KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:56:44

قوش يىرىق تەجرىبىسى- كۋانت دۇنياسىغا نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 12:07  

قوش يىرىق تەجرىبىسى - كۋانت دۇنياسىغا نەزەر

بورلۇق



قوش يىرىق تەجرىبىسى فىزىكىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق ۋە ئەڭ مۇھىم تەجرىبىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەجرىبە ئارقىلىق زەررىچىلەرنىڭ ھەم زەررىچىلىق ھەم  دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىزىكا ئالىمى رىچارد فېينمەن (Richard Feynman) نىڭ قارىشىچە بۇ تەجرىبە كۋانت مېخانىكىنىڭ يۈرىكى (جەۋھىرى) بولۇپ، ئۇنى كىلاسسىك مېخانىكا بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن  ئەمەسكەن . بۇ  بىر مىكرو دۇنيانى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەجرىبە بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنياغا بولغان قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە نۇرغۇن باشقا پەنلەرگىمۇ تەسىر قىلغان.


بۇ تەجرىبىنىڭ سېخىمىسى تۆۋەندىكى 1. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن. سول تەرەپتىكى زەررىچىلەر مەنبەسى بولۇپ، زەررىچىلەرنى تېز سۈرئەتتە ئېتىپ چىقىرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى زەررىچىلەر ئۆتىدىغان قوش يېرىق.  ئوڭ تەرەپتە ئېكران بولۇپ، ئۇنىڭدا زەررىچىلەرنىڭ چۈشكەن ئورنى خاتىرىلىنىدۇ.




1. سۈرەت: قوش يېرىق تەجرىبە سېخىمىسى.



تەجرىبىدە زەررىچىلەر قوش يېرىققا  قاراپ ئېتىلغان  ۋە  زەررىچىلەرنىڭ  تارقىلىشى ئېكراندا كۆزىتىلگەن. ئالىملار  زەررىچىلەر ئېكراندا ئىككى تال سىزىق ھاسىل قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئۇلارنىڭ پەرزىدە خۇددى تۆۋەندىكى 2. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، زەررىچىلەر ئىككى تۈز سىزىق شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان. بۇنى زەررىچە نۇسخىسى دەپ تۇرايلى.




2. سۈرەت: زەررىچىلەر ئىككى تۈز سىزىق شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ زەررىچە نۇسخىسى دېيىلىدۇ.



ئەمما تەجرىبە نەتىجىسى ئويلىمىغان يەردىن ئېكراندا ئىككى ئەمەس، بەلكى ئىككىدىن ئارتۇق سىزىقلار كۆرۈلگەن. زەررىچىلەرنىڭ ئېكراندىكى تارقىلىشىنى ئاددىي قىلىپ تۆۋەندىكى 3. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىزىش مۇمكىن. بۇ ئېنگلىز تىلىدا interference   pattern دېيىلىدۇ. ئۇيغۇرتىلىدا ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدۇ. Interference دېگەن سۆز دەخلى قىلىش، ئارىلىشىش دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ،  بۇ نۇسخا ئىككى دولقۇن مەنبەسىدىن چىققان دولقۇنلارنىڭ ئۆز- ئارا ئارىلىشىش ۋە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن دەپ قارىلىپ شۇنداق ئىسىم قويۇلغان.




3. سۈرەت: ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسىنىڭ ئاددىي سېخىمىسى.



زەررىچىلەرنىڭ ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەندۈرۈشى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇنداق تارقىلىش نۇرنىڭ ئىككى يېرىقتىن ئۆتۈپ شەكىللەندۈرۈلگەن تارقىلىشىغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت نۇرغا ئوخشاش دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىگە ئىگەبولغاندا مۇشۇنداق تارقىلىش شەكىللەندۈرەتتى.


بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن فىرانسۇز فىزىكا ئالىمى لۇئىس دېبروي Louis de Broglie ئۆزىنىڭ1925 -  يىلى يازغان دوكتورلۇق ماقالىسىدە:  << بارلىق ماددىلار ھەم زەررىچىلىك ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. >> دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۆرگەن تەكشۈرگۈچىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي، ئېنىشتىنغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئېنىشتىن بۇ قاراشنى قوللىغان. شۇنىڭ بىلەن دې بروي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئوڭۇشلۇق ئالغان. بەش يىلدىن كېيىن، يەنى 1929 - يىلى ئۇ بۇ دوكتورلۇق ماقالىسى سەۋەبىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە  دوكتورلۇق ماقالىسى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىدا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى ئېنىشتىننىڭ << نۇر ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. >> دېگەن نەزەرىيىسنىڭ كېڭەيتىلىشى ئىدى.


دېمەك زەررىچىلەرنىڭ ھەم دولقۇنلۇق ھەم زەررىچىلىك خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، ئېكراندا دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىنى بويىچە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى چىققان.


ئالىملار  زەررىچىلەرنۇرغا ئوخشاش ئۆز - ئارا تەسىر قىلىشىپ ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەنگەن بولسا كېرەك دەپ پەرەزقىلىدۇ، ھەم بۇ تەجرىبىگە ئۆزگەرتىش  كىرگۈزۈپ قايتا ئىشلەيدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار زەررىچىلەرنى بىردىن - بىردىن ئاتىدۇ. ئەمما نەتىجىدە يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى چىققان. دېمەك بۇ بويىچە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى زەررىچىلەر ئۆز - ئارا تەسىر قىلغانلىقتىن شەكىللەنگەن بولماستىن، پەقەت زەررىچىلەرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى بولغاچقىلا شەكىللەنگەن.


مىكرو دۇنيانىڭ ھەرىكەت قانۇنى بولغان كۋانت مېخانىكىسى شۇنداق قىزىقارلىق دۇنيا،  ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى ئۇلارنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بۇ يېڭى دۇنياغا باشلايتتى. ئالىملار داۋاملىق سوئال سورىدى :<< زەررىچىلەر دولقۇنلاردەك بۇ يېرىقلاردىن ئۆتكەن بولسا، ئۇلار زادى قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەر بىر زەررىچە قايسى تۆشۈكتىن ئۆتكەندۇ؟ >> شۇنىڭ بىلەن يېڭى تەجرىبە باشلاندى. بۇ قېتىم ئالىملار ئېكراننىڭ كەينىگە زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سەزگۈچى ئاپپارات (سەزگۈچ) نى قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولدى.


نەتىجە ھەممە ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى. زەررىچىلەرنىڭ قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلەنگەندە، ئېكراندا ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى يوقالغان، زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەنگەن. خۇددى زەررىچىلەر ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغاندەك، قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىكىنى خاتىرىلەنمىگەن ئەھۋالدا زەررىچىلەر ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەندۈردى، لېكىن خاتىرىلەنگەندە بولسا زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەندۈردى.


ئالىملاربەلكىم سەزگۈچ زەررىچىلەرگە تەسىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. 2000-يىلى ئامېرىكا مەرىيلەند ئۇنىۋېرستېتى (Maryland University) ۋە تېكساس  A & M  (ئەي ئەن ئەم) ئۇنىۋېرستېتىدىكى يۇن-خۇ كىم قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ «فىزىكا ئوبزورى خەت-چەكلىرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ قاراش رەت قىلىنغان . مەزكۇر ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن تەجرىبىدە سەزگۈچلەر ئوخشاش ئىشلەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، قايسى يېرىقتىن ئۆتكەنلىك ئۇچۇرىنى بىلمىگەندە ئىنتېرفېرىنسىيە نۇسخىسى شەكىللەن، بىلگەندە زەررىچە نۇسخىسى شەكىللەنگەن.  ئەنگلىيە سېرىي ئۇنىۋېرسىتېتى نەزەرىيە فىزىكىسى پىروفېسسورى جىم ئەلخەلىلى  ( بۇ نۇقتىدا توختىلىپ چاقچاق ئارىلاش ھالدا :<< ئەگەر سىلەر بۇنى ئومۇمىي ساۋات ۋە لوگىكا بىلەن چۈشەندۈرەلىسەڭلار ماڭا دەڭلار، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىلەر. >> دېگەن ئىدى. دېمەك فىزىكا پېنى تېخى بۇ تەجرىبىگە تولۇق جاۋاب تېپىپ بولالمىدى.



پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:


.Feynman, R.P., Leighton, R.B., and Sands, M. (1965). The Feynman Lectures in Physics Volume 3, Section 1–1, Addison–Wesley



.Louis de Broglie, https://en.wikipedia.org/wiki/Louis_de_Broglie



Kim, Yoon-Ho; R. Yu, S.P. Kulik, Y.H. Shih and Marlan Scully (2000). "A Delayed Choice Quantum Eraser". Physical Review Letters 84: 1–5. arXiv:quant-ph/9903047. Bibcode:2000PhRvL..84....1K. doi:10.1103/PhysRevLett.84.1.



.,Jim Al-Khalili, https://en.wikipedia.org/wiki/Jim_Al-Khalili



.Jim Al-Khalili, "Double Slit Experiment explained! by Jim Al-Khalili", https://www.youtube.com/watch?v=A9tKncAdlHQ

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:20:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،بورلۇق ئەپەندى:handshake !
     ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەجىر قىلىپ،ماقالىنى ئىرىنمەي رەتلەپ يازغىنىڭىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بۇ تەجرىبىدە زەررىچىلەر مەنبەسىدىن زادى قانداق زەررىچىلەرنى ئېتىپ چىقىرىدۇ؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:41:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Destur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 13:46  

https://en.wikipedia.org/wiki/File:Two_sources_interference.gif
ئىككى نوقتىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئۆزئارا گىرەلىشى دەيدۇ.
قاراپ تۇرىۋەرسە باشنى ئاغرىتىدىكەن.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:18:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 15:12  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بورلۇق ئەپەندى .
زەررىچىلەرنىڭ نىسبى ھەرىكەت جەرىيانىدىكى ماسسا مەركىزى ۋېكتۇرىنىڭ تەۋرىنىشى - زەررىچىنىڭ ھەرىكەت تىرايىكتۇرىيىسىنى سىنوس سىزىقى ھالىتىگە ئېلىپ كىلىدۇ ، ئەگەر زەررىچىنىڭ ئالاقىدار فارامىتىرلىرى ۋە دەسلەپكى ماسسا مەركىزى ئۇرۇن ۋېكتۇرى ، مەيدان شارائىتى قاتارلىقلار ئېنىق بولسا ، كىيىنكى جەرىيانلاردىكى كونكىرىت ئورنىنى بىرمۇ -بىر ھىساپلا چىقىشقا بۇلىدۇ .
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=guide&view=my
بۇ يەردە مىنىڭ تور يازمىلىرىم بار ، كۇرۇپ باققايسىز .بۇنىڭ ئىچىدىكى بۇ يازمىدا http://bbs.izdinix.com/thread-61729-1-1.htmlمىنىڭ ئىلمى ماقالەم بار ، بۇ ماقالىدىكى تەڭلىمىلەرنى يەشكەندە بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.
ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا سەل قارىلىۋاتقان نوقتىلار ناھايىتى كوپ ، بۇنڭ ئىچىدىكى ئىككى نوقتا بار : بىرى كۇۋانت ھادىسىلىرىنىڭ شەكىللىنىش مىخاينىزىمى ، يەنە بىرى تەسىر جەرىيانلىرىدىكى ماسسا ئوزگىرىشنىڭ ھەقىقى سەۋەبى .
سىزگە كوپ رەھمەت ، نادىر يازمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي .

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:42:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 22:30  

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 13:20 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،بورلۇق ئەپەندى !
     ئالدى بىل ...

نۇر زەرىچىسى (فوتان) ياكى ئېلىكترون قايسى بولسا بولىۋېرىدۇ. ئىككىلا خىل زەرىچىدە تەجىربە ھادىسىسى ئوخشاش بولىدۇ، چۈنلار ئۇلار ئىككىسىلا ھەم زەرىچىلىق ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئەمەسمۇ.

ئەمەلىيەتتە قانداق زەرىچە بولسا بولىۋېرىدۇ. پروتون، نېترونلارمۇ بولىدۇ. چوڭاراق زەرىچىلەرمۇ ۋە ئاتوملارمۇ بولىدۇ. لېكىن زەرىچە چوڭايغانسېرى دولقۇنى كىچىكلەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئىنتېرفېرىنسىيە ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 16:51:22

دېبىروينىڭ نەزىريىسى توغرا بولسا نىمىشقا نيوتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنى ئاغدۇرلۇپ كەتمەيدۇ ؟ نىيوتۇنچە بولغاندا چىسىملار  سىرىتقى گۈچكە ئۇچىرمىسا تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىسى كىرەك ، دېبىرويچە بولغاندا جىسىملار (ماددىلار) نىڭ ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلدىغان دولقۇنلۇق خۇسۇسىيتى بۇلىدۇ .{:207:}

mihin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:23:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 17:27  

تولۇق ئوتتۇردا  بۇ خىل ھالەتنى كۆرۈپ فوتوننىڭ شەكلى  شار شەكلىدە ئەمەس بەلكى  بىر دولقۇن تارقىلۋاتقان ئارغامچە شەكىلدە بولشى مۇمكىن دەپ ئويلىغاندىم .
ھەم بۇئارقىلىق دولقۇن زەرچىلىك خۇسىسىيتىنى ھەل قىلۋەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم:)

ئەگەر ھىچقانداق ئنتىرفىنسىيە ھاسىل قىلىش تاختىنى قويمىساق دولىقۇنلىۇق ھەم زەرىچىلىىك ئارلاش ئىپادىلىنىدىغۇ دەيمەن .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:57:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 21:08  

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 16:51 static/image/common/back.gif
دېبىروينىڭ نەزىريىسى توغرا بولسا نىمىشقا نيوتۇننىڭ بى ...

مەسلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىڭىز ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ ، رەھمەت سىزگە ، بىراق سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىنى زەررىچىنىڭ خارەكتىرى ، نىسبىيىلىك ئىففىكىتلىرى ، سىمىتىرىكلىك (ساقلىنىش قانۇنلىرى ) نىڭ ماھىيىتى ۋە مەيدان ئامللىرى.... قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش نەزەرگە ئېلىش ئاساسىدا ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ . بىراق ، كۇۋانىتلىشىش ھازىرقى فىزىكىنىڭ چۇشەندۇرەلمىگەن مەسلىلىرىگە تەييارلىغان ھەممىباپ قالپاقلىرىنىڭ بىرى ، سىز دىگەن مەسلىنى ھازىر بارنەزەرىىيەلەر سىتاتىسكىغا تارتسۇن ياكى كۇۋانىتقا ئاپارسۇن ھەل قىلالمايدۇ .
كۇۋانت نەزەرىيەسى ئېينىشتىيىن نەزەرىيەلەرى ۋە ئىدىيىسى بۇيىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ‹‹ خۇدانىڭ شىشغال تاشلىشى ›› دۇر ، ھازىرقى نۇپۇزلۇق نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا ‹‹ خۇدانىڭ يول قۇيۇشى ›› بىلەن بولغان ئېھتىماللىقتۇر ، تىگى - تەكتىدىن ئالغاندا ھازىرقى زاماندىكى تەۋرىنىش مۇھىتى ۋە مىخاينىزىمىدىن ئايرىلغان ‹‹ ئىفىر دولقۇنى ›› دۇر.
رەھمەت ، يۇقۇرىدىكى قاراشلىرىم - شەخسى قارىشىم ، ئۇزەمدىن باشقا ھەرقانداق تەشكىلات، گورۇپپا ياكى ئادەمنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:45:50

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 16:51 static/image/common/back.gif
دېبىروينىڭ نەزىريىسى توغرا بولسا نىمىشقا نيوتۇننىڭ بى ...

دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى بار دېگەنلىك ئەگرى سىزىق بىلەن ھەركەت دېگەنلىك ئەمەس.
بەلكىم كۆز ئالدىڭىزغا دېڭىز دولقۇنىدەك ئەگرى دولقۇن كەلگەن بولىشى مۇمكىن.
دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى دېگەندە، دولقۇن مەلۇم ئېنىق ئورۇندا بولمايدۇ. دولقۇن يېيىلىپ كېلىدۇ. بەزى جايلاردا زىچ، بەزى جايلاردا ئاز بولىدۇ.
بۇ يەردىكى دولقۇن ئادەتتىكى سۇ ياكى ئاۋاز دولقۇنغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ ماددى دولقۇن ئەمەس. بەلكى بۇ بىر خىل ماتىماتىكىلىق مۇمكىنچىلىك دولقۇنى، مەۋھۇم (ۋىرتۇئال) دولقۇن. بۇ دېگەنلىك، بۇ زەرىچىلەر بىر ئورۇندا ئېنىق بولمايدۇ.

سەزگۈچلەر تەرپىدىن سېزىلىشتىن بۇرۇن، زەرىچىلەر ئۇ يەردىمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەردە بولىشى مۇمكىن. مۇمكىنچىىلىك دولقۇنى چوڭراق جايدا سىزىلىش مۇمكىچىلىكى چوڭراق، چۈنكىش شۇ جايدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق. ئەكسىچە، مۇمكىنچىىلىك دولقۇنى كىچىكىرەك جايدا سىزىلىش مۇمكىچىلىكى كىچىكرەك.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:53:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 09:09  

mihin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 17:23 static/image/common/back.gif
تولۇق ئوتتۇردا  بۇ خىل ھالەتنى كۆرۈپ فوتوننىڭ شەكلى  شا ...

مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇنداق ئەمەسكەن. بۇنىڭ قانداق دولقۇن ئىكەنلىنى بىلىش ئۈچۈن ئۈستىدىكى ئىنكاسىمغا قاراڭ.

ئەگەر ھىچقانداق تاختا قويمىسىڭىز، زەرىچىلەر مۇمكىنچىلىك دولقۇنى ھالىتىدە تارقلىپ مېڭىۋېرىدۇ.

سېزىلىشتىن بۇرۇن دولقۇن ھالىتىدە تارقىلىدۇ. زەرىچىلىق خۇسۇسىيىتىنى پەقەت سەزگۈچلەر ئاقىلىق سېزىلگەن چاغدا يۈز بېرىدۇ.

دېمەك، سېزىش مەۋھۇم مۇمكىنچىلىق دولقۇنىنى ماددى زەرىچە ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ.

بۇ مەنىدىن ئېتقاندا فىزىكىلىق تەجىربىلەرنى ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئوبىيكتىپ دېيىشكە بولمامدۇ قانداق؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 10:11:00

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:53 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇندا ...

   
    ئەگەر بۇ زەررىچىلەر مەنبەدىن چىقىپلا  دولقۇن شەكىلدە تارقىلغدىغان بولسا  ، ئۇنداقتا ئىكراننىڭ ئالدىغا قوش يېرىقلىق تاختا قويماي  بىۋاستە ھالدا ئىككى زەررىچە مەنبەسىدىن ئىكرانغا قارىتىپ زەررىچە ئېتىپ چىقارساق بۇ زەررىچىلەر  ئىكرانغا يىتىپ بېرىشتىن بۇرۇنلا بوشلۇقتا ئىنتىرفىرىنسىيەلششى  ھەم مىنڭچە بولغاندا  ئىكراندا مۇناسىپ ھالدا ئىنتىرفىرىنسىيە سىزىقچىسى ياكى باشقا ھادىسە چىقشى كىرەك ، مۇشۇ خىل تەجىربە ئىشلەپ بېقىلدىمۇ ؟   ھەم يۇقىرقىدەك نەتىجە چىقامدۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:18:20

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:53 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇندا ...

ئۇنداقتا ئالتىنجى سەزگۈ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھېسى تۇيغۇ (تەپەككۇر) ئارقىلىق جىسىمغا تەسىر كۆرسىتىش دېگەندەك فانتازىيەلەرنىڭمۇ مۇمكىنچىلىكى بارمۇ نىمە؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 22:33:06

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 10:11 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇ زەررىچىلەر مەنبەدىن چىقىپلا  دولقۇن شەك ...

ئەمەلىيەتتە 1-رەسىمىدە كۆرسىتىلگىنى دەل سىز دېگەن بۇ تەجىربە ئەمەسمۇ؟!
ئىككى يېرىق ئەمەلىيەتتە ئىككى زەرىچە مەنبەسى ئەمەسمۇ!؟
ئېتىلغان زەرىچە نۇر زەرىچىسى دەپ تۇرايلى. ئۇنداقتا نۇرلار ئىككى يېرىقتىن ئۆتكەندىن كېىين، ئىككى يېرىق نۇر مەنبەسى بولغان بولىدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇرنىڭ ئىنتېرفېرىنسىيىسىنى سۆزلىگەندە دەل مۇشۇ ئۇسۇل ئاقىلىق ئىككى نۇر مەنبەسى ياسىغان ئەمەسمۇ!؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:04:14

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:45 static/image/common/back.gif
دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتى بار دېگەنلىك ئەگرى سىزىق بىلەن  ...

بۇ تەجرىبە ۋاكوئومدا ئېلىپ بېرىلامدىغاندۇ ؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 10:08:16

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:53 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. لېكىن ئۇندا ...

«مۇمكىنچىلىك دولقۇنى ھالىتى» نى ئېنىق ئورنىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ كوردىناتتىكى ئورون ۋە ۋاقت گىرافىكىنى قەتئى سىزغىلى بولمايدۇ دېگەن مەنىدىمۇ-قانداق،بورلۇق ئەپەندى؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:27:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 20:46  

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 10:04 static/image/common/back.gif
بۇ تەجرىبە ۋاكوئومدا ئېلىپ بېرىلامدىغاندۇ ؟

ۋاكوئومدا  ئېىلىپ بېرىلسا ياخشى بولىدۇ. ۋاكوئومدا ئېلىپ بېرىلىش ياكى بېرىلماسلققنىڭ ئېھتىياجى زەرىچىگە باغلىق. زەرىچىلەر باشقا مۇھىتتىكى زەرىچىلەرنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمىسىلا بولىدۇ.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-7 20:40:29

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 10:08 static/image/common/back.gif
«مۇمكىنچىلىك دولقۇنى ھالىتى» نى ئېنىق ئورنىنى بىلگىل ...

‹‹ئېنىق ئورنىنى بىلگىلى بولمايدۇ›› ئەمەس، بەلكى ئەسلىدىلا دولقۇن ئېنىق بىر ئورۇندا ئەمەس. بۇ بىزنىڭ بىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ چەكلىمىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئەسلى تەبىئىتىدە شۇنداق يېيىقلىق ھالەتتە .

مۇمكىنچىلىك دولقۇننى پەقەت مەلۇم دائىرىدە بەلگىلىك مۇمكىنچىلىككە ئىگە دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنى مەلۇم ئورۇندا دىگىلى بولمايدۇ.

kardu يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا

ئېسىل پاراڭلار بولۇپ كېتىپتۇغۇ، بورلۇق ئەپەندىمگە تەشەككۈرلەر .كۇۋانتۇم مېخانىكىسى ئاجايىپ قىزىقارلىق پەنكەن، بولسا بورلۇق ئەپەندىم كېيىنكى يازمىلىرىدا  entanglement,superposition state schrodinger cat state قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1]
: قوش يىرىق تەجرىبىسى- كۋانت دۇنياسىغا نەزەر