NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:43:08

ھەقىقىي يىلتىز (ساداقەتجان ھاجى)


ساداقەتجان ھاجى


ئەي قېرى دەرەخ، قۇرىغان شاخلىرىڭنى چاتىۋەت. سارغايغان يوپۇرماقلىرىڭنى تۆكۈۋەت. نادانلىق-سېنىڭ شېخىڭ ئەمەس. رەزىللىك – سېنىڭ يوپۇرمىقىڭ ئەمەس. چۈشكۈنلۈك – سېنىڭ مىۋەڭ ئەمەس. ئەگەر سەندە قايتىدىن كۆكلەش ئارزۇسى بولسا، ئىشىنىمەنكى يۈرىكىڭ يەنە كۆكلەيدۇ. چىرايلىق چېچەكلىرىڭ يەنە ئېچىلىدۇ. مىۋىلىرىڭ يەنە جىلۋە قىلالايدۇ. چۈنكى سېنىڭ چۇڭقۇر يىلتىزىڭ بار.


سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقان قان ئانا زىمىننىڭ يۈرىكىدىن كەلگەندۇر. سېنىڭ يۈرىكىڭدىن كۆلەۋاتقان ئارزۇ-ئارمان شاخلىرى بولسا بىپايان ئاسمانغا ئىنتىلگەندۇر ۋە ئۇنىڭ باغرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەركىن قۇشلارغا ھەۋەس قىلغاندۇر.


سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سەن ئەسىرلەردىن بىرى بۇ چۆل-باياۋاندا بىر مۆجىزىدەك ياشاپ كەلدىڭ. تالاي-تالاي بورانلار سانسىز قىتىم قەددىڭنى ئېگىپ، شاخلىرىڭنى سۇندۇرغان چاغدىمۇ يىلتىزىڭنى قۇرۇتالمىدى. سەن بۇ زىمىندا تۇرۇپ مۇقەددەس قۇياشنىڭ نۇرغۇن قىتىم زۇلمەت قەپىزىدىن ئۇچۇپ چىققانلىقىغا شاھىد بولدۇڭ. سېنىڭ غازاڭ دوزىخىغا چۈشكەن چاغلىرىڭمۇ بولغان ئىدى. لېكىن چۇڭقۇر يىلتىزىڭ ھامان پىنھان ياشنىغان. ئۈمىدۋار يۈرىكىڭ ھامان چېچەكلەشكە تەييار تۇرغان... خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات-ماماتلىق تاللاش سېنىڭ بېشىڭغا نۇرغۇن قىتىم كەلگەن...

ئەي قېرى دەرەخ، بۇ زىمىن، بۇ ئاسماننىڭ تارىخى سېنىڭ ھەقىقىي يىلتىزىڭدۇر. بۇنداق يىلتىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس!


لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى،ئەگەر سەن چۇڭقۇر يىلتىزىڭغا ئىشىنىپ ھارام شاخلىرىڭنى پۇتاپ تۇرمىساڭ، بۇ بىپايان زىمىن ۋە چەكسىز ئاسماندىن زىيادە ئۈمىد كۈتسەڭ، چۇقۇم قۇرۇپ قاخشال بولىسەن. ئاندىن پەقەت ياشاش ئىستىكىدىلابولىۋاتقانلارنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىدىغان ئوتۇن، قازىنىنى قاينىتىدىغان ئوت بولىسەن...

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1997-يىل 2-ئاي. قەشقەر)
«تۇرپان» ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:51:16

نادانلىق-سېنىڭ شېخىڭ ئەمەس. رەزىللىك – سېنىڭ يوپۇرمىقىڭ ئەمەس. چۈشكۈنلۈك – سېنىڭ مىۋەڭ ئەمەس:handshake
بەت: [1]
: ھەقىقىي يىلتىز (ساداقەتجان ھاجى)