2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 4-قىسىم
2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 4-قىسىم
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0303/4242-68.html
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئالدىنقى تىمىغىمۇ يازغان ئىنكاسنى يەنە يىزىپ قوياي فىلىمنى كۆرگىلى بولمدى؟ ئوڭشاشقا ئىمكان بارمۇ يا ؟ مۇشۇ كاپىتاللارنىڭ باھانىسىدا بىزدەك ئۇششاق تىجارەتچىلەرمۇ تەجرىبە ساۋاققا ئىگەبۇلىۋالىدىغان بولدۇق.كۆزتەگمىسۇن ئەرقال كاپىتالىزىمچىلىغا:lol ئاۋازسۈپىتىگە سەل ئىتىۋار بىرىلمەپتۇ.
بەت:
[1]