ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:47:19

«ئۆزھال كەلدىلەر» نامىدىكى ئىجادى ناخشا كېچىلىگى ھەققىدە ئۇچۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 14:59  

‏          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىقىن يېراقتىكى قىرىنداش ۋە ئەزىز بۇرادەرلەر ، ئۇزاقتىن بىرى مىنى قوللاپ كىلىۋاتقان تەقدىرداش ھەمنەپەسلەرگە يۈرەك سۆزۈمنى ئىزھار قىلىش مەخسەت قىلىنغان «ئۆزھال كەلدىلەر» نامىدىكى ئىجادى ناخشا كېچىلىگىم 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 28 - 29- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسدا  ئىككى مەيدان ئۆتكۈزۈلمەكچى ، شارائىتى يار بەرگەن ئەزىز قىرىنداشلار ۋە بۇرادەرلەرنىڭ كىلىپ قاتنىششىڭلارنى ئۆمىت قىلىمەن ، دوسلارنىڭ بىخەۋەر قالماسلىغى ۋە ۋاختىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۋىلىشى ئۈچۈن ئىككى ھەپتە بۇرۇن خەۋەر قىلغۇم كەلدى .

كېچىلىككە يانداش قاتنىشىدىغان باشقا سەنئەتكارلاردىن تاشمۇھەممەد تۇرسۇن . زاھىر بورھان . تۇرسۇنئاي ئىبراھىم ، ئىسكەندەر سەمەت . تۇرسۇن شەيىخ قاتارلىقلار بۇلۇپ شائىرلاردىن ئىمىن ئەھمىدى . ئابدۇرىھىم ئابدۇللا ئاكىلار ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىزھار قىلىدۇ . بىلەت يەنە ئىككى ھەپتىدىن كىين سېتىلىدۇ .

                 
          ھۆرمەت بىلەن - راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال           
      

altunxan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:17:08

ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام چوقۇم باراتتىم...
ئوڭۇشلۇق بولسۇن
ھازىدار ناملىق ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:18:56

مۇبارەك بولسۇن !
مۇۋاپپىقيەتلىك ، ئەھمىيەتلىك ، كوڭۇللۇك بۇلشىغا تىلەكداشمەن @

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:48:43

{:112:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:43:36

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەپسىزدە.{:112:}

Qunahun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:08:38

ھەقسىزما؟

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:33:41

مۇبارەك بولسۇن ! ئوسمانجان ئاۋۇتنى تەكلىپ قىلـمىدىڭىزما................؟

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:55:08

Qunahun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 18:08 static/image/common/back.gif
ھەقسىزما؟

بېلەت ئىككى ھەپتىدىن كىيىن سېتىلدۇ دەپ تۇرمامدۇ ،

Qunahun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 20:52:47

ھەجەپ چوڭ ئ‍ىش بوپتۇ!

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:15:22

مۇبارەك بولسۇن! ئەمما مېنىڭ ئارلىقىم يىراق بولغاچ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم. پىلاستىكا ئىشلىنەرمۇ؟

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:33:38

ئىزدىنىش ئەزالىرىغا ئىتىۋار يوقما  ؟!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:01:21

مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم بۇ كىچىلىكنى :lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:00:39

ئوڭشلۇق بولۇشقا تىلەكداشمەن. پۇرسەت بولسا چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن ئاللاھ خالسا

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 11:16:40

بىلەت باھاسىغۇ مەيلى كىرا ئىشىپ كىتىدىدە ،،،باراي دىسەم...ئۇرۇمچىدىكى سەنئەت يۇرتى كىنۇخانسىغا:(

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:37:37

پىنھان ئېنىم ، مەن چوڭ ئىش قىلالايدىغانلاردىن ئەمەس   بۇ پەقەت ناخشا كېچىلىگى ،

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:38:45

ئىزدىنش ئەزالىرى مەن بار مەيداندا ھىچقاچان سىرىتتا قالـمىغان ، بەھۇزۇر كىلىۋىرىڭلا

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:39:39

ئوسمانجان ئاۋۇت يوق كېچىلىكنى راخمانجان ئاۋۇت قىلـمايدۇ

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-3-8 09:41:01

ياخشى تىلەكلەر بىرگە بولغاي ،

Qunek يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ozhal يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 09:37 static/image/common/back.gif
پىنھان ئېنىم ، مەن چوڭ ئىش قىلالايدىغانلاردىن ئەمەس   ب ...

مەن ئاللىبۇرۇن ئىسمىمنى قىسقارتىپ قۇنەك بولۇپ بولغان . تاغتۇرا قۇناخۇنلاردىن مېنى ئىزدىسىڭىز خاتالىشىسىز
بەت: [1]
: «ئۆزھال كەلدىلەر» نامىدىكى ئىجادى ناخشا كېچىلىگى ھەققىدە ئۇچۇر