ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:43:18

ئاڭلاش سەنئىتى



      ئاڭلاش سەنئىتى
بىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى لىنكولىت بىر ئوغۇل بالىدىن مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:
-چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟
-ليۇتچىك بولىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا سەبىيلىك بىلەن.
لىنكولىت داۋاملىق سوراپتۇ:
-ئەگەر بىر كۈنى ئايروپىلانىڭ ئۇچۇپ تىنچ ئوكياننىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز يېقىلغۇ تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىسەن؟
بالا بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:
-ئاۋۋال ئايروپىلاندىكى ئادەملەرگە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىۋېلىشنى دەپ قويۇپ، ئاندىن پاراشوتۇم بىلەن پەسكە سەكرەيمەن.
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. لىنكولىت بالىغان زەن سېلىپ قاراپتۇ، بالىنىڭ كۆزىدە ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن لىنكولىت شۇندىلا ئاخىرقى جاۋابقا تېخى ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىپتۇ-دە، بالىدىن قايتا سوراپتۇ:
-نېمىشقا شۇنداق قىلىسەن؟
بالا قەتئىيلىك بىلەن:
-ماي ئالغىلى بارىمەن، ئاندىن يەنە قايتىپ كېلىمەن، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن!-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولىغىنىنى راستلا چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز، تاكى ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگىچە تەخىر قىلىڭ. مانا بۇ ئاڭلاش سەنئىتى.
بىرىنچى، گەپنى يېرىم-يارتا ئاڭلىماڭ.
ئىككىنچى، ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەنچىسىنى باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئارتىپ قويماڭ.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان

amur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 17:43:07

شۇ، مۇشۇ كۆپ ئىشلار گەپنى چالا قىلىش ۋە چۈشەنمەسلىكتىن بولاۋاتىدۇ

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 21:15:18

بىر مەسەل بار ئىدى قاغىنىڭ ئۇۋا ياساشنى ئۈگىنىشى دەپ ،كونىلارمۇ ئەقىللىق ھە  ‹‹چالا موللام ئادەم ئۆلتۈرىدۇ››دەپ ئاجايىپ دەۋىتىپتىكەن.

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 09:21:30

RE: ئاڭلاش سەنئىتى

sayqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 21:15 static/image/common/back.gif
بىر مەسەل بار ئىدى قاغىنىڭ ئۇۋا ياساشنى ئۈگىنىشى دەپ ، ...

سۆھبەت قائىدىسدە ئاڭلاش سەنئىتى بەك مۇھىم، بولۇپمۇ بىزدە بىراۋنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىۋىتىش ئىشى ئېغىر .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 14:01:07

2005-يىلىدىكى تەرمىلەر ژۇرنىلىدا بىر قېتىم ئېلان  قىلىنغانىكەن بۇ ماقالە.

macin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 16:30:03

ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن بۇ ئۈگۈتنى

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 17:58:27

{:112:}
بەت: [1]
: ئاڭلاش سەنئىتى