turkzad يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:20:27

چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى

                           چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى

                                                               سۇگاۋارا جۇن

                                            ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت ئەيسا

                                         (مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)


بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي ئەدەبىي تىلىنى تۆۋەندىكىدەك دەۋرلەرگە بۆلۈش ئومۇملاشقان.

قاراخانىيلار سۇلالىسى تۈرك تىلى (11 ~ 12\13-ئەسىرلەر)

خارەزم تۈرك تىلى (12\13 ~ 14-ئەسىرلەر)

چاغاتاي تۈركىي تىلى (15 ~ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە)

سامايلاۋىچ 1928- يىلى 11-ئەسىردىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان تۈرك تىلىنى لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يۇقىرقىدەك دەۋرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھالبۇكى، تۈركىي تىلنىڭ تىل تارىخىنى يۇقىرىقىدەك دەۋرلەرگە ئايرىشنى تۈركىي تىللارنىڭ فونېتىكىلىق ۋە مورفولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى كونكرېت بايان قىلغان يانۇش ئېكماندىن (1957) ئېتىبارەن كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ ئۈچ خىل ئەدەبىي تىل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغاچقا، ئوخشىمىغان رايونلاردا ئۆز ئالدىغا دەۋرلەرگە ئايرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇلارنى بىر تىلنىڭ ئۈزۈكسىز راۋاجلىنىش جەريانى دەپ ئاددىيلا تىلغا ئېلىپ قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس. مېنىڭچە ھەرقايسى دەۋر ۋە رايونلار بويىچە ئايرىغانغا قارىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەلەپ بويىچە، يەنى شۇ دەۋردىكى يېتەكچى يېزىق تىلنىڭ ئەنئەنىسى، ھەرقايسى رايونلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ساقلانغان تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرقايسى يېزىق تىلدىكى ھەر خىل چەت تىللارنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم مۇلاھىزە قىلىش كېرەك.

يۇقىرىدىكى تىل شەجەرىسىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان چاغاتاي تۈركىي تىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يېزىق تىل سۈپىتىدە شەكىللىنىشىنى شۇ رايوننىڭ ئېغىز تىلى تەرەققىياتى بىلەن باغلاپ بايان قىلىدىغان ئۇرىنىشلار قايتا-قايتا بولغان بولسىمۇ[①]، 14-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈرك يېزىق تىلىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان كونكرېت مۇلاھىزىلەر ھازىرغىچە بولۇنمىدى. شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدە چاغاتاي تۈركىي تىلى ئەدەبىي تىل بولۇپ شەكىللىنىۋاتقان تۆمۈرىيلەر (15-ئەسىر ~ 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە) سۇلالىسى دەۋرىدە يېتەكچى ئورۇندىكى تۈرك تىلىنىڭ قانداق داۋاملاشقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمەن. كونكرېتنى ئېيتقاندا، چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ۋەكىلى بولغان ئەلىشىر نەۋايى ۋە زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغان بايانلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىمەن.

ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرى

چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ بەرپاچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان مىر ئەلىشىر نەۋايى (1501-1441) ھەر خىل ژانىردا 30 دىن ئارتۇق چاغاتاي تۈركىي تىلىدىكى ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە تىل ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىدىن بىرنەچچىسى بار. مەن بۇ يەردە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»، «مىزانۇل ئەۋزان»، «مەجالىسۇن نەفائىس» ۋە «نەسايىمۇلمۇھەببە» قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىمەن.

«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) (1499-يىل)

شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ ئەسىرىدە ئىككى تىل، يەنى پارس تىلى بىلەن تۈرك تىلىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ، تۈرك تىلى بىلەن بەدىئىي ئەسەر يارىتىش ئىمكانىيىتىنى ئالغا سۈرگەن. بۇنىڭدا نەۋايى تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان.

ھاكىمىيەت ئەرەب ۋە سارت سۇلتانلىرىدىن تۈرك خانلىرىغا ئۆتكەندىن كېيىن ھۇلاكۇخان، سۇلتان ساھىبقىران تۆمۈر كوراگان دەۋرلىرىدىن تۆمۈر كوراگاننىڭ ئوغلى ۋە ئىزباسارى شاھرۇخ سۇلتان دەۋرىنىڭ ئاخىرغىچە سەككاكى، ھەيدەر خارەزىمى، ئاتايى، مۇقىمى، يەقىنى، ئەمىرى، گادايى قاتارلىق تۈركىي تىلىدا يازىدىغان شائىرلار مەيدانغا كەلدى. بىراق مەۋلانە لۇتفىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان پارسىيگوي شائىرلار بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان شائىرلار چىقمىدى. لۇتفىنىڭ ئەدىبلەر قېشىدا ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان بىر قانچە باشلانما بېيىتلىرى بار[②].

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان سەككاكى ۋە باشقا تۈرك تىلى شائىرلىرى نەۋايىدىن بۇرۇنقى «ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر» چاغاتاي تۈرك تىلى شائىرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ھالبۇكى ئۇشبۇ باياندىن قارىغاندا، نەۋايى مەلۇم مەنىدە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بىلسىمۇ، ئۇلارغا بەرگەن باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتن ئېيتقاندا، نەۋايىنىڭ بۇ سۆزلىرى كىشىنى: ئۇ چاغاتاي تۈرك تىلىدىن بۇرۇنقى تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنى بىلىپ كەتمەمدۇ ياكى بىلسىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ناھايىتى تۆۋەن باھا بېرىشكە توغرا كېلىپ قالامدۇ؟ دېگەندەك ئويغا سېلىپ قويىدۇ.

«مىزانۇل ئەۋزان» (1492)

تۈركىي خەلقلەر ئىسلاملاشقاندىن كېيىن پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئەجەم شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر تۈركىي شېئىرىيەتتە كەڭ قوللىنىلغان. «مىزانۇل ئەۋزان»مۇ ئارۇز ھەققىدىكى ۋەزىن رىسالىسىدۇر. نەۋايى مەزكۇر رىسالىنىڭ باش قىسمىدا بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسەتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەجەم شېئىرىيىتى بىلەن تۈرك شېئىرىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ.

«چۈن تۈركى ئەلفازى بىلە كىم نەزم ۋاقىئى بولۇپتۇر، ئاڭا زابىتائى ۋە قانۇنى يوق ئىكەن دۇرۇر. ئول فەن راۋاجى ئۈچۈن كىشى «ئارۇز فەننىدە كىتابى يا رىسالەئى بىتمەيدۇر. [مىزانۇل ئەۋزان، 61]

نەۋايى ئوخشاش تەشەببۇس بىلەن باشقا جايلاردىكى ۋەزىن بىلەن شېئىر يازمايدىغان شائىرلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ.

مۇلايىم تابىلىغلار ھەر بەھر ئۇ ۋەزندە قاپىيە ماتتفاقا نەزم ئەيتۇر ئەرمىشلەر ۋە ئارۇز قائىدە ئۇ زابىستاسىدىن بى ۋاقىف ئەرمىشلەر. [مىزانۇل ئەھزان. 20]

(تۈركىي تىلدا شېئىر پۈتىدىغانلار) شېئىر تالانتى بارلار قانداقلا ۋەزىندە بولسا مۇۋاپىق شېئىرلىرىدا نەزم پۈتەركەن، ئارۇز قائىدە ۋە قانۇنىيەتلىرىدىن بىۋاقىف ئېرۇرلار.

«مەجالىسۇن نەفائىس» (1491)

بۇ ئەسەر چاغاتاي تۈركىي تىلىدا پۈتۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى شائىرلارنىڭ تەزكىرىسى بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىراق ئاپتۇر دىباچىدە قىسقىچە بايان قىلغىنىدەك، بۇ ئەسەر زامانداش شائىرلار بىلەن چاغداش ئەدىبەلەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قالدۇرۇش زۆرۈرىيىتىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا قەدىمكى دەۋرلەردىكى ۋەياكى قەدىمكى ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار كەمچىلدۇر. شۇنداقتىمۇ نەۋايى تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر چاغاتاي تۈركىي شائىرلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بار. مەسىلەن، مەۋلانە ئاتايى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قەيد قىلىنغان.

ئۆز زامانىدا شېئىرى ئاتراك ئاراسىدا كۆپ شۇھرەت تۇتتى… قافىيەسىدە ئەيبغىناسى بار، ئەمما مەۋلانە كۆپ تۈركانە ئەيتۇر ئەردى، قافىيە ئېھتىياتىغا مۇقەيياد ئەمەس ئەردى.

شۇنىسى روشەنكى، بۇ يەردىكى «تۈركانە» دېگەن سۆز ئەجەم شېئىرىيىتى دېگەنگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ئۇقۇمدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ۋەزىن ۋە قاپىيەگە مۇناسىۋەتلىك پارس ئارۇزىنىڭ قائىدىلىرىگە توغرا ئەگەشمىگىنى «تۈركانە» ئىدى. نەۋايى ئاتايىنىڭ شېئىرلىرىگە دەل شۇنداق باھا بەرگەن. بۇنى «مىزانۇل ئەۋزان»دىكى بايان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، نەۋايىنىڭ تۈرك شېئىرىيىتىگە بولغان مەيدانىنىڭ ئەجەم شېئىرىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى مۇھىم تەنقىد ئاساسى قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. باشتا كۆرۈپ ئۆتكەن «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دىمۇ تۈركىگوي شائىرلارغا خېلى تۆۋەن باھالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئەجەم شېئىرىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە توغرا رىئايە قىلغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

«نەسايىمۇلمۇھەببە » (1495-1496)

مەزكۇر ئەسەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تۈرك تىلىدا يېزىلغان دېداكتىك داستان ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ ئاپتۇرى ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مۇھىم بايانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ۋە ئانىڭ تىلى تۈرك ئەلفازى بىلە ماۋا ئىز ئۇ ناسە ئىھقا گويا ئەرمىش، بەلكى ئاق سەر تۈرك ئۇلۇسىدا ھېكمەتۇ نۇقتىلارى شائى دۇر ۋە نەزم تەرىقى بىلە ئايتۇر ئەرمىش.

1444-يىلى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى زىيالىلىرىنىڭ مەزكۇر ئەسەر بىلەن ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنى تونۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بىراق يۇقىرىدىكى باياندا كونكرېت ئەسەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان، بايانمۇ قىسقا، ۋاسىتىلىك خاراكتېرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر بايان ئارقىلىق«ئەتەبەتۇل ھەقايىق»نى رەتلەنگەن ئەسەر سۈپىتىدە نەۋايىنىڭ بىۋاسىتە بىلىدىغانلىقىغا ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن 15- ئەسىردىكى كىشلەر ئارىسىدا، يەنى ئوردا ۋە خەلق ئارىسىدا ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ھېكمەتلىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.

بەدايىئول-بىدايە

تىل ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن يۇقىرىقى بايانلاردىن سىرت، نەۋايىنىڭ تۇنجى دىۋانى «بەديىئۇل-بىدايە»نىڭ دىباچىسىنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. بۇ دىباچىدە نەۋايى دىۋاننى تۈزىگۈچى شائىر سۈپىتىدە ئاۋال پارس شائىرلىرىدىن ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋى، ھافىز، جامىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

ۋە ئۇيغۇر ئىبارەتىنىڭ فۇساھەسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغاسىدىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى رەھىماھۇللاھكىم بىرىنىڭ شېرىن ئەبياتى ئىشتىھارى تۈركىستاندا بىغايەت ۋە بىرىنىڭ لەتىف غەزالىياتى ئىنتىشارى ئىراق ۋە خۇراساندا بىنىھايەت دۇرۇر، دىۋانلارى ئارادا بولغاي.

بۇ يەردىكى سەككاكى بىلەن لۇتفى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دە تىلغا ئېلىنغان چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ئاۋالقى كىلاسسىك دەۋرىگە مەنسۇب شائىرلاردۇر. بۇنىڭ بىر قىسمى چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋرى شائىرلىرى بىلەن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتماقتا. بىراق بۇ يەردىكى «ئۇيغۇر، تۈرك» دېگەن ئىبارە نەۋايى ئەسەرلىرىدە تەڭ نىسبەتتە تولا ئۇچرايدۇ.

ئەجەم شۇئاراسى ۋە فۇرس فۇساھاسى (مىزانۇل ئەۋزان)

ئەجەم شائىرلىرى ۋە فارس ناتىقلىرى

فارس سېھر-سازلار ۋە پەھلەۋى ئەپسانە-پەردازلار (مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين)

پارس سېھىرگەرلىرى ۋە پەھلەۋى قىسسەچىلىرى

تۈرك تىلىدا……موڭغۇل ئۇسلۇبى بىلە

ۋاھالەنكى، يۇقىرىقى نەقىللەردىن ئۇيغۇر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياكى نەۋايىنىڭ بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر بىلەن باغلاش مەقسىتىدە قوللانغانلىقىنى بىلىش ناھايىتى تەس. يەنە بىر تەرەپتىن «مەجالىسۇن نەفائىس»دا تىلغا ئېلىنغان شائىر سەككاكى بىلەن لۇتفىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان خاتىرىلەر كۆرگىلى بولمايدۇ. نەتىجە شۇكى، بېرىلگەن مىساللاردىن ياكى نەۋايى قەلىمىدىن ئاۋۋالقى كىلاسسىك دەۋر چاغاتاي تۈرك شائىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە قانداقتۇر بىرەر مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان خاتىرلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئەسەرلىرى

تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدە تۇغۇلۇپ ھىندىستاندا موغۇل ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر (1483-1530) چاغاتاي تۈركىي ئەدەبىياتى تارىخىدا نەۋايىدىن قالسىلا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ۋەكىللىك شەخستۇر. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئارۇز ئىلمى توغرىسىدىكى ئەسىرى «مۇختەسەر»نى مىسال قىلىمىز. مەزكۇر ئەسەر «مىزانۇل ئەۋزان» بىلەن ئوخشاش بىر مەقسەتتە يېزىلغان. بىراق نەۋايىنىڭ ئەسىرى پەقەت چاغاتاي تۈرك شائىرلىرىنى ئوبېيكىت قىلغان. بابۇرنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرى بولسا چاغاتاي تۈركىي شېئىرىيىتى بىلەن پارس شېئىرىيىتىنىڭ ئىككىلىسىنى ئوبېيكت قىلغان بولۇپ، بۇ نۇقتا مۇختەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىساللارمۇ پارس ۋە چاغاتاي تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ مەسنەۋىينىڭ ۋەزىن ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرغاندا، ھەرقايسى ۋەزىنلەردە ئاۋال ئەجەم شېئىرىيىتىدىن، ئاندىن ئۇلاپلا چاغاتاي تۈركىي شېئىرىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن، بۇ ئەينى دەۋردىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرنى تەمىنلىگەن.

بابۇرنىڭ بۇ يەردىكى مەسنەۋىي توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى پارس تىلىدىكى ئەسەرلەردىن بۈگۈنگىچە داڭلىق بولغان سەئىدى، فىردەۋىسى، نىزامى، ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋى، جامى، رۇمى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى، يەنە  بىر تەرەپتىن چاغاتاي تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت قىلىغان نەۋايىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى، چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ ئاۋالقى دەۋرلىرىگە مەنسۇپ شائىر ھەيدەر خارازمى ھەم بابۇر ئۆزىنىڭ ئەسىرى «مۇبەييىن»دىن ئالغان. بىراق بۈگۈن مەلۇم بولغان 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى تۈرك شائىرلىرىنىڭ ئىسمى قەتئىي ئۇچرىمايدۇ. مەسنەۋىيگە ئالاقىدار ئارۇز رىسالىسىدىكى مۇنىڭدەك بايانلار بابۇرنىڭ داڭلىق ئەسلىمىسى «بابۇرنامە»دىكى سەئىدى، فىردەۋىسى، نىزامى، ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان نەقىللەر بىلەنمۇ بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى زىيالىيلارنىڭ ۋەكىلى بابۇرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەدەبىي مۇھىتىنى ھېكايە قىلىشى ئىدى.

ئارۇز رىسالىسىدىكى بايانلارغا كۆرە، بابۇرنىڭ ئەدەبىياتتىكى مەيدانى نەۋايى بىلەن بىردەكتۇر. شۇنىڭغا قارىغاندا، بابۇرنىڭ بايانلىرى نەۋايىنىڭ بايانلىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ يەردە شۇنى قەيد قىلىش كېرەككى، بۇرۇن كۆپرۈلۈ تۈرك تىل – ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك نەۋايىنىڭ «مۇھەكامەتۇل لوغەتەين»دىكى تەشەببۇسىنى مىسال قىلىپ، بۇ ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ باشپاناھى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا (1407-1506 تەختتە ئولتۇرغان)نىڭ تۆھپىلىرىنى مەدىھىيلەش  يۈزىسىدىن يېزىلغان بولۇپ، ھەقىقىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرغا قويغانىدى. ۋاھالەنكى بابۇرنىڭ تەشەببۇسىنىڭ نەۋايى بىلەن بىردەك بولۇشىدەك رېئاللىق كۆپرۈلۈنىڭ قاراشلىرىغا قارشى كۈچلۈك ئاساس بولالايدۇ. بىز «بابۇرنامە»نىڭ بايان پوزىتسىيەسىدىن بابۇردەك ئالاھىدە شەخسنىڭ مەدەنىيەت تۆھپىلىرىنى مەدھىيەلەش مەقسىتىدە قەستەن ئوخشىمايدىغان رېئاللىقنى خاتىرلىگەن دەپ ئېيتالمايمىز.

چاغاتاي تۈركىي تىل ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى

يۇقىرىدىكى مۇلاھىزىلەرگە ئاساسەن، چاغاتاي تۈركىي تىل – ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارايمىز. ئاۋۋال كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، پارس ئەدەبىياتى تارىخى بىلەن ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرى ئەينى دەۋردىكى زىيالىيلارغا تونۇشلۇق ئىدى. مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككەيلەن، يەنى نەۋايى بىلەن بابۇر ئادەتتە چاغاتاي تۈرك تىلىنىڭ ۋەكىللىك زىيالىلىرى بولۇپلا قالماي، تۈرك تىل ئەدەبىياتىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيەلىگۈچىلەر سۈپىتىدە باھا بېرىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، پارس تىل – ئەدەبىياتىنىڭ نوپۇزى ئۇلارغا نىسبەتەنمۇ گۇمان تۇغدۇرمايدۇ، ھەتتاكى ئۇلار تۈرك شېئىرىيىتىگە نىسبەتەن پارس شېئىرىيىتىدىن مۇۋاپىق شەكىللەرنى ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلگەن. لېكىن ئۇلار تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈرك تىل – ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىنى مۇھىم دەپ بىلگەن دېگىلى بولمايدۇ. تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدە «قۇتادغۇ بىلىك» (1069 يېزىلغان)، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»دەك تۈرك تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ھەممىگە تونۇشلۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمۇرىي يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن ھۆججەتلەرمۇ تۆمۈرىيلەر سۇلتانلىرىنىڭ ئىمزالىرى بىلەن تارقالغانىدى. بۇلارنىڭ ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئەھۋالى، مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى دېيىش كەتمەيدۇ. يۇقىرىدىكى پاكىت ۋە بايانلىرىمىزدىن نەۋايى بىلەن بابۇرنىڭ ئەنئەنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەنئەنىنىڭ چاغاتاي تۈرك تىل- ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ياردىمىنىڭ تەككەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، نەۋايىنىڭ چاغاتاي تۈرك تىل- ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر باخشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىغا باغلىۋىلىشتەك پىكىرگىمۇ ئەگەشكىلى بولمايدۇ. بىز باشتا قەيد قىلغىنىمىزدەك، تۆمۈرىيلەر سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈرك تىل – ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى كىشلەر ئارىسىدا تارقالغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، چاغاتاي تۈرك تىل ئەدەبىياتىنىڭ مەسئولىيىتىنى زىممىسىگە ئالغۇچى زىيالىيلار خەلق ئارىسىدا تارقالغان قەدىمكى دەۋردىكى تۈرك تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بىلەن ۋاستىلىك ھالدا ئالاقىسىنىڭ بولغانلىقىدەك مۇلاھىزىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ. چاغاتاي تۈرك تىلى ئەدەبىي تىل بولغانىكەن، ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىدىن، كونكرېت ئېيتقاندا تىلغا ۋارسلىق قىلغانلىقىنىلا ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ.

[①] باراۋكوف(1949)، نەدكىپ(1970)، بىلەگاۋا(1975)،تېنىشىف(1979) قاتارلىقلار ئېلىپ بارغان.

[②] بۇ نەقىل تەرجىمە قىلىنماي، خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرۇپ پولات تەييارلىغان «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دىن ئېلىندى. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988-يىل نەشرى، 46-47-بەتلەر..

(بۇ ماقالە كوبى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تىللىرى تەتقىقاتى 1998-يىلى 3-ساندىن تەرجىمە قىلىندى.)

بۇ ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان.

مەنبە: ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بلوگى

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:30:52

تۈركىي تىل دەپ گەپنى ئۇزارتقۇچە تۈركچە دېسىلا بولمىدىمۇ. تۈركچە دېگەن ئۇقۇم كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە تۈركولوگىيەدە. تار مەنىدىكىسى تۈركىيە تۈركچىسىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكىسى بارلىق تۈركىي تىلنى كۆرسىتىدۇ. قاراخانلار سۇلالىسى تۈركچىسى دېگەن گەپمۇ يامان ئۇزۇن. قاراخانلىچە دېسىلا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا قوشۇمچىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ گەپنى قىسقارتمىغاندا ئاتالغۇلار ئۇزىراپ ئېنىقلىمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:04:20

altunxan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 18:30 static/image/common/back.gif
تۈركىي تىل دەپ گەپنى ئۇزارتقۇچە تۈركچە دېسىلا بولمىدى ...

قوللايمەن. نۇرغۇنلىغان تۈركىلوگىيەگە ئائىت ماتېرياللاردا چاغاتاي تۈركچىسى دەپ ئېلىنىدۇ.
بەت: [1]
: چاغاتاي تۈركىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىسى