ئەسلىمە
ئەسلىمەبۇ سالقىن تۈزلەڭلىك قويۇق تۇمان، مەيىن شامال، ئىللىق قۇياش نۇرى بىلەن تولغان. ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلى بۇ يەردە ئۆتكەن، بۇ يەردە شېكەر قومۇش ۋە ئالما بار. قوناق ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىن چۈجە ۋە كۈركە توخۇلارنى ئېتىزلىققا ھەيدەيمىز، ئېتىزدە ئۇلار چېكەتكە يەيدۇ. ئۆيدىكى قىيا-چىيا قىلىشىۋاتقان بالىلار، نېمىلەرگىدۇ ئالدىراپ كوتۇلداۋاتقان ئانام، ھەممىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئاتام، كەسكىن ئاكام...ھەممىمىز ئالدىراش بولساقمۇ خۇشال ياشايتتۇق، تىمتاس گۇگۇمنى مۇزىكا ساداسىغا تولدۇراتتۇق. كىملەردۇ ئىسكىرىپكا چالسا، كىملەردۇ نەينى غىڭشىتاتتى، يەنە كىملەرنىڭ بارماقلىرى پىيانو تىللىرى ئۈستىگە قونۇپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ناخشا توۋلايتتۇق.
-بالىلىقىڭىزدىكى ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان ئەسلىمىڭىز قايسى؟-سورىدىم بىر كۈنى كەيلىدىن.
-ئۈچ ياش چاغلىرىدىمغۇ دەيمەن-،دېدى ئۇ ئەسلەپ مۇلايىم ئاۋازدا،-بىر قېتىم مەن ئانام قاچا يۇيۇۋاتقاندا ياردەملەشمەكچى بولۇپ، ئۈستەلدىكى گۆش ئالىدىغان يوغان كۆك گۈللۈك تەخسىنى ئالدىم. ئۇ تەخسىنى بوۋام گوللاندىيەدىن ئەكەلگەن ئىدى. مەن تەخسىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ قاچا-قۇچا ئىشكاپىغا سلاماقچى بولدۇم. بۇ تەخسە خېلى چوڭ بولغاچقا، پولنى كۆرەلمەيتتىم. شۇڭا پولدىكى چوقچىيىپ قالغان بىر تاختايغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتام، تەخسە چېقىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، دادام كاچىتىمغا بىرنى سالدى. قىرقىراپ يىغلاپ كەتتىم، ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس، بەلكى يۈرەك ئازابىدىن يىغلىغانىدىم، چۈنكى مەن ئانامغا ياردەم بەرمەكچى ئىدى. گەرچە ھازىر 50 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ئۇ كاچاتنى خاتا تەگدى، دەپ ئويلايمەن، ئادىل بولمىدى، دەپ ئويلايمەن.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
3 يېشىدىكى ئەسلىمىنى ئەسلىگىلى بولامدىغاندۇ ، نورمال ئەھۋالدا ئەڭ تۆۋىنى نەچچە ياشلاردىكى ئەسلىمىنى ئەسلىگلى بولىدىغاندۇ ، بۇ توغرىلىقمۇ تەتقىقاتلار بارمىدۇ ،
ئۆزەمنى ئالسام ، مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى ئەسلىمىمۇ 5 ياش ۋاقتلىرىمدەك ھېس قىلىمەن ، بەزى ئەسلىمىلەر بەكلا غۇۋا ، بۇنىڭ ئەسلىمە ياكى ئېڭىمدىكى خىيال ئىكەنلىگىمۇ تازا ئېنىق ئەمەس ، سىلەرنىڭچۇ ؟ كىشىلەر دائىم ئۆزىدىكى سەۋەنلىكنى دادىللىق بىلەن قۇبۇل قۇلالمايدۇ. كەيلىمۇ ئۆزىنىڭ كىچىكرەك تەخسە كۈتەرمىگەنلىگىنى ئەللىك ياشقا كىرگۈچە ئويلاپ باقماپتۇ. mohsin يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 14:14 static/image/common/back.gif
3 يېشىدىكى ئەسلىمىنى ئەسلىگىلى بولامدىغاندۇ ، نورمال ...
مەن ئەسلىيەلەيمەن، يەنە كىلىپ خېلى كۆپ ئىشلارنى.
3ياش ۋاقتتىكى ئىشلارنى ئەسلىگىلى بولىدۇ.
بەت:
[1]