aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:07:22

ئورخان پامۇك: دادام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 11:21  


دادام

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

كېچىنىڭ خېلى بىر ۋاقتىدا ئۆيگە كەلدىم. دادامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. بالىلىقىمدىن قالغان بىر سىما، ئۇنىڭ ئۆيدە كالتا ئىشتان بىلەن تۇرغان ھالىتى، ئىنچىكە پاچاقلىرى ئىچىمنى ئاچچىققا تولدۇرۇپ كۆزئالدىمغا كەلدى.
كېچە سائەت ئىككىدە ئۇنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە باردىم. «ئىچىدىكى ئۆيدە» دېيىشتى، ئىچىگە كىردىم. خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن قايتقىنىمدا، تاڭ سۈزۈلەي دەپ قالغان ئىدى، ئەللىك يىلدىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان نىشانتېشىنىڭ كوچىلىرى قۇپقۇرۇق ۋە سوغۇق ئىدى، دۇكان دەرىزىلىرىدىكى چىراغ نۇرى غۇۋا ۋە ناتونۇش ئىدى.
ئەتىگەندە ئۇيقۇسىز ۋە چۈش كۆرىۋاتقاندەك كەيپىياتتا كەلگەن تېلېفونلارنى ئالدىم ۋە پەتىچىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم، ئادىمەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن بەنت بولۇپ كەتتىم. مۇسىبەت ئېلانىنى يېزىۋاتقاندا كەلگەن باغاقچە، ئىلتىماس، تىلەكلەر ۋە كىچىك تالاش-تارتىشلارنى كۆرۈپ، ئۆلۈم-يېتىملەردە نېمە ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمىنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
كەچقۇرۇن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، يەرلىك ھازىرلاش ئۈچۈن ئەدىرنەكاپى شېھىتلىكىگە باردۇق. ئاكام بىلەن تاغامنىڭ ئوغلى مازارلىقنىڭ كىچىك ئىشخانا بىناسىغا كىرىپ كەتكەندە، تاكسىنىڭ ئالدى ئورۇندۇقىدا شوپۇر بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. شۇ چاغدا شوپۇر مېنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«دادام ئۆلۈپ كەتتى» دېدىم ئۇنىڭغا. ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان، كۈتۈلمىگەن بىر شەكىلدە ئۇنىڭغا دادامنىڭ گېپىنى قىلىپ بېرىشكە باشلىدىم. دادامنىڭ تولىمۇ ياخشى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. كۈن پاتاي دەپ قالغان ئىدى.قەبرىستانلىق بوش ۋە جىمجىت ئىدى. بۇ يەردە شەھەرنىڭ بىزگە تونۇش ۋە كۆپىنچە ھاللاردا سەت كۆرىنىدىغان بىتون قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر خىل يورۇقلۇق ۋە ھاۋا بار ئىدى. قەبرىستانلىقتىكى سەرۋى ۋە چىنار دەرەخلىرى مەن سۆزلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي قالغان سوغۇق شامالدا ئاستا ئىغاڭلايتتى، بۇ مەنزىرىمۇ خۇددى دادامنىڭ ئىنچىكە پاچاقلىرىدەك خاتىرىلىرىمنى كوچىلاشقا باشلىغان ئىدى.
تاكسىنىڭ بەك ساقلاپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئىسىمداش ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقان شوپۇر دۈمبەمگە ھېسداشلىق بىلەن ناھايىتى سەمىمىي ھالدا ئىككى قېتىم يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا دېگەنلىرىمنى باشقا ھېچكىمگە دېمىدىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئىچىمدىكى نەرسە خاتىرىلىرىم ۋە ئازابلىرىم بىلەن بىرلەشتى. يېزىۋەتمىسەم بەلكى تېخىمۇ چوڭىيىپ مېنى بەك ئازابلىشى مۈمكىن ئىدى.
ئىسىمداش شوپۇرغا « دادام ماڭا بىر قېتىممۇ ئالىيىپ باقمىغان، بىر قېتىم بولسىمۇ ئازار بەرگەن ئەمەس، ھەتتا بىرەر قېتىم تاك قىلىپ چېكىپمۇ باقمىغان» دېيىش ئارقىلىق گەپنى شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزۈمدىن باشلىغان ئىدىم. لېكىن ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەمەس ئىدى. بالىلىقىمدا بوياپ چىققان ھەربىر رەسىمىمگە ئىچ-ئىچىدىن چىققان ھەيرانلىق بىلەن قاراپ چىقاتتى؛ ئۇنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ھەربىر پارچە تىز سىزمىنى خۇددى بىر شاھانە ئەسەر كۆرۈۋاتقاندەك ئەستايدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقاتتى؛ ئەڭ قىلىقسىز ۋە لاۋزا چاخچاقلىرىمغىمۇ يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۈلۈمسىرەيتتى. ئۇ ماڭا بەرگەن ئىشەنچ بولمىغان بولسا، يازغۇچى بولۇش ۋە بۇ ئىشنى ھاياتىم قىلىپ تاللىشىم بەك تەسكە توختىغان بولاتتى. دادامنىڭ ماڭا ۋە ئاكامغا بۇنداق ئاسانلا باغلىۋالغان ئىشەنچنىڭ، بۇ ھېچكىمگە ئوخشاتماسلىق ۋە پارلاقلىق تۇيغۇسىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان چۇڭقۇر ھەيرانلىقى ۋە ئىشەنچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭچىلىك پارلاق، تالانتلىق ياكى بولمىسا ئەقىللىق بولىشىمىز كېرەكلىكىگە بالىلارچە ساددىلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنەتتى.
دادام ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىدى: بىردەمنىڭ ئىچىدە سىزگە شەھابەتتىن جاناپلىرىنىڭ شېئىرىدىن بىرنى يادقا ئوقۇپ بېرەلەيتتى، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ ئون بەشىنچى خانىسىگىچە يادقا دەپ بېرەلەيتتى، بىرگە ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان فىلىملەرنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ توغرا دەپ بېرەلەيتتى. ئەقىللىقلىقى توغرىسىدا ھېكايە سۆزلەشكىمۇ ئامراق ئىدى. كالتە ئىشتان كىيىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چاغلىرىدا ماتېماتىكا مۇئەللىمىنىڭ بىر كۈنى بىر دەرسنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئۆزىنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ يۇقىرى يىللىق سىنىپىغا قانداق چاقىرتقانلىقىنى، ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ ئاكىلىرىنىڭ يېشەلمىگەن بىر مەسىلىسىنى شاكىچىك گۈندۈز(ئورخان پامۇكنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى)گە دوسكىدا يەشكۈزۈپ ئۇنىڭغا «ئاپىرىن»،  ئۇلارغا بولسا «نۇمۇس،نۇمۇس» دېگەنلىكىنى زوق بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. دادامنىڭ ئەقىللىقلىقى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەۋەس بىلەن قىزغىنىش ئارىسىدىكى بىر خىل ھېيىقىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان ئىدى.
  قاملاشقان قەددى-قامىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش قاراشتىمەن. ھەممە ئادەمنىڭ دېگىنىدەك ماڭا بەك ئوخشايتتى، ئەمما مەندىن بەكرەك قاملاشقان ۋە چىرايلىق ئىدى. خۇددى دادىسىدىن(بوۋامدىن) قالغان ۋە ۋەيران بولىۋېرىپمۇ تۈگىتەلمىگەن مال-دۇنياغا ئوخشاش، كېلىشكەن قەددى-قامىتىمۇ ھاياتنى ئۇنىڭغا بەك ئاسان ۋە تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ بەرگەن ئىدى؛ ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان ئۈمىتۋارلىق، ئۆزىگە بولغان ئاجايىپ بىر ئىشەنچ ۋە ياخشى نىيەتتىن قۇرۇلغان سەمىمىيلىك، ئۇنى ھېچكىمگە ئوخشىماس قىلىپ، روھىغا خۇددى چىقمايدىغانغا كىرىۋالغاندەك قىلاتتى. ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن قولغا كەلتۈرىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس بەلكى زوق ئېلىنىدىغان بىر نەرسە ئىدى. دۇنيانى بىر جەڭ مەيدانى ئەمەس بەلكى بىر ئويۇن-تاماشا سورۇنى دەپ قارايتتى؛ ياشقا چوڭايغانسېرى، ياشلىقىدا پەيزىنى راسا سۈرگەن مال-دۇنيا، ئەقىل-پاراسەت ۋە كىلىشكەن قەددى-قامىتىگە ئازراق بولسىمۇ نام-ئابروي، ئەمەل-مەنسەپ قوشالمىغانلىقىغا ئازراق ئىچى سىقىلاتتى. لېكىن ھەممە ئىشقا قىلىغىنىغا  ئوخشاش، بۇنىمۇ بەك كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيتتى. ئىچىنى پۇشۇرغان ئىنسانلاردىن، مال-مۈلۈكتىن، مەسىلىلەردىن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپلا قۇتۇلۇشنىڭ بالىلارچە راھەتلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىنىمۇ بىر بۇلۇڭغا چۆرۈپ تاشلىۋېتەلەيتتى. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇز يېشىدىن كېيىن، ھاياتى بىر خىل تەكرارلىق ياكى بارغانسېىرى ناچارلىشىش ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، بەك كۆپ قاقشاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. دادام ياشىنىپ قالغان چاغلاردا بىز بىرگە تاماق يېگەن داڭلىق بىر ئوبزورچىمىز،  خېلى يىللار كېيىن بىر قېتىم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ، بىلىنەر –بىلىنمەس ئاچچىق بىلەن: « داداڭغا ھەممە ئىش بەك ئاسان ئىدى» دېگەن ئىدى.
بۇ  ئۈمىتۋارلىقى ۋە خۇشاللىقى ئۇنى كۈچلۈك غايە ۋە قىزغىنلىقتىن ئايرىپ قويغان ئىدى. بىر چاغلاردا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان، شائىر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، فىرانسۇز شائىر ۋالەرىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى تەرجىمە قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ  ئەدەبىياتچى سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، قىزغىن بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۈمىتۋار ۋە خىيالى بولغانلىقىدىن كۆرىمەن. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا چىدىغۇسىز دەرىجىدە قالايمىقان قىلىشلىرىمدىنمۇ سۆيۈنگەن ياخشى بىر كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. كىتابلارنى مەندەك ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەس، ھۇزۇر ئىچىدە، كىتاب باھانىسىدە باشقا ئىشلارنى خىيال قىلغاچ ۋە كۆپىنچىسىنى يېرىمىدىلا تاشلاپ قويۇپ ئوقۇيتتى. باشقا دادىلارنىڭ دىنىي ساھەدىكى چوڭلىرىمىزنىڭ ياكى بولمىسا پاشالارنىڭ گېپىنى قىلغىنىغا ئوخشاش، داداممۇ پارىژدا كۆرگەن سارترېنىڭ ياكى ئالبېرت كامۇس(دادامغا تازا ماس كېلىدىغان يازغۇچى) نىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بېرىشلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلاتتى.  خېلى يىللاردىن كېيىن، مەن  بىر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا  ئەردال ئىنۆنۈ(دادامنىڭ كىچىك چېغىدىكى ۋە ئۇنۋېرسىتېتتىكى دوستى)  بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا، چانكايا سارىيىدا  ئائىلە ئىچى يېيىلگەن بىر كەچلىك تاماقتا ئىسمەت پاشا ئەمدىلا ئەدەبىيات توغرۇلۇق گەپ باشلىشىغىلا، مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان، شۇ چاغدا يىگىرمە ياشقا كىرگەن دادامنىڭ « بىزدە نېمىشقا دۇنياغا تونۇلغان يازغۇچى يوق؟» دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىقىنى كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
كىتابلىرىم نەشىر قىلىنىشقا باشلىنىپ ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر كۈنى، دادام سەل خىجل بولغان ھالدا ماڭا كىچىك بىر چامادان بەردى. ئىچىدىن چىققان خاتىرە دەپتەرلەردىن، شېئىرلاردىن، ئەدەبىي يازما ۋە خاتىرىلەردىن نېمىشقا ھودۇقۇپ كەتكەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىمەن. دادىمىزنىڭ ئۆزى بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى بىز ئارزۇ قىلغان دادىمىز بولىشىنى ئىستەيتتۇق.
مېنى كىنوغا ئاپىرىشىنى، كۆرگەن كىنولىرىمىزنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشلىرىنى، ئەخمەقلەر، ئەسكىلەر، روھسىزلار ھەققىدىكى چاخچاقلىرىنى، يېڭى بىر مېۋە، بېرىپ كەلگەن  بىر شەھەر، خەۋەرلەر ۋە كىتابلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىپ بىرىشلىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ماڭا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ، ئەركىلىتىشىنى ئىستەيتتىم. مېنى ماشىنىغا سېلىپ ئايلاندۇرىشىغا بەك ئامراق ئىدىم، چۈنكى ماشىنىغا بىللە چىقساق، پەقەت بولمىغاندا بىردەم بولسىمۇ بىللە بولالايتتىم ، داداممۇ بىردەمدىلا بىر يەرگە غايىپ بولالمايتتى. ئۇ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ماشىنا ھەيدىگىنى ئۈچۈن، بىز بەك كۆزمۇ-كۆز قارىشالمايدىغان، بۇ سەۋەبتىن ئەڭ كۆڭۈلسىز، قىيىن ۋە  زىل تېمىلارغا دوستلاردەك ئەركىن –ئازادە كېرەلەيدىغان،  ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن چاخچاق قىلىپ قويىدىغان، رادىيودىن ئاختۇرۇپ ئاڭلىغان مۇزىكىلار ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بېرىدىغان ماشىنا سەيلىسىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
لېكىن ھەممىدىن بەك ئۇنىڭغا يېقىن بولۇشنى، قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشنى، ئۇنىڭ قېشىدا تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. تولۇق ئوتتۇرا، ھەتتا ئالى مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىرىدا ھاياتىمدىكى ئەڭ پەرىشان، «يىرگىنىشلىك» ۋاقىتلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان  چاغلىرىمدا، ئۇنىڭ ئۆيگە كېلىپ پاراڭ سېلىپ بېرىشىنى، ئانام بىلەن ئىككىمىزنى خۇش قىلىشىنى كەيپىياتىم ئوسال تۇرۇغلۇقمۇ خالاپ قالاتتىم. كىچىك چېغىمدا، ئۇنىڭ قۇچىقىغا چىقىشنى، يېنىدا يېتىشنى، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھىدىنى ھىدلاشنى، ئۇنىڭغا سۈركۈلىۋېلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. تېخىمۇ كىچىك چاغلىرىمدا، ھەيبەلى ئارىلىدا ماڭا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتكىنى ھېلىھەم ئىسىمدە: ھودۇقۇش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە سۇنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان چېغىمدا، بىردىنلا مېنى تۇتۇۋالسا، پەقەت نەپەس ئالالىغىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغىنىم ئۈچۈنمۇ سۆيۈنۈپ كېتەتتىم، يەنە چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن «دادا، مېنى قويۇۋەتمە!» دەپ توۋلايتتىم.
لېكىن ئۇ بىزنى تاشلاپ قويۇپ كېتەتتى. ئۇزاقلارغا، باشقا دۆلەتلەرگە، باشقا يەرلەرگە ۋە مەن بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىر يەرلەرگە كېتەتتى. كىرىسلودا يېتىپ كىتاپ ئوقۇغان چاغلىرىدا، بەزىدە كۆزلىرىنى كىتابتىن يىراقلاشتۇرۇپ، بىر نەرسىلەرنى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا باشلايتتى. بۇنداق چاغلاردا دادام دەپ تونۇغان بۇ ئىنساننىڭ ئىچىدە مەن تېخى يىتىپ بارالمىغان باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى ھىس قىلاتتىم، باشقا بىر دۇنيانى ئويلاپ ئولتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىپ  بەك ھودۇقۇپ كېتەتتىم. « بىكاردىن بىكارغا ئېتىلغان ئوقتەك ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى»  دەيتتى بەزىدە. نىمىشقىكىن بۇ گېپىگە ئاچچىغىم كېلەتتى. باشقا بەك جىق ئىشىغا ئاچچىغىم كېلەتتى. كىمنىڭ توغرا، بىلمەيمەن. بەلكى مېنىڭمۇ باشقا يەرلەرگە قېچىپ كەتكۈم باردۇ. شۇنداق بولسىمۇ، تەيبە براخمسنىڭ بىرىنچى سېمفونىيىسىنى قويۇپ، خىيالى بىر ئوركېستىرغا قولىدىكى خىيالى چوكا بىلەن بىرىلىپ دېرىژورلۇق قىلىشىنى تاماشا قىلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. پۈتۈن ھاياتىنى خۇشال-خۇرام، بەزىدە بالىلاردەك ساددىلىق ئىچىدە، بەزىدە بەك زېرەكلىك بىلەن، ئويۇن-تاماشا قىلىپ، بەك دەرت تارتماي ياشىغاندىن كېيىن، بۈتۈن بۇ تاماشالاردىن تاماشادىن باشقا بىر مەنا چىقمىغانلىقىنىڭ گۇناھىنى دۆڭگەيدىغانغا بىركىملەرنى ئىزدىشى غەزىپىمنى قوزغايتتى.  يىگىرمە ياش ۋاقىتلىرىمدا « خۇدايىم ساقلىسۇن، ئۇنىڭدەك بولۇپ قالماي جۇمۇ» دېگەن چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى. ھاياتتا ئۇنىڭدەك خۇشال، راھەت، غەمسىز ۋە چىرايلىق بولالمىغانلىقىمدىن ئىچىمنىڭ سىقىلغىنىنى ھىس قىلاتتىم بەزەن.
خېلى ئۇزۇندىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى ۋە ھېچبىر زامان ماڭا ئازار بەرمىگەن، رەنجىتمىگەن دادامغا بولغان قىزغىنىش بىلەن غەزەپ، ئاستا-ئاستا ئارىمىزدىكى قېچىپ قۇتۇلۇش مۈمكىن بولمايدىغان ئوخشاشلىقنى تەن ئېلىشقا ئۆزگىرىپ كەتتى.
بىر ئەخمەقنى ئۆزۈمچە مەسخىرە قىلىپ كەتكىنىمدە، ئاشخانىلاردا كۈتكۈچىلەر بىلەن تاكاللاشقىنىمدا، ئۈستۈنكى كالپۇكىمنىڭ تېرىسى بىلەن توختىماي ھەپىلەشكىنىمدە، بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بولالماستىنلا بىر بۇلۇڭغا چۆرۈۋەتكىنىمدە، قىزىمنى سۆيۈپ قويغىنىمدا، يانچۇقىمدىن پۇل چىقارغاندا، بىرى بىلەن خۇشال ۋە چاخچاق ئارىلاش سالاملاشقىنىمدا، ئۆزۈمگە مەن خۇددى  ئۇنى دوراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. بۇ، قولۇمنىڭ، بىلەكلىرىمنىڭ، دۈمبەمدىكى مەڭنىڭ ئۇنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىشىگە ئوخشىمايتتى. مېنى قورقۇتقان، تېنىمنى شۈركۈندۈرگەن ۋە بالىلىقتىكى ئۇنىڭدەك بولۇش ئارزۇيۇمنى ئەسلەتكەن نەرسە شۇكى، ئەر كىشىنىڭ ئۆلۈمى دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشلىنىدۇ.

تۈركچە «مەنزىرەدىن پارچىلار» ناملىق توپلامدىن

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 15:08:36

ئەركىشىنىڭ ئۆلىمى دادىسىنىڭ ئۆلىمى بىلەن باشلانسا، دادىنىڭ ئۆلىمى قىزىغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرەر؟
ئىلگىرى جۈملىدىن دادام بار ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان ئېچىنىشى ۋە ياكى قانداقتۇر ھېس تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا چۆچەك ئاڭلىغاندەك، ئۇنداق ئىشلار ھاياتىمدا بولمايدىغان رەۋىشتە ئاڭلىغان ئىكەنمەن. بەلكىم ئەنۋەرنىڭ بۇ تەرجىمىسىنىڭ قانچىلىك پاساھەتلىك چىقىشىدىن قەتئىينەزەر دادىسى بارلار بەدىئىي زوقلا ئېلىشى مۇمكىن.
ئەمما دادىسىدىن ھاياتىنىڭ مەناسى دەپ بىلگەن دادىلىرىدىن ئايرىلغان يېتىمەلەر بەلكىم بۇنى باشقا بىر رەۋىشتە ئوقۇپ قوللىرى يۈرىگى بىلەن تەڭ تىترەپ كېتىشى تۇرغان گەپ.
دادىسىزلار سەبىر تىلەيمەن!

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 16:52:30

يېقىن بىر ئادىمىم تۈگەپ كەتكەندەك ئازاپقا چۈشۈپ قالدىميا....

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:45:55

ئاجايىپ يازىدۇدە ...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 21:05:32

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 18:45 static/image/common/back.gif
ئاجايىپ يازىدۇدە ...

قانداق دەيسىلە؟ گېپىڭلارنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتمەي دەۋەتمەمسىلەر ماندا.:lol

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 21:13:08

ھېكايىنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن-ھە، بىزنىڭ مۇئەللىم ھېكايىنىڭ ئۇ ئامىلىى ،بۇ ئامىلى دەپ يازالماي يۈردۇق ئامىللار ئىپادىلەنمەي .چىن ھېسسىيات باشقا بولىدىكەن ،راست بولغانكىن توقۇلما ئارىلاشسىمۇ .

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 09:42:15

نېمىدىگەن ياخشى تەسۋىرلەنگەن ئىچكى ھېسسىيات! تەرجىمىمۇ ياخشى بوپتۇ، كۆزگە ياش كەلدى.

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:22:35

ئون ئۈچ ياش ۋاقتىم.سىرتتا دوستلىرىم بىلەن ئويناپ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە قوشنىمىز بالام دادىڭىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى دېدى،گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلا-ئاڭلىمايلا دوختۇرخانىغا چاپتىم.دوختۇرخانا دېگەن گەپنى ئاڭلاپلا ئۇدۇل ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپتىكەنمەن،ئۆي بىلەن ئارىلىقى ئىككى كېلومىتىر كېلەتتى،يۈگرەپ بەك تېزلا باردىم دەپ ئويلىغان شۇ ۋاقىتتا.تېز قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى يان تەرىپىدە بولغاچ كىرىپلا يىغىلىپ تۇرغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنى كۆردۈم.دادامنى جىددىي قۇتقۇزىۋېتىپتىكەن،كېسلى بارلىقىنى بىلمەيتىم شۇ كەمگىچە ،ئۆيدە يىقىلىپ كېتىپ  مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ دېدى،ئىككى-ئۈچ سائەتلەر ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن دادامنى ئېلىپ چىقىشتى،ھېچكىم ھېچنىمە دېمىدى،دادامنىڭ يۈزىنى كۆرىۋالدىم.ئەمما ئاخىرقى قېتىم ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم.داداممۇ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ماڭا ئېيتالمىدى بەلكىم ئاناڭغا،ئىككى سىڭلىڭغا ياخشى قارا ئوغلۇم دەر بولغىيتى دەپ خىيال قىلدىم .دادامدىن ئايرىلىشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بەك كىيىن تولىمۇ كىيىن ھېس قىلدىم.شۇ چاغلاردا دادامنىڭ دادىسى ،ئاكىسى،ئاچىلىرى ھايات ئىدى،بوۋامغا ھەممىدىن بەك ئېغىر كەلگەندەك بىلىنەتتى.بىچارە بوۋاي ئۈنسىز ئولتۇرۇپ يىغلايتى،ئىككى سىڭلىم ھېچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ ھازا ئېچىشىپ يىغلاۋاتقان ئانامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يىغلىسا بىردەمدە ئۆلۈمگە كەلگەن تۇغقانلارنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭتۇش قىزلىرى بىلەن يۈگرىشىپ ئوينايتى،مەن تاكى دادامنى يەرلىكىگە قويغۇچە دادامنىڭ مىيىتى قويۇلغان ئۆيدىن ئايرىلمىدىم،مېنى ئۇنى -بۇنى دەپ سىرتقا ئاچىقىشىپ قويۇشاتتى،مەن يەنە دادامنىڭ يېنىغا كىرىۋالاتتىم.شۇ ۋاقىتلاردا سەن داداڭنىڭ يالغۇز ئوغلى ،ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ۋاي دادام دەپ يىغلاپ ھازا ئېچىپ تۇرمىساڭ خەق زاڭلىق قىلىدۇ دەپ مېنى دادامنىڭ يېنىدىن ئېلىپ چىقىپ ئىشىك تۈۋىدە يېنىدا تۇرغۇزىۋالغان تاغامغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم ھەم نەپرىتىم كەلگەن،ھازىرمۇ تەلتۈكۈس ياخشى ئەمەس كۆز قارىشىم.
دادامنى يەرلىكىگە قويدۇق،تاكى مازارلىققا بارغۇچە جىنازا ماڭا تەگمىدى،جىنازىنىڭ ئۆپچۆرىسدە ھېلى ئۇتەرەپكە ھېلى بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ قارايتىم،كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلۈپ تۇراتتى.يەرلىككە ئەكىرىدىغان چاغدا كىپەنلىكنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقۇزدى،بىر توپ ئادەم خەتمە-قۇرئان قىلىشىپ يەرلىكنىڭ ئاغزىنى ئېتىشتى،ھەممەيلەن كەتتى،مەن تۇيدۇرمايلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىپ مازارلىقتا قالدىم،بىرەر سائەت ئۆتمەيلا كېلىپ مېنى تېپىۋېلىشتى،كىيىنكى كۈنلەردە تولا ۋاقىتلاردا دادامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا بولاتتىم،قاچان ؟قانداق كېلىپ قالغىنىمنى ئەسلىيەلمەيتىم،ئۆيدىكىلەرنى خېلى قورقۇتۇپتىكەنمەن،دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن مىيىتىنى چوڭ ئۆيدىن چىقارغان،بىرەر ھەپتىلەردىن كىيىن ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق،ئۆيىمىز شۇنداق غېرىب كۆرۈنگەن ،سىڭىللىرىممۇ ،ئاناممۇ شۇنداق مىسكىن تۇيۇلاتتى،ئىككى سىڭلىمنىڭ دادام قېنى؟نېمىشقا كەلمەيدۇ؟دەپ  پات-پات سوراپ قويىدىغان سوئاللىرى يۈرىكىمنى ئېزەتتى ،ئانامنىڭ شۇنداق ۋاقىتلاردا يان تەرەپكە قارىۋالدىغىنىنى ،كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم،تەسەللىي بېرەي دەپ ئويلايتىميۇ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ئاغزىمغا گەپ كەلمەيتى.
دادامنىڭ نەقەدەر ياش كېتىپ قالغانلىقىنى مانا مۇشۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھېس قىلىۋاتىمەن.
كۈنلەر ئاز-ئازدىن ئۆتۈپ بىزنى دادىسىز تۇرمۇشقا كۆندۈردى،مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئىككى سىڭلىمغا دادامنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدۇرمىدىم.
دادىسىزلارنىڭ بىر ئورتاق ئازابى بولىدۇ،يېقىندا بىر يېقىنىمدىن اللا بىزنى دادىلىرىمىزدىن ئايرىغان بىلەن رەھمىتىنى ئۆزى بىۋاستە بىزگە يەتكۈزىدۇ،بۇرۇن دادىلىرىمىز ئارقىلىق يەتكۈزەتتى،بىز دېگەن اللا بىۋاستە غەمخورلۇق قىلىدىغان بەندىلەر دېگەن گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم بىر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلدى،
دادىلىرىمىز ئامان بولسۇن.بىزدىن ئۇزاقلاشقان ئاتىلىرىمىزغا اللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن،جەننىتى بولسۇن.!

مۇشۇ يازمىنىڭ باھانىسىدا ئىختىيارسىزلا بالىلىق چاغلىرىمنى ،ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مېنى جىمجىتلا تاشلاپ كەتكەن دادامنى چوڭقۇر ئەسلىدىم،
يۈرەكنى ئېزىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئورخان پامۇكقىمۇ،ئېسىل تەرجىمىسىنى سۇنغان توردىشىمىز ئەنۋەر ھامىت (ئايپالتا)غىمۇ تەشەككۈرلەر،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.!

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 11:34:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 11:41  

سەبرىمىزنىڭ بەرىكىتى بىلەن قىزلىرىنى مەلىكە  ،ئوغۇللىرىنى شاھزادە قىلغان دادىلىرىمىزنىڭ  ياتقان جايى راھەت بولسۇن، مەلىكە  قىزلىرى خان بولسۇن ،شاھزادە يىگىتلەر  شاھ بولسۇن.  خرۇستالدەك نازۇكلۇق توغرىسى سەبىرسىزلىكىمىز ۋە چىدامسىزلىقىمىزدىن دادىلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنمىسۇن .
ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن،قەبرە بېشىدىن گۈللەر  ئۈنسۇن !

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 13:37:00

sayqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 21:13 static/image/common/back.gif
ھېكايىنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن-ھە، بىزنىڭ مۇئەللىم ...

بۇ ھېكايە ئەمەس.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:03:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   niyazdixan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 14:07  

ياش شائىرىمىزدىن بىرسىنىڭ شېئىرىنى يوللاي، ئوقۇپ بېقىڭلار.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:06:44

تۈگەيدىغان دادام

داداڭ تۈگەپ كەتتى دېيىشتى
باكتىكى ماي، خالتىدىكى گۈرۈچ تۈگىگەندەك

دادام
ئابى مەنىيدىن مېنى ياراتقان
بۈيۈك تەڭرى ئۇ!
ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا
تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە ساپ...

مەن يىراقتا تۇرۇپ
ئۇنىڭ ئۆلۈۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم
نەقەدەر جىمجىت
سۇدەك
قۇملۇقتەك
چۆمۈلىدەك
ئايروپىلان دادام كەبى تۆۋەنلىمەكتە
چوڭقۇرلۇقلارغا

ئۇشتۇمتۇت گەپ قىلىپ سالمىسۇن دېگەندەك
ئۇنىڭ ئېڭىكىنى مەھكەم چېتىپ قويۇپتۇ
ئاۋايلاپ يېشىۋەتتىم
تەگسىز سۆز...

ئەمدى بىزنى كۆرمىسۇن دەپ
كۆزلىرىنى يۇمدۇرۇپ قويۇپتۇ
نەم بارماقلىرىم بىلەن
كۆزلىرىنى ئاچتىم
لىق سۇ...

پاكىز كېتىدۇ دەپ
بەدەنلىرىنى يۇيۇپ، ئەتىرلەرنى چېچىۋېتىپتۇ
بۇنچە ھەشەم قىلىپ زادى قايسى جاناننىڭ يېنىغا بارار؟

يىغا-زارلار گويا تاش ئورمان
دادام − ئۆلۈك
ئەمدى ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ
ئۇ ئاستا-ئاستا پۇرايدۇ
سېسىپ كېتىدۇ
ئۇنى ئەمدى سۆيگىلى بولمايدۇ
ئۇنىڭغا ئېسىلغىلى بولمايدۇ
دادا، كىتابىم چىقتى دەپ
ئەركىلەپ تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ...

−رەھمەتلىك ياخشى ئادەم ئىدى
بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن
باشقىلارغا يامانلىق قىلمىغان
ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!
−ياق!!!
ئۇ ياتمىغاي...!
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ
پاسئان ئوغلۇم، كەلدىڭمۇ دەپ قولىنى ئۇزاتقاي...

دادامنى كۆتۈرمەكتىمىز
توي بولغاندەك
ئۇنى يەر ئاستىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويماقتىمىز
نەقەدەر غېرىب
قېچىپ چىقىپ قايتا ياشىۋالمىسۇن دېگەندەك
ئېغىزىنى تاشلار بىلەن ئەتمەكتىمىز

ئاھ ئۆلۈك دادام
تىرىكلەر سەندىن قاچماقتا
سەن قالغان كىچىككىنە قىسىلچاقتا
مەنمۇ قالسامچۇ؟!
سەن پېتىپ كەتكەن قاراڭغۇلۇققا
مەنمۇ پېتىپ كەتسەمچۇ؟!
سەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەڭگۈلۈككە
مەنمۇ قوشۇلۇپ كەتسەمچۇ...!

ئاھ ئۆلۈك دادام
قەبرەڭنىڭ ئېغىزى ئېتىلگەندىن تارتىپ
مۇدھىش كېچىدە سەن
نە كۈن نۇرى
نە توخۇ-كەپتەرلىرىڭ
ئۇندا نە باغ-ۋاران
نە بالىلىرىڭ
ھەمدە ساڭا ئوخشايدىغان ئوغۇل نەۋرەڭ
يۈزلىرىڭگە چۈشكەن شېغىل تاشلاردەك
ئىگە-چاقسىز سەن

ئاھ ئۆلۈك دادام
قانچىلىك چىرىپ كەتكەنسەن-ھە!؟
ھالبۇكى
ئەمدى يۈرىكىڭ ئاغرىمايدۇ
ئەمدى نەپسىڭ قىستىمايدۇ
ئەمدى بېلىڭ پۈكلىنىپ قالمايدۇ
پۇتۇڭ ئاغرىمايدۇ
كۈندە ئۈچ قېتىم ئىنسۇلىن تولۇقلىمىساڭمۇ بولىدۇ
ئەمدى بۇ ھاياتقا ئاچچىقلاپمۇ يۈرمەيسەن
سېنىڭ ئەمدى ھېچقانداق غېمىڭ يوق
ھېچبىر ئىدىيە
ھېچبىر غايە
ھېچبىر ئېتىقاد
سېنى ئەمدى قايتا پاراكەندە قىلالمايدۇ
زېمىننىڭ تومۇرلىرى ئارقىلىق
ھەممە جايغا يېتىپ بارىسەن
بارچە يىلتىزلاردىن ئۆرلەپ
دۇنياغا تارقىلىسەن
ھاۋادىمۇ سېنىڭ ھىدىڭ
سۇدىمۇ ھەم...

ئاھ غايىب دادام...
يوقلۇقتىن كېلىپ
يوقلۇققا قۇيۇلدۇڭ
بىز رېئاللىق دەپ ئاتىغان بۇ كونا قوتاندا ئەمەس
ئېسىمدە ياشىماقتىسەن
دۇئادا ئەمەس
ئويۇمدا پەرۋاز قىلىۋاتىسەن
قەبرىگە ئەمەس
كۆزۈمگە كۆمۈلدۈڭ

ئاھ جەۋھەر دادام...!
سەن بولمىغان بولساڭ
مەنمۇ بولمايتتىم
شېئىرلىرىممۇ بولمايتتى
دېمەك، ئۇلارنىڭمۇ دادىسى ئۆزۈڭ
مىللىتىممۇ سەن
ئېتىقادىممۇ سەن
ۋەتىنىممۇ سەن...!
ئەي كائىناتىم...!
ئەي قېزىلما بايلىقىم...!
ئەي كۆڭۈل ئېكرانىمدا داۋاملىق قويۇلۇپ تۇرىدىغان
كۆرۈپ قانمايدىغان ھەرىكەتلىك فىلىمىم!
ئەي يېڭى پۈتتۈرگەن رومانىم...!
ئەي ھەر كۈنى ئوينىغۇم كېلىپ تۇرىدىغان سىنوك مۇسابىقەم!
ئەي كېچە-كۈندۈز قاراپ ئولتۇرىدىغان كومپيۇتېرىم!
ئەي كۈنسېرى ئوماقلىشىۋاتقان كىچىك ئوغلۇم!
ئەي مۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدىغان بىرنەچچە خىل شارابىم!
ئەي ئاۋازى بارغانچە ئېچىلىۋاتقان دۇتارىم!
ئەي مېنىڭ ئۆلچەملىك مۇسكۇلۇم!
ئەي خالىغاندا داۋاملاشتۇرىدىغان بولمىغۇر ئىش-ھەرىكىتىم!…
ئەي بىراۋغا ئېيتىپ باقمىغان ئىدىيەۋى نىشانىم!
ئەي كاللامدىكى قۇپقۇرۇق يەر...!
ئەي، مېنى مۇسىبىتى بىلەن مەڭگۈ باقىدىغان ئارقا تېرىكىم!
ئەي، مېنىڭ كۆتۈرگۈسىز ئۆلۈكۈم...!
ئەي، مېنىڭ ئاخىرقى ناخشام...!

تۇپراق بېشىڭغا خادا تىكلەندى
ئۈجمە، سېدە، يۇلغۇنلار كۆچۈرۈلدى
چېلەكلەپ سۇ قۇيۇۋاتىمىز
تومۇز ئىسسىقتا
تاشلار مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ
شۇنداق، مەڭگۈ ئورنۇڭدىن تۇرالمايسەن...
ئۆلۈم − بىر ئىپلاستۇر
ئۆلۈم − چوڭ يالغانچىدۇر
ئۆلۈم − كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر
ئۆلۈم − ساقايماس كېسەلدۇر
ئۆلۈم − ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتتۇر
ئۆلۈم − قارا جەمئىيەتتۇر
ئۆلۈم − يەر ئاستى تەجرىبىخانىدۇر
ئۆلۈم − قۇرۇق ئىستاكاندۇر...
بىلىمەن، سېنى قايتا كۆرەلمەيمەن
ئاھ، يوق دادا...
ئەمدى گۆشلىرىڭدىكى نەملىكتىن پەيدا بولغان قۇرت-قوڭغۇزلارنى دادام دەيمۇ؟

سەن ئولتۇرغان پېشايۋانىدا ئۇزاق ئولتۇردۇم
سەندىن قالغان كىيىملەرنى پۇرىدىم
سەن تۇتقان كىتابنى، قوشۇقنى، ئاچقۇچلارنى بىر-بىرلەپ تۇتتۇم
سەن تۈگەپ كېتىشتىن ئىلگىرى
ئۆلۈم قانداق بېشارەت بەرگەن بولغىيدى؟
سېنى قانداق قورقۇتقان ئىدى؟
نېمىشقا جىمىغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدىڭ...؟
ئەگەر ئەندىشەڭ ساقسىزلىقتىن بولسا
مانا، ئەمدى ئاغرىيدىغان جېنىڭ يوق، سەللىمازاسەن!
ئەگەر ئۇ پەرزەنت غېمى بولسا
ئۇنى بالىلارغا قويۇپ خاتىرجەم ھالدا تۇپراققا ئايلان!
ئەگەر ئۇ ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغان مەۋھۇم نەرسە بولسا
ئىشەنگىنكى
ئۇ مېنىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي يېنىڭغا ئېلىپ بارىدۇ

دادا!
ئەمدى بۇ چاقىرىشلىرىممۇ ساڭا ئۇرۇلمىغان ھالدا
مەڭگۈ ئىچكىرىلەپ كېتىدۇ-دە،
سەندىن قايتىدىغان
ھېچقانداق ئەكس سادامۇ بولمايدۇ
دادا...

DawutPalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:11:16

چىمنىڭ شىئ‍ىرىكەن  بۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:21:09

sayqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 21:13 static/image/common/back.gif
ھېكايىنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن-ھە، بىزنىڭ مۇئەللىم ...

بۇ ھېكايە ئەمەس، بۇ يازمىنىڭ ژانىرىنى تۈركلەر «دۈز يازى» يەنى تۈز يازما دەيدىكەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:26:43

ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى گۈندۈز پامۇك 20 ياش چاغلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئاقسارىيى بولغان چانكايا سارىيىدىكى بىر تاماقتا «بىزدىن نېمىشقا دۇنياۋى يازغۇچىلار چىقمايدۇ؟» دېگەن سۇئالنى سوراپتىكەن. ئوغلى ئورخان پامۇك بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ دۇنياۋى يازغۇچى بوپتۇ. كېيىن، ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىر كۈنى ئوغلىغا بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن، راست دېگەندەك 2006 - يىلى بۇ گەپ رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ(«دادامنىڭ چامادانى»دا بۇ گەپ قىستۇرۇلغان).

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 18:36:09

DawutPalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 14:11 static/image/common/back.gif
چىمنىڭ شىئ‍ىرىكەن  بۇ؟

  پاسئاننىڭ شېئىرىكەن.

DawutPalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 21:32:23

چەتئ‍ەللىكمۇ ئ‍ۇيغۇرچە شىئ‍ىر يازالايدىكەن ھە!؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:04:47

DawutPalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 21:32 static/image/common/back.gif
چەتئ‍ەللىكمۇ ئ‍ۇيغۇرچە شىئ‍ىر يازالايدىكەن ھە!؟

خوتەن دېگەن چەت ئەل بولمىسا.

DawutPalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 09:42:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DawutPalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 10:29  

خوتەندە ئ‍ولتۇراقلىشىپ قاغان چەتئ‍ەللىككەندە بۇ؟
بىژ قايلىسام ئوسمانجان مۇھەممەتنىڭ شىئ‍ىرىغا ئ‍وخشاپمۇ تۇرىدا.
ئ‍اپتور ئ‍ىسمىغا قايلىسام چەتئ‍ەللىك.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 10:35:55

DawutPalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 09:42 static/image/common/back.gif
خوتەندە ئ‍ولتۇراقلىشىپ قاغان چەتئ‍ەللىككەندە بۇ؟
بىژ ...

پاسئان دېگەن تەخەسللۇسى ئوخشايدۇ. قايسى تىلدىكى گەپكىنا ئۇ.
بەت: [1] 2
: ئورخان پامۇك: دادام