is not the new 20 دەيدىغان. ھازىر شۇنى ئاڭلاۋاتىمەن. 60 ياشقا كىرگۈچە ئويۇن ئويناشتا 18 ياش پېتى، غايىلىرىمىزنى ياشاشتا 25 ياشتىن باشلاپلا 65 ياش بولۇۋالساق بولمايدۇ.
مۇشۇنداق ئادەمنى ئىلھاملاندۇردىغان روھلاندۇردىغان ماتىرياللارغا مەن بەك مۇھتاج . . . بەك ئىسىل نۇتۇقكەن بۇ!، مىنىڭ شۇنداق دوستلىرىم بار يېشىمىز بىر يەرگەباردى،ئەمدى سۇنىڭ ئېقىشىغا ياشىساق بولىدۇ،ئارزۇ_ ئارمان قوغلىشىدىغان ۋاقىتلار كەتتى دىيىشىدۇ،مەن ئەكسىچە ئومرىمىز ئاز قالغانسىرى بۇرۇندىن كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ كەلگەن ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن پۇرسەتلەر ئاز قالدى،ئەمدى ساقلاپ تۇرماي ھەركەت قىلىپ بېقىشىمىز كىرەك دەيمەن،خۇددى نۇتۇقنى سۆزلىگەن دىئاننا نىياد تەك مەڭگۇ ئارزۇ -ئارمانلىرىمىزدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ،ھياتنىڭ گۈزەللىگى، مەنىسى شۇ ئەمەسمۇ؟ 110دېڭىز مېلى،دىگىنى،بىزنىڭ تىلىمىزدىكى قانچىلىك ئۇزۇنلۇققا بارادەر. بۇ فىلىمنى چۈشۈرۈشنىڭ ئەڭ قولاي ئاددى ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار ئېيتىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. كىلاسسىك دەرىسلىككە ئايلىنىپ كەتكىدەك ئېسىل نۇتۇقكەن…بۇ نۇتۇقتىن دىئانا نيادتىن ئىبارەت بۇ قالتىس تەنھەركەتچىنىڭ قالتىس روھىي دۇنياسىنى، قالتىس ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى، قالتىس زۇۋان سەنئىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىمە يېتىلىشكە ئەھمىيەت بەرگەن گىگانىت ئايال ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم…
زاراتگاھلىققا ئاپىرىپ قويۇپ بەسە مۇردىلارمۇ ياتقان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كەتكۈدەك دەبدەبىلىك نۇتۇقكەن. ‹‹ تەييارغىلام جەننەت يۆق ›› .
ھەركەتسىز بەركەت يۆق .
بەت:
[1]