dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 01:03:19

مىھمال تىجارەت دېگەن نېمە؟

‏‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
‏ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى، بىرەيلەنگە مىھمال تىجارەتنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا لازىمكەن. بىراق مەن بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى، توغرىسى بۇ خىل تىجارەتنىڭ قانداق تىجارەت ئىكەنلىكىنى كەسپىي جەھەتتىن بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىنى پەتىۋا بەرگۈچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە قىينالدىم. ئۆزەممۇ تۈزۈك چۈشەنمەيدىغان بىر ئاتالغۇنى بىزنىڭ دىيارىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان بىرسىگە تەرجىمە قىلىپ پەتىۋا سوراش كاللامدىن ئۆتمىدى. ئىزدىنىشتە ھەر ساھە كەسىپ ئەھلى بار، ھېچبولمىغاندىمۇ ئۇيغۇر تىلىمىزنى مەندىن ياخشى بىلىدىغانلار كۆپ سانلىق. شۇڭا،  
‏1) مىھمال (بەلكىم ئىسىمنى خاتا يېزىپ سالغان بولۇشۇم مۇمكىن) تىجارەت دېگەن قانداق تىجارەت؟
‏خەنزۇچە: 电子现货交易
‏ئېنگىلىزچە: electronic spot trade
‏تۈركچە: Elektronik spot ticaret
‏2) ئەگەر بىرەيلەن ئالتۇن ۋە نېفىتتا بۇ خىل تىجارەت قىلماقچى بولسا، ھارام قىلىنغان ئۆسۈمدىن ساقلىنالامدۇ؟
‏3) بۇ سوئالغا مەۋلانا قاتارلىق قېرىنداشلاردىن جاۋاب تاما قىلىۋاتىمەن: بۇ خىل تىجارەت دىنىي نوقتىدىن جائىزمۇ ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

‏جاۋاب بەرگۈچىلەرگە رەھمەت!

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 10:53:19

ئەڭ ياخشىسى  پەتىۋانى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئېتىقاد ئەھلى ئېتراپ قىلغان بىر ئىلىم ئەھلىدىن ئېلىڭ!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 12:40:42

توردا ئىلىپ بىرىلىدىغان تىجارەت شۇمۇ - يا!

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:03:13

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دوكتۇردىنلا سورىماپسىز بولمىسا...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 11:40:51

توردا سېتىش-سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى ھارام، بۇنىسى ئېنىق .
بىراق پاي-چېكى، ھەر خىل قىممەت مېتاللار( ئالتۈن -كۆمۈش، مىس ، ئاليۇمىن...دەك) ، ئاشلىق- ئېنىرگىيە .. قاتارلىقلارنىڭ توردىكى سودىسى ھالالمىكىن دەيمەن،  چۈنكى بۇنداق نەرسىلەر ئەرەپ-ئىسلام دۇنياسىدا خېلى كەڭرى ، بولمىسا پەتىۋا كومېتىتى بۇنىڭغا ئاللىبۇرۇن قارشى پەتىۋا چىقىرىپ بولىتى . شۇنداقتىمۇ ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىنى ئاڭلاپ بېقىش كىرەك.


kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 20:33:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 20:54  

بۇ  جاۋاپ بېرىش بەكمۇ قىيىن مەسىلە ئىكەن،
ئەمما بۇ خىل سودىنىڭ ئالاھىدىلىكى:  تىجارەت باشلىنىپ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت( ھىساپ بۇغىدىغان ۋاقىت) باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، نەق ئالتۇن سودىسىدىكى ھەر خىل خېيىم خەتەرلەر ئازايتىلغان بۇلۇپ ، ئەمىلى ئالتۇن سودىسى ئەمەس بەلكى ئېلېكترونلۇق توختام سودىسىدۇر.  تىجارەت ئېلىپ بېرىلدىغان سورۇن، ۋاقىت ۋە باشقا چەكلىمىلەرنى باشقىلار بېكىتىپ بېرىدۇ، سىز خالىغانىڭىز بويىچە قىلالمايسىز.  مالنى قولغا ئېلىپ ئاندىن پۇل تاپشۇرىدىغان ئىش يوق، ھەر كۈنلۈك ھېساپ بۇغىدىغان ۋاقىتتا ئېلىكترونلۇق توختام بۇيىچە ھېساپتىن پۇل چىقىدۇ ياكى پۇل كىرىدۇ.  باھا ئېھتىياجقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا ئوتتۇردىكى  باھا پەرىقىدىن  پايدا ئېلىنىدۇ.
كۈندىلىك ھىساپ بۇغىدىغان بولغاچقا ئۆسۈم بىلەن بەك مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكن...
ئەمما يەنىلا  ئۆسۈمنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىش كېرەك:
ئۆسۈمنىڭ مەنتىقىسىى: ئۆسۈم= پۇل پاخاللىق نىسبىتى+ بانكىنىڭ پۇلنى قايتۇرۋالالماسلىق خەتەر نىسبىتى.
بانكا ھەر يىلى قەرز بېرىپ  بىر قىسىم پۇلنى قايتۇرۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ زىيىنىنى خەتەر نىسبىتىگە سۇندۇرۇپ، پۇل قەرز ئالغۇچىغا يۈكلەيدۇ. ئەلۋەتتە پۇلنى قەرز ئالغۇچىنىڭ قايتۇرالماسلىق خەتىرى بار، ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا خەتەرمۇ، خەتەر نىسبىتىمۇ چوڭىيىدۇ.
پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى دۆلەت ئېلان قىلىدۇ، بۇ يىل بىرىگە 1000 يۈەن قەرز بەرگەن بولسىڭىز، كىلەر يىلى سىزگە قايتۇرغان1000 يۈەن پۇلنىڭ قىممىتى، سىز قەرز بەرگەن يىلدىكى 1000 يۈەن پۇلنىڭ قىممىتىدىن كىچىك بۇلىدۇ.  ئەگەر كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالماسلىقى كېرەك دىيىلسە، پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى ئويلىشىش كېرەك.
ئۆسۈم ھارام قىلىنغان ۋاقىتلاردا قەغەز پۇل ئىشلىتىلمىگەن دەپ بىلىدىكەنمەن. چۈنكى ئالتۇن كۈمۈش دېگەندك مىتال پۇلدا   پۇل پاخاللىق نىسبىتى بولمايدۇ.
ھازىر ئۆسۈم بىر ماكرولۇق تەڭشەش ۋاستىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلى مەنتىقى بۇيىچە بىكىتىلمەيدۇ، دۆلەت ئەھۋالغا قاراپ بەزىدە تەڭشەپ تۇرىدۇ. شۇڭا كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قېلىش ئېھتىمالى ناھايتى چوڭ...

قىسقىسى، ئەگەر سىز دىگەن بۇ سودىغا قارار قىلىشتا، بەلكى كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالدىغان ئىش بۇلامدۇ يوق، شۇنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك....پەتىۋا مەسىلىسىدە  بالىلار دىگەندەك ئۆلىمالاردىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭ
بەت: [1]
: مىھمال تىجارەت دېگەن نېمە؟