pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:03:50

«ئاۋازدىن تېز پويىز»(Hyperloop) سىناق باشقۇچىغا كىردى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 10:05  

كۆپچىلىك ئېھتىمال ئاۋازدىن تېز ماڭىدىغان پويىز توغرىسىدىكى ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشى مۈمكىن، بىراق بۇ خىيال كىلەر يىلى رەسمى ياسىلىپ  تەجرىبە قىلىنىدىغان بولدى.
بۇ خىيالنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ئېلۇن ماسك (Elon Musk) بولۇپ، بۇ سېستىمىدا كاپسۇلسىمان ۋاگۇن ۋاكىيۇم تۇرۇبىنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ماڭىدۇ،  نەزىرىيە جەھەتتە سائىتىگە 760مىل( بىر مىل 1.6كىلومېتىر ئەتراپىدا) ماڭىدۇ، سان فىرانسۇسكىدىن لوس -ئانجېلىسقا(615كىلومېتىر) يېرىم سائەتتە يېتىپ بارىدۇ ، بۇ تىرانسىپورت سېستىمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى؛
1. بىخەتەر
2.تېز
3.ئەرزان
4.مۇھىتنى بولغىمايدۇ
5. ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ
6.ئېنىرگىيە تىجەيدۇ
7. يەر تەۋرەشكە چىداملىق
8.باشقا قاتناش قۇراللىرى بىلەن يول تالاشمايدۇ

2013- يىلى 12- ئايدا، بۇ تۈرنى (Hyperloop Transportation Technologies(HTT ناملىق بىر شىركەت ھەمكارلىشىپ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ 5- ئەۋلات قاتناش قۇرالىنى قەغەز يۈزىدىلا توختىتىپ قويۇشنى راۋا كۆرمىگەن.   بۇ يىل 2- ئايدا كالىفورنىيىنىڭ Quay  جىلغىسىدا ئۇزۇنلىغى 5 مىل( 8 كىلومتېرى)  كېلىدىغان بىر يول ياساپ بۇ پويىزنى سىناق قىلىشنى ئىلان قىلغان، بۇ سېستىما 2016- يىلى ئىش باشلاپ 2019- يىلى پۈتىدىكەن، ئومۇمى مەبلەغ 100 مىليۇن دوللار .
تۇرۇباسىمان يولنىڭ قىسقىلىغى تۈپەيلىدىن پويىزنىڭ تېزلىكى 200مىل ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلۇن ماسك ئوتتۇرغا قويغان 750 مىلدىن خېلى ئاستا. شۇنداقتىمۇ بۇ قاتناش سېستىمىسىنىڭ تەجرىبە قىلىنىشى بۇ خىيالنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەھمىيىتى زور .

بۇ پويىزنى شۇنچە تېزلىكتە ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان :
1- ماگنىتلىق لەيلىمە تېخنىكىسى - كاپسۇلسىمان ۋاگۇن تۇرۇبا يول ئىچىدە ئوخشاش قۇتۇپلۇق ماگنېت مەيدانى ئارقىلىق تۇرۇبا تاملىرىغا سۈركەلمەستىن لەيلەپ تۇرىدۇ، بۇ سۈركىلىشنى ئازايتىشقا  زور رول ئوينايدۇ.
2- تۇرۇبا يولىنىڭ ۋاكىئۇم قىلىنىشى، ھاۋانىڭ سۈركىلىشى كۈچىنى تۈگىتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۇرۇبا ئىچىدىكى ھاۋانى سۈمۈرىۋېلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈرئەت تېخىمۇ ئاشىدۇ، بىراق ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىق دەل مۇشۇ ۋاكىئۇملاشتۇرۇش ، چۈنكى شۇنچە ئۇزۇن يولدىكى ھاۋانى سۈمۈرىۋېتىش ۋە ۋاكىئۇم ھالەتنى ساقلاش ئاسان ئەمەس.
http://player.youku.com/player.php/sid/XNTgzNjMwNzM2/v.swf
http://v.youku.com/v_show/id_XNTgzNjMwNzM2.html
ئايرۇپىلاندىن تېز ماڭىدىغان بۇ پويىز كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق قاتناش قۇرالى بولۇپ قالامدۇ؟، بۇنىڭغا ۋاقىت جاۋاپ بېرىدۇ .

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 10:33:51

ئۈرۈمچىدىن  قەشقەگە بىرە يىرىم  سائەتتە   بىرىپ  بولىدىكەنمىز دە

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:03:16

تونىلدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، پويىز تاسادىپى سوقۇلۇپ كېتىدىغان ياكى جىددى توختايدىغان ئىش بولسا ئىچىدە ئولتۇرغان ئادەم ساق قالامدۇ ؟  مانىمۇ ئويلاش كېرەك .   

ئىنسانلار پەن-تېخنىكىدا قانچە تەرەققىي قىلىپ كەتمىسۇن، قىلالايدىغىنى كونا مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلىپ، يېڭى مەسىلىدىن بىرنى پەيدا قىلىش، ئۇنىڭ يۇقرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ، خۇددى ئىككى سەككىز ئون ئالتە دىگەندەك .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:25:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 11:28  

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:03 static/image/common/back.gif
تونىلدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، پويىز تاسادىپى سوقۇلۇپ كېتى ...

تاق يوللۇق تونېلكەن، سوقۇلۇپ كېتىدىغان ئىش يۈز بەرمەيدىكەن،  بىخەتەرلىكتە ئايرۇپىلاندىن ياخشى بولۇشى مۈمكىن، بولمىسا نورغۇن ماگناتلار بۇنىڭغا قىزىقمايتتى، بوئېن،  ناسا ،ياخۇ قاتارلىق شىركەتلەر بۇ سودا پۇرسىتىگە تىكىلىپ قاراغلىقكەن .

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:28:01

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:25 static/image/common/back.gif
تاق يوللۇق تونېلكەن، سوقۇلۇپ كېتىدىغان ئىش يۈز بەرمە ...

مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم باشقا پويىزغا ئەمەس، تونىلنىڭ دىۋارىغا :)   

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:31:46

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:28 static/image/common/back.gif
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم باشقا پويىزغا ئەمەس، تونىلنى ...

نەچچە مىللىمىتىرلىق ئارىلىق بىلەن لەيلىتىپ تۇرسا بولا ،  قۇياش نۇرىلىق باتارىيىدە توك قالمىسا، ياكى تاسادىبى توك ئۈزۈلۈپ كەتسىمۇ، بەك داۋالغۇپ كەتمەسمىكى، خۇددى مىلتىق ئىچىدىكى ئوقتەكلا، بىراق ئۇدۇلدىكى نەرسىگە( ئەمىلىيەتتە ئۇدۇلدا ھىچنەرسە يوق )  سوقۇلمىسىلا، ئادەملەرگە زەخمە يەتمەسلىكى مۈمكىن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:44:25

تونىلدىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتسە، ۋاگوندىكى كىشىلەر قانداق نەپەسلىنىدۇ؟ ئالەم قاتنىشى كىيىمى كىيىپ پويىزغا ئولتۇرىدىكەنمىزدە

paherzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:14:35

بۇ پويىز كاپسۇلسىمان بولسا ،تونىلدا مۇقىمداپ تۇرىدىغان بىرەر تېخنىكا بولمىسا،پويىز شۇ يۇقىرى سۈرئەتتە تونىل ئىچىدە ئەگمىلەردىن ئۆتكەندە مىلتىق ئوقىدەك چۆگىلەپ كەتمەسمۇ،شۇ سۈرئەتتە ئىنىرتسيە سەۋەبىدىن ئادەم بەدىنىگە،قانچىلىك بېسىم كىلە،،چوقۇم قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا ،ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زەخمىلەندۈرشى مومكىن،،

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:40:30

سۈرئەت مەسىلىسى بۇرۇنلا ھەل قىلىنىپ بولغان.

لىكىن مۇشۇ تۇرۇبا شەكىللىك تونىل ئىچىدىكى ھاۋا مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىلا، غەلبە قىلالايدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:06:30

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 11:44 static/image/common/back.gif
تونىلدىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتسە، ۋاگوندىكى كىشىلەر قاند ...

كاپسۇلسىمان ۋاگۇن ھىملىنىپ ياسىلىدىكەن، بىراق ئىچىگە ھاۋا ، تېمپۇراتۇرا تەڭشۈگۈچلەر ئورنىتىلىدىغان چىراي

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:34:09

بىر چاغلاردا يوللانغان خەۋەرلەردە نيو-يوركتا خىزمەت قىلىدىغان بېيجىڭلىق بىر كىشى ئەتتىگىنى بېيجىڭدىن نيو_يوركقا قاتنايدىغان تېز پويۇزغا ئولتۇرۇپ ئىككى سائەتتىلا خىزمەت ئورنىغا بىرىپ ئىشلەپ كەچتە يەنە ئىشتىن چۈشۈپ بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتىپ كىلەللەيدىغانلىق تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بۇ تېخنىكا 2050-يىللارغا بارغاندا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ دەپتىكەن. دېمەك بۇنىڭ مومكىنچىلىكى بار ئىكەندە!{:101:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:41:15

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 15:34 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا يوللانغان خەۋەرلەردە نيو-يوركتا خىزمەت ق ...

ماڭسىلاۋە ھەكىم، يېرىم يولدا پاسپورتنى بىر بىرلەپ تەكشۈرۈپ، يۈك تاقىلارنى چۇۋۇپ، يېشىل كارتىلارنى سۈرۈشتە قىلىپ بولغىچە ئىشقا كېچىكمەيمىزمۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:54:11

جەنۇبىي شىنجاڭغا تىز سۈرئەتلىك ئېلىكتىروۋۇزنى قاچان سالغۇدەك؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 15:57:05

پويىزنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشى، ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى دېگەندەكلەر ئەڭ ئەقەللى مەسىلە تۇرسا، ئۇنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھەل قىلالماي تۇرۇپ مەبلەغ سېلىپ ئىشلەشنى باشلاپ كەتمىگەندۇ.

macin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:26:29

تۇتۇش قىلغانىكەن،ئەلۋەتتە ھەممە مەسىلىلەرنى ئويلىشىدۇ،چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر قىلىدۇ،بۇ يېڭىلىق بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشقاي،ئىلاھىم!

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:26:30

ئاۋۇ 100 مىليون دېگەن پۇل سانى خاتادەكقۇ. بۇنچىلىك پۇلنى بىرەتال كىنو ئىشلەش ئۈچۈنمۇ خەجلىۋېتىدىغۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:40:01

Musk says the Hyperloop would cost $7.5 billion to build, versus $68 billion for the high-speed rail line. And while the bullet train looks cool, it would still just be a very fast train, while the Hyperloop looks like something borrowed from the future

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:39:56

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 15:57 static/image/common/back.gif
پويىزنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشى، ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى دېگ ...

بۇ تەلۋە ئالىم قىلغان بىرنەچچە ئىشى خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان، بىرى  ئەژدىرھا ناملىق ئالەم كېمىسى، يەنە بىرى تېسلا ماركىسىدىكى توكلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى .
بۇ قېتىم بۇ تۈرگە مەبلەغ سالىدىغانلار چىقىپتۇ، ئەمەلگە ئېشىپ قالسا  چوڭ بىر يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدۇىغاندەك قىلىدۇ جۇما .


pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:44:09

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 16:26 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ 100 مىليون دېگەن پۇل سانى خاتادەكقۇ. بۇنچىلىك پۇلنى ...

ئاران 8 كىلومېتىر رېلىس ياسايدىكەن، مىنىڭچە بۇ پۇل يېتىدۇ،
http://www.popsci.com/new-5-mile-around-hyperloop-test-track-will-cost-100-million

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:45:24

ئوتتۇرا شەرقتە بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا شەكلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كاپسۇل شەكىللىك پويىزچاق باركەنتۇق، ئۇ پۈتۈنلەي قۇياش باتارېيىسى بىلەن ماڭىدىكەن، شەكلى بەك پەيزىكەنتۇق. ئۆتكەندە تونۇشتۇرغان فىلىمىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالغانتۇق. ماۋۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش بولسا مەخسۇس لوس-ئانژىلىسقا بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان ئىشمىكىن.
@pis-pas, مۇشۇنىڭدەك ئادەملەر تولا ھەسىتىمنى كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق تەلۋىلەر بولمىسا بۇ يېڭىلىقلارنى نەدىن كۆرەتتۇق دەڭە. شۇغىنىسى بۇ ئادەملەرنىڭ قانداقسىگە بۇنچە تالانتلىق بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى قىزىتىدۇ.
بەت: [1] 2
: «ئاۋازدىن تېز پويىز»(Hyperloop) سىناق باشقۇچىغا كىردى