ئاپتومۇبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنى سۆكۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار؛ھەممىڭلارغا پېقىر بوراندىن ئېھتىرام بولسۇن!
مۇنداق ئىش ئىدى: يېقىندا كىيا سەيلاتۇ 1.6لىك ماشىنىدىن بىرنى ئالغانتىم. ئۆزۈمچە ئۇنىڭ ئورۇندۇق قاپلانمىلىرى يارىماي، خىرومدىن قاپ كىيدۈرەي دېگەن. ئورۇندۇق قېپى تىكىدىغان ئۇستام بىلەن پۈتۈشۈپ، ئالدىن 200سوم تۆلەپمۇ بولغانتىم. ئۇستامنىڭ تەلىپى بويىچە، مەن شوپۇرنىڭ يان تەرەپتىكى ئورۇندۇق بىلەن ئارقا ئورۇندۇقنى سۆكۈپ ئاپىرىپ بەرسەم بولاتتى. (ئۆيۈم يېزىدا، ئۇستام قەشقەردە) بايا «كىرا ماشىنىسىدا يولغا سېلىۋېتەي» دەپ ئويلاپ، خېلى كۈچەپ باقساممۇ ئارقا ئورۇندۇق ھىچبىر چىقىدىغاندەك ئەمەس. يا بىر يېرىدە بولتا دەيدىغاندەك نەرسىلەرمۇ يوقتەك. مۇشۇنداق ئىشنى قىپ باققانلار بولسا، دەپ بېرەرمىكى دەپ ياردەم سوراۋاتىمەن. ئۇقۇشماي ئوقۇپ قالغانلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالغان بولسام ئۆزرىلىكمەن. ماشىنامنىڭ ئورۇندۇقى ، خۇرۇم ئەمەسكەن ، قايسى خىلدىكى خۇرۇم ئورۇندۇق راھەت + توردا ئالغىلى بولارما ؟ ماشىنام خوندەي ئېلىنتىرا نېمانداق ئۆزگىچە ئىسىمى بار ھېكايىدۇ دەپ كىرىپتىمەن ما تىمىغا ئارقا ئورۇندۇقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ،ئارقىڭزنى رول تەرەپكە قىلىپ، سەل ئىڭىشىپ،ئىككى ئالقىنىڭىز بىلەن تىرەپ، پەسكە باسقاچ، ئارقىغا ئىتتىرپ ئۈستىگە كۆتۈرۈڭ. بىر مىنۇت كەتمەيدۇ،چىقىدۇ.
ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا تۆشۈك بار ، ئورۇندۇقتا بولسا ئىلمەك بار. ئاشۇ ئىلمەكنى تۆشۈكتىن چىقىرۋېتەلسىڭىز لام بولىدۇ.
يۆلەنمىسىنى بولسا ،ئۈستىدىن ئاستىغا بېسىپ،ئوڭغا ياكى سولغا تارتقاچ ئۈستىگە كۆتۈرۈڭ.(بىر ماشىنىنىڭ يەنە بىر ماشىنىغا ئوخشامدۇ ئۇنى بىلمىدىم).
بولتا بارمىكىن دەپ ئىزدەپ يۈرمەڭ. ماشىنىنى ھەيدەپ ئاپارسىڭىز ئۇستام ئۆزى ئاجرىتىپ قاپنى سېلىپ بەرمەمدۇ خىروم قاپنى كىيدۈرۈپ بۇلۇپ كۆپ بولسا ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۈستىدىن يەنە بىىر قەۋەت لاتا قاپ كىيدۈرىسىز مېنىڭكىدە بولتا بار، ئاستىغا پۈتۈن پالاز سالىمەن دەپ مەخسۇس ئىچ ئالتە بۈرجەكلىك كۇلۇچنىمۇ ئالغان، يېيىن يەنىلا ساق سالامەت يېشەلىشىمگە كۆزۈم يەتمەي 150 كويغا سالدۇرغان. ئاندىن يەنە بىر گەپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىنىڭ ئاستىدا بىر نەچچە سېنزورلار بار. يەشكەندە سەل پەل دىققەت قىلاسىز، توك يولى ئەسۋابلىرىغا قارا كۈچ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. مەن ماشىننىڭ شوپۇر ئولتۇېدىغان ئۇرۇندىغىنى تېخىمۇ كەينىگە سۇرۇلدىغان قىلاي دىگەن ، كەينى ۇرۇندۇققا تارقىشىپ قاالسىمۇ مەيلىتى ، چۇنكى مەن سەل قىستىلىپ قېلۋاتىمەن ، بىلدىغانلار بولسا يول كۆرسەتساەلارچۇ ؟ OWQI312 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 07:52 static/image/common/back.gif
خىروم قاپنى كىيدۈرۈپ بۇلۇپ كۆپ بولسا ئۈچ ئايدىن كىيىن ...
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
نېمە مەقسەتتە بۇنداق دېگىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم: خىروم قاپ توشىمايدۇ دېمەكچىمۇ ياكى ئۇنى يەنە ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ دېمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئوڭاي بۇزۇلىدىغان بولسا قايتىدىن ئويلىشاي. rock يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:49 static/image/common/back.gif
مېنىڭكىدە بولتا بار، ئاستىغا پۈتۈن پالاز سالىمەن دەپ م ...
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت، چوقۇم دىققەت قىلىمەن. iltersh يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 07:23 static/image/common/back.gif
ماشىنىنى ھەيدەپ ئاپارسىڭىز ئۇستام ئۆزى ئاجرىتىپ قاپنى ...
شۇ، ئەسلى شۇنداق قىلىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما مەن دىيىشكەن ئۇستام ئۇنداق ئىشلارغا ۋاقىت ئاجراتقۇسى يوق ئالدىراش ئادەمكەنتۇق. باشقا ئۇستىغا قىلدۇراي دېسەم، قەشقەردىكى بۇرادەرلەر مۇشۇ ئۇستامنى تەۋسىيە قىلدى. شۇڭا ئۇستامنىڭ دېگىنىگە كۆنمەي بولمىدى.... boran0998 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 12:13 static/image/common/back.gif
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا ...
چۈنكى خروم قاپ يازدا ئىسسىق قىشتا سوغۇق.ياز كۈنلىرى ماشىنىڭىز ئازراق ئاپتاپتا قالسا ئورۇندۇقلىرىڭىز يانپېشىڭىزنى كۆيدۈرگۈدەك قىزىپ كېتىدۇ، قىش كۈنلىرى بولسا ماشىنىڭىز قىزىپ بولغۇچە مۇز ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك توڭلايسىز. مەن دەيدىغان گەپلەرنى ئۈستىدىكى تورداش دەپبوپتۇ
مەنمۇ خىرۇم ئۇرۇندۇققا گېلەم سېلىپ ھەيدەۋاتىمەن nawkeran يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 10:57 static/image/common/back.gif
مەن ماشىننىڭ شوپۇر ئولتۇېدىغان ئۇرۇندىغىنى تېخىمۇ كە ...
بوي ئېگىزلىكىڭىز نەچچە مېتىر كېلىدىغاندۇ .... شۇنى ئويلاپ قېلىۋاتىمىنا :o gulahmalik يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 23:08 static/image/common/back.gif
بوي ئېگىزلىكىڭىز نەچچە مېتىر كېلىدىغاندۇ .... شۇنى ئوي ...
مىنىڭ بۇيۇم 1.89 كىلەتتى ، nawkeran يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 09:44 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بۇيۇم 1.89 كىلەتتى ،
دەيمىنا ئەمدى. بىر تۇغقىنىم با 1.90 دىن ئاشىدىغان. خېلى ئىگىز ئىشىكلەردىن بېشىنى ئىگىپ كىرسىمۇ گەجگىسى تېگىپ قالاتتى كاساپەتنىڭ . شۇمۇ ئادەتتىكى ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرىدۇ نورمال. قارىغاندا پۇتىڭىز ئۇزۇن ئوخشايدۇ. ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىنى سۆكۈڭ( تۆت تال بۇرما مېخ بىلەن بۇشايدۇ) ئاندىن ئورنىغا ئىككى تال ئۇزۇن تۆمۈر ئورنىتىپ، ئورۇندۇقىنى ئاشۇ تۆمۈرگە كەينىگىرەك سۈرۈپ تۇرۇپ بىكىتسىڭىزلا بولىدىغۇ. ماۋۇ قىشتا باللىنىڭ ماشىنىسىغا مۇنداق بىر چىققىنىمنى بىلىمەن، شۇنىڭ ياقى خىرۇمدا قاپلىغان ماشىنىغا چىقساملام كاسسام سەت تۇڭىدۇ. gulahmalik يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 00:00 static/image/common/back.gif
دەيمىنا ئەمدى. بىر تۇغقىنىم با 1.90 دىن ئاشىدىغان. خېلى ...
رەھمەت
بەت:
[1]