muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:10:06

ئويلىسام

ئويلىسام



ئۈمىدۋار



مەن دۇنياغا كەلگىلى خېلى بوپتۇ ئويلىسام،

ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپتۇ كۈنۈم لېكىن ئويلىسام.

يەكۈنلىمەك سائىتى يىتىپ قاپتۇ ئۆمۈرنى،

ھەسرەت بىرلە ئۆكۈنۈش قىيناپ مىنى ئويلىسام.





مەن تۇغۇلسام ھەممىسى شادلىنىپتۇ ‹ئوغۇل›دەپ،

ئەرزىگۈدەك شۇ نامغا بولماپتىمەن ئويلىسام.

جان ئاناممۇ كۈتۈپتۇ مەندىن شۇنچە ئۈمىدلەر،

لېكىن ئۇنى ئاقلاشنى ئۇنتۇپتىمەن ئويلىسام.





كۈنلەر ئۆتتى مەنىسىز ،مەن بۇنىڭدىن رازىمۇ؟

ئۆز-ئۆزۈمگە بىر سوئال قويماپتىمەن ئويلىسام.

ھەر تىنىققا ھىساپ بار شۇ كۈن كىلىش ئالدىدا،

مەن ئۆزۈمدىن بىر ھىساپ ئالماپتىمەن ئويلىسام.





مەقسەت نىمە دۇنيادا ياشاشتىكى ئىنساننىڭ،

بۇ ھەقتە بىر تەپەككۈر قىلماپتىمەن ئويلىسام.

سورىلىدۇ ھەر ئىنسان ياشاپ ئۆتكەن ئۆمرىدىن،

ئۆمرۈمگە مەن بىر جاۋاپ تاپماپتىمەن ئويلىسام.





ياراتقۇچى بىرىپتۇ شۇنچە كۆپ خىل نىئمەتنى،

لايىقىدا شۈكۈرلەر ئېيتماپتىمەن ئويلىسام.

شۇ نىئمەتلەر ئىچىدە ۋاقىت بەكمۇ مۇھىمكەن،

لېكىن ۋاقىت قەدرىگە يەتمەپتىمەن ئويلىسام.





شۇنچە ئىزدەپ باقساممۇ ئۆتمۈشۈمنى ۋاراقلاپ ،

ئەھمىيەتلىك بىر ئەمەل قىلماپتىمەن ئويلىسام.

خۇددى ھايات مۇشۇدەك،ئاخىرىتى يوقتەكلا،

باقىيغا ھېچ تەييارلىق قىلماپتىمەن ئويلىسام.





ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ خەقلەر ئىزدەنسە،

مەن ئۇيقۇدىن ئويغانماي يېتىپتىمەن ئويلىسام.

ھەممە كىشى ئۆگىنىپ،ئىجتىھادقا يول ئاچسا،

مەن نادانلىق پاتقاققا پېتىپتىمەن ئويلىسام.





ھەق يولىدىن تايغانغا بەخىت يوقكەن ھېچقاچان،

بەخىت ئىزدەپ ئۆزگىدىن چېپىپتىمەن ئويلىسام،

ئىزدىنىشسىز ھاياتتا بولماس ئىكەن ھېچ مەنا،

ھۇرۇنلۇقنى دوست تۇتۇپ يۈرۈپتىمەن ئويلىسام.





كىتىپ قاپتۇ ئۆمرۈمنىڭ گۈزەل ۋاقتى ئاقىۋەت،

مەن تېخى ھېچ ئۇيقۇمنى ئاچماپتىمەن ئويلىسام.

كەلگەن ئىدىم زادى مەن نىمە ئۈچۈن دۇنياغا؟

ئۆزيولۇمغا بىرنەزەر سالماپتىمەن ئويلىسام.





گۇناھلارغا توشۇپتۇ ئەمەللىرىم دەپتىرى،

چىن يۈرەكتىن تەۋبە قىپ باقماپتىمەن ئويلىسام.

خاتا يولغا ئىچكىرلەپ مېڭىپتىمەن ئاخىرى،

بىلىپ تۇرۇپ توغرىنى قايتماپتىمەن ئويلىسام.





سۆزلىگەندىن ئەۋزەلدۇر تۈزەلگىنى ھەرقاچان،

ئۆكۈنگەنگە ئورنىغا كەلمەيدىكەن ئويلىسام.

ئەمدى ئۇيقۇ ئاچمىسام،ئۆز-ئۆزۈمنى تاپمىسام،

ئاخىرەتتە زىياندا قالغۇدەكمەن ئويلىسام.


************************


شۇڭا دەيمەن دوستلىرىم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار،

نېرى تۇرۇپ ياماندىن ،كۆپ ياخشىلىق قىلىڭلار.

سورىقى بار جاھان بۇ،قۇتۇلالماس ھېچ كىشى،

شۇ سوراقتىن ئۆتۈشكە ياخشى ئاساس سېلىڭلار!



2015-يىل1-ئاينىڭ19-كۈنى.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:20:22

ياخشى يېزىلىپتۇ ، بىرەر ئەدەبى ژۇرنالغا ئەۋەتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك.

macin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:09:52

بەك ياخشى يېزىپسىز،بارىكاللا

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:14:19

macin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 16:09 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى يېزىپسىز،بارىكاللا

بۇنى مەن يازمىغان   بىر دوستۇم  يېزىپتىكەن    ،  ماڭا  شۇنداق ياقتى  ،   شۇنىڭ  ئۈچۈن   تورداشلا بىلەن  تەڭ بەھرىلىنەي  دەپ يوللاپ  قويدۇم

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:40:59

muhajir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 18:14 static/image/common/back.gif
بۇنى مەن يازمىغان   بىر دوستۇم  يېزىپتىكەن    ،  ماڭا  شۇ ...

ياخشى بوپتۇ شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ياخشىلىق...

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:23:51

bahadir033 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 10:40 static/image/common/back.gif
ياخشى بوپتۇ شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ياخشىلىق...

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

bahadir033 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:10:59

muhajir يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 11:23 static/image/common/back.gif
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ياخشى ماقالە ئەسەرلەر بولسا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەيسىز...

muhajir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:01:13

bahadir033 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 12:10 static/image/common/back.gif
ياخشى ماقالە ئەسەرلەر بولسا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈش ...

انشاء لله

AZATKAR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:20:54

تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ، تېخىمۇ ئوپدان، ياخشى ، بەلەن شېئىرلارنى يوللاپ تۇرارسىز.{:112:}
بەت: [1]
: ئويلىسام