tawpik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:58:30

تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي


تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي

( ئەنگلىيە ) بودى .جونسون
ئەسلى ئەسەردىن چېن زوڭلىن تەرجىمىسى
خەنزۇچىدىن ئابلەت باھايدىن تەرجىمىسى

ئاندىرو.لايىدئايالى بىلەن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى بىلەن كۆرۈشتى.
__ مەن بۇ شەھەردە خىزمەت قىلىمەن، __ دېدى ئاندىروۋاستىچىگە ،___ مەن ئۆي سېتىۋالماقچى .
__ مەن سىزگە ياردەم قىلالايمەن، __ دېدى ئۆي ۋاستىچىسى، __ سىز قانچىلىك پۇل چىقارالايسىز ؟
__ 10 مىڭ فونتسىتېرلىڭدىن ئېشىپ كەتمىسۇن، __ دېدى ئاندىرو.
__ بۇ شەھەردەزور كۆپچىلىك ئۆيلەرنىڭ باھاسى 10 مىڭ فونت سىتېرلىڭدىن يۇقىرى __ دېدى ۋاستىچى .
__ شۈبھىسىز بار جۇمۇ،__دېدى ئاندىرونىڭ خوتۇنى __ بىز ئۇنداق چوڭ ئۆيگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۆيدە ئىككەيلەنلا تۇرىمىز.
ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى خاتىرە دەپتىرىدىكى تىزىملىكتىنئۆي ئىزدەۋاتاتتى __ بۇ يەردە بىرئۆينىڭ باھاسى 10مىڭ فونتستېرلىڭ ئىكەن __ دېدى ۋاستىچى، __ تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي .
__ بۇ ئۆيدە چاتاق يوقتۇ؟ __ سورىدى ئاندىرو.
__ ياق ! __ دېدى ۋاستىچى، __ئۇ بىرناھايىتى ياخشى كىچىك ئۆي،ۋاستىچى خاتىرە دەپتىرىدىكى تىزىملىكتىنئۆي ئىزدىمەكتە ئىدى، __ ئەگەر سىلەر بۇ ئۆينى ياقتۇرساڭلار، __ دېدى ئۇ، __ ئۇنداقتاسىلەرگە   توققۇز مىڭ فونتسىتېرلىڭغاكېلىشتۈرۈپ قوياي.
__ مېنىڭچەسىزكېلىشتۈرۈپ قويالمايسىز__ دەپ قاقاقلاپ كۈلدى ئاندىرو، __ ئۆينىڭ چاتىقى باردەك قىلىدۇ– ھە؟
__ ماڭا ئىشىنىڭ __ دېدى ۋاستىچى، __ بۇ ئۆيدە ھەقىقەتەن ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۆي ناھايىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، ئۆي ئالدىدا تېخى گۈللۈكى بار. مەن بۇ ئۆينىڭراستىنلا نېمە سەۋەبتىن سېتىلمايۋاتقانلىقىنىبىلەلمىدىم.بولمىسائۆي بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى10 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ ماشىناڭلار بولسا … … .
__ ھوي، بىزنىڭ ماشىنىمىز بار، __ دېدى جېننى. لايىد، __ 10 كىلومېتىر ئانچە يىراق ھېسابلانمايدۇ، مەن سەھرانىياخشى كۆرىمەن .
ئايالى ئاندىروغا بۇرۇلۇپ:
__ بىز بېرىپ كۆرۈپ باقايلىمۇ؟ __ دەپ سورىدى.
__ بولىدۇ، __ دېدى ئاندىرو، __ئۆينى كۆرۈپ باقساق بەرىبىر ھېچقانداق ئىش بولمايدىغۇ.
ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى ئۇلارغا بىر تال ئاچقۇچنى بەردى ھەم ئەر–ئايال ئىككىسىگە بۇ ئۆينى قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ماشىنا بىلەن مېڭىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەھەردىن چىقىپ، ناھايىتى تېزلا تاغ چوققىسىدىكى ئۆينى تاپتى، ئۇ ئۆي بىر كىچىك تاغ چوققىسىغا جايلاشقان ئىدى.
__ ئوھۇي، مەن بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قالدىم، __ دېدى ئايالى ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ، __ قاراڭ! ئىشىك ئالدىدىكىگۈللۈكلەرگە.
__ مەن راستىنلا گاڭگىراپ قالدىم، __ دېدى ئاندىرو، __ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئادەم تۇرمايدۇ؟ بۇ ئۆي يامان ئەمەس ئىكەن، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق ئەمەس ئىكەن، بۇ ئۆيدە چوقۇم بىرەر چاتاق بارجۇمۇ.
ئۇلار دارۋازا ئالدىغا بېرىپ، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆي ئىچىگە كىردى، ئۆي ئىچى پاكىز ھەم چىرايلىق ئىدى.
__ ئوھۇي، ئاندىرو! __ دېدى جېننى،__ بۇ دەل مەن ئويلىغاندەك ئۆي ئىكەن، بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كەلگۈدەك، مەن يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپياتاق ئۆينى كۆرۈپ باقاي.
ئۇ يۇقىرى قەۋەتكە قاراپ مېڭىۋاتاتتى، لېكىن يەنە قەدىمىنى توختىتىپ : __ سىزبىرەرئاۋاز چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدىڭىزمۇ ؟ __ دەپ سورىدى ئاندىرودىن .
ئاندىرو قاقاقلاپ كۈلۈپ :
__ مېنىڭچە ئۇ يەردە ئۇچار قاناتبولۇشى مۇمكىن __ دېدى.
__ ھە، شۇنداق ئىكەن، __ دېدى ئۇ، __ ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىسىنىڭ بىر قانىتى ئېتىلمەپتۇ ئەمەسمۇ، ئۇچار قانات شۇ يەردىن ئۇچۇپ كىرگەندەك قىلىدۇ .
جېننى داۋاملىق يۇقۇرىغا ئۆرلىدى.
__ خەيرلىك سەھەر!
ئەر–ئايال دەرھال بۇرۇلۇپكەينىگە قارىدى، بىر بوۋاي دەرۋازاتەرەپتە تۇراتتى .
__ سىلەر بۇ ئۆينى ياقتۇردۇڭلارمۇ؟ __ دەپ سورىدىئۇ، __ سىلەر بۇ ئۆينى سېتىۋالماقچىمۇ؟
__ بىز بۇ ئىشنى ئويلىشىۋاتىمىز__ دېدى ئاندىرو .
__ ناھايىتى ياخشى! __ دېدى بوۋاي، __ مەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆينى تازىلاپ تۇرىمەن .
__ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسىبىزگە ئاچقۇچنى بەرگەن ،__ دېدى ئاندىرونىڭ ئايالى، __ مەن ياتاق ئۆينى كۆرۈپ باقاي دېگەن.
__ ھە، توغرا بوپتۇ،__ دېدىبوۋاي،__ ئۇ ياتاق ئۆي…، ھەيران قالماڭ، مەن ئېيتپ بېرەي، سىلەر بۇ شەھەردە تۇرامسىلەر ؟
__ ھە، ياق __ دېدى ئايالى، __ بىز بۇ يەرگە يېڭىلاكەلگەن.
__ مەن بۇ شەھەردىن بىر يېڭى خىزمەت تاپقان، __ دېدى ئاندىرو، __ شۇڭا بىز ئۆي ئىزدەۋاتقان .
__ شۇنداقمۇ! __ دېدى بوۋاي، __ ھەيران قالماڭلار، بۇ ئۆي توغرىسىدا ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسىسىلەرگە ھېچنىمە دىمىدىمۇ؟ بۇ يەردە ھەممە ئىشيۈز بېرىدۇ، ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسىسىلەرگە ئېيتىپ بەرمىگەن ئوخشايدۇ؟
__ ياق، _ دېدى ئاندىرو، __ ئۇ ھېچنېمە دېمىدى، ئۇ بىزگە بۇ ئۆينىڭ سېتىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆيدەھەقىقەتەنھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ئېيتقان.
__ ھە، ياق !__ دېدى بوۋاي،__ بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداقمەسىلە يوق، لېكىن كىشىلەر بۇ يەردە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ.
__ نېمە ئۈچۈن؟ __ دەپ سورىدى جېننى.
__ شۇ ئايال سەۋەبىدىن__ دەپ سۆز باشلىدى بوۋاي، __ بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى بۇ يەردە، دەل مۇشۇ ياتاق ئۆيدە ئۆلتۈرىۋەتكەنمىش. ئۇلار ئىنتايىن ياش ئىكەن، خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا.
__ ھە، ياق! __ دېدى جېننى ئىنچىكە ئاۋازدا.
__ ئۇ ئايالىنى ئۆلتۈرىۋىتىپ يەر ئاستىغا، مۇشۇ گۈللۈككە كۆمىۋەتكەنمىش،__ دېدى بوۋاي، __ لېكىن ساقچىلار كېلىپ، ئايالنىڭجەسىتىنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ، بوۋاي كۈلىۋەتتى، لېكىن بوۋاينىڭ كۈلكىسى ۋەھىمىلىك كۈلكە ئىدى،__ لېكىن ئۆلگەن ئايالقانداق يەردە، كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئايال بەزىدە ئۆيگە قايتىپ كېلەرمىش، ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كارىۋات يېنىغا كېلىۋالارمىش   ….
__ ھە، ياق! __ دەپۋارقىرىدىجېننى،__ئاخىرىنى سۆزلىمەڭ!
__ بۇ بىر تەسىرلىك ھېكايە ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ __ دەپبوۋاي يەنە بىر قېتىم كۈلدى.
__ ئەگەر سىلەر بۇ ئۆينى سېتىۋالساڭلار، مەن سىلەرنىڭ باغۋىنىڭلار بولۇپ بېرەي، بەلكىم يەنە ھويلىدىكى ھېلىقى ئايالنىڭ جەسىتىنىكولاپ چىقىرىشىم مۇمكىن، __ دىگىنىچە بۇرۇلۇپ سىرتقا ماڭدى.
ئەر ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى، ئاندىرو:
___ مەن ئۇ ھېكايىگە ئىشەنمەيمەن، بىز ئالدى بىلەن ياتاق ئۆينى كۆرۈپ باققايلىمۇ؟! __ دېدى.
__ ياق ! __ دېدى جېننى، __ ياق، ئاندىرو، ياق! مەن بۇ ھېكايىنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن بۇ يەردە تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەكمەن، ھېلىقى ئايال، ئۇ …. …
__ لېكىن بىز ئەمدى توققۇز مىڭ فونتسىتېرلىڭغا سېتىلىدىغان ئۆينى تاپالمايمىز جۇمۇ، __ دېدى ئاندىرو.
__ كەچۈرۈڭ! ئاندىرو، لېكىن مەن بۇ يەردىن قورقىۋاتىمەن. مېنىڭ دائىم ئويلايدىغىنىم …….. ،___ ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسۇپ، __ مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، ئاندىرو سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇ ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ماشىنا ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىۋالدى. ئاندىرو كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتى.
__ بىز ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسىگەنېمە دەيمىز ئەمدى؟ __ دەپسورىدى ئاندىرو ئايالىدىن.
__ ھە، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە بۇ ئۆي شەھەردىن بەك يىراق ئىكەن دەيلى،__ دېدى ئايالى.
ماشىنا قوزغالدى، بوۋاي تاغ چوققىسىدىكى ئۆيگە قايتتى. بوۋاي ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ھەم ئۆيگە كىردى. ئۇ بىنادىكى بىر ياتاق ئۆيگە كىردى. پول ئۈستىدە بىر قىسىم كونا كىيىملەر تۇراتتى. يەنە بىر پارچەكىيىملەر كارۋاتتا يېيىقلىق تۇراتتى. كىچىك ئۈستەلدەيېمەك–ئىچمەكلەر تۇراتتى. ئۈستەل تەرەپتە بىر موماي ئولتۇراتتى.
__ ئۇلار ئۈستىگە چىققىلى تاسلا قالدى ھە!__ دېدى موماي.
__ شۇنداق، مەن بىلىۋالغان، __دېدى بوۋاي، ___ مەن بىر ئاز كېچىكىپ قالدىم، لېكىن مەن ئۇلارغا ھېلىقى ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇنىڭئايالىراستىنلا ئىشنىپ قالدى. بوۋاي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
__ ئاياللار دائىم مۇشۇنداق، ئۇلار ئەمدى ھەرگىز كەلمەيدۇ.
__ ناھايىتى ياخشى، __ دېدى موماي، ___ بىز يەنەبۇ يەردە 1-2 ئاي تۇرالىغۇدەكمىز.
__ 1-2 ئاي ؟ ___ دېدى بوۋاي، __ يەنە 1-2 يىل تۇرالايمىز!
《小小说选刊》‹‹ كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانما ›› نىڭ 2000- يىل 1- سانىنىڭ 54- 55- 56 –بەتلىرىدىنئېلىندى.

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 20:14:48

يامان قېرىلاركەن ماۋۇ:lol

qelem يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 04:38:00

ئامرېكىنىڭ بىرە كىنوسىنىڭ سىنارىيەسىمىكىن دەپ قاپتىمەن بېشىنى ئوقۇپ، قوقۇتۇدىغان نەدە چىقاكىن دەپ ئوقۇۋاتسام، يۇمۇر تۇيۇلۇپ كەتتى ئاخىرى ... :lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 06:44:39

ئەلپىدا ئەلپىدا لارنى ئوقۇپ چىقتىم{:92:}
بەت: [1]
: تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي