harita يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 19:48:47

‹‹24 تارىخ›› سېتىلىدۇ

‹‹24 تارىخ›› تىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى (9 قىسىم) سېتىلىدۇ

1- تارىخى خاتىرىلەر - قاتتىق مۇقاۋىلىق- 1989-يىلى9-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
2- خەننامە - يۇمشاق مۇقاۋىلىق - 1994-يىلى8-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
3- كېيىنكى خەننامە -قاتتىق مۇقاۋىلىق- 1996-يىلى12-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
4- ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرسى -قاتتىق مۇقاۋىلىق- 2001-يىلى7-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
5- غەربىي يۇرت تارىخى ماتېرىياللىرى - يۇمشاق مۇقاۋىلىق - 2004-يىلى12-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
6- شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى - يۇمشاق مۇقاۋىلىق - 2002-يىلى12-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
7- يېڭى تاڭنامە - قاتتىق مۇقاۋىلىق- 2010-يىلى3-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
8- بەش دەۋر سۇڭ،لىياۋ، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى تارىخى - يۇمشاق مۇقاۋىلىق - 2011-يىلى12-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى
9- مىڭ سۇلالىسى تارىخى -  يۇمشاق مۇقاۋىلىق - 2011-يىلى12-ئاي1-نەشىرى1- بېسىلىشى


9 كىتاب4500يۈەن  
مۇڭداشقۇ  : 249733313
تېلىفۇن : 13899470785

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:40:42

باھا قۇيۇش ئ‍ەركىنلىكىڭىز. مىنىڭچە 4000رەقەم ئ‍ارتۇقچە.

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:42:57

يەنى بارلىق كىتاب 400دىن 500كويغىچە بولغان بولسا مۇۋاپىقمىتىكى. بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن كوڭلىڭىز بىئ‍ارام بولسا ئ‍ۇزۇر

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:43:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 20:56  

ئ‍ۇيغۇرچە دىنى كىتابلاردىن باشقىلىرىدىن تۇرغۇن ئ‍الماسنىڭ ئ‍ۈچ كىتابىغا 5000كوي باھا قۇيۇلۇشى بازاردا مۇۋاپىق كۈرۈلدى. ئ‍ۇنىڭدىن باشقا كىتابلار قوليازما بولمىسىلا 4000غا چىققىنى يوق دىيەرلىك. بولمىسا لوپنۇرى قاتارلىق تور كىتابچىلىرى بىر نىمە دەپ باقسا ئ‍اڭلايمىز

koklam02 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 21:02:02

كىتابلارستىلىدۇ.9-12-ئەسىرلەرىدىكى ئۇيغۇردۈلەتىلىرى 1994-يىلى 8-ئاي بىرنجى نەشىرى.شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى23-سان2دانە،24-سان2دانە ،39،41،42،سانىلىرى1دانىدىن،يۇقارىقى8پارىچەكىتاب1000يۈەنگەسىتلىدۇ.ئۇنىدىن باشقا1980-يىللارىدىن2007-يىللارغىچەبولغان،ئارلقىتانەشىرقىلنغان.تۇنجى نەشىرىدىكى،ۋەھازىرئاسان تاپقىلى بولمايىدىغان بىرتۈركۈم،ئەدەبى،تارىخى،سىياسى،جەميەت،ۋەتىبابەتكە،دائىركىتابلارسىتىلىدۇ.كىتاب ستۋالغۇچىلارتورغائۇچۇرقالدۇرساڭلاربولىدۇ

koklam02 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 21:03:11


1-شەبنەم-زوردۇن سابىر-1980-يىلى7-ئاي1-نەشىرى
2-پارس مەكتۇبىلىرى-1985-يىلى5-ئاي1-نەشرى
3-ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر-تۇردى سامساق-1985-يىلى تۇنجى نەشرى
4-كاككۇك گۈلى-شىرلارتوپلىمى-مۇھەممەتجان راشىدىن-1986-يىلى1-نەشرى
5-بۇجاھان ئۇزۇن جاھان-پوۋستلارتوپلمى-قادىرئارسلان-1993-يىلى نەشىرى
6-ئەتەبەتۇل ھەقايق-ئەھمەد يۈكنەكى-1997-يىلى 3-نەشرى
7دىھقان كۈلكسى-روزى ساھىت-1996-يىلى نەشىرى.
8-ئۇزاققاسوزۇلغان چۈش-روزى ساھىت-2000-يىلى نەشرى
9-سىرىق چاچىلىق پالۋان-مۇستاپاكامالنىڭ ھاياتى-2004-يىلى نەشىرى
10-ئىزدنش يوللىرى-ئاپتۇرى-قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف-1996-يىلى نەشىرى
11-ئۈستى ئوچۇق موزى قەشقەر-2005-يىلى نەشرى
12-كۇسۇۋۇئۇرۇشى-1999-يىلى نەشىرى
13-نوزۇگۇم-داستانلارتوپلمى-2008-يىلى نەشرى
14-جۇڭگۇلۇقلارنىمشقائاچچقلانمايسلەر-1999-يىلى نەشىرى.
15-ئىس تۈتەكتىن چىقش-سياسى ئوبىزۇرلار-2007-يىلى نەشرى
16-تۈركىيە ھازىرقى زامان  تارىخى-2000-يىلى نەشرى
17-پانتۈركسزملىق مەدەنىيەت ئۈستىدە تەھلل-2000-يىلى نەشرى
18-تەكلماكاندىن ياۋرۇپاغچە-مەمتمىن ئەلا-2002-يىلى نەشرى
19-ئاق پاراخۇت-چىڭغىزئايتماتۇف-2000-يىلى
20-جەمىلە-چىڭغىزئايتماتۇف-2000-يىلى نەشىرى
يۇقارقى كىتابلار1000يۈەنگە سىتىلىدۇ.ھەممسى قانۇنلۇق نەشرقىلنغان ستۋالغۇچلارتورىدا  تىلفۇن نومۇرۇڭلارنى قالدۇرساڭلاربولدۇ.

harita يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 23:08:04

ghura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 20:42 static/image/common/back.gif
يەنى بارلىق كىتاب 400دىن 500كويغىچە بولغان بولسا مۇۋاپىق ...

ئەگەر سىزدە شۇنداق 1- نەشىر 1- بېسىلىشى بولسا مەن  500 يۈەنگە سېتىۋالغىلى مەن ھازىر.

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 23:43:53

يېقىندا سېتىۋەتتىم، 30،50 كويدىن. قالغىنى ھەركىمنىڭ ئ‍ىختىيارىدىكى ئ‍ىش.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 08:20:33

koklam02 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 21:03 static/image/common/back.gif
1-شەبنەم-زوردۇن سابىر-1980-يىلى7-ئاي1-نەشىرى
2-پارس مەكتۇب ...

بۇ يىگىرمە كىتاپنى پارچە ساتامسىز يا يىگىرمىسىنى بىراقلىمۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 09:37:07

بۇ 9 پارچە كىتاب مېنىڭ قولۇمدا بولغان بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1000.00 سوم باھا قوياتتىم!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 09:38:41

تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابلىرىنى ساتىمەن دېگىنىڭىزگە قارىغاندا يۈرىكىڭىزنىڭ چوڭلۇقى (ھەجىمى، دىئامېتىرى، ئېغىرلىقى...)نى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم؟!

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 12:17:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 13:29  

ئىنسان قېلىپىدىن چىققان گىتلېر
ئايتماتوۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما
يىپەك يولىدىكى 99 سىر
قوشكېزەكلەر- رومان، ئاپتورى: ئەزىز ئىمىز يانغىن
يىلتىز ساداسى-رومان، ئاپتورى: ياقۇپ ئىسمايىل پەيدا
____________________________________________
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغۇچىلار بولسا 200.00 يۈەنگە بېرىمەن.
ئالاقىلىشىش كيۇ كيۇ نومۇرى: 453461638

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:46:44

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 09:38 static/image/common/back.gif
تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابلىرىنى ساتىمەن دېگىنىڭىزگە قار ...

كاللا جايىدىمۇيا؟ كىم كىتاب ساتىمەن دىدى؟

Alexander يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:27:41

ئ‍اۋۇ باشتا داستىخانغا تاشلىغان توققۇز پارچە كىتابىڭلار ئ‍ەرزانكەن تۆرتمىڭ بەشيۈز يىنغا.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 17:58:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 18:00  

ghura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 07:46 static/image/common/back.gif
كاللا جايىدىمۇيا؟ كىم كىتاب ساتىمەن دىدى؟
باشتىكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەنلا ئادەم شۇنداق چۈشىنىدۇ. كاللىنىڭ ساق ياكى كېسەللىكىگە كەلسەك ھۆكۈمەت چەكلىگەن كىتابنىڭ گېپىنى بۇ يەردە قىلىپ يۈرگىنىڭىزگە قارىغاندا سىزنىڭ كاللىڭىز ئېغىر كېسەل چېغى...

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 19:47:13

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 17:58 static/image/common/back.gif
باشتىكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەنلا ئادەم شۇنداق چۈشىنىدۇ.  ...

سىزدىن باشقا ئ‍ادەم ئ‍ۇنداق چۈشەنمەيدۇ. مەن كىتاب بازىرىدىكى باھانى دەپ قويدۇم. تۈرغۇن ئ‍الماسنىڭ كىتابلىرى تەنقىتلەنگەن بىلەن تېخى ھەرقايسى كۈتۈپخانىلاردا بار. بىرەرسىگە تۇرغۇن ئ‍الماسنىڭ كىتابىنى سېتىپسەن دەپ مانچە كۈنلۈك توختاتقىنى يوق. ئ‍ۇ كىتابلارنىڭ گېپى بولۇشى نۇرمال. سەزگۈرلۈك كېسىلى ئ‍ېشىپ كەتكەنلىكتىن ۋە پوسما كىيدۈرۈش كېسىلىگە قالغانلىقتىنمۇ نۇرمال گەپكىمۇ چۈچۈپ كېتىش كىلىپ چىقىدۇ.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 20:04:46

ghura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 19:47 static/image/common/back.gif
سىزدىن باشقا ئ‍ادەم ئ‍ۇنداق چۈشەنمەيدۇ. مەن كىتاب باز ...
ئەپەندى، مەن كىتاب ئوقۇۋاتقىلى 30 يىل بولاي دېدى، كىتابسىز ئۆتكەن كۈنۈم يوق، ت.ئالماسنىڭ كىتابلىرىغا كەلسەك 1991-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىپ بۇ ئۈچ كىتابنى قاتتىق چەكلىگەن. بۇ كىتابلارنى كۇتۇپخانىلاردا بار دېگىنىڭىز 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان مەن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ قارا يۇمۇر بولدى.
سىز ئۇ كىتابلارنى ھازىر كۇتۇپخانىلاردا كۆرگەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى،  ئەمدى ت.ئالماسنىڭ كىتابلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشمايلى!
بەت: [1]
: ‹‹24 تارىخ›› سېتىلىدۇ