pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:01:10

«دۈملەنگەن دۇنيا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم مۇنازىرە قوزغىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 11:03  

چەي جىڭ(柴静): شەنشىلىك، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى بولغان، 2014-يىلى خىزمىتىدىن  ئىسىپا بەرگەن .(تەپسىلاتى ئۈچۈن(http://baike.baidu.com/view/58494.htm)
يېقىندا، ھەرقايسى سىن توربەتلىرىدە چەي جىڭنىڭ ‹دۈملەنگەن دۇنيا›(ئامېرىكا فانتازىيىلىك فىلىمى under the dome دىن ئۆرنەك ئالغان ) نامىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم كەڭ تارقالدى، بۇ دوكلات چەي جىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، پۈتۈن فىلىمدە بىر يىلدىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەش ۋە تۈزەش جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى كونكرېت سان-سىپىر بىلەن ئانالىز قىلىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن  مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، مۇخبىرلىقتىن چىققان بۇ ئايال ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ مۇھىتنى ئاسراشقا چېتىشلىق بولغان  مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس، رەھبەر ۋە پۇقرالارنى زىيارەت قىلىپ بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان .
مۇخبىرلىقتىن ئىستېپا بەرگەن بۇ  ئانا قويۇق تەكشۈرۈش ئۇسلۇبىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشتە پەقەت شەخسى نۇقتىدىن ۋە ئاممىۋى پايدىنى كۆزلەپ، بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان، كەتكەن چىقىم بىر مىليون يۈەنگە يېقىن . بۇ چىقىم ئاساسلىقى ئۇنىڭ چىقارغان كىتابىنىڭ قەلەم ھەققىدىن كەلگەن .ئۇ بۇ فىلىم توغرىسىدا تەكىتلەپ: بىر يىلدىن بېرى مەن نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنى، فۇنكسىيىلىك تارماقلارنى  شەخسى سالاھىيەت بىلەن زىيارەت قىلدىم، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى سوئالىمغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى ئەپقاچمىدى، تەلتۆكۈس، ئۇدۇل جاۋاب بەردى، يۈز خاتىرە قىلمىدى، دەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاسانغا چۈشمىگەن بۇ تەكشۈرۈشنى تاماملاش ئۈچۈن، چەي جىڭ نۇرغۇن ئىس-تۈتەك بۇلغانما قويۇپ بېرىش نۇقتىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەن، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھاۋا مۇھىتىنى تۈزەشتىكى ساۋاق ۋە  تەجرىبىلىرىنى ئىزدىگەن، سىننى ھەمراھى بىلەن ئۆزى سۈرەتكە ئېلىپ تەھرىرلەپ چىققان. پۈتۈن دوكلات :
1- ئىس-تۈتەك دېگەن نېمە؟
2- ئۇ نەدىن كەلگەن؟
3- قانداق قىلىش كېرەك؟
دېگەن مۇشۇ ئۈچ سوئالدىن باشلاپ تەھلىل قىلىپ، بۇ بۇلغانمىنىڭ خەۋپى، پەيدا بولۇش سەۋەبى ، تىزگىنلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە ساۋاقلارنى بىر بىرلەپ كەڭ ئاممىغا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان .مەسىلەن : دۆلىتىمىزدىكى ئىس-تۈتەكلەرنىڭ 60% كۆمۈر ۋە نېفىتتىن كېلىدىكەن، ئىس-تۈتەكنى تىزگىنلەش ئەمەلىيەتتە ئېنېرگىيە مەسىلىسى بولۇپ ،دۆلىتىمىزنىڭ  2013-يىلدىكى كۆمۈر ئىستېمال مىقدارى پۈتۈن دۇنيا كۆمۈر ئىستېمال مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ ئىكەن .ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىمۇ كىشىنى چۆچۈتىدىكەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت سۈپىتىمىز بىلەن، ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا سان ۋە سۈپەت بۇ ئىككى مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىشىمىزگە توغرا كېلىدىكەن.
تەكشۈرۈش فىلىمىدە يەنە ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى كۆيدۈرۈلۈشى كۆپ، سۈپىتى تۆۋەن، پاكىزلانمىغان ۋە بۇلغانما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش تەس بولۇشتەك مۇشۇ 4 نۇقتىنى روشەن گەۋدىلەندۈرگەن . ‹دۈملەنگەن دۇنيا› دەپ ئات قويۇلغان  بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە مۇھىتىنى تۈزەش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشتىكى ئاجىزلىقلارمۇ شەرھلەنگەن.

چەي جىڭنىڭ ئېيتىشىچە: ‹ئاتموسفېرا مۇھىتىنى قوغداش تۈزەش قانۇنى› تۈزىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ بۇ توپلىغان دوكلاتنى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا سۇنۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:11:15

under the dome


بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىۋەتسە، مەزمۇنىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ خەۋەردار بوپ قالسا ياخشى ىبولغىدەك.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:56:42

قايسى كۈنى كۆرۈپ چىققان، ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلەپ قويۇپتۇ. توردىمۇ غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى.
«باشقۇرۇشنى كۈچەيتمەسسلىك ئەمەلىيەتتە باشقىلارنى ساختا مال ئىشلەشكە قىستىغانلىق» دېگەن گەپلىرى بەك توغرا.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ھېس قىلغىنىم، مۇھىت مەسىلىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش، گەپ شۇنداق بىر نىيەتنىڭ بار-يوقلىقىدا. نوپۇس كۆپ، تەرەققى قىلىۋاتىمىز، جۇغراپىيىلىك ئورۇن مەسىلىسى...دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق باھانە.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:57:42

http://www.bttiantang.com/subject/26548.html
سۈزۈك نۇسخىسى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:37:04

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 12:11 static/image/common/back.gif
under the dome




بولسا، شۇنداق قىلسا بولاتتى، ھازىر كىشىلەرنىڭ  بۇ مەسىلىگە بولغان قارىشى بەك كۈچلۈك.
ئاۋۇ تەجرىبىلەر ئادەمنى چۆچۈتىدۇ .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:47:49

ياخشى مۇنازىرە تىما يوللاپسىز،
مەن يۇكۇدا كۆرۇپ راسلا چۇچىدىم ،يەنە كىلىپ بىز كۆرۇپ تۇرۇپ ئىتىبار قىلماپتۇق.
دىققەت قىلدىڭلارمىكىن شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدىمۇ ھەر كۇنى كۇننى تولۇق كۆرگىنى بولمايدۇ،
ھاۋا دىمىق بىر قەۋەت غۇۋا نەرسە(ئىس تۇتەك) توسۇپ تۇرىدۇ.



Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:52:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،مۇمىكىن بولسا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان بولساڭلار پايدىلنىش قىممىتى بوپ قالار ئىدى .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:55:42

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 13:47 static/image/common/back.gif
ياخشى مۇنازىرە تىما يوللاپسىز،
مەن يۇكۇدا كۆرۇپ راسلا  ...

ئۈرۈمچى بۇرۇن  شۇنداق ئىدى، ھازىر خېلى ياخشىلىنىش بولۇۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەھۋال يەنىلا ئېغىر . 3 تەرەپ تاغ بىلەن ئورالغان بۇ رايۇندا  بۇلغانغان ھاۋانىڭ شەھەر ئۈستىدە لەيلەپ يۈرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ .
ئەمدى جەنۇبى دىيارىمىزدىكى توپا-بوران ئاپەتلىرىنى بىرەر قېتىم تەلتۆكۈس  تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىدىغان يەرگىمۇ يەتتى .

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:10:18

بۇنى كۆرۈپ مەنمۇ كۈندە سىرتقا قارايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىمۇ تۇمانلىقلا.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:12:13

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 13:55 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچى بۇرۇن  شۇنداق ئىدى، ھازىر خېلى ياخشىلىنىش بول ...

ئۇرۇمچى مەركىزى شەھەرنى تۇزەپ ياخشىلىدى ،
لىكىن جەنۇبى شىنجاڭدا ھازىر خىلى ئېغىر.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:17:03

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 14:12 static/image/common/back.gif
ئۇرۇمچى مەركىزى شەھەرنى تۇزەپ ياخشىلىدى ،
لىكىن جەنۇ ...

ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى ھەر يىلى ئەتىيازدا  جەنۇپتا چىقىۋاتقان توپا-بوران ئاپىتىنىڭ نىمە سەۋەپتىن  چىقىۋاتقانلىقىنى، قانداق تىزگىنلەش كىرەكلىگى توغرىسىدا بىرەر ماقالە ياكى تەكلىپ كۆرۈپ باقمىدىم، كۆرۈۋاتقىنىم ئازات زامان ناخشىلىرى. :dizzy:

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:17:52

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 16:12 static/image/common/back.gif
ئۇرۇمچى مەركىزى شەھەرنى تۇزەپ ياخشىلىدى ،
لىكىن جەنۇ ...

سىز بىلەن مەن بىر تەرەپتــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــىنما؟

turghon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:38:57

ئاللاھ نېسىپ قىلسا، پات ئارىدا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك ۋە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخسىنى ئايرىم ئايرىم تەييارلايمەن

turghon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:41:54

تېمىڭىزغا رەھمەت، مانا مۇشۇنداق نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىجتىمائىي غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرلەردىن ۋاقتىدا ۋاقىپلانساق بەكمۇ ياخشى بولاتتى...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:55:44

turghon يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 14:38 static/image/common/back.gif
ئاللاھ نېسىپ قىلسا، پات ئارىدا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خە ...

ناھايىتى ياخشى، بىزنىڭمۇ قىززىق نوقتىلار  توغرىسىدا  مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش قىزغىنلىقىمىز بولۇشى كىرەك.
قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىكى بىغەم يۇرتنىڭ ئادەملىرىدەك  يۈرسەك بەك سەت تۇرىدىكەن» .

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:12:14

بايا گۈدۈككە يوللىنىپتىكەن ،خوتەننىنىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر ئوخشايدۇ.

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:17:20

قەشقەرنى مىسالغا ئالسا بۇرۇن ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىدىغان دىتاللاردا بۇلغۇنۇش دىگەننى كۆرگىلى بولمايتى( تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەلۇماتىدىغۇ ئەسلا يوق.) ، لىكىن مۇشۇ ئىككى يىلدىن بىرى قىش كۈنلىرى ئېغىر بۇلغىنىش دەپ مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:38:15

پۇتۇن جوڭگو شەھەرلىرى ئىچىدە كۆمۈر قالايدىغان شەھەرلەر دىيارىمىزدىلا قالدىغۇ دەيمەن ، يەنە كېلىپ ئىچكىرنىڭ مۇھىت بۇلغايدىغان قوغلاندى شىركەتلىرى دىيارىمىزغا ماكانلىشىپ بولدى ،  ئەلۋەتتە  بۇلغىنىدۇ دە بۇ ھاۋا

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 18:13:14

شەھەر سېرىتىدىكى تۇخۇنلۇق زاۋۇتلاردىن چىققان ئىسلارنى كۆزدە كۆرگىلى بولمىغىنى بىلەن مۇھىتقا زەربىسى ئىغىر....يۇرتۇمدىمۇ بىرەر سۈزۈك كۈننى كۆرسەم كۆڭلۈم ئىچىكلىپ قالغاندەك خۇش بولىمەن.بىراق بۇنداق ھاۋا سۈزۈك كۈنلىرىنى دائىم كۆرۈش نىسىب بولمايۋاتىدۇ.نۇرغۇن شەخسى قارا زاۋۇتلار شەھەر سىرتىغا جايلىشىۋىلىپ ئىش قىلغاچقا مۇھىت  تارماقلىرى ۋە خەلىق كۈچەتكۈچىلىرى بىلمەي ياكى بىلسىمۇ كارى بولمامدىكىن....شۇنداقلارنىڭ كاساپىتىدە ھاۋا بولغىنىۋاتىدۇ....غەربىي رايۇننىڭ كان ۋە قىزىلما بايلىقلىرىنى ئىچىشنى پىلانلاۋاتقان بىلەن باشقا كەسپى شەخسى كانچىلار ياكى مىتال زاۋۇتلىرى بۇلغىمىنى قۇيۇپ بىرىپ چىقارغان مەھسۇلاتلار ئۇدۇل ئىچكىرىگە تۇشۇلىدۇ.

ugdelmix يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 21:22:33

كۆمسەم پىشارمۇ ياپسام پىشارمۇ
بەت: [1] 2 3
: «دۈملەنگەن دۇنيا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم مۇنازىرە قوزغىدى