history يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:54:14

ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ


پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى زور سىياسىي جۈرئەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدى ۋە قەتئىي ھىمايە قىلدى. لېكىن چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا ۋە توختىتىشقا بولمايدۇ.

  جىددىيلىكتىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرىكلىك ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق، جەمەت خاراكتېرلىك چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى توختىماي يۈز بەردى، بولۇپمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يۇقىرى بېسىمىدا بەزىلەر يەنىلا بورا-چاپقۇنغا قارىماي دېلو سادىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىدى. مۇرەككەپلىكتىن قارىغاندا، رايون خاراكتېرلىك چىرىكلىك ۋە ساھە خاراكتېرلىك چىرىكلىك گىرەلىشىپ، ئادەم ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىك ۋە ھوقۇق چىرىكلىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مۇناسىۋەت باغلاپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى، ھوقۇق-شەھۋانىيلىق سودىسى، ھوقۇق-ھوقۇق سودىسى تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپلىشىپ «ئورتاق چىرىكلىشىش مۇناسىۋەت چەمبىرىكى»نى شەكىللەندۈردى، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى قىسمەن ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ، چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن سىياسىي مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيىتى بىزگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىرىكلىك مەسىلىسى جاھىل، تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك بولۇپ، مۇھىم ئۆتكەلگە يېقىنلاشقانسېرى بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، تىركىشىش ھالىتىدە بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. بىر مەزگىل باشقۇرۇپ كارى بولمىسا، بىردەم قاتتىق، بىردەم بوش باشقۇرسا ئامما بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ، تارىخقا جاۋاب قايتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، بىرنى بايقىسا بىرنى، قانچىنى بايقىسا شۇنچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۆرسەتكۈچ، چەك بېكىتمەي، چىرىكلىشىش نىيىتى بارلارنىڭ ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، چىرىكلەشكەنلەرگە بەدەل تۆلىتىش كېرەك.

  ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەيدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. «پارتىيە ۋە دۆلەت كەلگۈسى تەقدىرىنى بىزگە تاپشۇرغانىكەن، بىز چوقۇم بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك». پۈتۈن پارتىيە چوقۇم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پارتىيە، ئاممىنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پارتىيە، ئەلنىڭ رايىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك. بۇ بىر مەيدان كەسكىن، مۇھىم بولغان سىياسىي كۈرەش، چوقۇم ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ ئۇتۇق قازىنىشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:41:03

.... :lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 01:47:54

چىرىكلىككە زەربە بېرىش شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن بەكلا پايدىلىق ، بولۇپمۇ ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىدىغانلار ئورنىغا ھەق ئىش قىلىدىغانلار ئالماشسا بولاتتى ، جۇڭگو تارىخىدا كەيفىڭ مەھكىمىسىدىكى باۋگوڭدەك ئادىل ئەمەلداردىن يەنە قانچىسى چىققان بولغىيدى ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 03:50:55

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 18:41 static/image/common/back.gif
....

ئىنكاسنى ئۆزگەرتىۋاپتۇققۇ
؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 07:53:07

جۇيوڭكاڭ دېگەن مىنىستىرىمىزمۇ تۈگەشتى، ئۇندىداردا كارامەت كۆپ پۇلنىڭ گېپى بار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:53:13

bugday يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 09:53 static/image/common/back.gif
جۇيوڭكاڭ دېگەن مىنىستىرىمىزمۇ تۈگەشتى، ئۇندىداردا كا ...

مۇنبەرگە تىرىغان بۇغداينىڭ ھوسولىنى تولۇق ئەكەلمەپسىزغۇ؟

ئۈندىدارنى ئىشلەتمەيدىغانلار بىلمىدۇق؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 20:55:13

قاتتىق تۇتۇش ياكى قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ چىرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىيەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسان نەپسىنى تاشقىي ئامىل ئەمەس بەلكى ئىچكىي ئامىل ھەقىيقى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شۇڭا ئىچكىي ئامىلنى نەزەرگە ئالمىغان بارچە چارىلەر پەقەت ۋاقىتلىقلا رول ئوينىيالايدۇ.

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:07:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayirT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 08:11  

قانۇننى قانۇندەك ئىجرا قىلسا سىياسەت قانۇننى باشقۇرۋالمىسا بولاتتى،
بەزى قانۇنلارنى تۈزۈپ قويغان بىلەن ئىجرا قىلىدىغان نازارەت قىلىدىغانغا ۋاقىت يوق كارى يوق، خۇددى شۇنداق بىر قانۇن يوقتەكلا. بەزىدە قانۇنغا چۈشمىسىمۇ زورلاپ چۈشۈرۈپ دوپپىسىنى ئالىدىغاننىڭ بېشى ئېلىنۋاتىدۇ.
قانۇننى توغرا تەدبىقلاش ئىزىغا چۈشسە چىرىكلىك، قااتتىق زەربە بىرىش دېىگەندەك قىزىق نوقاتا مۇھىم نۇقتىلار توغرىسىدىكى قانۇن نىزاملار مۇكەممەللەشسە، قىزىق نۇقتا قىلىشنىڭمۇ زۆرۆرىيىتى قالمايتى.
بەت: [1]
: ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ