ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 08:58:53

2-قىسىم 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى تارقىتىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-2 09:29  

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى 2-قىسىم
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!
http://erqal.com/uyghur/html/2015/0301/4159-68.html

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرقال كاپىتالىدا 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە جەريانىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 10 گۇرۇپپا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆز تۈرلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قارتاردا تۇرىدىغان 10 داڭلىق كارخانىنىڭ لىدىرلىرىدىن تۈزۈلگەن باھالاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى بېرىشتى. نەتىجىدە ساغلام ھايات يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى ئېچىش تۈرى چېمپىيون بولدى. KAYDIYA گۈزەللىك قۇرۇلۇشى زەنجىرسىمان ئىگىلىكى تۈرى بىلەن ئەمىر ئىشتان تىكىش زاۋۇتى قۇرۇش تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى. چېمپىيون بولغان گۇرۇپپا 100 مىڭ يۈەن بىلەن، ئىككىنچى بولغان گۇرۇپپا 60 مىڭ يۈەن بىلەن، ئۈچىنچى بولغان گۇرۇپپا 40 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.












isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:01:05

ئەرقالدىكى ھېچقانداق فىلىم قويۇلمىدى ....... ie , 360浏览器,谷歌浏览次 دە سىناپ باقتىم

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:21:33

مەندىمۇ ئوخشاش

قويۇلمىدى ھېچقايسى؟

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:18:08

مىنىڭكىدە نورمال .  
ئىشقىلىپ ئىككى فىلىمدىن خىلى بىرنىمىلەر كاللامدا ئەكىس ئەتتى ، ئۆزەممۇ مۇشۇ ساھەدىكى شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا خىلى پايدىلىسىنى كۆدۈم دەپ قارايمەن

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 13:38:20

مەنمۇ كۆرەلمىدىم، ئىشخانىدىكى، ئۆيدىكى كومپىيوتىرلاردا قويۇپ باقتىم بولمىسا:o

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 17:13:01

مول تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم.

yuluqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 19:13:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەنمۇ قۇيالمىدىم

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:11:09

ماۋۇ فىلىم بەكلا قىسقىكەن،پەقەت بىرلا شىركەتنىڭلا باركەن!تۇلۇق نوسخسىسىنى كۆرسەك بۇلاتتى!

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 08:15:11

بىر تال قىز باكەن.
قانداق بولغۇيتتى ماۋۇ سىن يا چىقمىدى
سۆيۈندۈم ئاۋۇ قىزدىن

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 12:11:19

فىلىم قەتئى قويۇلمىدى مۇمكىن بولسا يوۋكۇ قاتارلىق فىلىم بەتلىرىگە يوللىغان بولساڭلار، بىزدەك كۆرەلمىگەنلەر كۆرگىلى بولاتتى

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 18:35:39

Teghdrim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 13:18 static/image/common/back.gif
مىنىڭكىدە نورمال .  
ئىشقىلىپ ئىككى فىلىمدىن خىلى بىرنى ...

سىزنىڭكىدە نىمىشقا نۇرمال قويۇلۇپ، بىزنىڭكىدە نىمىشقا نۇرمال قۇيۇلمايدىغاندۇ؟؟؟:dizzy: :L :Q :curse: :(

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 22:29:21

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمىنىڭ 3-قىسىمى ئېلان قىلىندى!
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!


http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0303/4229-68.html

zafer يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:16:23

مەن chrome تور كۆرگۈچتە ئاچقان. باشتا چىقمىدى، كېيىن مەن ئېلان توسقۇچ قىستۇرما دىتالىنى ئۆچىرىۋىتىپ ئاچسام، فىلىم بەت يۈزىدە چىقتى. (IE دە ئاچسام، نورمال قويۇلىدىكەن.)

ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 16:42:10

2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمىنىڭ 4-قىسىمى ئېلان قىلىندى!
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ كۆرۈڭ!


http://www.erqal.com/uyghur/html/2015/0303/4242-68.html
بەت: [1]
: 2-قىسىم 2015-يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقە فىلىمى تارقىتىلدى