history يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:51:20

پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى


ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت. ئەمما، ئائىلىدىكى تەربىيە ھەم بالىغا سىڭىدىغان پىسخىك تەسىر تېخىمۇ مۇھىم. «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق» دېگەندەك ئاتا-ئانىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالا كىچىك چېغىدا «دوراش مەزگىلى» دە تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىدۇ. بىز بەزىدە «بالا كىچىك، ھازىر نېمىنى بىلىدۇ» دەپ نۇرغۇن ئىشقا سەل قاراپ قالىمىز، ئەمما بالىلار دائىم بىز بىلەن بىللە بولغاچقا، ھەرىكىتىمىزنى كۆرۈپ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى قەلبىدە ساقلايدۇ ھەم كېيىن شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ. دېمەك، سۆز-ھەرىكىتىمىز بالىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىش-ھەرىكىتىمىز دۇرۇس بولمىسا، ئۇنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناچار بولىدۇ.

  بىر يەكشەنبە كۈنى قىزىم بىلەن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. قىزىم دوستۇمنىڭ قىزى بىلەن تەڭتۇش بولغاچقىمۇ، ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئىچىپ بولغىچە ھېچ نەرسىگە قارىماستىن، ئويۇنىنى باشلىۋەتتى. بىز بۇ ئىككىسىنىڭ بىردەمدىلا چىقىشىپ ئويناپ كەتكىنىگە مەسلىكىمىز كېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇردۇق. پارىڭىمىز چۆرگىلەپ كېلىپ يەنە بالىلار تەربىىيەسىگە بېرىپ توختىدى. پاراڭ ئارلىقىدا دوستۇم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.

  دوستۇمنىڭ قوشنىسىنىڭ قىزى دائىم دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئوينايدىكەن. بىر كۈنى بالىلار ئويناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى دوستۇمنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قاپتۇ. ئۇ دىققەت قىلىپ ئاڭلىسا، ئەمدىلا يەتتە ياشلارغا كىرەي دېگەن قوشنىسىنىڭ قىزى ئويۇنچۇق تېلېفوننى كۆتۈرۈۋېلىپ، دوستۇمنىڭ قىزىغا «ۋاي ئاداش، ئۇنى بىر دېمە، ئاخشام بەك جىق ئىچىۋېتىپ مەست بولۇپ كېتىپتىمەن دېگىنە، بېشىم ھازىرمۇ بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ...» دەۋاتقىدەك، دوستۇم بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا قاپتۇ ھەم دەرھال قىزىنى تاماققا چاقىرغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى بۇزۇپتۇ. ئۇ ماڭا بۇ گەپنى دەپ بېرىۋېتىپ، «توۋا، شۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بولىدىكەن، بالىلار ئالدىدا گەپكە دىققەت قىلمامدۇ دەيمەن، ئۆيدە شۇنداق گەپلەر چىقمىسا، كىچىككىنە بالا نەدىن ئۆگىنىدۇ بۇنداق گەپلەرنى...» دېگىنىچە قايناپلا كەتتى.

  شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، دوستۇمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ، ئويلىنىپ قالدىم. كىچىككىنە بىر قىزنىڭ تېلېفوندا «ئاخشام جىق ئىچىۋېلىپ، مەست بولۇپ قاپتىمەن» دەۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغىلا كېلىۋالدى. ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بولسا پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى. ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرى بالىنىڭ پىسخىك خارەكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالا دېمەك بىر پارچە ئاق قەغەز دېمەكتۇر. بالا دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ، بالىنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئاتا-ئانا ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىبارەت. بالا ئەقلىنى تېپىپ رەسمىي ئادەم بولغۇچە، بىز يارىتىپ بەرگەن مۇھىتتا بىز دېگەننى ئاڭلاپ، قىلغاننى كۆرۈپ چوڭ بولىدۇ. بىزنىڭ ھەر بىر سۆزىمىز، ھەر بىر ھەرىكىتىمىز بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆگىنىش كەتمەيدىغان دەرس.

  جەمئىيىتىمىزدە بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ بالىنى قانداق تەربىيلەش، بالىغا قانداق ئۆسۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغانلارمۇ، بالىنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن، قورسىقىنى توق قىلىپ بېرىپلا بالا باقتىم، دەيدىغانلارمۇ بار. قىسقىسى، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، بىلىم سەۋىيىسى، مىجەز-خۇلقى، قىزىقىشى، تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىبارەت. كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا بولۇپ قالغىنىدىن ئاغرىنىپ، تاپا-تەنە قىلىشقىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ. بۇ دېگەنلىك بالىنىڭ كەپسىز، يارامسىز بولۇشىنى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىدىن كۆرۈش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. بىراق، ئەنە شۇ بالىسىدىن زارلىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئۆزىگە :«مەن بالا ئالدىدا نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى، ئۇ ھازىر نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا بولۇپ قالدى؟» دېگەن سۇئالنى قويۇپ باققانمۇ؟ مانا بۇ ھازىرقى پەرزەنت تەربىيەسىدە بىز ئويلىمىساق بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە.

  دېمەك، بۇ مىسال ئارقىلىق دوستلارغا دېمەكچى بولغىنىم «بىز بالا تەربىيلەشتە بالىلىرىمىزغا ساغلام ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلىدۇقمۇ؟ بالىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى تۈزۈۋېلىشىمىز زۆرۈرمۇ قانداق؟» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت.

beliver يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:18:10

بالا كەپسىزلىق قىلسا ھاي دەپ توسۇمدۇق يا قويۇپ بېرەمدۇق؟ تەنبىھ بېرىپ تۇرساق بالىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقان بولامدۇق؟

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:25:39

 دېمەك، بۇ مىسال ئارقىلىق دوستلارغا دېمەكچى بولغىنىم «بىز بالا تەربىيلەشتە بالىلىرىمىزغا ساغلام ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلىدۇقمۇ؟ بالىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى تۈزۈۋېلىشىمىز زۆرۈرمۇ قانداق؟» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت.
ماۋۇ گەپلەر ھەقىقەتەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك !

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:35:21

شۇنى دىمەي بوممايدۇ ، كۆپ قىسىم ‹‹ئاتامىدىن قاغان ›› ئەنئەۋى بولغان ئۇيغۇرچە بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ، ئىسلاھ قىلىش  كىرەك ... بۇلۇپمۇ ئاتا - ئانا دىكتاتۇرسى ، ئۇرۇپ ئوڭشاش   ... قاتارلىق ئەھۋال ئەڭ ئېغىر ... ئاتا ئانا بولغۇچىلار باللىرنىڭ ئۈزىگە گەپ ياندۇرشىغا جۈرئەت قىلشى ۋە ئارزۇ قىلشى كىرەك ...

   قۇلدن ئىش  كىلدىغان كۈپۈنچە باللار ئاتا ئانىسى بىلەن دوسلارچە چاقچاق قىلالايدكەن

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:35:35

beliver يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 14:18 static/image/common/back.gif
بالا كەپسىزلىق قىلسا ھاي دەپ توسۇمدۇق يا قويۇپ بېرەمدۇ ...

بالىنىڭ يىشىغا قاراش كىرەك ئەگەر نەسىھەت قىلسا چۇشەنگىدەك بولسا نەسىھەت بىلەن توسۇش،
ئەگەر بەك كىچىك بولسا ئۇلارنىڭ كەپسىزلىك قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ،ساغلام بولغان ئۇيۇنلار ۋە كۆڭلىنى ئىچىشنى ئورۇنلاش تۇرۇپ شارائىت يارىتىپ بىرىش كىرەك .

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:40:53

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 15:35 static/image/common/back.gif
شۇنى دىمەي بوممايدۇ ، كۆپ قىسىم ‹‹ئاتامىدىن قاغان ›› ئ ...

گىپىڭىز ئورۇنلۇق ،

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:34:40

توغرا پىكىر بوپتۇ بۇ {:112:}

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:38:14

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:48:49

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:06:07

ئۈچ يىرىم ياشلىق ئوغلۇم سىيدىغان يىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايغىلى تۇرۇپتىكەن.  مەن موناقاڭ پىشماپتۇ دەپ قويدۇم، شۇنىڭدىن بىرى ئۇنچە قىلىپ كەتمەيدىغان بوپ قالدى. :lol

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:22:22

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 12:06 static/image/common/back.gif
ئۈچ يىرىم ياشلىق ئوغلۇم سىيدىغان يىرىنى كۆرسىتىپ ھىجا ...

نىمىنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق دىگەن ئىدىڭىز؟:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:42:35

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 16:22 static/image/common/back.gif
نىمىنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق دىگەن ئىدىڭىز؟

بۇنىمۇ دىيىش كىتەمــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــدۇ؟

beliver يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:24:50

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 15:35 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ يىشىغا قاراش كىرەك ئەگەر نەسىھەت قىلسا چۇشەن ...

ئەمدى بىرگە كىردى،ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئېسىلسا ھاي دەپ توسىمەن،بىر تۇرۇپ بۇنداق قىلسام بالنىڭ ئەركىنلىنى بوغۇپ قويدۇممۇ نېمە ،دەپ ئويلاپ قالىمەن.بەزىلەر بالىسىنى قويۇپلا بېرىدىكەن،بولۇپمۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارغاندا ئۇنىڭغا بۇنىڭغا ئېسىلسا ساھىبخاننىڭ ئاچىغى كېلىتتە.رەھمەت...تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 17:44:01

بىر چاغلاردا «شىنجاڭ ئاياللىرى» مۇ يا «كروران» مۇ، (كېيىنكىسى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى) بىر ژۇرنالدا بىر مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نەچچە ۋىلايەت شەھەردىكى (ئاساسلىقى كورلىدىغۇ دەيمەن) تەكشۈرۈش، زىيارەت خاتىرىسى چىققان، خېلى غۇلغۇلا قوزغىدى، ئىزدىنىشتىمۇ بەزىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ئۇنىڭغىمۇ. ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان گەپلەر، تەپسىلاتلار بار ئىدى مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ھەققىدە. خېلى مۇكەممەل بىر «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇش ۋە پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئاينىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى» دېگەندەكرەك تېمىدا بىر جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتى. ئوقۇپ ئۇزۇنغىچە قارا بېسىپ يۈرگەنتىم «بىز خەق مۇشۇنچىۋالا بوپ كەتكەنمىزمىدۇ؟» دەپ. :funk: :funk:
بەت: [1]
: پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى