uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 02:10:36

ۋىجدان تارازىسى

ۋىجدان تارازىسى

نۇرمۇھەممەت ئابدۇۋەلى


    ۋىجدان ئادەملەر ھاياتىنىڭ رەمنامىسىدۇر
                            -لى. تولىستوي
ۋىجدان-ئىنسان مەنىۋىيتىنىڭ بىغۇبار بۇلىقى، قەلىبنىڭ سۈزۈكلىكى ۋە پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مەنىۋى قورغان، ئەقىلنىڭ ئادىل سودىيەسى، پاك ۋۇجۇدنىڭ مۇستەھكەم قەسىرى.
   ۋىجدان-ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندە، ئۇنى ھاقارەت، خورلۇق، ناھھەقچىلىككە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزىدىغان ئىچكى خەزىنە، ئۇ، ئىنسانىڭ قەلىب ئېتىزىنى خورلۇقتىن ساقلاشنى، ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە ھەقىقەت تەرپىدە تۇرۇشنى، ۋاپادارلىق، پىداكارلىق، راسچىنلىق، مېھرىبانلىق، دادىللىقتەك پەزىلەتلەرنى ئۆلچەم قىلىشنى، ئەل-يۇرىتقا تۇزكورلۇق قىلماسلىقنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تارازىسى قىلىدۇ.
ئىززەت. غورور ساقلاشنى مۇقەددەس ئەنئەنە بىلىش ۋە ۋىجدانسىز، نامەرت قىشىلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەسلىك-ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ۋىجدانى بۇرچىنى ھەرۋاقىت ئېسىدە ساقلاپ، بارلىقىنى ئەل-يۇرىتقا تەقدىم قىلغان، ئەل يۇرىتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان ئەزىمەتلەرنى بىزنىڭ خەلقىمىز، قەلىبدىن قەلىبكە ئۆتكۈزۈپ يادىلاپ كەلدى. ئەل سۆيەر، مەردانە ئەزىمەتلەرنىڭ ئېتىقات ۋە غورورىنى قوغداش، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ساقلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ياكى قەھرىمانلىقلىرىنى قەلىب تۆرىگە نەقىشلىدى. ئىش ئىزلىرىنى قىممەتلىك تەۋەرۈك ھىسابلاپ قىسسە، داستان، قوشاقلارغا قىتىش ئارقىلىق، قەلىب دەپتەرلىرى قىتىدا ئابىدە سۈپتىدە ساقلىدى. شۇڭلاشقا، چىنلىق، گۈزەللىك، پاكلىق، ھالاللىق، پىداكارلىق، ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق، ساداقەتمەنلىك، ھەققانىيلىق قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر تەربىيە ۋە تەشەببۇس شەكلى بىلەن ئەۋلادلار ھۇجۇدىغا سىڭدۈرۈلدى. نۆۋىتىدە، بۇلار ئىنسانلىقنىڭ بەلگىسى ياكى چىن ئىنسانى خىسلەت دەپ تونۇلدى.
بىزنىڭ ھازىرقى ۋىجدان-غورور تارازىمىز يۇقىرقىلارنى ئۆلچەم قىلىدۇ. لىكىن، شۇنىمۇ كۆرىشىمىز كىرەككى، جەمىيتىمىزدىكى ئايرىم كىشىلەر نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا مۇكەممەللەشكەن، ئەجداتلاردىن بىزگە مىراس بولۇپ قالغان ئاشۇنداق تەۋەرۈك قاراشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ياكى تولۇق تونۇپ يەتمىگەندەك تۇرىدۇ. پۇل-مال، نام-ئابروي، ھوقوق-مەنسەپ ئۈچۈن شەرمەندىلىك قىلىش: ساختىلىق، مەككارلىق بىلەن دۇسلۇق ئىزھار قىلىش: ئاجىزلار ياكى ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنىڭ مەنپەتىگە چاكىنىلارچە قول سۇنۇش: خۇشامەت، تەمە بىلەن جان بىقىپ تۇرۇپ، باشقىلار ئالدىدا كۆرەڭلەش قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ياشاش مىزانى ياكى ۋىجدان تارازىسى ئۆلچەم بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.بەزىدە،كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن « بالانچى ئادەم مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىنى ساتتى»،« بوكونچى كىشى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇرىتنىڭ مەنپەئەتى بىللەن ئويناشتى.......» دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىدىغان بولدۇق. راسىت. ئارىمىزدىكى ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ پۇل-مال، ئەمەل، شان-شەرەپ ۋە ئابرويغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ. ئۇنداقلار ئىلكىدىكى، ھۇجۇدىدىكى ھەممە نەرسىنى دوغا تىكىپ، گويا چوڭ كوچىلاردىكى ئەخلەت ساندۇقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىنسان قەلبىدىكى مۇقەددەس روھ، ۋىجدان قانداقتۇر بىر ئىقتىزادى قىممەتكە ياكى نۇمۇسسىزلارچە ئىرىشكەن نام-ئاتاققا ئالماشتۇرقىلى بولىدىغان بويۇم ئەمەس، ئۇ گويا ئادەمنىڭ جېنى. ئۇنىڭسىز ئادەم جانسىز، روھسىز جىسىمغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ۋىجداننى ساتقىلىمۇ، سىتىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. ۋىجدان ئۆزىنىڭ پاكلىقى بىلەن گۈزەل، ساپلىقى بىلەن ئۇلۇغ، يىگانىلىقى بىلەن قىممەتلىك. ئادەم ۋاختى كەلگەندە دۇرۇس، شەرەبلىك، ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن مەرىتلەرچە ئۆزىنى پىدا قىلالىشى كىرەك. مانا بۇ، ۋىجداننىڭ بۇيرۇقى، چىن ئىنساننىڭ ئاخىرقى نىشانى.
ۋىجدان ھەققىدە كانت مۇنداق دىگەن:«دىلىمىزدا ياشايدىغان قانۇن ۋىجدان دەپ ئاتىلىدۇ. ۋىجدان ئەسلىدە ئىش ھەركەتلىرىمىزنىڭ شۇ قانۇنغا مۇۋاپىق كېلىشىدۇر». ئىنساننىڭ قانداقلقى تەنھا ئۆزى قالغان ۋاقىتتىكى ھالىتىدە بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەقىقى ئىنسانى ماھىيەت ئۇنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋىجدانى باشقۇرغاندىلا نامايەن بولىدۇ. شۇنداق، ۋىجدان مەسىلىسىدە بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ئەھۋالدا، ۋىجداننىڭ بۇيرۇقىنى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقىنى ئۆلچەم قىلىشنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. مەسلەن: ئىنسانى غورور دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ناھەقچىلىق مەۋجۇت ئىشلارغا يولۇققاندا، كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە، كارى بولماسلىققا بولمايدۇ. رىئال جەمىيەتتە، بەزىلەر توغرا يول تۇتماي قالىدۇ. مۇشتۇمى چوڭ، پۇل-مېلى كۆپلەرنى كۆرگەندە، كۈچۈكلىنىپ ئۇنىڭ تاپىنىنى يالايدۇ، ياۋاشلارنى بوزەك ئىتىدۇ، پەزىلەتلىك، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى ياراتمايدۇ. قارنى ئاق، ئاقنى قارا قىلىشتىن ئۆزىگە خورلۇق ھىس قىلمايدۇ.......مىڭ ئەپسۇس، ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ھاماقەت ئىكەنلىكىگە ئۇنداقلارنىڭ ۋىجدانى قاينىمايدۇ.
دۇنيا قارىشى توغرا، ئەقىللىق كىشىلەر نامەرتلىكنى نوچىلىق، ۋىجدانسىزلىقنى تۇرمۇش يولى ھىسابلاپ يۈرمەيدۇ. بەلكى، ئۇنى ئادەمگەرچىلىكىمىزگە ياراشماس قىلىق، مەنىۋىيىتىمىزدىكى پاكلىققا قىلىنغان ھاقارەت ھەم ئاسىيلىق، دەپ تونىيدۇ. ئاۋام-خەلىق ھەرگزمۇ چاكىنا مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاتالمىش ۋىجداننى ئىتىراپ قىلمايدۇ.
دوستۇم! ئائىلىڭىز ئەل-يۇرتىڭىز، دەۋرىڭىز ئالدىدىكى ئىنسانى قەرزىڭىزنى ھالال ئادا قىلىپ، ئادىمىيلىك قەدىر-قىممەتنى ساقلاشتەك ئالىيجاناپ خىسلىتىڭىزنى ۋىجدان دەپ تونۇڭ. قىممەتلىك، قىسقا بولغان بۇھاياتنى ئەھمىيەتسىز، چاكىنا، پۈچەك ئىشلارغا سەرىپ قىلماڭ. چۈشكۈنلۈك، بەتنىيەتلىك، ھورۇنلۇق، تەمەخورلۇق پاتقىقىغاغەرىق بولغانلارنى تۈرتۈپ قويۇڭ. چۈنكى، ئادەمدە ئىنسانغا خاس روھ بولمايدىكەن،ۋۇجۇدىنى ھورۇنلۇق ئېگىلەيدۇ. ھورۇنلۇق ماددى نامىراتلىققا سۆرەيدۇ، ماددى نامىراتلىق كىشىنى چۈشكۈنلىككە يىتەكلەپ، مەنىۋى نامىراتلىققا سۆرەپ ئاپىرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنىڭدىن مەنىۋى قۇللۇق تۇغۇلىدۇ. مەنىۋى قۇللۇق پەيدا بولغاندا، ئەسلىدىكى پاك-پاكىز ۋىجدان بۇلغىنىپ كىتىدۇ.............
قىسقىسى، ۋىجدان-ئىنسان روھىنىڭ مەنىۋى قۇۋۋتىدۇر. ۋىجدان بۇلغانسا، ئادەم مەۋقەسىز، ئىشەنچسىز، جاسارەتسىز، نۇمۇسسىز بولۇپ قالىدۇ. ئار-نۇمۇسنى يوقاتقان ئادەمدە ئىپپەت تۇيغۇسى، ھايا قارشى بولمايدۇ. ئېنىقكى، ھاياسىز ئادەم تېرىك مۇردا، كېرەكسىز ئەخلەتتۇر. ئىسىمىزدە بولسۇنكى، جان گەرچە بىر تىنىق بولسىمۇ، بۇ تىنىق ۋاختى كەلگەندە پۈتۈن بىر دۇنيا دىمەكتۇر. ئەگەر ۋىجدانىمىز بۇلغانسا، بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن باشقا مەنىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كۆزلىرىمىز بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلمەيدۇ، ئەقلىمىز ئۇنىڭ سىر-ھىكىمىتىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ.
   


بەت: [1]
: ۋىجدان تارازىسى