huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 09:02:12

نېمىشقا نامرات دۆلەتلەر تروپىك بەلباغدا كۆپ (لۇ گوبىن)


لۇ گوبىن
ئوتتۇرا مەكتەپتە جۇغراپىيە دەرسىدە، ئوقۇتقۇچۇمدىن: «تروپىك بەلباغ رايونىدا قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل-يېغىن مىقدارى مۆتىدىل بەلباغقا قارىغاندا تولۇق، ئۆسۈملۈكلەر بۈك-باراقسان، مۆتىدىل بەلباغدا پەقەت بىر پەسىلدىلا زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، تروپىك بەلباغ رايونىدا ھەتتا ئۈچ پەسىل ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە تەبىئىي مۇھىتى بار تۇرۇقلۇق يەنە نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن نامرات دۆلەتلەر يەنىلا شۇ تروپىك بەلباغدا؟» دەپ سورىغان ئىدىم.
مەن ئەلۋەتتە جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ «مەسىلەن ئالايلۇق نىگېر قۇل سودىسى، كۈچلۈك دۆلەتلەر بويسۇندۇرۇپ، تالان-تاراج قىلىش» دېگەندەك مۈجمەل جاۋابلىرىغا قانائەتلەنمەيتتىم. تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكى بەلكىم بەك كىچىك بولىشى مۇمكىن، نەچچە مىليون يىل پايدىنىڭ جۇغلىنىش جەريانىدا، دومىلىما مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور پايدىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتتا، تروپىك بەلباغ رايونىدىكى مىللەتلەر ئاۋۋال تەرەققى قىلىشنى تالاشمىغان، ئەجەبا ئۆيدە يېتىپ بۇلاڭچىلارنىڭ ۋە ھايانكەشلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغانمۇ؟  
داۋىد س.لاندېس مۇنداق ئۈچ خىل جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويدى:
ئاۋۋال، دىمىق ئىسسىقنىڭ كشىلەرگە كەلتۈرگەن قولايسىزلىق سوغۇقتىن چوڭ بولغان. ئىنسانلار ئاللىبۇرۇن ئوت يېقىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىسسىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، سوغۇق قىش پەسلىگە ماسلىشىپ، نىسبەتەن ئاسان، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ئىسسىق بولسا باشقا بىر خىل ئەھۋال. ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇللار ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ %75ى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى بولۇپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئادەم بەدىنى چوقۇم ئارتۇق ئىسسىقلىقنى قويۇپ بېرىشى كېرەك،    ئاندىن مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەرلەش ئەڭ مۇھىم ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇسۇلىدۇر. ئەكسىچە تروپىك بەلباغ رايونى ئومۇميۈزلۈك تىنجىق ۋە نەم بولغاچقا، تەر چىقىرىپ تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ تاشلىغان.
شۇڭا تروپىك بەلباغ رايونىدا مەيلى ھايۋانلار ياكى ئىنسانلار بولسۇن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلىشى تەس، پات-پات توختاپ ئارام ئېلىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىۋېتىشى لازىم. ئىنسانلار بىر خىل ئىجتىمائىيلاشقان ماسلىشىش ئۇسۇلى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ: چۈشلۈك ئۇيقۇ، يەنى چۈشتە ھەرىكەت قىلماسلىقتۇر. ھىندىستاندا مۇنداق بىر ھېكمەت بار: «پەقەت غالجىر ئىت ۋە ئەنگلىيەلىكلەر چۈشتىكى قاتتىق ئىسسىقتا تالاغا چىقىدۇ».
بېنگالنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۆتىدىل بەلباغ دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا چوڭقۇر تەسىرلىنىپ: «كۆرۈپ يەتتىمكى، ھىندىستان ۋە باشقا تروپىك بەلباغ دۆلەتلىرىدە، جىسمانىي ئەمگەكچىلەر ۋە ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت رېتىمى ئىنتايىن ئاستا ئىكەن، ئازراقلا كۈچىسە ياكى باش قاتۇرسا ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىپ، ئۇزۇنراق ۋاقىت دەم ئېلىشقا موھتاج بولىدىكەن. ئەكىسچە مۆتىدىل بەلۋاغ دۆلەتلىرىدە بولسا تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز ئىكەن، كىشىلەر ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، بەك ئاز ئارام ئالىدىكەن» دەپتۇ.
ئاندىن كېيىن، يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىت، بولۇپمۇ يىل بويى پىژغىرىم ئىسسىق، زىيانداش قۇرت، پارازىت قۇرت، پاتوگېن قاتارلىقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تارقىلىشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تېزلىتىۋەتتى. تروپىك بەلباغ دۆلەتلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىك قىلغان قان شورىغۇچى قۇرت، بەزگەك، ترىپانوزوما كېسىلى قاتارلىقلار شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەنلىتىۋەتتى.
مەسىلەن: ئافرىقىدىكى ترىپانوزوما كېسىلىنىڭ تارقىلىشتىكى ۋاستىسى تنېتسې چىۋىنى بولۇپ، بۇ ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان كىچىك ئۇچار ھاشارەت. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى بار بولسىمۇ، ئۇچار ھاشارەتلەر كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، ئۆي ھايۋانلىرىنى ئافرىقا تروپىك بەلباغ كەڭ رايونىدا ياشاشقا ئامالسىز قالدۇردى. ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىمۇ قەدەممۇ-قەدەم قىيىنلاشتى. تروپىك بەلباغدا مېدىتسىنا ۋە فارماكولوگىيە بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، تروپىك بەلباغنىڭ ئىقتىسادى بۇ بالايىئاپەتلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ كۆپەيتىش ۋە يۈك توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس بولدى. ھەتتا شائىرلار قىش پەسلىنى قانداق تەسۋىرلىشىدىن قەتئىينەزەر، قىش پەسلى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ دوستى: تىنچ ئاق رەڭلىك قاتىل زىيانداش قۇرت ۋە پارازىت قۇرتنىڭ كۈشەندىسى. جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ھېكمەتلىك سۆز ئىنتايىن ياخشى ئېيتىلغان:«خاسىيەتلىك قار مەمۇرچىلىقنىڭ بىشارىتىا».
ئەڭ ئاخىرىدىكى چوڭ مەسىلە بولسا سۇدىن ئىبارەت. تروپىك بەلباغدا ھۆل-يىغىن يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ھەمىشە قانۇنىيىتى يوق، مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ھەمدە كۆپىنچىسى قارا يامغۇر. ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارىنى ھېسابلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى بۇ جاينىڭ ھۆل-يىغىنى بىر چەكتىن يەنە بىر چەككە قاراپ بولىدۇ، ھەر يىلى ھەر پەسىلنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى رايونلارنىڭ %90 ھۆل-يىغىن مىقدارى قارا يامغۇر بولۇپ، بىر سائەتلىك ھۆل-يىغىن مىقدارى لوندون شەھەر ئەتراپىدىكى خان جەمەتى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم ئايلىق ھۆل-يىغىن مىقدارىغا تەڭ (25مىللىمېتىر). ياۋا ئارىلىنىڭ يامغۇر يېغىشى تېخىمۇ جىددىي بولۇپ، پۈتۈن يىل ھۆل-يىغىن سۈرئىتى ھەر سائەتىگە 60 مىللىمېتىر.
بۇ خىل كىلىمات شارائىتىدا ئورمان مۇرەككەپ بولۇپ، زىرائەت تېرىش قىيىن: تۈرلەر كۆپ خىل بولغان خەزىنە ھەرخىل جانلىقلارنى بېقىپ كەلمەكتە، لېكىن قېرىشقاندەك ئادەم ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پايدىسىز. نەتىجىدە، ئادەم ۋە تەبىئەت بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قالدى. ئەگەردە ئادەملەر دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىسا، تىك چۈشكەن ئوتتەك كۈن نۇرىدا قالىدۇ، چۈنكى شاخ-شۇمبىلار توسۇپ قالالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شارقىراپ ياغقان يامغۇر تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇقنى ئېقىتىپ كېتىپ، تۇپراقنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاقاسلىشىپ كېتىشى ۋە قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭىدىن ئېچىلغان بوز يەرلەر ناھايتى تېزلا شۈدىگەرلىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر يۆگىلىپ، تۇرالغۇ ۋە ئىبادەتخانىغا يامىشىدۇ، قۇملۇق تاشلىنىپ قالغان قۇرغاق باغ-ھويلىلارنى يۇتىۋېتىدۇ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېمەكلىك تەمىنلىشىگە تايىنىدىغان شەھەر-بازارلار بۇ سەۋەبلىك گۈللىنىشى تەسلىشىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسى مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پەرىشتىنىڭ خۇش خەۋىرىنى مەدەنىيەتنىڭ قارغىشىغا ئايلاندۇردى.   
مەنبە: «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلى ئالىي مەكتەپ نۇسخىسىنىڭ 2014-يىللىق 23- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:45:06

ياشاۋاتقان تۇپرىقىمىزدا تۆت پەسىل ئېنىق ،يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، تىمپىراتۇرا بەك ئىسسىق،بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزغا كۆپ شۇكرى دېسەك بولغۇدەك.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 11:01:46

مۆتىدىل بەلباغنىڭ بىر ياخشى يىرى يازدا كۈن ئۇزۇن، تۈن قىسقا، ئەتىگەن سائەت تۆت بەشلەردە تاڭ ئاتسا كەچتە سائەت توققۇز ئونلاردا قاراڭغۇ چۈشىدۇ، كۈندۈزدە سىرىتلاردا يۈرۈپ جىق ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ. بىراق ئىسسىق بەلباغدا كۈندۈز ئۇزۇن  ئەمەس

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 11:05:16

ئىسسىق بەلباغدىكىلەر يا يەرگە زىرائەت تېرىپ يىمەيدۇ، يا مال-چارۋا بېقىپ يىمەيدۇ. شۇ ئورمانلىقتىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:06:39

سنگاپورنىڭ ئادەملىرى  تىروپىك بەلباغدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ ئۇنداقتا؟ ياكى سىنگاپۇر تىروپىك بەلباغدا ئەمەسمۇ:shutup:

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:15:40

تىروپىك بەلۋاغدا سۇ قىس بولۇش ، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللار بەلكىم يەر تېرىشقا توسقۇنلۇق قىلۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 14:25:35

مېنى قاسىڭلا شۇ تروپىك بەلبەغقا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىسىلە، نۆلدىن تۆۋەن دېگەن گىرادۇسنى پەقەت كۆمىسەم دەيمەن.

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 16:04:47

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 14:25 static/image/common/back.gif
مېنى قاسىڭلا شۇ تروپىك بەلبەغقا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىسىلە ...

ئۆيدە پار يوق ئوخشىمامدۇ ؟:lol

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:14:27

ئاز-تولا ئاساسى بار، بىراق كۆپىنچە سەۋەب نەق شۇ رايۇنلاردا تەبىئىي يىمەكلىك كۆپ بولغاچ، كىشىلەرنىڭ تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرشىنى ئىلگىرى سۈرمىگەن بۇلىشى مۇمكىن، بۇ يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندە بىر يىتەرسىزلىك بۇلۇپ قېلىپ ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.  بۇگۈنگە كەلگەندە نۇپۇسنىڭ بىراقلا كۆپىيىشى بىلەن مۇھىت بۇنى كۆتىرەلمەي مۇشۇنداق قىيىنچىلىقتا قالغان گەپ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 18:58:48

تىروپىك بەلباغدىكى دۆلەتلەر دىسەك ئۇنچە كۆزگە چىلىققۇدەك دۆلەتمۇ يوق. مەنچە ئافرىقىدىكىلەر سەھرايى كەبىر چۆللىكىنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرايدۇ. جەنوبى ئامېرىكىدىكىلەر بولسا ئامازون دەريا ۋادىلېرى كەڭرى كەتكەن ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقى تەرەققىيات يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئاسىيادا بولسا ھىندونوزىيە، مالايسىيە، بېنگال ۋە شۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئارال دۆلەتلەر كۆپ بولغاچ يەنىلا تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن.غەربى ئاسىيادا بولسا ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى ئەرەبلەر ئىتتىپاقلىق يوق، تەبىئى شارائىتى ناچار تولا جايلار قۇملۇق بولغاچ تاكى نىفىت بايقالغانغا قەدەر يەنىلا تەرەققىياتى ئاستا. ياۋرۇپا ئەللېرىدە بولسا ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن بۇلۇپمۇ ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن كىيىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە بۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن چوڭ كىچىك ئۇرۇشلارمۇ پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى مەلوم دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى دەپ قارايمەن.
ھاۋا كېلىماتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ كىچىك ئەمەس. ماۋۇ تۇرپاندا يازدا نۇرغۇن ئادەم چۈشتە ئۇخلاپ سەھەر ۋە كەچقۇرۇن ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن. خىزمەتچىلەرمۇ يازدا چۈشلۈكى ئۈچ يېرىم سائەت دەم ئالىدۇ. كۈندە سەككىز سائەت ئەمەس يەتتە سائەت ئىشلەيدۇ.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 07:27:48

ئىسسىقتا ئادەم راستىنلا ھالسىز لىنىپ كېتىدىغىنى دەر ھەقىقەت

qaraxanli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 07:43:04

مەدىنىيەت ارقىدا قالغان

okyan2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:25:47

مەنبە: «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلى ئالىي مەكتەپ نۇسخىسىنىڭ 2014-يىللىق 23- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورى (www.okyan.com)دىن لوقمان.

http://eser.okyan.com/eser/termiler/terjime/2014/1216/3785.html

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 22:05:16

okyan2014 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-03 10:25:47 static/image/common/back.gif
مەنبە: «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلى ئالىي مەكتەپ نۇسخىسىنىڭ 2
«ئىزدىنىشتىكى خۇشخۇي = ئوكياندىكى لوقمان» دېگەن گەپما بۇ…:shutup:

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 23:22:01

tayirT يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 16:04 static/image/common/back.gif
ئۆيدە پار يوق ئوخشىمامدۇ ؟

بەلكىم خوتۇن يوقتۇ:lol

okyan2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 09:00:54

salambay يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 22:05 static/image/common/back.gif
«ئىزدىنىشتىكى خۇشخۇي = ئوكياندىكى لوقمان» دېگەن گەپما ...

بۇ خۇشخۇي ئوكياندىكى لوقمان ئەمەس، قالغىنى چۈشىنىشلىك.
بەت: [1]
: نېمىشقا نامرات دۆلەتلەر تروپىك بەلباغدا كۆپ (لۇ گوبىن)