NAWRUZJAN يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:42:13

سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ، دادا(خەدىچە شەمشىدىن)


سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ، دادا
خەدىچە شەمشىدىن




ھەر بىر بېتى كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدەلگەن كىچىككىنە خاتىرە دەپتەرنى تۇتۇپ ئۆكسۈگۈنۈمچە ،مەن بىلەن تەڭ يىغلاۋاتقان تۇتۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپتىمەن.
مەن بىر ئاتا ، لېكىن ئۆز پەرزەنتىنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىغان ، ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىسغا مېھرىبانلىق ئاتا قىلالمىغان رەھىمسىز ، باغرى تاش ئاتا.  مەن مۇشۇنداق يىغلىغانغا ئوماق ئوغلۇم قايتىپ كېلەمدۇ؟ ياق، ياق! ئۇ مەندەك ئەقىلسىز -قارا يۈرەك ئاتىنىڭ يېنىدىن مەڭگۈ ئايرىلدى.  ئىچىمنى تاتلاۋاتقان روھ غەليانلىرى ماڭا نەپرەتلىك شىۋىرلىماقتا.  باشقا ئاتىلارنىڭمۇ مەندەك ئۆمۈرلۈك ئازاپقا قالماسلىقى ئۈچۈن قىسقا ، لېكىن ئۇنتۇلماس ھېكايەمنى سۇنماقچىمەن.



  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېزىدا پۈتكۈزگەن بولساممۇ ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىملەندىم.  خىزمەتتە ئۆزۈمگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتىم ،خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن سۆيگىنىم بىلەن ئاددىي،لېكىن تولىمۇ كۆڭۈللۈك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەخىتلىك ئائىلەمنى قۇرۇۋالدىم.  ئىككى يىلدىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلۇشى كىچىككىنە غېرىبانە كۈلبىمىزنى تېخىمۇ بەختىيارلىققا چۆمدۈردى.



كاللامدا بالىغا كىچىكىدىنلا ناھايىتى قاتتىق تەربىيە قىلىش كېرەك، دەيدىغان ئىدىيە  بولغاچقا ، ئۇ يېشىغا توشۇپ بىر نەرسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن تارتىپلا تولىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا باشلىدىم.  بىر نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتسە قاپىقىمنى تۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ تەنبىھ بېرەتتىم ، مانا مۇشۇنداق ھەيۋە-پوپۇزىلار بىلەن بالام مەكتەپ يېشىغا تولدى.
ئۇنى باشقا بالىلاردەك كوچىدا ئوينىشىغا ئاسانلىقچە يول قويمايتتىم.  مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىنلا يەنە سومكىسىنى ئېچىپ تاپشۇرۇقىنى ، نېمە دەرسلەرنى ئۆتكەنلىكىنى سورايتتىم.  مۇشۇ ئوسال مىجەزىم تۈپەيلى بالام باشقا بالىلاردەك شوخ ئەمەس، ناھايىتى ئېھتىياتچان ، مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان يۈرەكئالدى چوڭ بولۇپ قالدى.  لېكىن ، مەن ئۇنىڭ ئەدەپلىكلىكىدىن ، دەرستە ياخشىلىقىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلىيەلەيتتىم. ئايالىم ئوغلۇمغا قىلغان مۇئامىلەمدىن بەك نارازى ئىدى. لېكىن مەن بالىنى ياخشى تەربىيەلىمىسە ،ھازىرقى جەمئىيەتتە كۆيۈمسىز ، ھورۇن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا تالاي قېتىم سۆزلەپ ، ئېزىپ ئىچۈرۋەتتىم.



مەن باشقىلارنىڭ دادىلىرىغا ئوخشاش بالامغا دائىم ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرمەيتتىم ، كىچىككىنە بالامنى كىتاپخانىغىلا ئاپىرىپ ،ئۇنىڭ پىرافىسسۇرلارغا ئوخشاش كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلاتتىم.  بۇ قىلغانلىرىمنىڭ بەكلا چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتلاردا بىلسەممۇ، مەن بۇنى پەقەت بالامغا بولغان بىردىن-بىر «كۆيۈنۈش ئۇسۇلى» دەپ قاراپ كەپتىمەن.
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ، كۆزلىرىمگە تىكىلپ تۇرۇپ ، بالىلارچە سۇئاللارنى سورىغىنىدا ، گېپىنىڭ شېخىغا ئۇرۇپلا ، بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كىتاپنىڭ ئىچىدىن تېپىشقا ياكى مۇئەللىمىدىن سوراشقا مەجبۇرلايتتىم.  ئۇ مەكتەپتىن كىرگەندىن تاكى 5-يىللىققا چىققانغا قەدەر بارلىق ئوقۇش نەتىجىلىرى تولىمۇ ياخشى بولدى.  ئەمما ئۇنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.  تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ ، مېنى كۆرسە بىر خىل قورققاندەك قارايدىغان بولۇپ قالدى.



خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇنى بالىدىكى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش دەپ قاپتىمەن ،تاكى شۇ قاباھەتلىك كۈنگىچە ، مەن بالامنى چۈشەنمەي كەپتىمەن.
-بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتىڭلار ؟ - دېدىم قازان بېشىدا ئالدىراش يۈرگەن ئايالىمدىن.
-بەنشىر ئەتتىم.
-پاھ، پاھ ، ئاچچىقسۇ ، لازىغا مىلەپ تازا يەيدىغان بوپتىمەندە ، ئەركىن قېنى؟
-ئۇ ئۆيدە كارتۇن كۆرۈۋاتىدۇ.
-نېمە؟ كارتۇن كۆرۈۋاتىدۇ؟ بۇ ياغاچ قۇلاقنىزە ، تېلۋۇزۇرغا بۇنداق قاراۋەرسە مەكتەپتە قانداق ئوقۇيدۇ، خەپ ،خەپ !
- بىر دەم كۆرگەنگە نېمە بولاتتى ؟- ئايالىم ماڭا سەت ئالايدى ،-ئاچچىقسۇ تۈگەپتۇ ، ئەكىرىپ بېرىڭە.
-ئەركىن ئەكىرىپ بەرسۇن ، ھېرىپ كەتتىم ،-شۇنداق دېگەنچە ئەركىننى چاقىردىم.
-ماڭە، ماۋۇ پۇلغا ئاچچىقسۇ ئەكىر، تېز بېرىپ ، تېز قايتىپ كىر جۇمۇ ، يولدا ئويناپ تۇرىدىغان بولساڭ ، كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرىسەن !
ئۇ «ماقۇل » دېگەنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، شۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىم  ئايالىمنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى.  ئۇ ماڭا ، سېنىڭدەكمۇ ئاتا بولامدۇ؟ دېگەن مەنىدە تىكىلىپ تۇراتتى.
-نېمە ، يەيدىغاندەك ئالىيىسەنغۇ، تامىقىڭنى ئەت،قورساق ئاچتى...
دۇكان بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى ئىككى مىنۇتلۇقلا يول بولسىمۇ ، بالام 10 مىنۇتقىچە كىرمەيۋاتاتتى. قاتتىق ئاچچىقىمدا پىشىپ بولغان بەنشىرگە قاراپ ، ئۇ كىرسە قانداق ئەدىپىنى بېرىشنى ئويلاۋاتاتتىم.  تۇيۇقسىز يان خوشنىمىز ناھايىتىمۇ ئەنسىز يۈگرۈپ كىردى...
- سە، سە. ..سەمەتكا ، سەمەتكا. ..
-ۋاي نېمە بولدى؟نېمانچە ھاسىراپ كەتتىڭ؟
-ئەركىن ئۇ. ..دۇكان. .. بىر سانتاننا ، ئۇ. ..
روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك ، نېمە قىلىشمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم ، ئايالىممۇ شۇ ھالەتتە ئىدى.  بىر چاغدا ئۇنىڭ ۋاي جېنىم بالام ئەركىن ، دەپ سىرتقا يۈگۈرگىننى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم.



دۇكاننىڭ ئالدىدا ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىزنىڭ كەلگىنىمزنى كۆرۈپ ، كىمدۇر بىرى ، ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  قۇلىقىمغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيتتى.  يوپنى يېرىپ كىرگىنىمدە ، بالام قانغا مىلەنگىنىچە ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغان ھالەتتە ياتاتتى.  ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ دۇكاندىن ئىتتىك چىقىۋاتقاندا بىر پىكاپنىڭ تۇيۇقسىزلا يان كوچىدىن چىقىپ سوقۇۋەتكەنلىكىنى ، لېكىن شوپۇرنىڭ پىكاپنى ھەيدىگىنىچە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. يەنە نېمە گەپلەرنىڭ بولۇنغىنى ماڭا نامەلۇم.
بالامنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدۇق.  جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۇققانلار ، يەنە كىمدۇر بىرلىرى بىزگە سەۋر تىلەيتتى.  ئىككى يىلدەك بىلىنگەن ئىككى سائەتتىن كېيىن دوختۇر چىقىپ بېشىنى بوش چايقىغىنىچە يېنىمىزغا كەلدى . ..
ھوشىنى بىر بىلىپ، بىر بىلمەي تۇرغان ئايالىمنى يۆلىگىنمچە بالامنىڭ يېنىغا كىردۇق.  كۆزلىرىنى ئاغرىق دەستىدىن تولىمۇ تەستە ئېچىۋاتقان بالام، بىزنى كۆرۈپ ، مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان بەختىيارلىق كۈلكىسىنى كۈلدى.



-بالام ، ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ ، قارا بىز يېنىڭدا بار!.
-مەن ئاچچىقسۇنى ئېلىپ، تېز... ماشىنا...ئۇ مېنى. ..
-بولدى گەپ قىلما ، ھېچ ئىش بولمايدۇ...
ئايالىم بالىنى قۇچاقلاپ قاتتىق ئازاپتا يىغلاۋاتاتى ، كۆزۈم پۇشايمان ياشلىرى بىلەن تولغان بولغاچقا ، كارىۋاتتا ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان بالامنى بىر نەچچە سىكۇنىت كۆرەلمىدىم ، نېمىشقىمۇ ئۆزۈم چىقمىغاندىمەن -ھە، دۇكانغا...
-داد!
-ھە بالام.
-سىزنى بىر سۆيۈپ قويايچۇ، دادا، بىرنىلا...
بىر ئاتا ئۈچۈن ، بولۇپمۇ مەندەك پەرزەنتىنى ياخشى باشقۇرىۋاتىمەن ، دەپ ئويلايدىغان دادا ئۈچۈن بۇ گەپ نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكىمگە پىچاق ئۇرغاندەك بولدى.  قاتتىق ئاۋازدا ، بار ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ يىغلىۋەتتىم.
-مېنى كەچۈر بالام ! سېنى سۆيۈپ قوياي ، كۈندە نەچچە قېتىم سۆيۈپ قوياي ، ئەمدى مەكتەپتىن كېلىپ دوستلىرىڭ بىلەن ئوينا. .. بىر دەم تېلۋۇزۇر كۆرسەڭمۇ بولىدۇ. ..
  ئۇ تەستە كۆتۈرۈلگەن قوللىرى بىلەن بوينۇمغا گىرە سېلىپ مېنى بىرنى سۆيۈپ قويدى ، ئايالىم تېخىچە ئېسىنى بىلمەيۋاتاتتى.
-دادا، قاچان ئۆيگە كېتىمىز ؟
-سەل تۇرۇپلا كېتىمىز بالام ، پۇتۇڭ ئازراڭ سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.  ھېچنېمە...
  ئۇ يەنە گەپ قىلماقچى بولدى-يۇ ، لېكىن. ..


بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى گېپى بولۇپ قالدى.  بىر تاللا ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم ، بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېسسياتتا بولدۇم.
ئۇ، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر كۆمۈلگەن قەبرە ئىزىنى قالدۇرۇپ ، بىزدىن ئايرىلدى. .. بىر ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى رەتلەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كۈندىلىك خاتىرىسى قولۇمغا چىقىپ قالدى.  مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.


...
«2006-يىلى 6-ئاۇنىڭ 5-كۈنى
   بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دوستۇم ئەراپات ئوينايمىز ، دەپ كىرىپتىكەن.  دادام ئۇنىمىدى. »



«2006-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دادام مېنى باغچىغا ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلمىدى.  ئۇ مېنى بالىلارنىڭ ددىسىدەك سۆيۈپ قويمايدۇ. »



«2006-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى
بۈگۈن كۆڭلۈم بەك يېرىم ، دادام مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كارتۇننى كۆرگىلى قويمىدى.  چوكا مۇز ئېلىپ يىيىشىمگە پۇل بەرمىدى. »



«2006-يلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
بۈگۈن دادام ئىمتىھاندا ئالغان نەتىجەمنى كۆرۈپ خاپا بولدى ، بىر پەندە 87 نومۇر ئېلىپ قاپتىمەن.  ئۇ مېنىڭ يازلىق تەتىل لاگىرىغا چىقىشىمغا قوشۇلمىدى. »
...
«...لېكىن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ..»



مېنىڭ ھەر قېتىم ئۆتكۈزگەن «گۇناھلىرىم » خاتىرلەنگەن بۇ دەپتەرنى ئازاپ ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم.  مەن قانداق ئاتا -ھە؟ ئۆز بالىسىنى بىرەر قېتى ئەركىلىتىپ سۆيۈپ قويالمىغان.  ئولتۇرۇش ، چايغا، ماجاڭ ئويناشقا ، دوسىتلار بىلەن ئاللىقانداق جايلارغا بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم ، بالامنى سۆيۈپ قويۇشقا ، بالامنىڭ سۆيۈپ قويۇشىغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ..



مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنيىتى 2010-يىللىق 6-سان

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:24:53

{:99:}{:99:}{:99:}
توقۇلما ھىكايە بولسىمۇ تەسىرلىككەن

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:00:45

تەسىرلىككەن...  شۇنداق كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە ...
‹‹كېچىكىپ ھىس قىلغانلىق كېچىككەنلىك ئەمەس››...
بەت: [1]
: سىزنى سۆيۈپ قويايچۇ، دادا(خەدىچە شەمشىدىن)