huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:04:26

قايتا نىكاھلىنىش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك


مەيج سكارف


   نۇرغۇن كىشىلەر قايتا نىكاھنى ئەسلىدە تاللاشقا تېگىشلىك جورىسىنى ئىزدەيدىغان ياخشى پۇرسەت، دەپ بىلىدۇ. بىراق، سانلىق مەلۇملارنىڭ دەلىللىشىچە، قايتا نىكاھلانغاندا ئاجرىشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
   بىر تەرەپتىن قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلار ھەمىشە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئارزۇ-ئۈمىدلەردە بولىدىكەن. ئۇلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، ئايرىلىپ قالغان (ئۆلۈپ كېتىش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىك) جورىسنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى تۇنجى نىكاھلانغاندىكىدەك ھالەتكە ئەكىلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن. ھالبۇكى، قايتا نىكاھ ئۇلارغا ئويلاپمۇ باقمىغان تالاي دىشۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ ساداقەتمەنلىك-ئىناقلىق مەسىلىسى، بېقىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئادا بولماسلىقى ھەم ئوخشىمىغان ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشى قاتارلىقلار. مانا بۇلار پىسخولوگ پاترىسسا پاپىرنونىڭ مەشھۇر قايتا نىكاھ قۇرۇلمىسى مودېلىدا كۆرسىتىلگەن قايتا نىكاھقا ئائىت بەش ئاساسلىق مەسىلە ئىچىدىكى ئۈچى. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، قايتا نىكاھلانغان ئائىلىلەرنى تەمتىرىتىپ قويىدىغىنى «ھەقىقىي ئائىلە» توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇرنى تاشلىۋېتىشتىن ئىبارەت.
   قايتا نىكاھلانغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ، جورىسىنىڭ قەلب قاتلىمىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان مەسىلىگە چېتىلغاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە چېتىلغان سەزگۈر مەسىلە. يەنى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنلا قارشى تەرەپنىڭ يېقىنلىرىدىن ئايرىلىشتەك ئازابنى ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان پەرزەنتلىرىنى ھۆرمەتلەمدۇ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ-يوق، ئۆگەي ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئۆچمەنلىكىگە يولۇققاندا غەزەپ-نەپرىتى ۋە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىنى ئىپادىلەمدۇ-يوق؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر.
   مەسىلەن، ئۆگەي ئانا مۇنداق دېسە ياخشى بولىدۇ:«قىزىڭىز قايتىپ كەلگەندە، ماڭا گەپ قىلمىدى، ھەتتا قاراپمۇ قويمىدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى.» بىراق مۇنداق دېسە بولمايدۇ :«بەڭباش، ۋاپاسىز بالىلىرىڭىز خۇددى مەن بۇ ئۆيدە يوقتەك يېنىمدىن بىپەرۋا ئۆتۈپ كېتىشتى! ئۇلار نېمىدېگەن قىلىقسىز، سىز ھەمىشە قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنىلا بىلىسىز، يا ئۇلارنى باشقۇرمايسىز!» بىرىنچى خىل ئىنكاس «مەن» توغرىسىدىكى بىر خىل ئۇچۇر بولۇپ، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قىسقىغىنا مۇھاكىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، «سىز» مەزمۇن قىلىنغان ئىككىنچى خىل ئىنكاس ئەيىبلەش بولۇپ، بىر مەيدان جېدەل-ماجىرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   قايتا نىكاھ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىيىنچىلىق پىرىنسىپ مەسىلىسىدۇر. كۆپلىگەن تەتقىقاتلار بىزنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچى بولالايدىغان پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۆگەي ئاتا-ئانا چوقۇم موما، ھەدە ياكى بالا باققۇچىلاردەك ئائىلە تۈزۈمىگە پىششىق كىشىلەرنىڭ (مەسىلەن، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسا، تېلېۋىزور كۆرۈشىگە يول قويمايدىغان دېگەندەك)رولىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ ئۆزئار امەلۇم قىلىشىپ تۇرسا بولىدۇ، لېكىن پەقەت ئۆز ئاتا-ئانىسىلا ھەرقانداق جازالاش شەكلىنى قوللانسا (ياكى تۈزۈمنى قايرىپ قويسا) بولىدۇ. شۇغىنىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆگەي ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى قانۇن ئىجراچىسى دەپ بىلىپ، بالىلارنى بويسۇنۇشقا قاتتىقلىق بىلەن مەجبۇرلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   قايتا نىكاھ يوشۇرۇنغىنىغا ئۇزۇن بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلە. پەقەت ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە خىرىسىنى ئاممىغا ئاشكارىلىغاندىلا، قايتا نىكاھلانغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.
«تەرمىلەر»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:49:08

بەزى كىشلەر نىكاھتىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەندە ئويلايدىغنى شۇكى خېتىنى بىرىپ باشقىسنى تېپىپ باقسام قانداق بولار ، مەن ئويلىغاندەك بىرسىنى تاپسام بولاتتى دەپ ئويلايدۇ. لىكىن ئارىدا بالا بولمىسا سەل ياخشى،لىكىن بالا بوپ قالغاندا ئەڭ ياخشىسى ياخشى بولسۇن ياكىيامان بولسۇن ئاجراشماي بالىنى ياخشى تەربىيلەش ،بالىغا مەسئۇل بۇلۇش ئاتا-ئاننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇليىتى دەپ ئويلايمەن (ئۈزەمچە).

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:52:36

قايتا نىكاھتا يەنە بىرىنچىسى بىلەن نىكاھلانسا خەتىرى ئىنتايىن تۇۋەن.

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:03:16

ياخشىسى تۇنجى نېكاھقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر ئىككىلى تەرەپ ئىتقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىكنى تاللاپ، ئۆز ئارابىر_بىرىگە يول قويۇپ، سەمىمى، ۋاپادار بولۇپ، ئۆمۈرلۈك سادىق ھەمرا بولۇپ ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:03:53

تۇنجى نىكاھلىنىشنىڭ خەۋپ خەتىرىمۇ ئاز ئەمەس:lol

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:08:46

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 10:52 static/image/common/back.gif
قايتا نىكاھتا يەنە بىرىنچىسى بىلەن نىكاھلانسا خەتىرى...

بىرىنچىسى بىلەن يېنىشىپ يخشى بولغاننى ئاز كۆردۈم

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:15:42

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 14:56:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-2 14:59

......................

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 15:31:22

دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى پۈرتۈن نۇپۇسنىڭ ئاجرىشىش ئەھۋالىنى سىتاتسىتىكا قىلامدۇ؟
يىلدا ئاجرىشىدىغانلار نەچچىلىك چىقىدۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 15:50:12

newyork يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 15:31 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى پۈرتۈن نۇپۇسنىڭ ئاج ...

ئۆتكەندە بىر سىتاتىسكىنى كۆرگەندەك قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى دۆلىتىمىزبويىچە ئالدىنقى قاتاردىكەن، سەۋەبى: تالاق قىلىش بەك ئېغىركەن ، كۆپىنچىسى ئاتا-ئانا بېشىنى قوشۇپ قويغان مۇھەببەتسىز ئائىلە .

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:04:41

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:12:27

bedexshan يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 12:08 static/image/common/back.gif
بىرىنچىسى بىلەن يېنىشىپ يخشى بولغاننى ئاز كۆردۈم

ئۇنى بىر دىمەڭ بىرىنجىسى بىلەن يېنىشىمەن دىگۈچە ساراڭ بولسىمۇ باشقىسى بىلەن ئۆي تۇتقان ياخشىكەن . چۈنكى مەن يېنىشىۋالغان تۈنجى خوتۇنۇممۇ ئۆيگە كىلىپ بىر ئاي ئۈچ ۋاق تامىقىنىڭ ئورنىغا راۋرۇس تاياق يەپ ئاندىن بۇرۇنقى ئىسكەتىگە كەلدى . ئىشقىلىپ تۇنجىسى بىلەن يېنىشسا قەتئى بولمايدىكەن . بولۇپمۇ بالىسى يوقلار .

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:13:46

چەتئەللىكلەرنىڭ زۇڭتۇڭلىرىمۇ قىز دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ زۇڭتۇڭلىغىنى قىلىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا مەھرەم نا مەھرەم دىگەن گەپ بولۇنمايدۇ.   بۇ يەردە ئېتىقادى باشقىچە بىر توپتىن بولغان چەتئەللىكنىڭ ماقالىسىنى مۇلاھىزە
قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:17:04

بۇ يازمىنى يىزىپ ياخشى قىپسىز.دىمىسىمۇ ھازىر كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلى ئاجرىشىپ كىتىۋاتقانلار كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. ئاجرىشىشنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ھەم كۆپ. لىكىن ئىككىنچى نىكاھتا بەختلىك ئۆتىۋاتقانلار ساناقلىقلا .بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ يىزىپسىز. توغرا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار.مەيلى بالىنى ئۆگەيلىسۇن، ياكى بالا ئۆگەيلىسۇن، مەيلى بۇرۇنقى جۆرىسىگە سىلىشتۇرسۇن ،ۋە ياكى كىيىنكى جۆرىسىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ،دوسلىرى بىلەن بولغان بىرىش كىلىشتە بولۇسۇن ئىشقىلىپ ئارىدا بىر كۆرۈنمەس پەردە ھاسىل بولۇپ ئەركىن بولالماي گۇمانلىنىپ خۇدۇكسىنىپ ،بىئارامچىلىق ھىس قىلىدۇ دەپ قارايمەن .
    شۇڭا ئەڭ ياخشىسى توي قىلىشتىن بۇرۇن ،ئارلىشىش جەريانىدا چۈشىنىشنى ئاساس قىلسا، بىردەملىك ھىسسىياتنىڭ ،مال دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ ،ئۆمۈرلىك پۇشايمانغا قالمىسا دەيمەن.

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:31:30

نېۋيۇرك دىگەن يولداش،سوتتا ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا پۈتۈن تۇرپاندىكى دىلونىڭ يەتمىش پىرسەنتى نىكاھ دىلوسى دەپ ئىشىتكەنمەن،لېكىن شىنجاڭنىكىدىن خەۋىرىم يوق

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:53:21

newyork يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 15:31 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى پۈرتۈن نۇپۇسنىڭ ئاج ...

رايونىمىزنىڭ ئاجرىشىش نىسپىتى 4%،جۇڭگۇنىڭ ئاجرىشىش نىسپىتى 2.3%.بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇمات.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:44:52

كىمنىڭ ھاياتى بىر ئادەمنىڭ قولىدىلا بەخىتلىك بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇرۇش تالاش جىدەل تۇگىمىگەن ئۆيدە قانداقمۇ بەخىت ۋە خۇشاللىق بولسۇن ،بالىلىرى قانداق خاتىرجەم ئۆسۇپ يىتىلسۇن .
ھازىر شىنجاڭدىكى كۆپىنچە خاتا ھالەت بولسا ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ئاتا ئانا بالىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق يوق ياكى تۆۋەن ،.
يەنە بىر سەۋەپتىن بىر ياقتىن توي قىلىپ بولغۇچە بىر ياندىن بالىلىق بولشقا ئالدىراپ يىل بىشىدىلا نەچچە بالىنى تىزىپ قويۇپ كىلىشەلمىسە ھەممىسىنى بىرسىگە بۇيرۇپلا ئاجرىشىدىغان گەپ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 19:04:24

مەن بىر كۈن خوتۇنۇمنى كۆرمىسەم چىدىيالمايمەن، قانداق ئادەمنىڭ خوتۇنىنى قۇيۇپ بىرىپ يەنە بويتاق يۈرگىسى كىلىدىغاندۇ

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 20:39:46

Bayawan يوللىغان ۋاقتى2015-3-2 19:04 static/image/common/back.gif
مەن بىر كۈن خوتۇنۇمنى كۆرمىسەم چىدىيالمايمەن، قانداق...

;Pھى ھى ھى ...تەنىمۇي بۇ؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 21:10:16

سىزگە تەنىدەك بىلىنگەن بولسا باچكا شورپىسى ئىچىڭ، كاۋاپ يەڭ، تادۇبەگنىڭ دورىسىنى يەپ بىرىڭ
بەت: [1] 2
: قايتا نىكاھلىنىش نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك