dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:38:03

تاماق يېيىش ھالىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ


شيې شىيىڭ

بىر كۈنى مەلۇم بىر تونۇشۇم بىلەن بىللە تاماق يېمەكچى بولغىنىمدا، دادام مېنى كۆرگىلى كەلدى. ئۈچىمىز شىركەتكە يېقىن بىر تاماقخانىدا غىزالاندۇق. دادام كەم سۆز ئادەم بولۇپ تاماق جەريانىدا سۆز قىستۇرمىدى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشى بىلەن بەكمۇ يېقىن ئارىلاشماسلىقىمنى ئېيتتى.
-نېمىشقا؟-سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ. ئۇ كىشى مېنىڭ تىجارەت جەريانىدىكى تونۇشۇم بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت ئىككى-ئۈچ قېتىملا كۆرۈشكەنىدۇق.
-مېنىڭ ئۇنى تۈنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاماق يېيىش ھالىتىدىن ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى تەخمىن قىلىپ بولدۇم،-دېدى دادام قەتئىيلىك بىلەن،-مەن ئۇنىڭ چوكا بىلەن قورۇما قىسىش ئادىتىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ ھەمىشە چوكىسى بىلەن قورۇمىنى قوچۇپ، تېگىدىن تاللاپ يەيدىكەن، ئۆزى ياقتۇرغان كۆكتاتنى تېپىپ يېيىش ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن.
-ھەممە ئادەمنىڭ تاماق يېيىش ئادىتى ئوخشاپ كەتمەيدۇ دادا، بەزىلەر ئاستا يېيىشنى، بەزىلەر ئىتتىك يېيىشنى، يەنە بەزىلەر  بولسا بايىقى تونۇشۇمدە ئۆزى ياقتۇرغان يېمەكلىكنى تاللاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەنلا بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىشكە بولامدۇ؟
-تۇرمىشىدا قىيىنچىلىقى بار، ئۇزاق ۋاقىت ياخشى غىزالىنالمىغانلارنىڭ بىر تەخسە قورۇما ئالدىدا تاماق يېيىش ھالىتىگە دىققەت قىلالماسلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ كىشى تىجارەتچى، يەنە كېلىپ ھال-ئوقىتى ياخشى ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ بۇنداق غىزالىنىشى ئۇنىڭ شەخسىيەتچى، ئىچى تار ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىر تەخسە قورۇما ئالدىدا ئۇ باشقىلارنىڭ ھېسىياتىنى قىلچە ئويلاشماستىن چوكا بىلەن قورۇمىنى قوچۇپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنى تاللاپ يېدى. ئەگەر بىرەر مەنپەئەت توقۇنىشى بولۇپ قالسا، ئۇ چوقۇم ھەرقانداق ۋاستىنى قوللىنىشتىن يانمايدۇ،-دېدى دادام بېشىنى چايقاپ.
يۇقىرىقى سۆزلەردىن كېيىن، دادام كىچىك ۋاقتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بوۋام دادام بەش ياش ۋاقتىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مومام دادامنى بېقىش جەريانىدا كۆپ رىيازەت چېكىپتىكەن، دائىم ئاچ قالىدىكەن. ئەگەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارماقچى بولسا، مومام دادامغا ھەمىشە يېنىش-يېنىشلاپ:
-بالام، تاماق يېگەندىكى ھالىتىڭگە چوقۇم دىققەت قىل. ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان تاماقنىلا تاللاپ يەۋالما، باشقىلارغىمۇ قالسۇن، بولمىسا باشقىلار مەسخىرە قىلىدۇ. تۇرمۇشىمىز گەرچە نامرات بولسىمۇ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولمىساق بولمايدۇ،-دەيدىكەن.
دادام مومامنىڭ سۆزىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، بىر ئۈستەل نازۇ-نىممەتلەرنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان، تاماق يېيىش ھالىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولغانىكەن. گېپىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېلىپ، مۇنداق دېدى:
-ئوغلۇم، بىر جۈپ چوكىغا سەل قارىما، كىچىككىنە چوكا قىسىش ئادىتى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
دەرۋەقە كېيىن يۈز بەرگەن بىر ئىش دادامنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ تونۇشۇم كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ مەندىن يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامنىڭ سۆزىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا نەپسىمنى يىغالايدىغان، ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزۈم يالغۇز ئىگىلىۋالماي، باشقىلار بىلەن تەڭ ھوزۇرلىنىشنى ئۆگەندىم.
ھەممىمىز ئەدەپ-ئەخلاقنى قولىمىزدىكى چوكىدىن باشلىساق قانداق؟
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:31:27

مىنىڭچە دادىسىنىڭ دىگىنىمۇ توغرا پىكىر دەپ قارايمەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:48:05

قازاقلىنىڭ «سارت تاللاپ يەيدۇ، قويماي يەيدۇ» دەپ بىر گېپى بولىدىغان.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:57:40

دادىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىگى ئىسپاتلىنىپتۇ ئاخىر ، بۇنداق ئادەملەردىن زادى ھەزەر ئەيلەش كېرەك .
چوكىسىنى خەقنىڭ ئالدىغا ئۇزارتىدىغانلارمۇ بار تېخى .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:11:27

يۇقارقى يولداشلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن

raziman يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:45:51

مەن بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلار بىلەن تاماق يىگەندە دىققەت قىلىپ باقدام بولغۇدەك ..
كونىلارنىڭ بىر گىپى باغۇ « ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ »دەيىدىغان ....
ھەي ... كونىلار نىڭ دىگەن سۆزلىرنىڭ  ئاساسى بار گەپلەركەن .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 19:49:54

ھەي مىنىڭمۇ گەمبىيەن سومىيەن يىگەن ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەپ قالدى.

بىر قاچا گەمبىيەن سومىيەننىغۇ يالغۇز يەيدىغان گەپ،لىكىن مەن شۇ سومەننىڭ كۈدىسىگە بەك ئامراق بولغاچقىمۇ كۈدىسىنى بالدۇرلا يەپ تۈگىتىۋېتىپ ئاندىن باشقىسىغا تۇتۇش قىلاتتى،لىكىن بىرەرسى بىر چوكا سەپ قويغان تاماقنى ھەرقانچە قۇرسۇقۇم ئاچ بولسىمۇ يىمەيدىغان بىر ئادىتىم بار.كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداقكەنمەن،بەزىلەر بۇ مىجەزىمنى غەلىتىكەن دىيىشىدۇ.مىنىڭچە بۇ پاكىزلىق جۈمىلىسىدىن دەپ ئويلايمەن.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:30:58

باشقىلارنىڭ پولو يىيىشىگە دىققەت قىلسىڭىز ئۇمىتۋار كىشىلەر ئېشىنى باشتا گۇشىنى كىيىن يەيدۇ دەيدۇ.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:54:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aplapsaplap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 08:58  

ممەنمۇ بۇرۇن ئىككى تال نەرسەم بولسا مەسلەن ئ‍ىككى تال مىۋە بولسا ناچارراقىنى بالدۇر يەپ ياخشىراقىنى كىيىن يىيىشكە ئ‍ېپ قوياتتىم لىكىن، بىراۋ سوراپقالسا ئ‍امال يوق، ياخشىسىنى بېرەتتىم  
لىكىن بەك ئ‍ىچىم كۆپەتتى ناچىرىنى ئ‍ۆزەم يەپ،ياخشىسىنى كىشىگە بەرگەنگە، لىكىن بۇنداق خۇيىنى ئ‍ۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن

servi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 08:54:37

مەن دەھشەت ئۈمىدۋار ئوخشايمەن ئەمىسە ;P

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:26:52

مەن تاماقنى تېز يەيمەن ، لېكىن باشقىلار بىلەن بىللە تاماق يېگەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ ئالدىمدىن يەيمەن .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:50:19

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 13:11 static/image/common/back.gif
يۇقارقى يولداشلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن

كۈلدۈرمەڭلا ئادەمنى. :lol :lol
مەنمۇ ئەرك تېكىنگە ئەگىشىپ يۇقۇرقى يولداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوللاپ قوياي.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:17:09

كىچىككىنە ئىشتىمۇ بىر ئادەمنىڭ ئادىمىلىگىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ئەخلاق ئادەم زىننىتى. رەخمەت بۇتىمىنى ياخشى يوللاپسىز. ئىبرەتلىك ئىشلار ناھاۇىتى كۆپ. بىز گەرچە تاماق ئۈستىلىدە ئۆزىمىزنىڭ قاچىسىدىكىنى يەپ كۆنگەن بولساقمۇ لىكىن ئاۋازسىز يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى. بولمىسا ئەتراپتىكىلەر كىم بىلەن تاماق يەۋاتىمەن دەپ گۇمانلىنىپ قالىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:34:30

بۇرۇندىن باشقىلارنىڭ تاماقلىنىشىغا دىققەت قىلاتتىم ،لىكىن بۇنداق ھىكمىتى بارلىقىنى ئەمدى بىلدىم .
بەت: [1]
: تاماق يېيىش ھالىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ