aynek1137 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 11:17:45

بالىلاردىكى 腺样体肥大,扁桃体肥大نىڭ داۋاسى قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aynek1137 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 11:21  

                  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار ،مېنىڭ قىزىم بۇ يىل بەش ياشقا كىردى ،ئۆتكەن يىل يىل  ئاخىردىن باشلاپ ئۇخلىغاندا ئاغىزىنى ئېچىپ خورەكتەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇخلايدىغان بۇلۇپ قالدى، بۇرنىدا بىر نەرسە تۇسۇلۇپ قالغاندەك خوقىراپ ئۇخلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن يېڭى يىلدا ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ 2-دوختۇرخانىنڭ ‹ئېغىز-بۇرۇن -كاناي بۇلىمى›نىڭ مۇتەخسسس نۇمۇرىنى ئېلىپ كۆرسەتتۇق،تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە  بادامسىمان بەز يوغىناش(腺样体肥大)،ئانگىناسى يوغىناش (扁桃体肥大)دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ ،دوختۇر چوقۇم ئوپراتسىيە قىلىسىلەر دەيدۇ. بىز دورا –ئۇكۇل بىلەن داۋالىغى بولمامدۇ دەپ سورىساق ،‹قەتئىي  بولمايدۇ ،چوقۇم  ئوپراتسسيە قىلىمىز ›دەيدۇ.بالا تېخى ئەمدى بەش ياشقا كىردى ،بىزنىڭ بۇ كىچىك بالىمىزنى ئوپراتسسيە قىلدۇرغىمىز يوق .
تور بىلەن ئىزدىنىپ كۆرسەم ،بۇ كىسەل ئاساسلىقى 3ياشتىن 10ياشقىچە بالىلار ئىچىدە كۆپ كۆرۇلدىكەن ،12ياشتىن كېيىن بۇرنىدىكى  بۇ بەز ئۆزلىكىدىن كىچىكلەپ ،يىگىلەپ يوقاپ كىتىدىكەن .بۇ بەز يوغىناپ كەتكەن بالىلارنىڭ  دەل ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلمىغاندا بىر قاتار ئالامەتلار يۇز بېرىدىكەن ،مەسلەن مېڭىسىگە ئوكسىگىن يىتشمەسلىك سەۋەپلىك ھۇشىدىن كېتىش ،مېڭىسىنىڭ تەرەقىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ،ئاغىزىنى ئېچىپ ئۇخلاۋەرگەنلىك بىلەن چىشى ۋە چىرايى ئۆزگىرىپ كىتىش ،،،،دىگەندەك .
شۇنىڭ ئۇچۇن  مېنىڭ كۆپچىلىكتىن ئۆتىنىدىغىنم بۇ كىسەلگە نىسبەتەن تەجىربىسى بارلار ياكى دوختۇرلارنىڭ ياردىم قۇلىنى سۇنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:47:59

ئەڭ ياخشىسى ئوپراتسىيە قىلدۇرماڭ . دوختۇرنىڭ دىگىننى قىلما ،قىلغىننى قىل  دەپتىكەن .

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:59:35

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 16:10:33

ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.كىيىنچە ئۆزلىكىدىن كىچىكلەپ كىتىدۇ.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 16:16:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nusrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 16:23  

يەرلىك ئۇسۇل : شاپىلاقگۈلنى ئىزىپ شېكەر بىلەن قوشۇپ سىرتتىن تاڭسا قاملىشىپ قالغان بالىلارنىڭ بادام بەز يوغىناش ئالامىتى بىراقلا ياخشىلىنىپ ئىككىنچى قوزغالمايدۇ. پايدا قىلماسلىقىمۇ مۇمكىن.
قوشۇمچە: يەتتە ياش ۋاقىتلىرىمدا بادام بەزلەر تولا ئىشىپ ، ئاغرىپ،  يىغلاپ چىدىماي ، دورا-ئوكۇل پايدا قىلماي بىر ياشانغان كىشىنىڭ تەكلىبى بىلەن شاپىلاقگۈل چاپلاپ پۈتۈنلەي ساقىيىپ قايتا قوزغالمىدى.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:50:05

مېنىڭ ئانگىنارىمنىمۇ كىچىك ۋاقتىمدا كىسىپ ئىلىۋەتكەن.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:30:13

مېنىڭ مەسلىھەتىم، ئوپراتسىيە قىلدۇرماڭ. مېنىڭ قىزىمنىڭمۇ بادامسىمان بەز يوغان ئىدى، ئىككى-ئۈچ ياش ۋاقىتتىن باشلاپ خورەك تارتىپ ئۇخلايتتى. نۇرغۇن دوختۇرغا كۆرسىتىپ كەتتۇق، كۆپىنچىسى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش مەسىلىھەتىنى بەردى. ئەمما بىز قىلدۇرمىدۇق. يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ياۋروپاغا ساياھەتكە چىقىپ قالدۇق، ياۋروپادا دوختۇرغا كۆرسەتسەم، ئۇلار «ھېچقىسى يوق، كىچىك ئىشكەن، بالا چوڭ بولغانسىرى يوقۇلۇپ كېتىدۇ» دېدى. قانداق ئىشلاردا دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى سورىساق، ئامال بار زۇكام دېگەندەك ئىممۇنت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان كېسەللەردىن ساقلانسۇن، كۆپرەك دىققەت قىلىڭلار. ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم قايتىپ كېلىپ، ئويدە نەملىك پەيدا قىلغۇچنى كۆپ ئىشلەتتۇق، زۇكام تېگىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشتۇق، بۇرۇننى نەملىتىدىغان بىر پۈركۈيدىغان دورا باركەن، ئانچە-مۇنچە ئۇنى پۈركۈدۇق. شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل ئون ياشقا كىردى. بادامسىمان بەز كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى. ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلار بولمىسا ئانچە خورەك تارتىپمۇ كەتمەيدۇ. شۇڭا دەيمەن، بۇ كېسەل ئوپرااتسىيە قىلدۇرىدىغان كېسەل ئەمەس، ئوپراتسىيە قىلدۇرماڭ، ئەمما بالىنىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ، ئۆينىڭ نەملىكىنى ساقلاڭ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-3 09:53):
بۇرۇننى نەملەشتۈرىدىغان دورىغا بىز humidose دېگەننى ئىشلەتكەن. جۇڭگونىڭ ئىشلىگىنىمۇ بار ئىدى، ئىسىمىنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۆينىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلالىسا، دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن.
ئەينى ۋاقىتتا بىزنىمۇ شۇنداق قورقۇتقان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلارغا بارساق، بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ شەكلى ئۆزگىرەيدۇ، يۈز قىسىمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مېڭىگە ئوكسىگېن يىتىشمەيدۇ دېگەندەك گەپلەر بولۇنغان. تۆنۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ بالىنىڭ ئاپىسىغا دېسەم، ئاپىسى بالىنىڭ ئەھۋالى 90 پىرسەنت ياخشىلىنىپ بولدى دەيدۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 19:56:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 19:57  

مىنىڭ 8 ياشلىق  ئۇغلۇمدىمۇ  بار   بۇ  كىسەل:(

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:05:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 20:07  



         ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن بۇ يىل 2-ئايدا ئوغلۇمنى بۇرۇن ياللۇغى سەۋەپلىك دوختۇرغا تەكشۈرتكىلى ئاپارسام،دوختۇر ئوغلۇمنىڭ بۇرنىنى تەكشۇرىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا‹‹ئوغلىڭىزنىڭ بادامسىمان بېزى يوغىناپ كەتكەنمۇ نېمە؟››دەپ سالدى،‹‹مەن دېئاگۇنىڭىز ئېنىقىمۇ؟››دېسەم،دوختۇر:-مەن ھازىر بۇرنىنى تەكشۈرىۋېتىپ،مۇنداقلا كۆرۈپ قالدىم(دوختۇرنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇغلۇمنىڭ قالقانسىمان بېزى بەكلا يوغىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم)،ئېنىقىنى ناركۇز قىلىپ،تەكشۈرگەندە بىلىمىز،-دېدى.ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا،چۇشتىن كېيىن قايتا كېلىپ،بۇرنىنى ناركۇز قىلىپ تەكشۈرتتىم.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن دوختۇرنىڭ چۈشتىن ئاۋال دېگەنلىرى توغرا بولۇپ چىقتى،دوختۇر (تونۇش دوختۇرتى)ماڭا:ۋاقتىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇرىۋېتىڭ،بولمىسا ئاقىۋېتى ياخشى بولمايدۇ،-دېدى تەكىتلەپ.ئىدىيەرىمدە ‹‹دوختۇرلار مەسىلىلەرنى بەكلا كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئاغرىققا يەرلىكتىمۇ دورىلار بولۇشى مۆمكىن››دەيدىغان قاراش بولغاچقا ھەم ئىلگىرى موشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ئىشلارغا شاھىد بولغان چاغلىرىم بولغاچقا،مەن دوختۇرغا‹‹بولىدۇ،بىز ئالدى بىلەن باشقا سەۋەپلەرنى قىلىپ باقايلى››دەپ قويۇپ يېنىپ چىقتىم.سىزنىڭ قىزىڭىزنىڭمۇ ئوغلۇمنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئەھۋال بولۇشى مۆمكىن.شۇڭا،تېمىڭىزنى كۆرۈپ،بۇ خىل ئاغرىققا نىسبەتەن مەزكۇر مۇنبەردە ياخشى مەسلىھەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپتىمەن،مۇنبەرداشلارنىڭ ھەم بۇ ئاغرىقنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئوپىراتسىيە قىلماي داۋالاشنىڭ ئوسۇللىرى ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:07:55

تەبىئى يوغىناپ قالغان بولسا دورا ئوكۇللار بىلەن كىچىكلەپ قالمايدۇ. ئەگەردە دائىم خورەك تارتىپ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا، ئىشتىھاسى ياخشى بولماي بەدەن ئاجىز بولسا، ئاسان زۇكامداپ ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى ئاجىز بولسا ئوپراتسىيە قىلغۇزۋىتىڭ. 10 ياشقا بارغاندا كىچىكلەپ يوقىسىغۇ يوقىدى، يوقىماي قالسا 16-17 ياشلارغىچە بالىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇخلىغاندا مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي سالامەتلىك ۋە ئۆگىنىشىگە بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ.
ئەگەر بەك يوغان بولمىسا قىلغۇزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:08:37

xjdxwhx يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 18:30 static/image/common/back.gif
مېنىڭ مەسلىھەتىم، ئوپراتسىيە قىلدۇرماڭ. مېنىڭ قىزىمنى ...




         بۇرۇننى نەملىتىدىغان دورىنىڭ ئىسمىنى بىلىپ قالساق بولاتتى.

aynek1137 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:38:13

رھمەت كۆپچىلىك، ئوبدان ئنكاسلار چۇشىۋاتىدۇ،كۆپتىن -كۆپ رەھمەت .
يېقىندا قىزىمغا  رىئاكسىيە قىلىدىغان نەرسىلەرنى تەكشۇرتكەنتىم، نەتىجىدە تۇخۇم سېرىقى ،سۇت،كاۋچۇك(橡胶,乳胶)يەنە 组胺 دەپ بىر نەرسىمۇ رىئاكسىيە قىلىدىكەن .بۇ 组胺دىگەننى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

aynek1137 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:03:06

mahammatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 20:05 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،مەن بۇ يىل 2-ئايدا ئوغلۇمنى بۇ ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنىمىز ئوخشاشكەن ،مېنىڭمۇ ئوپراتسىە قىلدۇرغۇم يوق ، بۇرنىدىكى ۋە كانىيىدىكى بۇ ئىككى خىل بەزنى بىراقلا ئېلىۋەتسە ئادەم بەدىنىدىكى  سىرتتىن كىرگەن مىكروپلارغا قارشى تۇردىغان بىرىنجى توساق يوق بولغان بۇلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دائىم زۇكامداپ  ئىمونىت كۇچى تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ.شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجىربە ساۋاقلىرى بولسا ئورتاقلاشساق بوپتىكەن . دوختۇرۋە ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە يول كۆرسۇتىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .
كۆپتىن -كۆپ رەھمەت....

sardar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:31:44

مېنىڭ ئوغلۇمنىڭمۇ بادامسىمان بېزى ئىششىپ كېتىپ ئىككى قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپارساق ئوخشاشلا ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان . ئاخىرى ئۇيغۇر تېبابىتىدىن بىر داۋاسى چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ كۆرسەتتۇق . ئۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇر ھازىر بالىلاردا بۇ كېسەلنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىگىنى ئېيتتى ھەم تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بىر تەرىپىنىڭ ئىككىنچى ، يەنى بىر تەرىپىنىڭ ئۈچىنجى دەرىجىلىك ئىكەنلىگىنى ئېيتتى ھەم ھازىرچە دورا بىلەن داۋالىنىپ بېقىشنى  تەۋسىيە قىلىپ دورا يېزىپ بەردى ،ھەم خېلى ئۇزۇندا ئاندىن ساقىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوغلۇم ھازىر شۇ دورىلارنى(ئەفىفىي چوڭ ، مەجۈنى چۆپچىن ئەلا) ئىچىپ تۇرىۋاتىدۇ .كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئېغىرلىشىپ كەتمەي بىر خىل ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ . لېكىن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قاتتىق پەرھىز تۇتۇشى كېرەككەن . مەسىلەن قوي گۆشىدىن باشقا گۆش يېمەسلىكى ، بەرەڭگە ، مۇچ ، كاۋا ، پىياز قاتارلىقلارنى ھەم بانان ۋە نەشپۈتتىن باشقا مېۋىلەرنى يېمەسلىكى،سوغۇق ئىچىملىككە يېقىن كەلمەسلىگى  كېرەككەن .  ئامال بار قورۇمىغان تاماقلارنى يېيىشى ھەم تاماققا تەم خۇرۇچلارنى سالماسلىقى كېرەككەن . شۇندقلار كۆپرەك ھەركەت قىلىشى كېرەككەن .
ئەلبەتتە كېسەللىك ئەھۋالى بەك ئېغىر بولسا ئوپېراتسىيە قىلىشى لازىمكەن ، ھەم دوستلىرىمىنىڭ ئىچىدىمۇ بالىلىرى مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغرىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ساقايتقانلار بار.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 07:21:40

بۇرۇننى نەم تۇتىدىغان دورىنىڭ ئىسمى سۇ
ئىشلىتىش ئۇسۇلى بۇرۇنغا سۇ ئېلىش
بۇنى قولايسىز ھېس قىلسىڭىز پۈركۈگۈچلۈك دېڭىز سۈيى قاتارلىقلار بار،ھەر قانداق دورىخانىدىن تاپالايسىز

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 09:08:24

nasal cleaner

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 09:51:53

mahammatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 20:08 static/image/common/back.gif
بۇرۇننى نەملىتىدىغان دورىنىڭ ئىسمىنى بىلىپ قا ...

بۇرۇننى نەملەشتۈرىدىغان دورىغا بىز humidose دېگەننى ئىشلەتكەن. جۇڭگونىڭ ئىشلىگىنىمۇ بار ئىدى، ئىسىمىنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۆينىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلالىسا، دورا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن.
ئەينى ۋاقىتتا بىزنىمۇ شۇنداق قورقۇتقان ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلارغا بارساق، بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ شەكلى ئۆزگىرەيدۇ، يۈز قىسىمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مېڭىگە ئوكسىگېن يىتىشمەيدۇ دېگەندەك گەپلەر بولۇنغان. تۆنۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ بالىنىڭ ئاپىسىغا دېسەم، ئاپىسى بالىنىڭ ئەھۋالى 90 پىرسەنت ياخشىلىنىپ بولدى دەيدۇ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:32:31

aynek1137 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 20:38 static/image/common/back.gif
رھمەت كۆپچىلىك، ئوبدان ئنكاسلار چۇشىۋاتىدۇ،كۆپتىن -كۆ ...



     ئادەم تۇقۇلمىسىدىكى  ئازۇتلۇق كاربۇن ھىدرىت ئوخشايدۇ .
http://baike.baidu.com/link?url=uGo3T0KJ3e2ePcq5TOXupj19Z1RmXJu3yWzc0RvMdPT9JlvAXA7o-V99U2gh4b7qNeFSZCwm30U4DW_QQQ5xJa

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 13:28:51

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 13:33:31

بەت: [1] 2
: بالىلاردىكى 腺样体肥大,扁桃体肥大نىڭ داۋاسى قانداق؟