dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:39:53

خوتۇنۇم ھازىرلا كېلىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىدۇ


خوتۇنۇم ھازىرلا كېلىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىدۇ

دېڭ دى

مەن تۇرىۋاتقان بۇ يەردىكىلەر ئاستا رېتىملىق تۇرمۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئاستىلىقنى خالاش دەرىجىسى قانچىلىك دەمسىز؟ ئاستىلىقىدىن مەيلى ئۆي ياكى مېھمانسارايلار بولسۇن، تېلېفون ئورنىتىلمىغان، گويا غايىۋىي جەننەتنىڭ ئۆزى. بىراق، يېقىندىن بېرى تاشقى دۇنيادا ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ بۇ يەرمۇ قاتاردىن قالمىدى. بەزىدە تېلېفون بولمىسا تولىمۇ قولايسىزلىق ھېس قىلاتتىم. ئۇ پاكار بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان تېخىمۇ شۇنداق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئۇنىڭ بىلەن ABC غىزالىق چايخانىسىدا ئۇچرىشىپ قالدىم، شۇ چاغدا ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكلا چۈشكۈن، خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سۇلىشىپلا كېتىپتىكەن.
ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. مۇلازىم كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدىكى قۇرۇق تەخسىنى يىغىشتۇرغاچ بىرەر نەرسە لازىم ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ تامدىكى سائەتكە قاراپ قويۇپ ئىلاجسىز ھالدا ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمدىن بىرنى بۇيرۇتتى.
ئارقىدىن مۇلازىم مەندىمۇ نېمە لازىملىقىنى سورىدى. مۇلازىم كەتكەندىن كېيىن، بۇ پاكار ماڭا قاراپ ئەدەپ بىلەن:
ئەپەندىم، تامدىكى سائەت توغرىمىدۇ؟-دەپ سورىدى.
مەن ئاۋۋال تامدىكى سائەتكە ئاندىن قول سائىتىمگە قارىغاندىن كېيىن:
-توغرا ئىكەن، مىنۇت پەرق قىلمايدىكەن،-دېدىم.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، رەھمەت. ھىم...-ئۇ ئاغزىنى ئۆمەللىدى-يۇ، ئوڭايسىزلىنىپ توختاپ قالدى. مۇلازىم ئۇ بۇيرۇتقان تۇخۇمنى كەلتۈرۈۋىدى، يېيىشكە ئالدىرىمىدى، ئەكسىچە ئەجەپمۇ ئوسال ئىش بولدى-بۇ،-دېدى غودراپ.
ئۇنىڭ گېپى دىققىتىمنى تارتتى:
-قانداق ئوسال ئىش بولدى؟
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ چىرايىمدىن رەھىمدىللىكنى كۆرۈۋالغاندەك ئىشەنچ بىلەن مۇڭداشتى، ئەسلىدە ئۇ خوتۇنىنى كۈتۈۋېتىپتۇ. ئۇلار چۈش سائەت بىر يېرىمدا كۆرۈشۈشكە كېلىشكەنىكەن، ھازىر چۈشتىن كېيىن بەش يېرىم بولغانىدى.
مەن توي قىلغان، شۇڭا ئاياللارنىڭ بەزىدە كېچىكىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭمۇ ئادەتتە سەۋر-تاقەت بىلەن ساقلايدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما نەدىمۇ تۆت سائەتتىن ئارتۇق ساقلايدىغان ئىش بولسۇن؟ تويدىن بۇرۇنقى ئوتتەك مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلار بولسىغۇ باشقا گەپ. ۋاھالەنكى، خوتۇنى بىلەن دېيىشكەن چاغدىن تۆت سائەت ئارتۇق ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئەر تېخىچە ھاماقەتلەرچە ساقلاپ ئولتۇرغانىدى. بەكلا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشقۇ بۇ! خوتۇنىدىن ئۆلگۈدەك قورقامدۇ نېمە بۇ بايقۇش!
كۆزلىرىمدىن ھېسداشلىق ئوتلىرى چاقناپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن چۈشەنچە بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ باشقا ئەرلەرگە ئوخشاش، خوتۇنى يېرىم سائەت كېچىككەندىلا ساقلىماسلىقنى قارار قىلغانىكەن. ئۆزىگە چۈشلۈك تاماق بۇيرۇتۇپ يەپمۇ بوپتۇ، خوتۇنى يەنىلا كەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقلىماي كېتەي دەپ ئويلاپتۇ. بىراق شۇ ئەسنادا پۇلنىڭ خوتۇنىدا قالغانلىقى يادىغا يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ساقلاشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئەمما ئاشخانا ئۇنىڭ قۇرۇقلا ئولتۇرۇشىنى خالىمايدۇ-دە، شۇڭا ئۇ يەنە بىر ئاز قېزا بىلەن بەرەڭگە قەلەمچىسىنى بۇيرۇتۇپتۇ. ئۇ ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئاستا يەپتۇ. كىم بىلسۇن، سائەت ئۈچ بوپتۇ، خوتۇنىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. ئىلاجسىز ئۇ يەنە باشقا تائام بۇيرۇتۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كالا گۆشى، رەڭلىك بېلىق، قەھۋە، پەمىدۇر قايناق، پىشلاق، پىۋا، لىمۇن شەربىتى، ساندىۋىچ ۋە ئىككى ئىستاكان قىزىل چاي بۇيرۇتۇپتۇ.
-قارىمامسىز، ئەمدى تېخىمۇ كېتەلمەيدىغان بولدۇم. ئاشخانا ھېساباتنى بوغقۇچە خوتۇنۇم يەنە كەلمىسە، ئۇلار مېنى ھېسابات قىلمىدى دەپ ساقچىغا تۇتۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىش قوشنىلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، نە ئات، نە نومۇس!-دېدى ئۇ خۇرسىنىپ. ئاندىن ئىككى قولىدا يۈزىنى ئۇۋلىغىنىچە ئاچچىقىدا،-نېمىدېگەن سەتچىلىك بۇ، بۇندىن كېيىن رېئوس غىزالىق چايخانىسىغا ئاياغ باسالمايدىغان بولدۇم-دە!-دېدى.
-رىئوس غىزالىق چايخانىسى؟ ھوي، بۇ يەر يا «رىئوس» غىزالىق چايخانىسى بولمىسا؟ بۇ دېگەن ABC غىزالىق چايخانىسى!-دېدىم مەن.
ئۇ پاكار ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى:
-نېمە؟-ئۆڭسۈلى ئۆچۈپ كەتتى ئۇنىڭ،-بۇ رىئوس غىزالىق چايخانىسى ئەمەسما؟ بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ! قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟
ئۇنى مازاق قىلغۇم كەلدى، ئەمما ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
-سىزگە مەن بىلەن تونۇشۇش نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ، پۇلىڭىزنى مەن تۆلىۋېتەي،-دېدىم مەن.
-سىزگە كۆپ رەھمەت! ئادرېسىڭىزنى بېرىڭ، ئۆيگە بېرىپلا پۇل ئېلىپ ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ بېرىمەن،-ئۇ ھاياجاندىن قوللىرىمنى سىقىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن ئېغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك توۋلىدى، مۇلازىم ھېساباتنى قىلىۋېتىڭ!
ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتىم، ئۇ ئىسىم كارتامنى يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن يېنىش-يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتقىنىچە ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كۈنى رىئوس غىزالىق چايخانىسىغا تاماق يېگىلى بېرىپ قالدىم، قارىسام ياندىكى شىرەدە مېھرىبان چىراي بىر ئادەمنىڭ ئۇدۇلىدا پاكار بىر ئەر ئولتۇرىدۇ. مەن بېرىپ دەل ئۇنىڭغا دۈمبەمنى قىلىپ ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
-مانا قاراڭ، ئەمدى تېخىمۇ ماڭالمايدىغان بولدۇم. ئاشخانىنى تاقايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، خوتۇنۇم يەنە كەلمىسە...
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:11:04

شەكلى ئۆزگەرگەن تىلەمچىلىك ئىكەنغۇ-بۇ...

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:31:19

ما ھىكايە قىزىقكەن چوڭ ئەيسا كۈرۈپ قالسا ئەمدى ئىسىل تاماقىانىلارغا كىرىپ ھەقسىز يەپ ئىچكىدەك

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:52:01

ئۇف..
ھىكايەنىڭ بېشىدا شۇنداق ئىچىم ئاغرىغانىدى ئاۋۇ گۇيغا،ئاخىرىدا قويمىچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدى...................خىجىل بولمايدىغان قويمىچىلاركەندە بۇلار

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:41:41

ئالدامچىكەن بۇ ئەر...بۇ ئەرگە قاراپ ئىچىم ئاغىرىپ كەتكەنتى...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:44:32

ھۆل قەغەز ئېلىۋىڭە چۆل قەغەز بەك ئەرزان بىرسى بەش كوي ،ئىككىسلا قالغانتى ئېلىڭە ئاكا..........

boss يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:05:27

نەچچە ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر قىز بىلەن تاماق يەي دەپ ئارماننىڭ غەربچە تاماقخانىسىغا كىرگەن ، تاماقلارنى ئېلىپ ئەمدى يەيلى دەپ تۇرساق بىر قىرىق ياشلاردىكى تىلەمچى كەلدى ، بۇ تىلەمچىنى كوچىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلغىننى تولا كۆرگەنتىم ، كۆزۈمگە بۇرۇندىن تارتىپ سەت كۆرۈنىتى ، ئالدىمىزغا كېلىپ بىر ياردەم قىلىپ قۇيۇڭلار ئۇكۇلۇرۇم دىيىشىگە مەن بىلەن بىللە كىرگەن قىز پورتىمالىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن نۇمۇس قىلىپ يانچۇقۇمدىن ئون سوم ئېلىپلا ھېلىقى تىلەمچىگە بېرىۋەتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتىپ قالدى ، ئاشۇ ئون سومغا ھازېرغىچە قورسۇقۇم ئاغرېيدۇ ، ، ،
بەت: [1]
: خوتۇنۇم ھازىرلا كېلىپ ھېساباتنى قىلىۋېتىدۇ